-
ئۆزبىكىستان - [تاغدىن_باغدىن]
Nov 18, 2008 | خەتكۈچ:
ئۆزبېكىستان
دۆلەت بايرىقى:
1991-يىلدىن بۇرۇنقىسى:
كىيىنكىسى:
ھەربىي بايرىقى:
دۆلەت گىربى:
يەر مەيدانى:447مىڭ 400 كۋادرات كلومىتىر
دۆلەت نامى: ئﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻧﺎﻣﻰ "ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ" ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ . ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻧﺎﻣﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ .1917 - ﻳﯩﻠﻰ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ، 1924 - ﻳﯩﻠﻰ 10 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 27 - ﻛﯜﻧﻰ "ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ" ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ؛1990 - 6 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 20 - ﻛﯜﻧﻰ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﻰ "ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﻫﻮﻗﯘﻕ ﺧﯩﺘﺎﺑﻨﺎﻣﯩﺴﻰ" ﻧﻰ ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯩﻐﺎﻥ . * 1991 - ﻳﯩﻠﻰ 8 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 31 - ﻛﯜﻧﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺟﺎﻛﺎﺭﻻﭖ ، ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻧﺎﻣﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻜﻪن.
نوپۇسى : ئۆزبىكىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەتم بولۇپ 26مىليوندىن كۆپرەك ئاھالىەە ئىگە.بۇنىڭ ئىچىدە ئۆزبىكلەر %79نى،روسلار%4،تاجىكلار %5، قىرغىزلار %1نى تەشكىل قىلىدۇ.باشقا مىللەتلەردىن ئۇيغۇرلار،كورىيانلار،تۈركلەر،بىلۇسلار ، قاتارلىقلار بار. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻟﻮﻗﺎﻳﻠﯩﻘﻼﺭ ، ﺧﺎﺭﻩﺯﻣﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ، ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺳﺎﻡ ، ﻣﻪﺷﻬﻪﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻏﯩﭽﻪ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ئۆزبېكىستاندا 134مىللەت بار.
پىرىزدېنتى:ئىسلام كەرىموف
پايتەختى:تاشكەنت
قىسقىچە تارىخى؛ ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ - ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺗﯜﺭﻙ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺳﯩﺮ ﯞﻩ ﺋﺎﻣﯘ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭ ( ﻣﺎﯞﻩﺭﺍﺋﯜﻧﻨﻪﻫﺮ --- ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﻱ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺪﻩ ) ﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ؛
6 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺪﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺗﯜﺭﻙ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﺑﯘ ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯘﻗﯩﻢ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﯜﺭﻙ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﺳﯩﯖﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ؛ 14 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺪﺍ ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﺨﺎﻥ ( 1312 - 1342 ) ﻗﻮﺭﺍﻝ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ .
15 - ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ ﺋﺎﻫﺎﻟﯩﺴﻰ ﭼﯘ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ، ﺋﯚﺯ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﻗﯧﭙﻘﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭗ ، ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ . ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ "ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ" ﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ "ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﻪﮒ" ﻳﻪﻧﻰ "ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺪﻩ ﺋﯩﻜﻪﻥ .
ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭ 16 - ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺧﯩﯟﺍ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ؛
19 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺪﺍ ﭼﺎﺭﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﺑﯧﺴﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ .
ئېقتىسادىي جەھەتتە:ئۆزبىكىستاننىڭ تەبئى بايلىغى ئىنتايىن مول .ئالتۇن بايلىغى دۇنيا بويىچە 4-ئورۇندا تۇرىدۇ.
نېفىتنىڭ ئېنىقلا نغان زاپاس مىقدارى00 6مىليون توننا.تەبئى گاز زاپىسى 2تىرىلئون كۇبمېتىر.
ئۆزبېكىستاننىڭ يەنە <<ئاق ئالتۇن دۆلىتى >>(پاختا ماكانى )دىگەن نامى بار. بولۇپ دۇنياداپاختا ئېكىسپورتىدا 2-ئورۇندا تۇرىدۇ.
مەمۇرىي بۆلۆنىشى: قاراقالپاقىستان ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى، تاشكەنت شەھرى، ئەندىجان ئوبلاستى، بۇخارا ئوبلاستى، جىساق ئوبلاستى، قەشقەدىرىيە ئوبلاستى، نەۋائىي ئوبلاستى، نەمەنگان ئوبلاستى، سەمەرقەنت ئوبلاستى، سۇرخان دەرياسى ئوبلاستى، سىر دەرياسى ئوبلاستى، تاشكەنت ئوبلاستى،فەرغانا ئوبلاستى ۋە خارەزىم ئوبلاستىدىن ئېبارەت.
ئۆزبىكىستان ئارمىيىسى:
قوشۇمچە:
فەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر لار رايۇنىغا زىيارەت
ۋاقتى : 2003-يىلى 18-ئاۋغۇست
زىيارەت قىلغان جايلار: تاشكەنت،بىشكەك،ئوش،ئەندىجان ،فەرغانە
ئاساسالىق مەزمۇنى
بۇ يىلقى زىيارەتتە بىز فەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىسىنى زىيارەت قىلدۇق ۋە دەسلەپكى تەكشۈرۈش تەتقىقاتى ئېلىپ باردۇق.بولۇپمۇ ،بىز ھەربىر (ئۇيغۇر) ئائىلىسىنىڭ (ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادىنىڭ )كۆچۈشلىرى ۋە تارىخى كەچمىشلىرىگە ئائىت زىيارەت ئېلىپ باردۇق.بىز يەنە مەھەللىۋى جەمئىيەتنىڭ تارىخى ھەققىدىكى بىر مىكرو كۆز قاراش ئاساسىدا سىناق ئېلىپ باردۇق.كۈتۈلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ، فەرغانە ئىشانلار قەبرىگاھىدا بەزى تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغاندىن سىرت ،بىز يەنە ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادىمىيىسى شەرىقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىدا ساقلىنىۋاتقان تارىخى قول يازمىلار ھەققىدىكى بىرلەشمە تەتقىقات ئىشلىرىغا قاتناشتۇق.
دەسلەپتە ،ئۆزبېك فەرغانىسدا،ئەندىجان شەھەر ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىسىنى زىيارەت قىلدۇق.ئېيتىلىشلارغا قارىغاندا،(بۇ يەرنىڭ ) ئاھالىسىنىڭ 90% دىن كۆپى ئۇيغۇر ئىكەن،ئاساسلىقى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.تارىختىن بۇيان بۇيەرگە قەشقەر ئەتراپىدىن كۆچۈپ كېلىشلەر بولۇپ تۇرغان ئىكەن .(بۇ يەرنىڭ) ھەربىر بۆلەكچىسى ئۇلار كۆچۈپ كەلگەن قەشقەر ئەتراپى مەھەللىسىنىڭ ئىسمى بىلەن نام بىرىلگەن ئىكەن.(بۇ يەردىكى) ئائئىللەرنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئەجداتلىرىنىڭ بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن ۋاقتى ۋە سەۋەبى ھەققىدە كۆپ ئوخشىماسلىقلار بارئىكەن.
19--ئەسىردىكى جاھانگىر خوجىنىڭ قوقەند تەۋەسىدىن چىڭ (چىڭ خاندانلىقىنى كۆرسىتىدۇ) تەۋەسىگە بۆسۈپ كىرىشى جەريانىدا ،بۇ يەرگە قەشقەر رايۇنىدىن كۆچۈشلەر بولغان ئىكەن. بۇنىڭدىن سىرت يەنە،1950يىللاردىكى جۇڭخۇا خەلىق جومھۇرىيىتى(PRC) نىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى سىياسى ۋە ئىجتىمائىي بۇران- چاپقۇنلۇق مەزگىللىرىدىمۇ بىر نەچچە يۈز ئائىلە بۇيەرگە كۆچۈپ كەلگەن ئىكەن.بۇنىڭدىن باشقا كۆچۈشلەر شەرىقتىن غەرىپكە يەككە يۆنىلىشتىلا بولغان ئەمەس ئىكەن.بەزى كىشلەرنىڭ شەرىق ۋە غەرىپكە بىرنەچچە قېتىملىق كۆچۈشى ئادەتتىن تاشقىرى بىر ھادىسىمۇ ئەمەس ئىكەن . بۇ ھادىسە بەزىدە بىر نەچچە ئەۋلاتقىچە يۈز بەرگەن ئىكەن.بۇنىڭ بىر مىسالى 1940-يىلى توغۇلغان بىر كىشى بولۇپ ،ئۇنىڭ چوڭ دادىسى قەشقەردىن فەرغانىدىدىكى قەشقەر قىشلاق دىگەن يەرگە كۆچۈپ كەلگەن، ئۇنىڭ دادىسى 1933-يىلى پۈتۈن ئائىلىسىنى قەشقەرگە كۆچۈرۈپ كەتكەن.كىيىن 1956-يىلى بۇ كىشى سوۋېت تەۋەسىگە كۆچۈپ كەلگەن.
كىيىن قىرغىزىستان فەرغانىسىدا ،بىز ئوش شەھرى ئەتراپىدىكى قەشقەر قىشلاقنى زىيارەت قىلدۇق.(بۇ يەرنىڭ) نوپۇسى 60% ئۇيغۇر دەپ ئېيتىدىكەن.بۇ يەرگە قەشقەر ئەتراپىدىن كۆچۈپ كىلىشلەرنىڭ سەۋەبلىرى ھەرخىل ئىكەن. زىيارەت قىلىشلاردىن ئالغان تەسىرات شۇ بولدىكى ،گەرچە ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى يۈز بەرگەن تارىخى ئەھۋاللارنى ئىسپاتلاش قىيىن بولسىمۇ، 19-ئەسىرنىڭ بىرىنجى يېرىمىغا
بېرىپ تاقىلىدىغان بەزى كۆچۈش مىساللىرى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ،قەشقەردىن بۇيەرگە ۋە بۇيەردىن قەشقەرگە كۆچۈش ئەھۋاللىرى بولغان .مەسلەن 1917-يىلى بۇ يەردە توغۇلغان بىركىشى ، 1927-يىلدىكى ئوشنىڭ يېنىدىكى قەشقەر قىشلاقتىن شىنجاڭدىكى قەشقەرگە كۆچۈپ بارغان. دادىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن ،ئۆز ئالدىغا شىنجاڭدا سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.1930- ۋە 40- يىللاردىكى سىياسى شاماللارنى باشتى كۆچۈرگەندىن كىيىن ،1956-يىلى ئوشنىڭ يېنىدىكى قەشقەر قىشلاققا يېنىپ كەلگەن .
ئۈچىنىچىدىن، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر مىسالدا ،گەرچە ئۇيغۇر يېزىسى بولسىمۇ بىز قوقەندنىڭ يېنىدىكى بىر يېزىنى زىيارەت قىلدۇق.بۇ يەرگە قەشقەر خوجىنىڭ ئائىلىسى جايلاشقان ئىكەن.بۇ ئائىلە 17-ئەسىردىن 19-ئەسىرگىچە قەشقەر رايۇنىدىكى مۇسۇلمان ئائىلە ئارىسىدىكى ئاكىتىپ ئائىلە بولغان . 18-ئەسىرنىڭ يېرىمىدىكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭنى ئىستىلا قىلىش
مەزگىلىدە ،قەشقەر خوجا ئائىلىسىنىڭ ئافاقىيە رەھبەرلىرى( بۇ ئىستىلاغا) قارشىلىق كۆرسەتكەن ۋە ئافغانىستان ئەتراپىغا قېچىپ بارغاندىن كىيىن ئۆلتۈرۈلگەن.
ئەمما بۇ ئائىلىنىڭ بىرقىسىم ئەزالىرى قوقەند خانلىقى تەۋەسىدە (فەرغانىدە) ھايات قالغان .19-ئەسىرنىڭ ئىككىنىچى يېرىمىدا ياقۇپ بەگ بىلەن قەشقەرگە بارغان بۇزۇرۇك|خان تۆرە كېيىنچە ياقۇپ بەگ تەرىپىدىن قوغلىۋېتىلگەن.ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ فەرغانىغا قايتىپ كېلىپ مۇشۇ يېزىدا ياشىغان ئىكەن.بۇزۇرۇكخان تۆرە ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ بۇ يېزىدىكى قەبرىستانلىقتا
(شېھىتلىكتە) تېپىلىدۇ.ئۇنىڭ بىۋاستە ئەۋلاتلىرى تاكى ھازىرغىچە بۇ يېزىدا ياشاۋېتىپتۇ،ئۇلارنىڭ ئۆيىدە ئەجدادلىرىدىن يادىكار بولۇپ قالغان تەۋەررۈكلىرىمۇ بار ئىكەن.
ئومۇمى تەسىرات
فەرغاننىڭ ئۇيغۇرلار بۆلىكى قەشقەر رايۇنىدىن كۆچۈپ كېلىشلەر نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن.بۇ كۆچۈشلەر ھەتتا 19-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. ئايرىم-ئايرىم ئائىللەردىن ئىگەللىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 19-ئەسىرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن 20-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا،قەشقەردىن كۆچۈپ كېلىشلەر ۋە كۆچۈپ بېرىشلار شەخىسلەر ۋە كۈندىلىك تورمۇش باسقۇچلىرىغىچە تەكرارلانغان.فەرغانىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىرى ئۆزبېك كەنىتلىرى بىلەن چېگىرىداش بولغاچقا ئۆزبېكلەر خاراكتېر جەھەتتىن ئۇيغۇرلارغا يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن،شۇنداقلا( ئوتتۇرا ئاسىيادىكى) ھەرقايسى مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ مىللى سىياسىتى پەرىقلىق بولغانلىقى سەۋەبىدىن ،فەرغانىدىكى ئەھۋال بىز بۇرۇن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەھۋالىدىن پەرىقلىنىدۇ.بىز كەلگۈسىدە يەنە بۇ رايۇننىڭ ئۇيغۇر قىسىمىغا قايتا زىيارەتكە كىلىپ ،(بۇ يەرنىڭ) ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.بۇنىڭدىن باشقا يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتۈلگەن ئۇيغۇر رايۇنلىرى ۋە قەشقەر خۇجا فامىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك جايلارنى زىيارەت قىلىشتىن ئالغان تەسىرات شۇ بولدىكى، پامىرنىڭ شەرقى ۋە غەرىبىگە جايلاشقان قەشقەر ۋە فەرغانە ۋادىلىرى ئوتتۇرىسىدا،تارىختىن بۇيان يېقىن مۇناسىۋەت ۋە (ئۇچۇر) ئالماشتۇرۇشلار ساقلىنىپ كەلگەن.كەلگۈسىدىكى بىر قىزىقارلىق تەتقىقات تېمىسى بەلكىم ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدىكى پۈتۈن بوستانلىق ۋادىلىرىنى بۇ دۆلەت چېگىرىسىدىن ھالقىغان بوستانلىقلار ئكز-ئارا تونۇشتۇرۇلغان بىر چوڭ رايۇن سۈپىتىدە نەزەرگە ئېلىش بولىشى مۇمكىن.مەنبە:ئورخۇن تارىخ مۇنبىرى
历史上的今天:
قىرغىزىستان Nov 18, 2008سەئۇدى ئەرەبىستان Nov 18, 2008تۈركىيە Nov 18, 200812 ئاينىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى بىلىۋىلىڭ Nov 18, 2008ئۆزىڭىز خالىغانچە پۇل لاھيلىۋېلىڭ ! Nov 18, 2008
评论
(جاۋابىڭىزنى كۈتۈپ كۆك بۆرە )
http://www.orkhun.com/BBS/index.php
(جاۋابىڭىزنى كۈتۈپ كۆك بۆرە )
ئۆزبېك دىگەن نام ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ خانى ئۆزبەگ خان (1312-1342) نىڭ نامىدىن كەلگەن.يەنى 1312-يىلى مەنگۈ تۆمۈرنىڭ نەۋرىسى(توغرۇلچە خاننىڭ ئوغلى)ئۆزبېكخان تەخىتكە چىقىپ، ئىسلام دىنىنى كۈچەپ تەرغىپ قىلىپ،نامىنى مۇھەمەد ئۆزبېكخان دەپ ئۆزگەرتكەن.ئۇ بوۋىسى مەنگۈ تۆمۈرگە ئوخشاشلا ئاق ئوردا تەرەپكە كۆپرەك كۆڭۈل بولگەن.ئاق ئوردا رايۇنىدىكى تۈركىي قەبىلىلەر ۋەتۈركلەشكەن موڭغۇللار،جۈملىدىن ۋولگا دەرياسى ۋادىسىدا ياشايدىغان مانغىتلار(نوغايلار) دىن كۈچلۈك قۇشۇن تەشكىللەپ،ئۆز قارمىغىدىكى مۇھىم رايۇن ۋە شەھەرلەرگە ئىۋەتكەن .ئەينى زاماندا بۇقۇشۇن «ئۆبېك قۇشۇنى»دەپ ئاتالغان.كېيىچە بۇ قۇشۇنلار چىققان قەبىلىلەرمۇ «ئۆزبېك» دىگەن نام بىلەن ئاتالغان.
ئۇلار ئۇيغۇردىن ئايرىلىپ چىققاندىن كىيىن تىلى روس قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تەسىرگە ئۇچىراپ،بىزدىن مەلۇم دەرىجىدە پەرق ھاسىل بولغان !
مۇنۇ يازمىنى كۆرۈپ بېقىڭ !
http://www.orkhun.com/BBS/read.php?tid=1004
يەنە چۈشەنمىگەن يەر بولسا ئىنكاس قايتۇرۇڭ!