2010-04-21

    بلوگىمنى كۆرگۈچىلەرگە تەۋسىيە - [بۇ سەھپىگە چوقۇم كىرىڭ ]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/62465633.html


    ھازىرچە  بۇ  تولۇق  نۇسخا  ئەمەس  ، ئۈزلۈكسىز  تولۇقلىنىدۇ ...
    1. ھەرقايسى  بلوگ ۋە تور مۇنبەر ياسىغۇچىلار, بلوگ ۋە مۇنبەرنىڭ ئۈستىدىكى كۆرۈنمە رەسىمگە  ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە خاس ئۇسلۇبتىكى كۆرۈنمە رەسىملەرنى ئىشلىتىڭ . مەسلەن :  چاڭگا مەيدان ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك گۈل نۇسخا ، سىدنىي كىنو تىياتىرخانىسىنىڭ رەسىمى دىگەندەكلەرنى ئىشلەتمەڭ . بۆرە تۇتىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بوزقۇرت سۈرەتلىرىنى ، ھېيتگاھ جامەسى سۈرەتلىرى....دىگەنلەرگە ئوخشاش ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە خاس  ئۇسلۇبتىكى كۆرۈنمە سۈرەتلەرنى ئىشلىتىڭ .
    چۈنكى قانۇندا ھەرقايسى مىللەتلەر باراۋەر دىيىلگەن ، شۇنداقلا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىمۇ باراۋەرلىككە ئىگە،ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۆز مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە . سىز باشقا مىللەتلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى ئىشلەتسىڭىز ، باشقا مىللەتلەر سىزنىڭ مەدەنىيىتىڭىزگە تەۋە سۈرەتلەرنى ئىشلەتمىسە ، ئۇ ھالدا قانۇندىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز  مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئىشلىتىشتىكى باراۋەرلىك مەۋجۇت بولمايدۇ ، سىز  مەدەنىيەت مىراسلىرىنى باراۋەر ئىشلىتىش قانۇنىغا خىلابلىق قىلغان بولىسىز ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرتىل يېزىقىدىكى بلوگ ۋە مۇنبەرلەر باش بەت يۈزىدىكى كۆرۈنمە سۈرەتنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە خاس ئۇسلۇبتا ئۆزگەرتىشى كىرەك . يات مىللەت مەدەنىيىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش قانۇنغا خىلاب .
     
    2. ھەرقايسى بلوگ ۋە مۇنبەر ياسىغۇچىلار بىلوگ ۋە مۇنبەرنىڭ ئۈستىدىكى مۇنبەر ۋە بلوگ ئىسمى ۋە .... قارشى ئالىمىز دەپ يېزىلغان يېزىقنى چوقۇم ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىشى ۋە باشقا مىللەتلەر يېزىقىدىكى يېزىقنى ئۆچۈرۋېتىشى كىرەك . چۈنكى قانۇندا ھەرقايسى مىللەتلەر باراۋەر ۋە ھەرقايسى مىللەتلەر تىل - يېزىق ئىشلىتىشتە باراۋەرلىككە ئىگە دەپ بەلگىلەنگەن . سىز باشقا مىللەتلەرنىڭ يېزىقىنى ئىشلەتسىڭىز ، باشقا مىللەتلەر سىزنىڭ يېزىقىڭىزنى ئىشلەتمىسە ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز  يېزىقىنى ئىشلىتىشتىكى باراۋەرلىك مەۋجۇت بولمايدۇ ،  سىز  تىل يېزىقنى باراۋەر ئىشلىتىش قانۇنىغا خىلابلىق قىلغان بولىسىز ، شۇنىڭ ئۈچۈن  ئۇيغۇر تىل يېزىقىدىكى بلوگ ۋە مۇنبەرلەر  باش بەت يۈزىدە ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلىتىشى كىرەك . يات مىللەت  يېزىقىنى ئىشلىتىش قانۇنغا خىلاب .  مەسلەن :  塔里木博客欢迎光临您 دەپ  يېزىلغان  خەتلەر  ئۆچۈرۋېتىلىشى ، بلوگ ۋە مۇنبەر يۈزىدىن يوقىلىشى كىرەك ، بۇ يېزىقنىڭ باراۋەر ئىشلىتىلىش قانۇنىغا  خىلاب .
     
    3.ھەرقايسى بلوگ ، مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى يېڭىدىن تىزىملىتىپ كىرگەن ئەزالار  يات مىللەت يېزىقىدا  تىزىملىتىپ كىرسە ، قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ئۆزگەرتىۋېلىشقا تەۋسىيە قىلىڭ .
    مۇنبەر ۋە بلوگلارغا ئىنكاس يازغانلار يات مىللەت يېزىقىدا ئىنكاس يازغاندا ، قايتۇرما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا ئۆز يېزىقىدا ئىنكاس يېزىشقا ئادەتلىنىشكە تەۋسىيە قىلىڭ .
    يەنى 我上内地高中的,我不会输入维文,请谅解吧。  مانا مۇشۇنداق  بلوگ ۋە مۇنبەرلەرگە  يات يېزىقتا  ئىنكاس يازغان ئۇيغۇر پەرزەنىتلىرىگە ئۇيغۇر يېزىقىدا ئىنكاس يېزىشنى ، كومپيۇتېردا ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىشنى تەۋسىيە قىلىڭ . 

    4.ئۇيغۇر يېزىقىدا يازما ۋە ئىنكاس يازغاندا يېزىقنىڭ ئىملا قائىدىسىگە دىققەت قىلىڭ ، يازغان سۆزىڭىز ئۇيغۇر يېزىقىدا تولۇق مەنىگە ئىگە بولسۇن . ئانا تىل يېزىقىغا ھەقىقىي ھۆرمەت بىلدۈرۈڭ.  ئانا تىل يېزىقنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىل يېزىقىنى بۇزۇپ ئىشلەتمەڭ ۋە  زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا يات مىللەت تىل يېزىقلىرىنى ئارلاشتۇرىۋالماڭ .
    ھەرقايسى بىر قىسىم  مۇنبەرلەردە تىلىمىزغا يېڭى كىرگەن ، كىرىۋاتقان سۆزلەرنى  يېڭىدىن ئۆزىمىزگە خاس ئۇيغۇرچە سۆز ياساش ئۇسۇلى بويىچە ئۇيغۇرچىلاشتۇرىۋاتىدۇ ، شۇڭا ھەرقايسى بىلوگ ۋە مۇنبەرلەرمۇ  بۇلارنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجىرىگە يارىشا شۇالرنىڭ ئەمگىكىنى قوللاش پوزىتسىيەسىدە  بولۇشقا تىرىشساق ۋە  شۇنداقلا  تىلىمزىدىكى ئەسلىدىن ئۇيغۇرچە بولغان ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بېرى  يېزىقتا  يېزىلىشى ئۇيغۇرچە  ، ئەمما باشقا يات مىللەت  تىلىدىكى  سۆزلەرگە ئايلىنىپ  كىتىۋاتقان  سۆلزىرىمزىنى قايتىدىن  ئۆز ئەسلى بويىچە  ئۇيغۇرچە  ئىشلىتىشكە  تىرىشساق ، مەسلەن  سەندۈنبىي ،  دابازا ، سەنشىىاڭزا ، لۇفاڭ ، دىيەنشى ، كوڭتىياۋ .........

    ئاندىن  سىتۇدىنت  دەپ  ئاتاش  ئادىتىڭىزنى  ئۆزگەرتىڭ  ، ئامىرىكىدا  ئالىي  مەكتەپ  ئوقۇغۇچىسىنى  سىتيۇدېنت  دەپ  ، باشلانغۇچ  ، ئوتتۇرا  مەكتەپ  ئوقۇغۇچىسىنى  باشقا  ئاتايدىغان ئادەت  يوق  ، ھەممىسى  ئوخشاش  ئوقۇغۇچى سىتىيۇدېنت ، ئەمدى ئۇيغۇر دىيارىغا  كەلگەندە  باشلانغۇچ  ، ئوتتۇرا  مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى ئۇيغۇرچە  ئوقۇغۇچى  بولۇپ  ، ئالىي  مەكتەپكە  چىققاندىن  كىيىن  روس  سىتۇدېنت  ياكى  ئامىرىكىلىق  سىتۇدېنت  بولۇپ  ئۆزگىرىپ  قالمايسىز  ، سىز يەنىلا  باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا  مەكتەپتىكى  ئاشۇ  ئۇيغۇرچە  ئوقۇغۇچى  شۇ  ، شۇڭا ئانا تىل  يېزىقىڭىز  سىزنى ئۆگەيلىمىگەندىكىن ، سىز  خالىغانچە  ئۆزگەرتىپ ، ئانا تىلىڭىزنى ئۆگەيلەپ  يات  مىللەت  تىل يېزىقىنى ئۆز  تىل يېزىقىڭىزنى ئورنىغا  دەسسەتمەڭ . 

     
    5. ئۇيغۇرتىلدا  سۆز قىلغاندا ، ئۇيغۇر يېزىقىدا سۆزلەرنى يازغاندا  تۈرۈك  مىللىتى ۋە تۈرۈك يېزىقى دەيدىغان ئادىتىڭزىنى ئۆزگەرتىڭ . دۇنيادا تۈرۈك مىللىتى ۋە تۈرۈك يېزىقى يوق .
    دۇنيادىكى ئۇ مىللەتنىڭ نامى  تۈرك  مىللىتى ، يېزىق نامى  تۈرك  يېزىقى .

    تىيانشان  تاغلىرى  ئەمەس تەڭرى تاغلىرى  ، تەڭرىتاغ دۇر .
    ھون ، تۈرك ، ئۇيغۇر ئەجدارلىرىمىز ئات چاپتۇرغان بۇ تاغ - زىمىنلارنىڭ ئىسمىنى بولسىمۇ  ئۆز تىلىڭىزدا ئاتاڭ .
    پۈتۈن دۇنيا تۈركلىرى ئالتاي تاغلىرىدا تۇغۇلۇپ ، تەڭرىتاغدا  ئات - چاپتۇرغاندىن كىيىن بۈگۈنكى ياشاۋاتقان زىمىنلىرىغا يول ئالغان . شۇڭا بارچە تۈركلەر ئەجدادلىرىنىڭ بۇ ماكانلىرىنى ئۆز تىللىرىدا ئالتاي  تاغلىرى  ، تەڭرىتاغلىرى  دەپ  ئاتايدۇ ،
    بارچە تۈركلەر ئىچىدىكى ئەجدادلىرىمىز ياشىغان بۇ زىمىننىڭ ۋارىسى بولغان بىز ئۇيغۇرلار پەقەت تىيانشان دەپ ئاتايمىز.
    شۇڭا بۇنداق  بۇزۇپ يات مىللەت تىلىدا ئاتاش  ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ . 
    ...


    6.ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بىلوگ ۋە مۇنبەرلەرگە  كۆپىنچىسى  ئوقۇغۇچى كىرىدۇ  ، ئىشچى خىزمەتچىلەرمۇ
    خېلى كوپ سانلىقنى ئىگەللەيدۇ . مۇنبەرلەرنىڭ مۇڭداشقۇ توپىدىكىلەرمۇ  دەل مۇشۇ ساھەدىكىلەر ساھەدىكىلەر ، ئەمدى  ئۇلار  مۇڭداشقۇ  توپىدا  نىمە  پاراڭ  قىلىدۇ  ئۇنى مەن كۆرۈپ باقمىدىم  ،
     مەن مۇڭداشقۇ  توپىدا  يوق،  مەن  بىلمەيمەن،ئەمما  بۇرۇن
      سەلكىن  دىيارىملارنىڭ  مۇڭداشقۇ   توپىغا بىر  كۈن  بولسىمۇ  كىرىپ  كۆرۈپ  باققان ، ئۇ يەر   دەرۋەقە  ئاشۇق   مەشۇقلارنى  تېپىشتۇرۇش  سورۇنى
     ھازىرلاش  ئۈچۈن مۇڭداشقۇ  توپى  قۇرۇپ  بەرگەندەك  ،  كىشلەرنىڭ  ھەممىسى
     شۇ  دوسلىشىش  تەرىقىسىدە  پاراڭ  قىلىشىدىكەنتۇق .

    ئەلۋەتتە  كىرەك  ، سىلەر  كۆپىنچىڭلار  ئوقۇغۇچى  ، سىلەر  ئاشۇ  مۇڭداشقۇ   توپىدا  بەزىلىرىڭلار   كۈندە  بىر  ئىككى  سائەت   پاراڭلىشىشىڭلار  مۇمكىن ،  مۇنبەرنى  قىزىتىمىز  ، بۇ  تېما  قىزىپتۇ  دەپ ،  تېمامغا  ئىنكاس  يازغانمىدۇ  دەپ  ، ياكى  بىرەرسىنىڭ  تېمىسىغا  ئىنكاس يېزىش  ئۈچۈن  بىرەر  سائەت  ۋاقتىڭىزنى  مۇنبەرگە  ئاجىرىتىسىز  ،   ئويلاپ  بېقىڭ  ، ياخشى  يېزىپسىز  ، ئاللا  رەھمەت
     قىلسۇن  دەپ  يېزىلغان  مىڭ  پارچە  ئىنكاسقا  مۇنبەر  تەرەققىي  قىلامدۇ  ياكى  سىز  بىرەر  بىلىم
     قوبۇل  قىلالامسىز  ،تەپەككۇرىڭىز  ئېچىلامدۇ  ، ئىدىيىڭىز  ئۆزگىرەمدۇ ، بۇنداق  بولۇشى  ناتايىن .
     كۆپىنچىڭلار  بۇرۇن  ئۇيغۇر  دىيارىدىكى  سەلكىن  ، شەبنەم  ،دىيارىم  مۇنبىرىگە  كىرىپ  تۇرغان  ئوقۇغۇچىلار ،
     ئەمما   شۇنداق  دىيىشكىمۇ
     بولىدۇ  ،  ئاشۇ  مۇنبەرلەرمۇ  ئۇيغۇرلاردىكى  ئەڭ  كۆپ  ئادەم  كىرىدىغان  ، لىكىن  ئىنكاسلىرى  قارىسىڭىز  ئەڭ
     پاخال  بولغان  يەنى  ئۈستىدىكىدەك  ياخشى  يېزىپسىز  ،تىرشىڭ  .دىگەندەك  گەپلەر
     بىلەن  تولغان  قۇرۇق  ئىنكاس  تېمىلار  ناھايىتى  كۆپ ئىدى  ، بۇ تېما  قىزىپتۇ  ، بۇ  مۇنبەر  قىزىپتۇ  دەپ  قارالغانلارغا  قاراپ  بېقىڭلار   ھەممىسىدە  ئانچە  يېڭىلىق  يوق ،  ئاندا  ساندا  يوللانغان  نادىر  تېمىلار  ، كىشلەرنىڭ  ئىدىيىسىنى  ،تەپەككۇرىنى  ئۆزگەرتىشكە
     ،ئاز  تولا  بىلىم  ئۆگىنىشكە  بولىدىغان  تېمىلارنى  چىقىرىۋەتسە  كۆپى  قۇرۇق  .
    ئەمدى  بىلىك  ۋە  ئىزدىنىش  ، بەرقى  ، ئورخۇن  مۇنبىرىگە  قاراڭلار  ، ئۇ  مۇنبەرلەر دە  ئۈستىدىكى  مۇنبەرلەردىكىدەك  بىر  تېمىلارغا   تېمىنى  قىزىتىمىز  ، مۇنبەرنى  قىزىتىمىز  دەپ  ئىنكاس  دىگەننى  يېزىۋەرگەن  يېرى  يوق  ، ئەمما  ئۇ  مۇنبەرلەردە  سىز  بىلىۋېلىشقا  تىگىشلىك  ،سىزگە  بىلىم  بىرەلەيدىغان  ، سىزنىڭ  تەپەككۇرىڭىزنى  ، ئىدىيىڭىزنى  ئۆزگەرتىشكە  تۈرتكە  بولىدىغان  تېمىلار  ئاز  ئەمەس  .

    يىغىپ  ئېيىتقاندا  ، بىر  مۇنبەر  ياخشى  يېزىپسىز ، تىرىشىڭ  ، دىگەندەك  شەخىسنىڭ  ئايرىم  ۋاقتىنى
     چىقىرىپ  يېزىلغان  تۈمەنلىگەن  ئىنكاسلار  ئارقىلىق  تەرەققىي  قىلىپ  قالمايدۇ  ، بەلكىم  سىلەر   ئىنكاس  كۆپ  مۇنبەرگە  كۆنۈپ  قالغانسىلەر .

    شۇنداقتىمۇ  سىلەر  ئاشۇ  ياخشى  يېزىپسىز 
    ،تىرىشىڭ  ،دىگەندەك  ئىنكاسلارنى  يازغان  ۋاقتىڭلارنى  ،مۇڭداشقۇ   توپىدا  پاراڭلاشقان
     ۋاقتىڭلارنى
      تىجەپ  ئۆز    ئۆگىنىشىڭلارغا  ئاجىرىتىڭلار  .(  بەلكىم  بەزىلىرىڭلار  ئەتىگەندىن  بېرى  دەرس  ئوقۇپ  ، ئارام  ئېلىش  ئۈچۈن  مۇنبەرگە كىرىشىڭلار  مۇمكىن )،  سىلەر  ئوقۇۋاتقان  ئۇنۋېرسىتىتلاردا   سىلەرگە  دىپلوم  بىرىش  نىسبىتى  خېلى  يۇقىرى  ، ئىمتىھانىدىنمۇ  ئۆتۈش  نىسبىتى خېلى  يۇقىرى ، چۈنكى  سىلەر  خەنزۇ  بالىلىرى بىلەن  ئارلاش  ئوقۇيسىلەر  ، سىلەر  خەنزۇتىلنى  راۋان  بىلسىلەر  ، شۇڭا  ۋەتەنگە  قايتقاندا  خىزمەت  تېپىشتىن  ھېچ  ئەنسىرىمەيسىلەر  ، شۇڭا  بەلكىم  كۈندە  مۇنبەرلەردە  ، مۇڭداشقۇ   توپىدا  ،  كومپيۇتېر  ئالدىدا  يۈرىشىڭلار  مۇمكىن  ،    ئەمما  كۆپىنچىڭلار  دەل  شۇ  مۇڭداشقۇدا  پاراڭلىشىش  ، مۇنبەرگە  كىرىشتىن  ئارتۇق  كومپيۇتېر  بىلىمى ياكى  توردىن  پايدىلىنىشنى  بىلمەيدىغاندەك  قىلىسىلەر  ۋە ياكى  ئىرىنىدىغانسىلەر  .

    قىسقىسى   ئاشۇ  بىر  تېمىغا  ياخشى  يېزىپسىز  ، تىرىشىڭ  ...شۇنداق  ياخىشى  سۆزلەر  بىلەن  ئىنكاس  يازغان  ۋاقتىڭلاردا  ئۆزۈڭلارنىڭ  ئۇنۋېرسىتىقا  نىمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىڭلارنى   ، ئۇنۋېرسىتىتنى  پۈتتۈرگەندىن  كىيىن  قانداق  قىلماقچى  ،( سىلەرگە  پۈتتۈرۈشمۇ  ئانچە  تەس  ئەمەس  ، خىزمەتمۇ  خېلى  قولاي  بەلكىم  ئەنسىرىمەيدىغان  بولغاچ  بۇنى ئويلاپ  باقمىدىڭلار ، ) 
    ئۆزۈڭلاردا  ئۇنۋېرسىتىت  ئوقۇغۇچىسى  ھازىرلاشقا  تىگىشلىك  بىلىم  ئىقتىدارلار  ھازىرلاندىمۇ  ، 
    (ۋەتەندىكى  ئۇيغۇر  ئوقۇغۇچىلارنىڭ  خەنزۇتىلى  سەۋىيىسىدىن  بىزنىڭ  يۇقىرى  ، ئىنگىلىز  ،روس  ، باشقا  تىللارنى  خىزمەت  ئورنى  ئانچە  تەلە پ قىلمايدۇ  دەپ  قاراپ  سىزدە  بار  يوق  ئىقتىدار  خەنزۇچە  سۆزلەشمۇ  )  ،  
    ئىشقىلىپ  سىزدە
     بىر  مەسئۇلىيەت  تۇيغۇسى  ، بىر  ۋىجدانىي  تۇيغۇ  بارمۇ  ،  سىز  يەككە  شەخىسلەر  تەرەققىي  قىلسا  ، ئاندىن   كوللىكتىپ  ئومۇملىقىدىكى  مىللەت  گۈللىنىدۇ  دىگەننى بىلسىڭىز  ،  ئۇنداقتا مۇڭداشقۇدىكى  قۇرۇق  پاراڭلارنى  قويۇپ  ئۆزىڭىزنى  ، ئۆز  مېڭىڭىزنى  تەرەققىي  قىلدۈرۈشقا  ھەركەت  قىلىڭ  .

     

    7. بىلوگىم ھەققىدە


     بلوگىمنى تۈرك تىلى ئۆگىنىشنى ئاساس قىلىپ يازغان ، بلوگىمدا تۈرك تىلى ئۆگىنش جەھەتتە باشقىلارغا قولايلىق تۇغدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ، تور دۇنياسىدىكى تۈرك تىلى ئۆگىنشىكە ئائىت ماتىرىياللار كەمچىل بولغانلىقتىن ، ماتىرىياللار بىلەن  تەمىنلەش ۋە ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تۈرك تىل ئۆگىنىشكە ئائىت كىتابلار كەمچىل بولۇش سەۋەبى بىلەن يازدىم .
    سىز تۈرك تىلى ئۆگىنىش جەريانىدا ماتىرىيالغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز ، تور دۇنياسىدىن ئىزدەش ۋە باشقىلاردىن سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق بولسىمۇ سىزگە ماتىرىيال تەمىنلەپ بېرىلىدۇ .
    ئاندىن بلوگىمنىڭ تۈرك  تىل  سەھپىسى ۋە تەرجىمە  سەھپىسىگە تۈركىيەنىڭ بلوگ ۋە مۇنبەرلىرىكى بۆرە تۇتىمى بوزقۇرتلارغا  ئائىت يازمىلار ، ئورخۇن ، كۆك تۈرك مەدەنىيىتىگە  ئائىت  يازمىلار  تەرجىمە  قىلىپ  يوللىنىدۇ .
    تۈرك تىلى بىلىدىغانلارنىڭ  تۈرك تىلىدىن تەرجىمە قىلغان  بوزقۇرت مەدەنىيىتىگە  ۋە بوزقۇرت  روھىغا  ئىگە  تەرجىمە  يازمىلىرى  بلوگىمغا  قوشۇپ  قويۇلىدۇ ، شۇڭا  تۈركچە بىلىدىغانلارنىڭمۇ  ئۆز تەرجىمە  يازمىلىرىنى باشقىلارنىڭمۇ  پايدىلىنىشى ۋە ئىزدەپ  تېپىشىغا قولاي  بولۇشى ئۈچۈن  بىلوگىمغا  ئەۋەتىپ  بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . 
     
     


    收藏到:Del.icio.us




    تەگلىك :
    نەقىل ئادىرىسى :