-
قۇرئانغا قارشى فىلىم ئىشلىگۈچى سوتلىنىدىغان بولدى
گوللاندىيە سوتى گوللاندىيە پارلامېنتىدىكى قانۇن چىقارغۇچى Geert Wilders نىڭ ئىرقىي ئۆچمەنلىككە سەۋەبچى بولغان ئىسلام دىنىغا قارشى سۆزلىرى سەۋەبلىك ئۇنى سوتلاشنى قارار قىلغان .
ئامېستىردام ئەرز سوت مەھكىمىسى چارشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا گوللاندىيە پارلامېنت ئەزاسى Geert Wildersنىڭ ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىردا ئېلان قىلغان ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى بايانلىرىنى ئىرقىي ئۆچمەنلىك ۋە كەمسىتىش دەپ قاراپ ئۇنى سوتلاشنى قارار قىلغان .
باياناتتا يەنە ،”سوتنىڭ ئىسلام دىنى مۇرىتلىرىنى ھاقارەت قىلدى دېگەن ئەيىپنىمۇ قوشۇشنى قارار قىلغانلىقى” تىلغا ئېلىنىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ سۆزلىرىدە ئىسلام دىنى بىلەن ناتسىزىمنى سېلىشتۇرغان .
گوللاندىيە ئوڭ قانات ئەركىن پارتىيە رەھبىرى Geert Wilders
2008-يىلى مارتتا ئېلان قىلغان پىتنە( FITNA) ناملىق ئىسلامغا قارشى فىلىمى دۇنيا مىقياسىدا غۇلغۇلا قوزغاپ، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.ب د ت باش كاتىپى بانكىمۇن Geert Wilders نىڭ بۇ ئىسلامغا قارشى فىلىمى ھازىر كىشىنىڭ يىرگىنىشىنى كەلتۈرىدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى دەپ تەرىپلەيدۇ، ياۋروپا پارلامېنتىمۇ بۇ لاۋزا فىلىمنى ئۆچمەنلىك كەلتۈرىدىغان نەرسە دەپ قويۇشنى رەت قىلغان ئىدى،
شۇنىڭ بىلەن بىللە ، داڭلىق قانۇن چىقارغۇچى Gerard Spong ۋىلدېرس( wilders)نى سوتلاشنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن ۋە بۇ سوت ھۆكۈمىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن
ھازىر بۇ كىشى ئۆلۈم تەھدىدى سەۋەپلىك ساقچىلارنىڭ ھىمايىسىدە ياشىماقتا.
مەنبەسى مىللىتىم خەۋەر تورى
收藏到:Del.icio.us