• غەززەنىڭ غەلبەقىلىشىداشەك يوق(قەرەداۋى)

    2009-01-20


    غەززەنىڭ غەلبەقىلىشىداشەك يوق(قەرەداۋى)

    دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار ئىتىپاقىنىڭ رەئىسى ،شەيىخ ،دوكتۇر يۇسۇپ قەرەداۋى بارلىق ئىسلام ئۈممىتىگە غەززەلىقلارنىڭ شەكسىز غەلبە قازىنىدىغانلىقىدىن،بۇنىڭ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى ئىكەنلىكى ھەققىدەكورسەتمە بەردى.
      ئالىم قەرەدۋى بۇ سوزىنى 9-يانۋار كۈنى قاتار دىكى نۇرغۇن ئەر-ئايال،ۋە ئۆسمۈر بالىلار قاتناشقان جۈمە نامىزىنىڭ خۇتبىسىدا  غەززىگە ياردەم توغىرسەدا سوزلىگەندە ئوتتۇرغا قويدى.
    ئۇ مۇنداق دىدى: بىز غەززىدىكى  قىرىنداشلىرىمىزنڭ غەلبە قازىنىشىغا چۇڭقۇر ئىشىنىشىمىز كىرەك، ياردەم شەكسىز كىلىدۇ،لىكىن بۇ ياردەم ئاللانىڭ كائىناتتىكى قانۇنىيتى بويچە بولىدۇ،ھەرگىزمۇ ئىنسان خالىغىنىدەك بولمايدۇ. دۇنيانىڭ قانۇنىيتى ئوز يولىدا ماڭىدۇ،ۋاقتى كەلگەندە ئاللانىڭ ياردىمى كىلىدۇ.
       ئالىم ئاللانىڭ << سىلەر بەدر كۈنى ئاجىز ئىدىلار،ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بەردى،شۈكىرچان بەندە بولىشىڭلار ئۈچۈن ئاللادىن قورقۇڭلار>>دىگەن ئايىتىنى ئوقۇپ كۇپرى ئەھلىنىڭ زۇلمىغا،ئاتىكاچىلىقىغا،تاجاۋۇزچىلىقىغا قىرىنداشلارنىڭ سەبرى،قىلىشىنى،ھەقىقەت يولىدا مۇستەھكەم تۇرشىنى ئۈمىد قىلىپ،- بىز بەدىر كۈندىكىدەك بىر كۈننى كۈتىۋاتىمىز،ئاللاھ ئۇ كۈندە ئىيمان ئەھلىگە ياردەم بىرىدۇ. دىدى.
      ئالىم بەزى كىشىلەرنىڭ <<ھاماس ئىسرائىليە بىلەن تىنىچلىق كىلىشىىمنى يەنە يىڭىلاپ ئىمزالىمىغان سەۋەبلىك بۇ ئۇرۇش بولىۋاتىدۇ،بۇ نىڭغا ھاماس سەۋەپچى>> دىگەن سوزىگە رەددىيە بىرىپ مۇنداق دىدى.
       ھاماس كۆپ سەۋىر قىلدى، ئىسرائىلىيلىكلەر غەززىنى ئۇزۇن زامان قورشىۋالدى، غەززە ئەھلىنىڭ ھەممىنى سۇ،يىمەكلىك،كىيىم-كىچەك،دورا،يىقىلغۇ،توك قاتارلىق ھاياتلىقنىڭ بارلىق ئىھتىياجلىرىدىن مەھرۇم قويدى، شۇندق تۇرۇقلۇق ئاران توشقۇزغان كىلىشىمنى ،پايدىسى يوق كىلىشىمنى يەنە يىڭلامدۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار مۇئمىن،ئەركىن كىشىلەرغەززە خەلقى لايىق كورسە، ماقۇل-دەيدۇ،كىلىشىم ئىمزالىنىدۇ، ئەگەر ئىمزالاشنى خالىمىسا  ياق دەيدۇ، قىرىنداشلىرىمىز كىلىشىمنى يىڭىلاپ ئىمزالاشنى خالىمىدى.شۇنداقتمۇ ئۇلار ھىچ كىمگە تاجاۋۇز قىلمىدى،پەقەت ئۆزىنى قوغدىدى.
       بەزى ئاڭقاۋ كىشىلەر ، ھاماس مەسىلىنى دىنى مەسىلىگە ئايلاندۇرۇۋەتتى ،بۇ دۇنيا خەلقىنى بىزگە قارشى قىلىپ قويدۇ  ،-دىيىشتى.
    ئۇلارغا جاۋاپ شۇكى،ھاماس مەسىلىنى دىنى مەسىلىگە ئايلاندۇرىۋەتمىدى،بۇ ئەسلىدىن دىنى مەسىلە. يەھۇديلار دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىن فەلەستىنگەنىمە ئۈچۈن يىغىلدى؟ تەۋراتتىكى(ئۆزگەرتىۋىتىلگەن) دىنى تەلىماتىنى ئاساس قىلغان ئۇخلىماي كورىدىغان چۈشلىرىگە ئاساسەن فەلەستىن يەھۇدىيلار ئۈچۈن ۋەدە قىلىنغان جايمىش، ئۇلار شۇنىڭ ئۈچۈن يىغىلدى. ئەھۋال شۇنداق تۇرسا بىز نىمە ئۈچۈن جەڭلىرىمىزدىن ئىسلامنى چىقىرىۋىتىشكە ئۇرۇنىمىز؟
      بىزنىڭ دىندىن يىراقلىشىىمىز يەھۇدىيلارنىڭ  مەقسىتى. ئۇلار(يەھۇدىيلار) مەسىلىنى مەسىلىنىڭ نىگىزى بولغان دىنى كەيپىياتتىن يىراقلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۇلار شۇنداق قىلغاندىلا بىزنى ئارقىمۇ ئارقا مەغلۇپ قىلالايدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. چۈنكى يەھۇدىيلار جەڭگە يەھۇدى نامى بىلەن كىردى،لىكىن بىز مۇسۇلمان نامىمىز بىلەن كىرمىدۇق، ئۇلار تەۋرات بىلەن بىرگە كىردى،بىز قۇرئان بىلەن كىرمىدۇق، ئۇلار شەنبىنى ئۇلۇغلاپ كىردى ،بىز جۈمەنى ئۇلۇغلىمىدۇق،ئۇلار ھەيكەلنى قوغداش ئۈچۈن كىردى،بىز ئەقسا مەسچىتىنى قوغداپ كىرمىدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز جەڭنى ماھىيتىدىن قىلىشىمىز كىرەك، جەڭگە مۇسۇلمان نامى بىلەن كىرىشىمىز لازىم،شۇ چاغدىلا ئاللا بىزگە ياردەم بىرىدۇ،مۇئمىنلەرنىڭ ئىرادىسى كۈچىيدۇ،دۈشمەنلىرىمىز تىزلا مەغلۇپ بولىدۇ.
       قەرەداۋى مۇنداق دىدى: نۇرغۇن ھۆكۈمرانلار بىزگە ياردەم بەرمىگەن بولسىمۇ يەنە ھەمدى ئىبن خەلىيفەگەئوخشاش نۇرغۇن ھۆكۈمرانلار خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ بىزگە ياردەم بىرىۋاتىدۇ، يامان ئىش قىلغۇچىلارنى ،-سەن ناچارلىق قىلدىڭ،دىگەنگە ئوخشاش ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش كىرەك.
      قەرەداۋى نامايىش قىلىش ئارقىلىق غەززە ئۈچۈن كۆڭۈل بولگەنلەرگە رەھمەت ئىيتىپ مۇنداق دىدى.سىلەر ياردەم ۋە غەزەپ كۈنىدە بۇ ھەركىتىڭلارنى ئاللا ئۈچۈن قىلدىڭلار ،ئاللا ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىنى ئون ھەسسىدىن يەتتە يۈز ھەسسىگچە كۆپەيتىپ بىرىدۇ.
    قەرەداۋى ئاخىردا ئۆز خەلقى بىلەن بىر سەپتە غەززەنى قوللاپ تۇرغان قاتار ھۆكۈمىتىگە تەشەككۇر ئىيتتى.
      مەنبە:  مەنبە:http://qaradawi.net/site/topics/article.asp?cu_no=2&item_no=6720&version=1&template_id=108&parent_id=15
    شەبنەمدىن ئېلىندى.


    收藏到:Del.icio.us




ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم ، كەلگەن قەدىمىڭىزگە قۇتلۇق بولسۇن .

ئۇيغۇر ئۆرلە بىلوگى  
======
======
QQ نومۇرى  :80715372
Email : insaf@126.com