• قەشقەردىكى ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشى

    ل.ې.ھۆگبېرىي

       L.E.Högberg

  •      Sir Eric Teichman  ئەنگىلىيىلىك دىپلومات ۋە شەرقشۇناس بولۇپ، ئەنگىلىيىنىڭ چۇڭچىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان.ئۇنىڭ «تۈركىستانغا سەپەر»ناملىق بۇ كىتابى 1937-يىلى نەشر قىلىنغان.بلوگىمىزدا بۇ كىتاپتىكى بىر قىسىم رەسىملەر بېرىلدى، رەسىملەر ئاپتور تەرىپىدىن تارتىلغان.

     

  • نىلس ئامبولتNils Ambolt  شىۋېتسىيىلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى بولۇپ، ئۇ سۋېن ھېدىننىنڭ ماڭغان ئىزلىرىدىن مېڭىپ، 1928-1933 يىلغىچە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئاسترونومىيە، گىئولوگىيە تەتقىقاتىدا بولغان ۋە سەپەردىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن 1938-يىلى بۇ قېتىملىق سەپىرى توغرىلىق «كارۋان»ناملىق كىتابىنى يېزىپ قالدۇرغان.مەن ئاپتورنىڭ شۇ كىتابدىن بىر بابنى تەرجىمە قىلىپ، بىر قىسىم قىستۇرما رەسىملەر بىلەن بىرگە ئوقۇرمەنلەرگە سۇندۇم.

    خوتەن كوچىسىدىن بىر كۆرۈنۈش

  •  

  • گۇننار ياررىڭ

    (ئەسەرنىڭ ئەسلىسىگە ھۈرمەت قىلىنغان ھالدا،  تىرانسىكىرىپسىيە تەرجىمىسى بېرىلدى)

    تولۇق كۆرۈشتە بىر قىسىم سۈرەتلەر يوللاندى

    1

       ئۆلتۈرگەن قوينىڭ بىجەكنىڭ تۆپىدىكى يەللىنى پىستان دەيدۇ.ئەمما قوي بوغاز بولاپ 5-6 ئايلىق بولغاندا قوينىڭ يەللىسى پەيدا بولاپتۇ،تۇغۇتقان ۋاقتى يېقىلىشىپتۇ دەيدۇ.ناۋايلار توغراپ بۇ قوينىڭ پىستانىدا گۆشت گىردە ياقىدۇ.كالا بوغاز بولاپ قالسا يا موزاي چوڭوپ قالسا كالانىڭ سۈتى تىرىلىپ كېتىدۇ.كالا بۇقا تىلەپ قاپتۇ،بۇقا كالانى ئاشتى يا ئاشالمىدى دەيدۇ.ئەگەر كالانى بۇقا ئاشسە، كالا بۇقادىن چىقىپتۇ دەيمىز،ئەگەر ئاشالمىسا  كالا بۇقادىن چىقماپتۇ دەيمىز.....

  • چىلتەن مازىرى تەزكىرىسى

    گۇستاف راكۇيت

    گۇستاف راكۇيتGustaf Raquette(1871-1945شىۋېتسىيىلىك تۇركولوگ، تىلشۇناس ۋە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇ ياش ۋاقتىدا تىل ۋە مېدىتسىنا ئىلمى ئۆگەنگەن.ئۇ داڭلىق تۈركولوگ گۇننار ياررىڭنىڭ  Gunnar Jarring لۇند ئۇنېۋېرسىتېتىدىكى ئۇستازى.ئۇ كېيىن مىسسىئونېر سۈپىتىدە 1993-  1895 يىلغىچىلىك باكۇ(ئەزەربەيجان) ۋە بۇخارالاردا مىسسىئونېر بولۇپ تۇرغان.كېيىن 1896- 1901 يىلغىچە قەشقەردە، 1904-1911 يىلغىچە يەركەندە مىسسىئونېر ۋە دوختۇر بولۇپ تۇرغان. ئىككىنچى قېتىم 1913-1921 يىلغىچە قەشقەردە قايتا پائالىيەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، تىبەت رايونى ۋە ھىندىستان ئارقىلىق شىۋېتسىيىگە قايتىپ كەتكەن. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-ئەدەبىياتى ۋە ئېتنولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى تەتقىق قىلىشتا زور تۆھپىلەرنى قوشقان، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى شىۋىلەرنى تەتقىق قىلىشتا ھەل قىلغۇچ يەكۈنلەرنى چىقارغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ھەقتە «قەشقەر ۋە يەركەن رايونىدىكى ئۇيغۇر شىۋىلىرى ھەققىدە»،«ئېنگىلىزچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت»،«ئۇيغۇر تىلىدىكى پېئىللار ھەققىدە»،«تاجى بىلەن زۆھرە»قاتارلىق كىتابلارنى ۋە «قاسىم ئاخۇننىڭ كامىل ئەفەندىگە يازغان 6 پارچە خېتى»قاتارلىق ئىلمىي قىممىتى يۇقىرى ماقالىلارنى يېزىپ قالدۇرغان.

    چىلتەن مازىرى(سۈرەتنى JohnTornqvist تارتقان)

     

          يەركەندىكى چىلتەن مازىرى ئۆزىنىڭ تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ،ۋۇجۇدىغا يوشۇرۇنغان سىرلىرى ۋە رىۋايەت تۈسىنى ئالغان جەلپكارلىقى بىلەن كىشىلەر قەلبىدىن ئورۇن ئېلىپ ، ئۇلارنىڭ زىيارەت قىلىدىغان جايىغا ئايلانغان. چىلتەن دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى يەتتە دېگەنلىك بولۇپ، ئۇ يەرگە يەتتە ئەۋلىيانىڭ جەسىدى دەپنە قىلىنغان.تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان بىر مەسىلە،يەركەننىڭ غەربىي تەرىپىدىكى كالتالا يېزىسىغا جايلاشقان ''يەتتە مۇسۇلمان مازىرى''دىكى تەزكىرە بىلەن چىلتەن مازىرىدىكى تەزكىرە ئوخشاش بولۇپ چىققان.بۇ تەزكىرە ئۇيغۇرلارنىڭ تەزكىرىچىلىكىدە گەۋدىلىك ۋە ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە دەپ قارايمەن....

  • مىلادىدىن بۇرۇن شىۋېتسىيىدە يېزىپ قالدۇرۇلغان ئات ۋە تۆگىنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن تاش ئابىدە كالېندارلىرى

    ئەسەر بىلەن مۇناسىۋەتسىز   

     

    بۇ ئەسەر رەسىمدىكى شىۋېتسىيە خانلىق كۈتۈپخانىسىدا ساقلانماقتا

  • تۈرك ئەدەبىياتىدىكى مۇنازىرە ژانىرى

    گۇننار ياررىڭ

    شېئېرىيەتتىكى مۇنازىرە ژانىرى ئەرەپ ۋە پارىس ئەدەبىياتىدا تونۇلغان بولۇپ، ئەڭ دەسلەپكى مۇنازىرە مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»ناملىق ئەسىرىدىكى ''ياز ۋە قىش مۇنازىرىسى'' بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

       ئەڭ تولۇق ۋە ئەڭ مۇكەممەل بولغان مۇنازىرە شېئىرىيىتى تۈرك ئەدەبىياتىدىكى رۇستەموۋنىڭ ''15-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزبېك شېئىرىيىتى''ناملىق كىتابى بولۇپ، ئۇ كىتاپتا بىر پۈتۈن باپتا(201-239)بەتكىچىلىك ناۋائىدىن بۇرۇنقى ئۆزبېك شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرى يېزىلغان.بولۇپمۇ، ئەخمەدىنىڭ ''مۇزىكا ئەسۋابلىرنىڭ مۇنازىرىسى''،ئامىرىنىڭ ''نېشە ۋە مەينىڭ مۇنازىرىسى''،يارقىنىنىڭ ''ئوق ۋە يانىڭ مۇنازىرىسى''قاتارلىق ئۈچ مۇنازىرە ناھايىتى تەپسىلى بايان قىلىنغان..... 

  • شىۋېتسىيىلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى سۋېن ھېدىن(1865-1952) 1899-يىلى ستوكھولمدىن ئىچكى ئاسىياغا قاراپ يولغا چىقىپ ئۈچ يىللىق سەپىرىنى باشلايدۇ .ئۇ بۇ قېتىملىق ئېكىسپىدىتسىيە سەپىرىدە روسىيەگە بېرىپ ئاندىن كاسپىي دېڭىزى ئارقىلىق سەمەرقەنت ۋە تاشكەنت، ئەندىجانغا بارىدۇ

  • قەلەندەرلەر سۈرەتلەر 1933 -يىلى خوتەندە شىۋېتسىيىلىك نىلس ئامبولي تەرىپىدىن تارتىلغان

    چاغاتاي تىلىدىكى ئەسلى قول يازما نۇسخىسى

    تىرانسىكىرىپسىيە نۇسخىسى

       دەرۋىش تايپىسى بىرنەچچە قىسىم بولەدۇر،ئۇلارنىڭ بىر قىسمى راست دەرۋىشتۇر.ئۇلار شەھەردە تۇرماي ، ياردە ئولتۇرەدۇر.ئۇلارنى ئابىد ۋەياكى زاھىد دەرلەر.ئۇلار بىر كىشىدىن بىر نەرسە تىلەمەيدۇر، قانائەتلىكدۇر.ھەر نەرسە خۇدادىن يەتسە شۇڭا قانائەت قىلىپ بىر كىشىدىن تىلەمەي، كىشىگە كۆرۈنمەي جاڭگاللاردا يۈرۈپ ئىبادەت قىلەدۇر،تاما قىلمايدۇر....

                                                                      ئۇيغۇرچە نۇسخىسى