-
قىز-ئاياللارنى مۇنداق ئاتايمىز - [تارىخ،مەدەنىيەت،تىل-يېزىق]
Sep 13, 2010 | خەتكۈچ: ئۇيغۇر،ئاتالغۇ،قىز،ئايال،ئاتاش
قىز ____ئۇيغۇرلار ئادەتتە توي قىلمىغان قىزلارنى بۇنداق دەپ ئاتايدۇ .بۇنى ھەممىڭلار بىلىشىڭلا مومكىن .
جۇۋان ___توي قىلىپ بولغان ھەمدە بالىلىق بولغان ئاياللار بولۇپ، رايۇنىمىزنىڭ بەزى جايلىرىدا ھازىرمۇ بالىلىق بولغان ئاياللار ئۈچۈن چوكان توي(بەزى جايلاردا چاچۋاق توي دەپ ئاتىلىدىكەن )قىلىىدىغان ئادەت ساقلانغان ،بۇ توي شۇ ئايالنىڭ بالىلىق بولغانلىقىنى تەبرىكلەپ قىلىنىدىكەن .بۇتويدا شۇ ئايالنىڭ ئېرى ئايال ئۈچۈن كىيىم -كىچەك ،زىننەت بويۇملىرىنى سوۋغا قىلىدىكەن ،شۇ تويدىن كىيىن ئۇ ئايالنىڭ چاچ شەكلى ئۆزگىرەيدىكەن .يەنى ئەسلىدىكى قىز ،چوكانلارنىڭ چاچ قويۇش ئادىتى بولغان ماڭلاي چاچنى كەينىگە تارايدىكەن .
چوكان ___توي قىىلغان ،ئەمما تېخى بالىلىق بولمىغان ئاياللارنى ئاتاش ئۇسۇلى
قەدىمدەئەجداتلىرىمىز ،قىز _ئاياللانىڭ چاچ شەكلنى قىز ،چوكان ،جۇۋانلارنى پەرىقلەندۈرىدىغان بەلگە قىلىنغان .قىز لار ،چوكانلار ماڭلاي (پىشانە )چېچىنى ئالدىغا ،جۇۋانلار كەينىگە تا رايدىغان ئادەت بار ئىكەن .___________
1. قىز----توي قىلمغانلار
2. چوكان - تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئاتىلدۇ.
1) بالا چوكان---- يېشى كىچىك تۇرۇپ ياتلىق بولغانلار
2) چالا چوكان--- ئاجىرشىپ كەتكەنلەر
3) چوكان---باللىق بولمىغانلار
3. جۇۋان-- توي قىلىپ بالا يۈزى كۆرگەنلەر
4. جۇۋانقالتاڭ(كاداڭ)-بىرنەچچە بالىغا ئانا بولغانلار
5.موماي،كەمپىر-- ياشنىپ قالغانلارئىزاھات :جۇۋان ئەسلى قەدىمى ئۇيغۇر تىلىدا بالىلىق بولغان ئەرلەرنى كۆرسىتىدىكەن ،مەھمۇد كاشغەرىنىڭ <<تۈركى تىللار دىۋانى>>دا بو توغرۇلۇق ئىزاھات بىرىلگەن ئىكەن