-
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/tiwish-logs/41029585.html
شىۋېتسىيىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر student ئۇنۋانىغا ئىگە بولىدۇ ۋە مەكتەپ پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ۋە ئۇنىڭ ئالدى –كەينىدىكى مەكتەپ ۋە ئائىلىدىكى پائالىيەتلەر ناھايىتى داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن ھەر بىر ئوقۇغۇچى بۇ مۇراسىمغا ئۆز خراجىتىدىن 10000-20000شىۋېتسىيە كروناسى يەنى 3000دوللار ئەتراپىدا ئىقتىساد سەرپ قىلىدۇ.
مەن ئۆزۈم ئىشلەۋاتقان مەكتەپنىڭ گىمنازىيە بۆلىكىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدىن ئېلىنغان كۆرۈنۈشلەرنى فىلىم قىلىپ بلوگقا يوللاپ قويدۇم. ئوپېراتورلۇق ھۈنىرىمنىڭ ناچارلىقىنى ساقىت قىلىۋېتىپ تۇرۇپ كۆرگەيسىلەر. ئوخشىمىغان مۇھىتتىكى ئوخشىمىغان ھاياتلىق ، ئوخشىمىغان ھېس تۇيغۇلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
ستۇدېنت ئۇنۋانىنى ئېلىش ئۈچۈن 3 يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش نەتىجىسىدە، شىۋېت تىلى، ماتېماتىكا ۋە ئېنگىلىس تىللىرى بويىچە ئومۇمىي نەتىجىسى ئاز دېگەندە 2500 نومۇرغا يېتىشى كېرەك.بۇ نەتىجىنى ئالالمىغانلار كېيىن چوڭلار مائارىپى مەكتىپىدە ئوقۇپ تولۇقلىۋالسا بولىدۇ.
مۇراسىم شەكلى مەكتەپلەرنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئېلىپ بېرىلىدۇ.بىزنىڭ مەكتەپ قورۇلغىنىغا 80 يىل بولغان مەكتەپ بولۇپ، ئەزەلدىن كىچىك سىنىپ ئەنئەنىسىنى ساقلاپ كەلگەن، شۇڭا ھەر بىر سىنىپتا ئوقۇغۇچى سانى 25 ئوقۇغۇچىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.بۇنداقتا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇچىلارغا يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولاتتى.بۇ يىل جەمىي 70 نەپەر ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈردى.بۇ تېخنىك لىنىيىسى ئاساس قىلىنغان مەكتەپ بولغاچقا، ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار كۆپ ساننى ئىگىلەيتتى، قىز ئوقۇچىلار سانى ئانچە كۆپ ئەمەسىدى.ئادەتتە شىۋېتسىيە بويىچە ستۇدېنت ئۇنۋانىنى ئالغانلار بېشىغا فىلىمدىكىدەك ئاق شەپكە كىيىدۇ، شەپكىدە شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسىم –فامىلىسى بولىدۇ.ئاندىن ئوقۇغۇچىلار ئۆزارا شەپكىلىرىگە ئىمزالىرىنى يېزىشىپ خاتىرە قالدۇرىدۇ.كىيىن كېچەك جەھەتتە ئوغۇللار كاستيۇم –بۇرۇلكا، قىزلار كۆينەك كىيىشىدۇ، كۆپىنچە ئاق رەڭدە بولىدۇ.
مۇراسىم كۈنى ئەتىگەندە ، دەسلەپتە ئوقۇغۇچى ۋە ئىشچى –خىزمەتچىلەر مەيداندا بىرلىكتە ستۇدېنتلار ناخشىسىنى كۆتىرەڭگۈ قىياپەتتە ئېيتىشتى ۋە ھۇررا توۋلاشتى.ئاندىن سىنىپلار بويىچە خاتىرە رەسىمگە چۈشتى ۋە ئۆزارا ئىمزا قالدۇرۇشتى.بۇ كۈندىن باشلاپ ئۇلار يېتىلگەن ئادەملەر قاتارىغا قوشۇلىدىغان بولۇپ ، بۇ كۈنى ئۆرپ –ئادەت بويىچە ئوغۇللار سىگار چېكىشىدۇ ۋە ھەممە بىرلىكتە شامپان ھارىقى ئىچىپ تەبرىكلەيدۇ. ئارقىدىن مەكتەپ زالىدا زىياپەت باشلاندى.زىياپەت ناھايىتى مول بولۇپ، بېلىق، كالا گۆشلىرى، ھەرخىل ساللادلار ۋە ئىچىملىكلەر بارىدى، كەينىدىن شاكىلات تەملىك تاتلىق يىمەكلىك بىلەن ئاياقلاشتى.بۇ جەرياندا ئوقۇتقۇچى ،ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىيچە خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتىشىپ، كەيپىياتنى يۇقىرى كۆتۈردى.
تاماقتىن كېيىن تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلار ۋە مەكتەپ مۇدىرى سۆز قىلدى.مەكتەپ مۇدىرى سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:''بۇ ئۈچ يىل جەريانىدا سىلەرنىڭ ئېرىشكەن ئوقۇش نەتىجەڭلار ئۇ سىلەرنىڭ بارلىقىڭلار ئەمەس، سىلەر بۇ جەرياندا، دەرس سېتكىسىدا بولمىغان يەنە بىر مۇھىم دەرسنى ئۆگەندىڭلار.ئۇ بولسىمۇ _ئىجتىمائىي تۇرمۇش.سىلەر كېيىن جەمىيەتكە چىققاندا ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىڭلار توغرىلىق ئويلايدىغان نەرسەڭلار ھەرگىزمۇ ماتېماتىكا ياكى خىمىيە دەرسلىرى ئەمەس، بەلكى مۇشۇ ساۋاقداشلىرىڭلاردۇر.مەن ئېينىشتېيىننىڭ بىر سۆزىنى مىسال قىلىپ ئۆتەي ''Imagination is more important than knowledge'' يەنى تەسەۋۋۇر بىلىمدىن مۇھىمراق .سىلەر بۇنى ئورۇنلىيالىدىڭلار.''
ئاندىن مەكتىپىمىزنىڭ ئەن-ئەنىسى بويىچە جاز مۇزىكا ئەترىتىدىن تەكلىپ قىلىنغان مۇزىكانتلار يېقىملىق جاز مۇزىكىلىرىنى چېلىپ بەردى.
كۈن –تەرتىپ بويىچە ئىلغار ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ۋە گۈل تەقدىم قىلىندى.
بۇ چاغدا چۈشتىن كېيىن سائەت 2 بولغان ۋاقىت بولۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ،ئۇرۇق-تۇققان ۋە دوستلىرى مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا ئۇلارنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ساقلاپ تۇراتتى. بۇ كۈنى بەختكە قارشى يامغۇر يېغىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار يامغۇرغا قارىماي يامغۇرلۇق تۇتۇشۇپ تەقەززالىق بىلەن ستۇدېنتلارنى كۈتۈپ تۇراتتى.دەل سائەت 2 بولغاندا ئوقۇغۇچىلار يوپۇرۇلۇپ دەرۋازىدىن ئېتىلىپ چىقىپ ، ئۆز يېقىنلىرىنىڭ قۇچاقلىرىغا ئۆزلىرىنى ئېتىشتى.
ئاندىن ئوقۇغۇچىلار سىنىو بويىچە بىرەر تىراكتور ياكى كابىنكىلىق ماشىنىلارنى ئىجارىگە ئېلىشىپ ماشىنىدا تەنتەنە قىلىشىپ، شامپان ۋە پىۋىلارنى قانغۇچە ئىچىپ شەھەرنى ئايلىنىپ چىقىدۇ. مەن بۇ كۆرۈنۈشنى ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدىم، شۇنىڭغا ئائىت رەسىم يوللاپ قويدۇم.كېيىن كەچتە ئائىلىدە ئۇلارنى تەبرىكلەپ يەنە باشقا تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بېرىلىدۇ.شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ھاياتىدا بىر كېلىدىغان شۇنداقلا ھاياتىدا بۇرۇلۇش ياسايدىغان بىر كۈن شۇنداق ئاياقلىشىدۇ.
评论