-
بلوگ لازىممۇ؟ - [بلوگ بىلدۈرگىسى]
May 23, 2009 | خەتكۈچ: Blog
بىر قىسىم ئەزىمەتلىرىمىز بلوگباسىنى(Blogbus)تەرجىمە قىلغاندىن بېرى نورغۇن دوستلىرىمىز بلوگباستىن بلوگ ئېلتىماس قىلىپ ئىشلىتىپ ئۇيغۇر تور تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇپ كەلدى.مەنمۇ مۇشۇ بانادا بلوگ ئىلتىماس قىلىپ تارىم،دۇنيا،شاھ ئۇيغۇر .....قاتارلىق بلوگلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك يازمىللىرى ۋە مۇناسىپ ياردەملىرى ئاستىدا بلوگمنى مانا مۇشۇنداق ھالەتكە ئەكىلۋالدىم.ئالدى بىلەن ئۇيغۇر تورچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈن-تۈنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان ئاشۇ ئەزىمەتلىرىمىزگە چوڭقۇررەھمەت ئېيتىمەن ھەمدە ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن .
ئەمدى گەپكە كەلسەك نۇرغۇن بلوگدا بلوگ ئىلتىماس قىلىش ،ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش توغرىسىدا تەپسىلى يازمىلار بار بولسىمۇ بىر قىسىم تورداشلاردا خەنزۇچە سەۋيەسى تۆۋەن بولغانلىقى ياكى باشقا سەۋەپلەرتۈپەيلى بلوگباس ئۇيغۇرچىلاشتۇرالماسلىق ،ئىئوت ھۆججىتىنى تۇنۇتالماسلق،ئۇسلۇپلارنى قاچىليالماسلىق.....قاتارلىق نورغۇن مەسلىلەر ساقلىنىپ كەلدى.شۇڭا مەن ئويلىشىش ئارقىلىق يۇقارقىدەك مەسلىگە يولۇققان تورداشلارنى بلوگ بىلەن تەمىنلەشنى توغرا تاپتىم.بلوگ لازىملار مۇشۇ تىما ئاستىغا ئۇچۇر قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.
ئەمما بلوگ تەمنلەشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار چوقۇم تۆۋەندىكى <<بلوگ بىلەن تەمىنلەش كىلشىمى>> گە ئەمەل قىلىشى كېرەك!
1.بلوگ ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئىلتىماس قىلماقچى بولغان ئىسمى چىرايلىق بولىىشى كېرەك.ھاقارەت،مەدەنىيەتسىز ،قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ تۈسىنى ئالغان ئىسىملار ئېلتىماس قىلىپ بېرىلمەيدۇ.ياكى بلوگى ياسىلىپ بېرىلمەيدۇ.
2.بلوگ مەزمىنى چوقۇم ساغلام بولىشى، ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلىشى كېرەك(.باشقا يېزىقلاردىكى بلوگلار بىردەك رەت قىلىنىدۇ.
3.ئىلتىماس قىلغۇچى ،ئىلتىماس قىلماقچى بولغان بلوگ ئىسمى(مەسلەن تارىخ بلوگى دىگەندەك)،بىر ئېلخەت ئادىرسى(مەخپى نومۇرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ)،ئىشلەتمەكچى بولغان خەت نۇسخىسى(خەت نۇسخىسىنى مۇنۇ توربەتتىن تاللىسڭىز بولىدۇ:http://www.kadirdawut.com/eot/)،ئۇسلۇپ شەكلى(تارىم،دۇنيا قارا،ئانا تىلىم،.....،قاتارلىق بلوگلاردا ئۇيغۇرچە ئۇسلۇپلار تەمىنلەنگەن) قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.باشقا بلوگلارغا ئوبدان قاراپ چىقىڭ .باشقىلار ئېلتىماس قىلمىغان ئىسملار بولىشى كېرەك.
4.تارىخ بلوگى پەقەت تورداشلارنىڭ بەزى قىيىنچىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ،بەزى بىر تېخنىكا بىلەن تەمىنلەيدۇ.بلوگ يازمىللىرى ئىچىدە قانۇنغا خىلاپ،باشقىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەتىگە دەخلى تەرۇز قىلىدىغان مەزمۇنلار بولسا تارىخ بلوگى ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ.بارلىق ،مەسئۇلىيەتكە بلوگ بىلەن تەمىنلەشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئۆزى ئىگە.
5.بلوگباسىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بلوگباس شىركىتىگە تەۋە. تەرجىمە قىلىنغان ئۇسلۇپنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى تەرجىمە قىلغۇچىغا مەنسۇپ.
6.بلوگ ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ تارىخ بلوگىنى ئۇلىنىش قىلىشى تەلەپ قىلىنمايدۇ.ئەمما ئۇلىنىش قىلىپ قويۇشىڭىزنى سەمىمى ئۆمۈد قىلىمىز .تىزىملاتمىغان ئىسىمنى تېپش ئۈچۈن،تۆۋەندىكى شەكلىدە تور ئادىرسى كىرگۈزۈڭ.
http://zyx.blogbus.com/
zyxنىڭ ئورنىغا سىز تىزىملاتماقچى بولغان ئىسىمنى يېزىڭ.بۇنداق بلوگ مەۋجۇت ئەمەس دەپ چىقسا تىزىملاتسىڭىز بولىدۇ.
ھۆرمەت بىلەن_تارىخ بلوگى
评论
مەخپى نومۇرىڭىزنىڭ ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز ئىلتىماس قىلغاندىكى ئېلخەت ساندۇقى بولسا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ .بۇ چ چ نى قاچىلىڭە!429302127
رەھمەت[cusFace:1]
429302127
سۇئالنىڭ جاۋابى:20080309
دەرىسلىكلەرنىمۇ كۆردۈم ، لىكىن تۇلۇق ئەمەسكەن ، مەن تەپسىلى بىر تۇنۇشتۇرۇلغان دەرىسلىكنىڭ بۇلىشىنى تۇلىمۇ ئۈمۈد قىلىمەن
ماڭا ياردەم قىلىدىغانلار QQ:615522030 نۇمۇرلۇق چ چ بىلەن ئالاقىلىشىپ بىر ياردام قىلساڭلاركەن!!![cusFace:1][cusFace:1]
سۇئالنىڭ جاۋابى:20080309
دەرىسلىكلەرنىمۇ كۆردۈم ، لىكىن تۇلۇق ئەمەسكەن ، مەن تەپسىلى بىر تۇنۇشتۇرۇلغان دەرىسلىكنىڭ بۇلىشىنى تۇلىمۇ ئۈمۈد قىلىمەن
ماڭا ياردەم قىلىدىغانلار QQ:615522030 نۇمۇرلۇق چ چ بىلەن ئالاقىلىشىپ بىر ياردام قىلساڭلاركەن!!![cusFace:1][cusFace:1]
سۇئالنىڭ جاۋابى:20080309
تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ يېزىپ قويدۇم، كەچۈرۈڭ
ياخشى ئىشقا كىرىشىپسىز، داۋاملىق تىرىشىڭ.
سىزگىمۇ رەھمەت.لوپنۇرى ئەپەندى. باشقا بلوگغا خەت قالدۇرغاندا ئىسمىنى قانداق قىلىپ ئۇيغۇرچە چىقىرىدۇ ؟ مەن قالدۇرسام لاتىنچە چىقىۋالىدۇ.