-
2011-02-24
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشا تىكىستلىرىدىن تاللانما - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
< ئانام بولسىدى > - ناخشا تېكىستى
ھەممە كۈلگەن كۈنلەرنىڭ سەھەر-كەچلىرىدە ئانام بولسىدى.سېغىنىشتىن تۆككەن يېشىمنىڭ ھەر قەترىدە ئانام بولسىدى.ھەرنە قىلسام بىركەم بۇ دۇنيا، ھە ئەسلىدى ئانام بولسىدى.ئاياغىنى كۆزۈمگە سۈرتسەم،مىھرى بىلەن يېلىنجاپ كۆيسەم،ئۆيگە ئەزىز مېھمان كەلتۈرسەم، دەسلىۋىدە ئانام بولسىدى .ناخشا ئېيتسام ئۆزۈمنى بەزلەپ،مۇڭ توقۇلدى ئانامنى ئەسلەپ.داستان يازسام ئانامنى كۈيلەپ، بەتلىرىگە ئانام تولسىدى .خەير ئانا ئاقتۇر سەپىرىڭ، يەردە قالماس ھامان ئۈمىدىڭ .كۆكتە ئۇچقان پەرىشتىلەرنىڭ، سەپلىرىدە ئانام بولسىدى .روھى كۈلگەن ئۇلۇغ ئانىلار، رەتلىرىدە ئانام بولسىدى .!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!< سىز > - ناخشا تېكىستىكەل دىگەندە كەلمىگەنىم سىز،
كۆڭلۈمنى ھېچ بىلمىگەنىم سىز.
بىر قاراشتا ئىقلىمنى ئېلىپ ،
چۈشلىرىمگە كىرمىگەنىم سىز .سىزگە يۈرەك سۆزۈم بارئىدى،
تىلىم ناخىل، دىلىم تار ئىدى .
ھىجرانىڭىز ماڭا يار ئىدى ،
سۆزگە پۇرسەت بەرمىگەنىم سىز.بىر كۆرسۈتۈپ جامالىڭىزنى ،
شىر كۆرسۈتۈپ بىچارىڭىزنى،
ئاياپ ھەتتا سالامىڭىزنى ،
مېنى كۆزگە ئىلمىغانىم سىز .ئىنتىزار مەن جاۋابىڭىزغا ،
بۇ دەردىمگە داۋايىڭىزغا ،
ئاشۇ ئوتلۇق نىگاھىڭىزغا،
مېنى نائىل قىلمىغانىم سىز.!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
< ئۈجمە كۆڭۈلگە > - ناخشا تېكىستى
مېنى سۈيۈپ قالغانغىمۇ ئوخشايسىز،
چىن ساداقەت توغرىسىدا داتلايسىز .
مېنى سۆيگەن، مەن ئىزدىگەن قىز دىسەم،
يەنە باشقا يىگىتلەرنى يادلايسىز .سىزنى كۆرگەن كۈندىن بېرى ئۆزۈم يوق،
مىڭلاپ يىگىت كۆيسۇن مەندەك، سۆزۈم يوق.
تاللىق باغدا ئەمما باسقان ئىزىم يوق ،
ئېيتىڭ نىمە شاختىن-شاخقا ئاتلايسىز .سۆيگۈڭىزنى چېچىۋەتمەڭ ھاۋاغا،
چاچماڭ ھەممە تەڭ يۈرمەيلى تامادا .
مودىڭىزغا چۈشكەن يىگىت ئەمەسمەن،
بىرنى سۆيۈڭ، سىزمۇ ماڭا يەتمەيسىز .!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
مەنبە: ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلوگى