-
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/tiwish-logs/43103954.html
1628 -يىلى 10-ئاۋغۇستتا شىۋېتسىينىڭ ستوكھولم شەھرىدىن يولغا چىققان«ۋاسا»ناملىق چوڭ پاراخوت تۇنجى سەپىرىدە بەختكە قارشى چۆكۈپ كېتىدۇ.بۇ پاراخوت ھازىر ستوكھولم ۋاسا مۇزىيىدا ساقلانماقتا ۋە نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ تۇرماقتا.
پاراخوتنىڭ ئۇزۇنلىقى 69مېتر،كەڭلىكى 11.9مېتر، ئېغىرلىقى 1210توننا كېلىدۇ.ئەينى ۋاقىتتا بۇ پاراخوت دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ ئېغىر جەڭ پاراخودى بولۇپ ھېسابلىناتتى.بۇ پاراخوت شىۋېتسىيەنىڭ پولشاغا ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى تالىشىش مەقسىدىدە قوزغىغان جەڭگە ئاتاپ ياسالغان بولۇپ، پاراخوت تۇنجى سەپىرىدىلا ئانچە ئۇزۇن ماڭمايلا چۆكۈپ كەتكەن،ئەينى ۋاقىتتا پاراخوتتا 150 دىن ئارتۇق ئادەم بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىنغان.پاراخوتنىڭ چۆكۈپ كېتىش سەۋەبى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، بەلكىم پاراخوتتىكى زەمبىرەكلەرنىڭ ئېغىرلىق بەرداشلىق كۈچىدىن ئارتىپ كەتكەن بولۇشى ياكى كاپىتاننىڭ بىخەستەلىكى تۈپەيلىدىن قاپقاقلارنى ئەتمىگەن بولۇشى مۈمكىن.
评论
你把我也连接你的博客,我已经连接你拉,谢谢
http://musilin.blogbus.com/