-
2010-08-28
Asp نىڭ ئارتۇقچىلىقى - [كومپىيوتىر ماھارەتلىرى]
- Asp نىڭ ئارتۇقچىلىقى :
① Aspھۆججىتىدە ئىشلىتىلىدىغان VBScriptتىلىVBتىلىنى مەنبە قىلغان ، VBئۈگەنگەندەك ئاسانلا ئۈگىنىپ كىتەلەيسىز.
HTML② ھۆججىتىگە بىۋاستە كىرگۈزۈشكە بولىدۇ ، پروگرامما تۈزۈپ ،يىشىپ ئىجراقىلىش ھاجەتسىز.
ADO③ بىرىكمىسىدىن پايدىلىنىپ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغائۇچۇر ساقلاش -ئوقۇش ئاسان،بەزىلەر«تور سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغائۇچۇر ساقلاش -ئوقۇشنى قوللىمايدۇ» دەپ قارايدۇ ،ئەمما Asp دا بۇئىنتايىن ئاسان، CGI دەك ئۆگىنىش قىيىن ئەمەس .
④پروگرامما ئوبيېكتلىرى ActiveX Server بىرىكمىسىنىڭ ئىقتىدارلىرىدىن كىڭەيتىلگەن ،ئۈچىنچى خىل بىرىكمە ياكى ئۆزىڭىز ActiveX Server بىرىكمىسى تۈزەپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ ، نەزىرىيە جەھەتتىن ئېيىتقاندا ؛ ھەرقانداق بىرئىقتىدارنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولىدۇ.
⑤كۆزەتكۈچتە مەسىلە بولمىسا Asp پروگراممىسى مۇلازىمىتىردا ئىجرا بولىدۇ ، نۆۋەتتىكى ئابونىت كۆزەتكۈچىسىدە كۆرسىتىشتە مۇلازىمەتچى مەزكور توربەتنى يىڭىۋاشتىن بىرقېتىم يىشىدۇ ھەمدە ئۆلچەملىك HTML ھۆججىتى ھاسىل قىلىپ ئابونىت كۆزەتكۈچىسىگە يوللاپ بىرىدۇ .
Asp⑥ پروگرامما كودى يۇشۇرۇن، ئابونىتقا HTML ھۆججىتى ھاسىل قىلىپ چىقىرىپ بىرىلىدۇ، ئۆزىڭىزنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى قوغدىيالايسىز.
Asp - 2 نىڭ يىتەرسىزلىكى :
① ئىجرا بولۇش سۈرئىتى ئاستىراق،چۈنكى ئابونىت Asp ھۆججىتىنى ئاچقاندا مۇلازىمەتچى بۇھۆججەتنى باشتىن-ئاخىرى بىرقېتىم ئوقۇپ چىقىپ ھەم ئىجرا قىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا ئۆلچەملىك HTML ھۆججىتى ھاسىل قىلىپ ئابونىتقا يوللاپ بىرىدۇ،بۇئىجرابولۇش سۈرئىتىگە تەسىريەتكۆزىدۇ، بىراق مولازىمەتچىنىڭ قاتتىق دېتال تېخنىكىسى يىڭى ھەم تور سۈرئىتى يوقىرى بولسا سۈرئەتكە بولغان تەسىرى ناھايىتى كىچىك ،ئوخشاش ۋاقىتتا توردا ئادەم سانى ئازبولسا ، بۇخىل تەسىربىلەن ھىسابلاشمىساقمۇ بولىدۇ .
②بەزى تورمەشغۇلات سىستېمىسى Asp نى قوللىمايدۇ ، Asp بىلەن تور پروگراممىسى لايىھىلىگەندە ئەڭ ياخشىسى Windows XPمەشغۇلات سىستېمىسنى تاللاپ ئىشلەتكىنىڭىز تۈزۈك !
نۆۋەتتە Asp نىڭ ئەڭ يوقىرى نەشرى Asp.Net بارلىققا كەلدى ،Asp گە سېلىشتۇرغاندا ئۇنىڭ ئىقتىدارى كۈچلۈك، يىڭى ئىقتىدار قوشۇلغان ،شۇڭا Asp نى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىش كېرەك ،نىمىشقا دېگەندە :
① Aspئۆگىنىش ئاسەن،Asp.Net مۇرەككەپراق ،ئەگەر ھەركەتچان تور بەت تېخنىكىسنى تىز سۈرئەتتە ئىگەللىمەكچى بولسىڭىز ئاۋۋال ئۈگىنىدىغىنىڭىز Asp .
②Asp نىڭ ئىجرا بولۇش مۇھىتى ئاددىي ، Asp.Net نىڭ ئىجرا بولۇش مۇھىتىغا نىسبەتەن تەلىپى يوقىرى .
③ Asp.Net نى بىۋاستە ئۈگەنگىلى بولسىمۇ بىراق Asp نى ئۈگەنسىڭىز Asp.Net نى ئۆگىنىش تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ .
Aspمىكرو سوفىتنىڭ مەھسۇلاتى ،نۆۋەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان Windowsمەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ كۆزەتكۈچىسىIE بىلەن ناھايىتى ياخشى ماسلىشىدۇ ،يەنە كىلىپ كۈچلۈك ماسلىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە ،كەلگۈسى ئىستىقبالى ئىشەنچىلىك شۇنداقلا Asp دە ئىشلىتىدىغان تايانچى تىل VBScript بولسا VBتىلىنى مەنبە قىلغان. VBمۇ ئۆگىنىش ئاسان بولغان تىللارنىڭ بىرى، Asp ئىجرا بولۇش مۇھىتىنى قاچىلاش ، Asp پروگراممىسىنى تۈزۈش ئىنتايىن ئاسان ،شۇنىڭ ئۈچۈن يىڭى ئۈگەنگۈچىلەرگە ئىنتايىن مۇۋاپىق كىلىدۇ،ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەركەتچان توربەت تۈزۈش ماھارىتىنى ئۆزلەشتۇرىۋالغىلى بولىدۇ.
نۆۋەتتە Aspئەڭ راۋاجلانغان ،توردا ھەرخىل ماتېرىياللار ناھايىتى كۆپ ،كۆپچىلىك تېخىمۇ تىز ئۈگىنەلەيدۇ.
ئەمەلىيەتتە بۇ ئۈچ خىل تىلنىڭ مەقسىتى چوڭ جەھەتتىن ئوخشاش ،پەرقى كىچىك،مەلۇم جۈملە ۋە فونكىسيەلەردە پەرق ۋە ئوخشاشلىق بار، بىرخىل پروگرامما تىلىنى ئىگەللەپ پەرقىنى بىلگەندىن كېيىن ، بۇبىرى ئارقىلىق ھەممىسنى بىلىۋالغىلى، بىرچالمىدا ئۈچ پاختەك سوققىلى بولىدۇ .