باش بەت » بلوگ بىلىملىرى »

نادىر سۈرەت دىگەن نىمە؟

ۋاقىت: 2012-04-01 13:04 / كۆرۇلىشى: 333 / باھا: 1 ئىنكاس يوللاش

نادىر سۈرەت دىگەن نىمە؟

نادىر سۈرەت دىگىنىمىز بۇمۇ بىر بلوگنىڭ ئىقتىدارى بولۇپ ئادەتتە يازما يىزىش كۆزنىكىنىڭ تۆۋەن تەرپىدە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، ئەمما بۇ نادىر سۈرەت ئىقتىدارىنى قوللايدىغان ۋە قوللىمايدىغان ئۇسلۇبلار بار، قوللايدىغان ئۇسلۇبلارنى ئىشلەتكىنىمىزدە يازما يىزىش كۆزنىكىنىڭ تۆۋەن تەرپىدە نادىر سۈرەت دەپ بىر كۆزنەك كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، قوللىمايدىغان ئۇسلۇبلارنى ئىشلەتكەندە كۆرۈنمەيدۇ.

ئۇنداقتا نادىر سۈرەتنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟

يوللىغان رەسىمىڭىز يازما بىلەن تازا مۇناسىۋەتلىك بولمىغان ئەھۋالدا يازمىنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن نادىر سۈرەت ئىشلەتسەك ئەڭ ياخشى بولىدۇ،نادىر سۈرەت باش بەتتىلا كۆرۈنۈپ يازما بىتىدە كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ  بىر قىسىم ئۇسلۇبلاردا باش بەتتە مەخسۇس رەسىم ئورنى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بۇنداق ۋاقىتتا بىز ئۇ يەرگە بىر پارچە نادىر سۈرەت چىقىرىپ قويساق يازمىنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى تىخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، ئەلۋەتتە ئاشۇ نادىر سۈرەت قىلغان رەسىمنىڭمۇ جەلىپ قىلىش كۈچى بولۇشى كىرەك.

نادىر سۈرەتنى قانداق بەلگىلەيمىز؟

ئاۋۋال يازما يىزىش كۆزنىكىنىڭ ئاستىغا قاراپ بىقىڭ نادىر سۈرەت بەلگىلەش دىگەن كۆزنەك بارمىكەن، ئەگەر بار بولسا نادىر سۈرەت قىلماقچى بولغان رەسىمنى بلوگقا يوللاڭ، يۈكلىگەن ۋاقىتتا يازمىغا قىستۇرۇش دىگەن كۇنۇپكىنىڭ يىنىدا نادىر سۈرەت قىلىش دەپ بىر خەت بار شۇنى بىسىۋىتىپ بىردەم تۇرسىڭىز تۈگىدى دەپ خەت چىقىدۇ،

ئاندىن كۆزنەكنى تاقىۋىتىپ يازمىنى يوللىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ

يازما يارىغان بولسا ئىنكاس يىزىپ ئىلانلارنى چىكىپ قويۇڭ، بۇ قوللىشىڭىز كىيىنكى قىتىملىق نادىر يازمىنىڭ يوللىنىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن، ئۆز ئارا قوللىغاندىلا تەرەققى قىلغىلى بولىدۇ

يازما ئاپتورى:
UYBBJبلوگ ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: بلوگىمىز مەخسۇس بلوگ بىلىملىرىنى يىغىپ بلوگ بىلىملىرى ئالبۇمى قىلىش ئۈچۈن بۇ بلوگنى قۇردى، شۇ سەۋەب ھەر قايسى بلوگلاردىن بلوگگىرلار بلوگ يىزىش جەريانىدا يولۇقۇپ ھەل قىلىپ ئۆتكەن بىشىدىن ئۆتكەن ساۋات ۋە باشقا بىلىملىرىنى يوللاپ ئورتاقلاشقانلارنىڭ تىمىسىنى ئەسلى مەنبەنى ئىنىق ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ ئىلان قىلىدۇ، ھەر قايسى ئۇستازلارنىڭ قوللاپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ھەممىسى ئۇيغۇر بلوگ چىلىقى ئۈچۈن!
يازما سەھىپىسى: [ بلوگ بىلىملىرى ]
يازما مەنزىلى: نادىر سۈرەت دىگەن نىمە؟ [ يازما ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش: ]
(يازما ھوقوقى ئەسلى ئاپتورغا تەۋە! كۆچۈرسىڭىز ۋە ياكى بىرەر مەسىلىگە يولۇقسىڭىز ئەسلى مەنبەگە كىرىپ سوراڭ.)

قالدۇرۇلغان ئىنكاس: 1 دانە ئىنكاس يوللاش

  1. ئەلسىھەت مۇنداق يازغان:

    دىۋاندا ئولتۇرۇپ بىر ئۇقاي

ئىنكاس يوللاش

回到页首