باش بەت » بىز كىم؟
بۇ بلوگنى نىمە ئۈچۈن قۇردۇق؟
بلوگ يىزىش جەريانىدا ھەرخىل قىيىنچىقىلارغا ئۇچراپ تۇرىمىز، بەزىدە بۇ مەسىلىلەرنى ئۆزىمىز بىر تەرەپ قىلىمىز، ياكى باشقا بلوگگىرلاردىن سوراپ يۈرۈپ ھەل قىلىمىز، ياكى خەنزۇچە بلوگلاردىن پايدىلىنىپ ھەل قىلىمىز، بۇنداق ۋاقىتتا بىز شۇ تىخنىكىنى بلوگىمىزدا ئىلان قىلىپ باشقا دوستلارغا ياردىمى بولۇپ قالار دىگەننى ئۈمىد قىلىمىز. بەلكىم سىزنىڭ بلوگىڭىزغا ئادەم كۆپ كىرىشى ياكى ئاز كىرىشى مۇمكىن، سىز يولۇقۇپ ھەل قىلىۋەتكەن مەسىلە يەنە بىر بلوگگىرنىڭ بىشىغا كىلىپ ھەل قىلالماي بىشى قىتىپ تۇرغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ بلوگگىر بۇنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇلىنىڭ سىزنىڭ بلوگىڭىزدا بارلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن، شۇ سەۋەب سىزنىڭ يازغان بۇتىمىڭىز باشقىلارغا نەپ بىرەلمىدى دىگەن گەپ، شۇ سەۋەب بىز بۇ بلوگنى قۇرۇش ئارقىلىق ھەرخىل بلوگلاردا كۆمۈلۈپ ياتقان ئالتۇنلارنى قىزىپ چىقىپ بىر سورۇنغا توپلاپ ھەممە كىشىنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بۇ بلوگنى قۇردۇق، ئەلۋەتتە يازما ئىگىسىنىڭ ئەجرىگە ھۆرمەت قىلىپ مەنبەنى ئىنىق ئەسكەرتىپ تۇرۇپ ئىلان قىلىمىز.
بىزكىم؟
بىز ئۇيغۇر بلوگ چىلىقىنىڭ تەرەققياتى ئۈچۈن توختىماستىن ئىزدىنىۋاتقان ھاردىم-تالدىم دىمەستىن ئىزچىل بلوگقا دائىر بىلىملەرنى يوللاپ ئۆز بىلگىنىمىزنى ئەلگە سۇنۇپ بىرلكىتە تەڭ ئالغا ئىلگىرلەشنى مەقسەت قىلغان تىرىشچانلار!
بلوگنىڭ يازغۇچىسى كىم؟
تىرىشچانلار!
نىمە چۈشەنمىدىم دەمسىز؟
بۇ بلوگنىڭ يازغۇچىسى ئىزچىل بلوگ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىلمىگەنلەرنى يىتەكلەپ مىڭىش ئۈچۈن توختىماستىن ئىزدىنىۋاتقان بلوگگىر ئاكا-ئىنە ئاچا سىڭىللىرىمىز.
بلوگقا يازمىلار نەدىن كەلدى؟
ئەلۋەتتە تىرىشچان ئۇستازلىرىمىزنىڭ بلوگىدىن ئەسلى مەنبەنى ئىنىق ئەسكەرتكەن ھالدا بارلىق بلوگ بىلىملىرىنى بىر يەرگە توپلاش ئۈچۈن ئاشۇ ئۇستازلارنىڭ بلوگىدىن كۆچۈرۈلۈپ كىلىندى.
ئوقۇرمەنلەرنىڭمۇ بىرەر مەسئۇلىيتى بارمۇ؟
بار !(شەخسەن كۆز قارىشىم )
قانداق مەسئۇلىيتى بار؟
ئوقۇرمەنلەرنىڭ شۇ يازما ئىگىسىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت ئىيتىش يۈزىسىدىن ئەسلى مەنبەگە كىرىپ شۇ بلوگگىرلارنىڭ بلوگىغا ئىنكاس يىزىپ شۇلارنى قوللاپ ئىلانى بولسا چىكىپ شۇلارنى تىخىمۇ رىغبەتلەندۈرۈپ ئىچىدە بىسىلپ ياتقان ئالتۇنلارنىڭ قىزىلىپ چىقىشىغا مەدەت بىرىش مەسئۇلىيتى بار دەپ قارايمەن.
ئۇيغۇر بلوگ بىلىملىرى جەمگاھى غا قانداق مەسئۇلىيتىمىز بار؟
ئەلۋەتتە بۇ بلوگنى تەرەققى قىلدۇرۇش پەقەت بىركىشىنىڭلا ئەمگىكى بىلەنلا روياپقا چىقىشى مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا ھەرقايسى چوڭ -كىچىك -كونا -يىڭى بلوگگرلار ئۇيغۇر بلوگ بىلىملىرى جەمگاھى نى قوللاپ بلوگلىرىدا ئۇلىنىش قىلىپ بىلىم ئىزدەپ يۈرگەنلەرگە ئادرىسىمىزنى ئىيتىپ بىرىپ قولىدىن كىلىشىچە قوللاپ بىرىش مەسئۇلىيتى بار، دەپ قارايمەن، ( ئەلۋەتتە بلوگدىكى ئىلانلارنى چىكىپ بلوگنى ماڭدۇرۇش تەرەققى قىلدۇرۇش جەريانىدا تارتقان جاپارىمىزغا ئازراقمۇ بولسا جاۋاب قايتۇرۇپ قويسىڭىز سىلەردىن تىخىمۇ كۆپ مىننەتدار بولغان بولاتتۇق )
قالدۇرۇلغان ئىنكاس: 0 دانە ئىنكاس يوللاش