• سەئۇدى ئەرەبىستان - [تاغدىن_باغدىن]

    Nov 18, 2008 | خەتكۈچ:

    سەئۇدى ئەرەپ پادىشاھلىقى(Kingdom of Saudi Arabia)

    مۇستەقىللىق كۈنى ____1932-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى (دۆلەت بايرىمى )


    رۇزا ھېيىت _ھېجىريە كالىندارى بويچە 10-ئاينىڭ 1-كۈنى


    قۇربان ھېىت ___ھېجىريە كالىندارى بويچە12-ئاينىڭ 10-كۈنى

    پادىشاھى ____ئابدۇللا بىن ئابدۇل ئەزىز  (Abdullah Bin Abdul-Aziz

    1924-يىلى رىيادتا تۇغۇلغان ،ئالدىنقى پادىشاھنىڭ دادا بىر ئانا باشقا ئىنىسى .2005-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى داۋاملىق پادىشاھلىقنى ئۈستىگە ئالغان .


    كۆلىمى 2،250،000كۇۋادىرات كېلومىتىر كىلىدۇ .سەئۇدى ئەرەبىستان دىگەن  بۇ سۆزنىڭ ئەرەپ تىلىدىكى مەنىسى <<بەخىتلىك قۇملۇق>>دىگەندىن ئىبارەت .


    نوپۇسى 25،570،000بولۇپ چەتئەللىكلەر ‰15نى ئىگەللەيدۇ ،مۇتلەق كۆپ قىسىم نوپۇسى ئەرەپ ،85‰نوپۇس سۈنئى مەزھەپكە ،15پېرسەنىت شىئە مەزھەپكە ئىتىقات قىلىدۇ .

    پايتەختى ___رىياد (Riyadh)،نوپۇسى 4،000،000ئادەم (رىياد دىگەنلىك ئەرەپ تىىدا باغچە دىگەننىڭ كۆپلىك شەكلى ) 

    سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئاساسى قانۇنى يوق بولۇپ ،<<قۇرئان >>،<<ھەدىس >>دۆلەت باشقۇرۇشتىكى ئاساس ھېساپلىنىدۇ ،ئىسلام دىنىنىڭ پەيدا بولغان جايى ،مىلادى 7-ئەسىردە مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ۋارىسى ئەرەپ  ئېمپىرىيىسىنى قۇرغان ،8-ئەسىردە كۈچۈيىپ زىمىنى ئاسىيا ،ياۋرۇپا ،ئافرىقا قىتئەلىرىگىچە تۇتاشقان ،16-ئەسىرگە كەلگەندە ئوسمان ئېمپىرىيىسى تەرپىدىن بوي سۇندۇرۇلغان ،19-ئەسىردە ئەنگىلىيە تاجاۋۇز قىلغان .


    سەئۇدى ئەرەبىستانى نىفىت پادشاھلىقى بولۇپ ،دۇنيا ئومۇمى نىفىت زاپىسىنىڭ 26پېرسەنتىنى ئىگگەلليدۇ ،تەبئى گاز زاپىسى دۇنيا بويىنچە 4-ئورۇندا تۇرىدۇ .