-
يۈرەك ۋە قان ئايلىنىش سىستېمىسى - [تەبئى پەن بىلىملىرى]
Aug 17, 2010 | خەتكۈچ: يۈرەك،قان،سىستېما،بىئولوگىيە
يۈرەك ۋە قان ئايلىنىش سىستېمىسى
يۈرەك ئان ئايلىنىش سستېمىسىدىكى مۇھىم ئەزا بولۇپ،ئادەمنىڭ يۈرىكى كۆكرەك بوشلۇقىنىڭ سول تەرىپىگە جايلاشقان .چوڭلىقى مۇشتۇمچىلىك ،ئېغىرلىقى تەخمىنەن 350g ئەتراپىدا كېلىدۇ .
يۈرەك ئىچكى قىسىمى يۈرەك دالانچىسى ۋە قېرىنچىسىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن .يۈرەك دالانچىسى ۋېنا تومۇردىن كەلگەن قاننى يۈرەككە قايتۇرۇش،يۈرەك قېرىنچىسى بولسا تازىلانغان قاننى پۈتۈن بەدەنگە يەتكۈزۈش رولىنى ئۆتەيدۇ .
سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ۋە قۇشلارنىڭ يۈرىكى ئىككى دالانچە ۋە ئىككى قېرىنچىگە بۆلۈنگەن .قوش ماكانلىقلارنىڭ ئىككى يۈرەك دالانچىسى ۋە بىر يۈرەك قېرىنچىسى، بېلىقلارنىڭ دالانچە ۋە قېرىنچىسى بىردىن بولىدۇ.يۈرەك ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 36مىليون قېتىم سوقىدۇ .بىر ئادەمنىڭ ئۆمرىنى 70يىل دەپ ھېسابلىساق ،بۇ70يىلدا يۈرىكىڭىز جەمئى3مىليارد قېتىم سوقىدۇ .
يۈرەك كۆكرەك بوشلىقىدا كۆكرەك قەپىسى ئارقىلىق قوغدىلىپ تۇرىدۇ.
يۈرەك -تاجسىمان تومۇر قان ئايلىنىشى؛(冠脉循环的)ئارقىلىق ئۆزىنى قان بىلەن تەمىنلەيدۇ .تەركىبىدە ئوكسىگېن مىقدارى ئاز بولغان قان تاجسىمان ۋېنا ئارقىلىق يۈرەككە ئېقىپ كىرىدۇ .يۈرەك پۈتۈن بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تەخمىنەن 0.5%نى ئىگەللىسىمۇ ئەمما يۈرەك ئۆزى سەرپ قىلىدىغان قان مىقدارى ئومۇمى قان مىقدارىنىڭ 5%نى ئىگىلەيدۇ .