-
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/39586378.html
شىۋېتسىيە پايتەختى ستوكھولمدىكى خەلقارالىق كۈتۈپخانىدا 200000پارچىدىن ئارتۇق، 100 نەچچە خىل تىلدىكى كىتاپ ساقلانغان بولۇپ، 2008-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرچە كىتاپلار بۇ كۈتۈپخانىدىن ئورۇن ئالدى.شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشىنى كۆزدە تۇتۇپ ، شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلتىماسى بىلەن شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدىن دەسلەپكى قەدەمدا 50 پارچىدىن ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بالىلار كىتاپلىرى بۇ كۈتۈپخانىغا ئەكەلدۈرۈلدى.بۇ كىتاپلار ئۇيغۇر چۆچەكلىرى، قوشاقلار، بالىلار ھېكايىلىرى، پەن –تېخنىكا بىلىملىرى، ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت كىتاپلار بولۇپ، ئۇ كىتاپلار يەنە گېرمانىيە، نورۋىگىيە، فىنلاندىيە قاتارلىق قوشنا ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ئوقۇرمەنلەرگىمۇ ئارىيەتكە بېرىلىدۇ. كۈتۈپخانە خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە كېيىنكى قەدەمدە يەنە باشقا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا مۇناسىۋەتلىك كىتاپلارنى كەلتۈرۈش پىلانى بارىكەن.
收藏到:Del.icio.us
评论