-
2011-02-10
قورچاق خۇجايىن (ئىلمىي فانتازىيلىك ھىكايە) - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
قورچاق خۇجايىن (ئىلمىي فانتازىيلىك ھىكايە) (ئامىرىكا) (مەزكور تەرجىمىنى ياش– ئۈسمۈرلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىغا ئېھتىرام بىلەن بېغىشلايمەن) 2020- يىلى 7 – ئاينىڭ 12- كۈنى تاڭ سەھەردە تېلفونۇم قاتتىق جىرىڭشىپ كەتتى. ئەسلى بوۋاي مېنىڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغان ئىكەن. مەن ناھايىتى تېزلىكتە ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا چاپتىم. ئۇ مېنىڭ بىۋاستە رەھبىرىم ئىدى. بىز ئىشلەيدىغان ئورۇن ناھايىتى مەخپى بىر ئورگان بولۇپ «دۆلەت مەنپەئەتى»گە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى مەخسۇس تەكشۈرۈشكە مەسئول بۇلاتتى. گەرچە خىزمىتىمىز ئىنتايىن خەتەرلىك بولسىمۇ ئەمما كىشىگە ناھايىتى مەنىلىك تۇيۇلىدۇ. بولۇپمۇ بۇ قىتىم كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان بىر قىز بىز بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلاتتى. ئۇنىڭ يالغان ئىسمى مارى، مېنىڭ يالغان ئىسمىم سام ئىدى. ئۈچىمىز ساياھەتچى سىياقىدا ياسىنىپ يولغا چىقتۇق. بوۋاي مەنزىلگە يىتىپ بارغاندىن كىيىن بىر ئالەم كېمىسىنى كۆردىغانلىقىمىزنى ئېيتتى. – ئون يەتتە سائەت 23 مىنوت ئىلگىرى بىر ئالەم كېمىسى يەرگە قۇندى، – دىدى ئۇچقۇر ماشىنىدا كىتۋاتقان بۇۋاي ئانچە ئىنىق تارتىلمىغان بىر پارچە رەسىمنى قولىغا ئىلىپ تۇرۇپ، – بىز جەمئي ئالتە نەپەر مۇنەۋۋەر جاسوسلۇق مەلۇماتى بىلەن تەمىنلەيدىغان خادىملارنى ئەۋەتتۇق. ئەمما ئۇلارنىڭ بىرىمۇ قايتىپ كىلەلمىدى، قولىمىزدىكى بۇ بىر پارچە رەسىمدىن باشقا ھىچقانداق خەۋىرىمۇ بەرمىدى. بۇۋاينىڭ بىزنى باشلاپ شەخسەن يولغا چىقىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس ئىدى.ئەپسوس نەق مەيدانغا يىتىپ بارغاندىن كىيىن ئاتالمىش «ئالەم كېمىسى» دىيىلگەن نەرسىنىڭ ئىككى نەپەر ياش دىھقاننىڭ ياغاچ تاختاي ۋە قوغشۇن قاڭالتىرنى بىرىكتۈرۈپ ياسىغان تەقلىدى نەرسە ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق. ئۇلار ھەتتا بۇ مودىلنى ئىكىسكۇرسىيە قىلماقچى بولغانلاردىن ھەق يىغۋاتاتتى. مارى ئېھتىياتچانلىق بىلەن كىرىش ئېغىزىدىن ئىچىگە قاراپ قويدى، ئەمما ئىچىگە كىرمىدى. كەينىدىنلا بىز ماشىنىغا ئولتۇرپ بۇ يەردىن ئايرىلدۇق ھەم يول بۇيى بايا كۆرگەن ئەھۋاللارنى مۇلاھىزە قىلغاچ ماڭدۇق. نىمە ئۈچۈندۇر ماڭا ئەتراپىمدىكى ھەممە يەرنى خەۋەپ – خەتەر قاپلاپ، ئادەمنىڭ جىسمىنى ئىختىيارسىز شۈركۈندۈرۋىتىدىغانلىقىنى روشەن ھىس قىلدىم. – بايقى نەرسە ھەرگىزمۇ دەسلەپ رەسىم تارتىلغان ھىلقى ئۇچار كېمە ئەمەس، – دىدىم مەن. – مەنمۇ شۇنداق قارايمەن، – دىدى بوۋاي قوشۇلدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، – سىلەرنىڭ يەنە قانداق ئاقىلانە پىكرىڭلار بار؟ – سىز ئۇلارنىڭ ماڭا قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىغا دىققەت قىلدىڭىزمۇ؟ – دىدى مارى قايتۇرۇپ سوراپ، – مەن ئاياللاردىلا بۇلۇشقا تىگىشلىك ناز بىلەن ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتماقچى بولغان بولساممۇ ئۇلاردا ھىچقانداق ئىنكاس بولمىدى. – ئۇلار دىگەن دۇرۇس ئادەملەر، – دىدىم مەن كۈلۈپ تۇرۇپ. – خاتا. ئۇلارنى نورمال دىگىلى بولمايدۇ. مېنىڭ كۈڭلۈمدە سان بار، ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى بۇزۇلۇپ كاردىن چىقىپتۇ! بىز شۇ يەردىكى بىر رادىئو پونكىتىغا يىتىپ كىلىپ ئۇدۇللا پونكىت باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا ئۈسۈپ كىردۇق. بۇ يەرنىڭ پونكت باشلىقى پاكار بوي، مۈرىسى يۇمۇلاق كىشى ئىدى. بۇۋاي ئىككىمىز ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشۋاتقان چاغدا مارى ئاستا ئۇنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ بوۋايغا قاراپ بىشىنى لىڭشىتتى. قائىدە بۇيىچە پونكىت باشلىقى مارىنىڭ باش لىڭشىتقىنىغا دىققەت قىلماسلىقى كېرەك ئىدى. ئەمما ئۇ بۇنى سىزىپ قالدى ھەم بىردىنلا چىرايى مۇردىدەك ئاقىرىپ بۇرۇلغىنىچە مارىغا يۇپۇرلۇپ كەلدى. – سام، ئۇنى جايلىۋىتىڭ، – دىدى بۇۋاي ۋارقىراپ. مەن بۇيرۇقنى ئاڭلاپلا ئۇنىڭ پۇتىغا قارىتىپ بىر پاي ئوق ئۈزدۈم. ئۇ ئېڭىرغىنىچە يىقىلدى. مەن ئۇنىڭغا قاراپ يىقىنلاشتىم… – ئۇنىڭغا تەگمەڭ، – دىدى بۇۋاي تۇيۇقسىز ۋارقىراپ، – مارى، سىزمۇ نېرى تۇرۇڭ! ئارقىدىنلا بۇۋاي ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن بېرىپ ھاسا بىلەن پونكت باشلىقىنىڭ جەسىتىنى تۇرتىپ قويدى. بۇ چاغدا مارى تۇيۇقسىز چىرقىرۋەتتى. ئەسلىدە پونكىت باشلىقىنىڭ دۈمبىسىدىكى كىيىم قىمىرلاۋاتقان ئىكەن. بۇۋاي ماڭا ئېھتىياتچانلىق بىلەن جەسەتنىڭ كىيىمىنى سالدۇرۋىتىش توغرىسىدا بۇيرۇق قىلدى. پونكىت باشلىقىنىڭ دۈمبىسى پاختىدەك يۇمشاق بولۇپ مەن دەرھال ھەركەتكە كىلىپ ئۇنىڭ كىيىمىنى كىسىپ تومپىيىپ تۇرغان بىر نەرسىنى كۆردۈم. دەرۋەقە بۇ «نەرسە» تېخى ھايات بولۇپ، ئۆلگۈچىنىڭ باش – بوينىدىن باشلاپ پۈتۈن مۈرۈسىنى قاپلىغان ئىدى. ئۇنىڭ تۇرقى تۇلىمۇ يىرگىنىشلىك بولۇپ قارامتۇل كۈلرەڭ «باغ قۇلۇلىسى»غا ئوخشايتتى. ئۇ جەسەتنىڭ دۈمبىسىدە ئاستا – ئاستا ئۈمۈلۈپ ئۆزىنى قاچۇرماقچى بولۋاتاتتى. بىز بۇ قۇرتنى بىر قۇتىغا قاچىلىغاندىن كىيىن ماشىنىغا چىقتۇق. بوۋاي ئىشخانىغا قايتىپ كىلىپلا بىر ئالىمغا ھىلقى قۇرۇتنى خىمىيىلىك ئانالىز قىلىشقا بەردى. بۇ چاغدا قۇرت ئاللىقاچان ئۆلگەن بولۇپ ئۆي ئىچىنى جەسەتنىڭ سىسىق پورىقى قاپلاپ كەتكەن ئىدى. – قېنى ئېيتىڭە، بىر ئالەم كېمىسىگە قانچىلىك قۇرت قاچىلىغىلى بولىدۇ؟ – دەپ سورىدى بۇۋاي مىنىڭدىن. – بىرنەرسە دىگىلى بولمايدۇ. بىرنەچچە يۈز تال، بەلكىم نەچچە مىڭ تال بولۇشى مۇمكىن. – مەن بايا بارغان رايوندا نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ دۈمبىسىگە بۇ نەرسىنىڭ چاپلىشۋىلىپ ئۇلارنى كونتىرول قىلۋىلىشىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن، – دىدى بۇۋاي ئويلانغاندىن كىيىن، – بىراق بىز مۈرىسى يۇمۇلاق ئادەمنىڭ ھەممىنى ئۆلتۈرسەك بولمايدۇ. ئۇ ئامالسىزلىقىنى بىلدۈرۈپ مەيۈسلۈك بىلەن كۈلۈپ قويدى. – ئۇنداقتا قانداق قىلىمىز؟ – دىدىم مەن. – ئاقسارايغا ، پىرزىدىنتنىڭ قىشىغا بارايلى. 2 ئورمانغا ئوت كەتكەنلىكىنى بايقىغان ھامان تېز سۈرئەتتە تەدبىر قوللانغاندا ئوتنى ئۈچۈرۋالغىلى بولىدۇ. بوۋاي پىرزىدىنتقا ھەربىي قىسىمغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ يوقۇردا ئېيتىلغان رايوننى قامال قىلىپ، ئادەملەرنى بىر-بىرلەپ چاقىرىپ ئۇلارنىڭ بەدىنىگە ئالەمدىن كەلگەن مىھماننىڭ يىپىشۋالغان – يىپىشۋالمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش ھەم بۇ قىتىم يەرگە قونغان ئالەم كېمىسىنى پاچاقلاپ تاشلاش توغرىسىدا نەسىھەت قىلماقچى بولۋاتاتتى. بوۋاي ماڭا ئەينى چاغدىكى ئەھۋاللارنىڭ ھەممىنى پىرزىدىنتقا ئەينەن دوكلات قىلىشىمنى ئېيتتى. ئەپسوسلىنارلىقى پىرزىدىنت بۇنداق بۇيرۇقنى يىنىكلىك بىلەن چۈشۈرەلمەيتتى. چۈنكى ئۇ بۇ ھەركىتى ئۈچۈن ئاممىغا چۈشەنچە بەرمىسە بولمايتتى. – ناۋادا مەن ئۇ يەرگە ئەسكەر ئەۋەتسەم چوقۇم بىر ئەمىلىي پاكىتىم بولۇشى كېرەك، – دىدى پىرزىدىنت، – ئەمما قاراڭلار… – ئۇ سۆزلەۋاتقاندا ئۈستەلدىكى تېلۋىزۇر ئىكرانىدا ۋەقە يۈز بەرگەن رايوندىكى سىمسىز رادىئو پونكىت باشلىقىنىڭ ئىشخانىسى كۆرۈندى، پونكىت باشلىقى ھىچ ئىش بولمىغاندەك ئىكراندا پەيدا بولدى! – كۆردۈڭلارمۇ؟ دۆلىتىمىز ۋەيران بولمايدۇ، بىزگە ھىچ ئىش بولمايدۇ، – دىدى پىرزىدىنت. ئەمما مەن ئىكراندا كۆرۈنگەن پونكىت باشلىقى بىلەن باشقا خىزمەتچى خادىملارنىڭ مۈرىسىنىڭ يۇمۇلاق ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىپ ئۆلگۈردۈم! پىرزىدىنتنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن بوۋاي مېنىڭ بىلەن ياردەمچىگە كامىرا ئېلىپ ۋەقە يۈز بەرگەن رايونغا قايتا بېرىشنى ئېيتتى. مارى بارماقچى بولىۋىيدى بۇۋاي ئۇنىڭ باشقا مۇھىم ۋەزىپىسى بارلىقىنى ئېيتتى. – مەن سىزنىڭ پىرزىدىنتنى قوغدىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمەن، – دىدى بۇۋاي، – بىز ھەرگىز تاشقى پىلانت مىھمانلىرىنىڭ پىرزىدىنتقا يىپىشۋىلىشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك. – ئەگەر مەن تاشقى پىلانت مىھمانلىرىنىڭ پىرزىدىنتقا يىپىشۋالغانلىقىنى بايقىسامچۇ؟ – ئۇنداقتا ئۇنى ئېتىپ تاشلاڭ! ئاندىن مۇئاۋىن پىرزىدىنت داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەيدۇ، – دىدى بۇۋاي سۇغۇقلا قىلىپ، – ئەلۋەتتە سىزمۇ بۇ ئىش تۈپەيلى ئۈلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشىڭىز مۇمكىن. بىز يەنە بىر قىتىم سىمسىز رادىئو پونكىتىغا يىتىپ كەلدۇق. مەن ماشىنىنى پونكىت دەرۋازىسى ئالدىغا ھەيدەپ كىلىپ جىددىي توختاتقاندىن كىيىن پونكىت باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا ئوقتەك يۈگۈردۈم. پونكىت باشلىقىنىڭ ئايال كاتىپى بىزنى تۇسماقچى بولغانتى ئۇنىڭ يۇمۇلاق مۈرىسىنى كۆرۈپلا بىر مۇشت قۇيۇپ ئۇنى ئايلاندۇرۋەتتىم. ئارقىدىنلا ئۇنىڭ كۆڭلىكىنى سالدۇرۇپ ياردەمچىمگە دەرھال سۈرەتكە تارتىشنى ئېيتتىم. ئەپسوس تىلكامىرا دەل مۇشۇ چاغدا بۇزۇلۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا ئۆي ئىچىدىكى باشقا كىشىلەر بىزگە قارىتىپ ئوق چىقىرىشقا باشلىدى. مەن پونكىت باشلىقى، يەنى ئىككىنچى پونكىت باشلىقىنىڭمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بايقاپ بىر پاي ئوق بىلەنلا ئۇنى ئىتىپ يىقىتتىم. ئاندىن ئايال كاتىپنى كۆتۈرۈپ بوشلۇق ماشىنىسىغا يۈگۈردۈم. بىراق «قۇرت» ئۇنىڭ ئۈستىدىن چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. ئامالسىز ياردەمچىمنى ئىلىپ بۇ نەس باسقان يەردىن تېزلىكتە ئايرىلدۇق. ئىشخانىغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن بۇۋاي پىرزىدىنتنىڭ بۇ ئىشقا ناھايىتى خاپا بولغانلىقىنى ئېيتتى. چۈنكى بىز ئەينى چاغدىكى ئەھۋاللارنى سۈرەتكە ئالالمىغان ئىدۇق. بۇ چاغدا مارى ياردەمچىنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ بوۋايغا قاراپ بىشىنى سىلكىدى. مەن قۇرالىمنى چىقىرىپ ياردەمچىنىڭ كاللىسىغا قارىتىپ بىر پاي ئوق ئۈزدۈم. بىراق بۇۋاي ئىشەنچ قىلالماي دەرھال تاپانچىسىنى چىقىرىپ مېنىڭ تامغا يۈلۈنۈپ تۇرۇشۇمنى ئېيتتى ھەم ماڭا كۆڭلىكىمنى سىلىپ تاشلاشنى بۇيرۇق قىلدى. شۇنداق قىلىپ مىنىڭ گۇناھسىزلىقىم ئىسپاتلاندى. مارى توغرا پەرەز قىلغان ئىدى. بىز ياردەمچىنىڭ كىيىمى ئىچىدىن بىر دانە تىرىك پارازىت مىھماننى تۇتۋالدۇق. ئەسلى مەن ئايال كاتىپنى تۇتۇپ تۇرغان چاغدا ئۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ياردەمچىمگە يىپىشۋالغان ئىكەن. پۈتۈن جىسمىم سوغۇق تەرگە چۈمۈپ تىنىم قاتتىق شۈركىنىپ كەتتى. چۈنكى بۇ «قۇرت» يول بۇيى ماڭا ھەمراھ بولغان ئىدى. ھازىر پىرزىدىت بىلەن ئالاقىلەشكىلى بولمايتتى. شۇڭا بوۋاي ئالىملارغا قۇرتنى ئىلىپ بېرىپ تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە، ئەمما چوقۇم ئۆلتۈرۈپ قويماسلىق، قاچۇرۇپ قويماسلىق ھەم تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئېھتىيات قىلىشى لازىملىقى قاتارلىق ئۈچ شەرتنى جىكىلىدى. شۇ كۈنى كەچلىكى ھىچقايسىمىز ئۆيگە قايتمىدۇق. كۆزۈم ئەمدىلا يۇمۇلىشىغا تۇيۇقسىز سىگىنال چىقىراپ كەتتى. بۇۋاي ھەممىمىزنى زالغا يىغىلىشقا بۇيرۇق قىلدى. – بىر تاشقى پارازىت مىھمان ئارىمىزغا يۇشۇرنۇپ بۇ يەردە تىمسىقلاپ يۈرمەكتە! – دىدى بۇۋاي تاپانچىسىنى كۆتۈرگىنىچە كۆپچىلىككە قاراپ، – ئارىمىزدا بىر ئادەم قارىماققا ئادەم سىياق بولسىمۇ ئەمىليەتتە بىر قورچاق! بىزنىڭ ئۆلچىمىمىز بۇيىچە ئېيتقاندا ئەڭ خەتەرلىك دۈشمەن، قورچاق! كىشىلەر ھاڭ – تاڭ بولۇپ بولۇشقىنىچە بىر بىرىگە قارىشىپ تۇرۇپ قالدى، نەچچىسى قاچماقچىمۇ بولدى. بىردىنلا سەپ بۇزۇلۇپ قالايمىقانلىشىپ كەتتى. بىر كىشىنىڭ ماڭا يىقىنلاشماقچى بولۋاتقانلىقىنى بايقاپ دەرھال ئۆزەمنى قاچۇردۇم. گەرچە بىز ئۇزۇن يىللىق دوست بولساقمۇ شۇنداق قىلماقتىن باشقا چارە يوق ئىدى. بۇۋاي بىرىنچى بولۇپ قۇرالنى ماڭا تەڭلىدى: – قۇرالنى يەرگە قويۇپ كىيىمىڭنى سال! مەن ئۇنىڭ دىگىنىدەك قىلدىم. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى مېنىڭ بەدىنىمدە تاشقى پارازىتنىڭ يوقلىقىنى كۆرۈشتى. شۇنىڭ بىلەن بۇۋاي مېنىڭ قۇرالىمنى ئېلىشىمغا رۇخسەت قىلىپ قالغان كىشىلەرنى كۆزۈتۈشكە باشلىدى ھەم دەرۋازىنى تۇساپ تۇرۋالدى. 20 مىنۇتتىن كىيىن زال ئىچى كۆڭلىكىنى سىلۋەتكەن كىشىلەر بىلەن تۇلۇپ كەتتى. ئاخىرىدا پەقەت بۇۋاي بىلەن يەنە بىر ئايال قالدى. بۇۋاي ئۇ ئايالغا كىيىمىنى سىلىشقا بۇيرۇق قىلغان چاغدا مەن ئۇنىڭغا يىقىنلىشىپ ئېيتتىم: – سىزمۇ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشىڭىز كېرەك! بۇۋاي ھەيران قالدى، ئەمما يەنىلا دىگىنمىزدەك قىلدى. ئۇ كىيىمىنى سىلۋاتقان چاغدا ھىلقى ئايال بۇۋايغا قاراپ يۈگرۈپ كەلدى. بۇۋاي ۋە تاشقى ئالەم پارازىت قۇرتىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئوق چىقارسام بولمايتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئايال يۈگرەپ چىقىپ كەتتى. مەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىر ئېغىز ئۆيگە كىرىشىمگە تۇيۇقسىز قۇلاق تۈۋىمگە قاتتىق بىر مۇشت تەگدى. مەن كىيىنكى بىرنەچچە سىكونتتا نىمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنىق دەپ بىرەلمەيمەن. كۆز ئالدىم قاراڭغۇلۇشۇپ ئاندىن سەزگۈمنىڭ ئەسلىگە كىلۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم ھەم ئورۇنلاشقا تىگىشلىك بىر چوڭ ئىشنىڭ مېنى ساقلاپ تۇرۋاتقانلىقىنى تۇنۇپ يەتتىم. كىيىملىرىمنى تېزلىك بىلەن كىيىپ ئىشخانىدىن ئىتىلىپ چىقىپ ئادەملەر توپىغا قوشۇلۇپ كەتتىم. تۆمۈر يولدا كىتۋاتقان تېز پويىزغا سەكرەپ چىقىپ يېرىم يولدا كۆپ مىقتاردىكى پولنى بۇلىدىم. ئاندىن ئۇدۇل بىر شەھەرگە قاراپ يولغا چىقتىم. 3 مەن ئەتراپىمدىكى ھەممە نەرسىنىڭ غۇۋا ئىكەنلىكىنى ھىس قىلماقتىمەن ھەم تۈن سەيلىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىدەك لەيلەپ ئالدىمغا كىتۋاتىمەن. شۇنىسى سەزگۈم ئىنتايىن نورمال بولۇپ كىملىكىمنى، نەدە تۇرۋاتقانلىقىمنى، ھەتتا ۋەزىپەمنىمۇ ئىنىق بىلەتتىم. مەن خۇجايىن تەرىپىدىن مىنىلگەنلىكىمدىن ئىچ – ئىچىمدىن خۇشاللىق كەيپىياتىغا چۈمۈلگەنتىم. ئەمدى خىزمىتىمنى باشلىشىم كېرەك. مەن بىر بىناغا يىتىپ كەلدىم ھەم ئۇ يەردىن بىر ئىشخانا ئىجارىگە ئالدىم. ئاندىن ئالەم كىمىسى چۈشكەن ئورۇنغا تىلگىرامما يوللاپ ئۇلارنى يەنە ئىككى ساندۇق «نەرسە» ئەۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىم. ساندۇق ناھايىتى تېزلا يەتكۈزۈلدى. مەن بىنانىڭ دىرىكتورىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا ساندۇقنى كۆرسەتتىم. ئۇ بوينىنى سوزۇپ كۆرۈشكە تەمشەلگەندە مەن ئۇنىڭ بوينىدىن قىسىپ تۇرۇپ بىر تال قۇرۇتنى دۈمبىسىگە چاپلاپ قويدۇم. ئۇ خۇجايىن تەرىپىدىن تامامەن كونتىرول قىلىنغاندىن كىيىن ماڭا: – بىز مۇھىم ئىشلار توغرۇلۇق سۆزلىشەيلى، ۋاقتنى ئىسراپ قىلمايلى، – دىدى. ئىككىمىز كىيىملىرىمىزنى سىلىپ دۈمبىمىزنى يىقىشىپ ئولتۇردۇق. كەينىمىزدىكى خۇجايىنلىرىمىز ئۆز – ئارا سۈركۈلۈشۈپ قىلچە تەپتارتماي پىكىرلىشىكە باشلىدى. پىكىرلىشىش جەريانىدا مەن بىنا دىرىكتورىنىڭ ناھايىتى نۇرغۇن چوڭ كارخانىچىلارنى تۇنۇيدىغانلىقىنى بىلدىم. بىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇق. چۈشكە يىقىن بىز بىر ساندۇق خۇجايىننى كۆتۈرۈپ بىنا دىرىكتورى بىلەن كارخانىچىلار دائىم يىغىلدىغان يەرگە كەلگەندىن كىيىن دەسلەپتە ئىشىككە قارىغۇچى بىلەن ئۇ يەرنىڭ دىرىكتورىنى بىرتەرەپ قىلدۇق، ئاندىن ھەر بىر كارخانىچىنىڭ دۈمبىسىگە خۇجايىننى ئورۇنلاشتۇردۇق. چۈشتىن كىيىن سائەت تۆتتە بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئادەمگە ئايلاندى. ئىشىككە قارىغۇچى ھەر بىر ئادەمنى كىرگۈزگەن چاغدا مەن ئۇنىڭغا بىر خۇجايىننى چاپلاپ تۇردۇم. قاش قارايغان چاغدا ئۇچار كىمە قونغان يەرگە تېلفون قىلىپ ساندۇق كۆپەيتىشكە توغرا كەلدى. كېچە بولغاندا بىز شانلىق بىر نەتىجىنى قولغا كەلتۈردۇق: مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بىزنىڭ ئادىمىمىز بولۇپ قالدى. بۇ ئىشتىن گۈلقەقەلىرىمىز ئېچىلىپ كەتتى. بۇ كىشى پىرزىدىنتنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىگە مەسئول ئىدى. مەن بىر نەچچە كۈندىن بۇيان توختىماي خۇجايىن ئۈچۈن جاپا – مۇشاقەتلەردىن قورۇقماي كېچە – كۈندۈز بېرىلىپ ئىشلەپ ئارام ئالمىدىم. ئۇزاق ئۆتمەيلا بارلىق شەھەر «بىخەتەر» بولدى. ئەلۋەتتە بۇ ھەرگىز ھەممىلا كىشىدە خۇجايىن بار دىگەنلىك ئەمەس. چۈنكى خۇجايىننىڭ سانى چەكلىك بولغاچقا ۋاقتىنچە پەقەت بىر قىسىم مۇھىم ئادەملەرلا كونترول قىلىندى. مەسلەن ساقچى، باستېر، كارخانىچى ھەم گىزىت – تىلگىراف سېستىمىسى قاتارلىقلار. شۇڭا كۆپۈنچە كىشىلەر ئىلگىركىدەكلا تېچ تۇرمۇش كەچۈرۋاتاتتى. ئۇلار ئەتراپىدا يۈز بېرۋاتقان كىشى ھەيران قالارلىق ئىشلاردىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز. ئۇزاق ئۆتمەي يەنە ئۈچ دانە ئۇچار كېمە مەلۇم ئورۇنغا قوندى. مەن ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىشقا ئەۋەتىلدىم. كوچىغا چىقىپ بىر بوشلۇق تاكسى ماشىنىسى چاقىردىم. بۇ چاغدا بىر قېرى مۆتىۋەرمۇ ماشىنىغا چىقىپ بىللە ئولتۇرۇشنى ئۆتۈندى. ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلدۇم. ئەمما ماشىنا بوشلۇققا كۆتۈرلۈپ تۇرىشىغا ھىلقى قېرى بىر قۇرالنى چىقىرىپ مەيدەمگە تىرىدى ھەم يەنە بىر قۇلى بىلەن ناركوز قىلىش ئوكۇلىنى بەدىنمگە سانجىدى. ھوشۇمغا كەلگەن چاغدا بۇۋاي يېنىمدا ئۆرە تۇراتتى. – بالام، ياخشى بولۇپ قالدىڭمۇ؟ بىرەر نەرسىنى ئەسلىيەلەمسەن؟ – خېلى ياخشى. ئۇلار مېنى تۇتۋالدى، – مەن تۇيۇقسىز بىرخىل دەھشەتلىك ۋەھىمىنى ھىس قىلدىم، – مەن ئۇلارغا بىزنىڭ خىزمەت قىلىش ئورنىمىزنى ئېيتىپ بەردىم. – ئەنسىرىمە، بۇ يەر ئىلگىركى ئورۇن ئەمەس، – دىدى ئۇ تەسەللى بېرىپ، – قېنى داۋاملاشتۇر. – ئۇلار بىزنى قورشىۋالدى. نۇرغۇن شەھەرلەرنى كونترول قىلۋالدى. ئارقىدىنلا مەن يەنە كۇلۇبنىڭ ئەھۋالىنى دوكلات قىلدىم. – سەن ناھايىتى مۇنەۋۋەر ئالاھىدە خادىم. قارىغاندا ئۇلار سېنى ناھايىتى ئەتىۋارلايدىكەن، – دىدى بۇۋاي، – ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىسمى ئېسىڭدە بارمۇ؟ مەن بىر – بىرلەپ ئېيتىپ بەردىم. مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى باشلىقىنىڭ نامىنى ئاتىغىنىمدا بۇۋاي بىردىنلا سىرىتقا ئۆزىنى ئاتتى. چۈنكى بۇ چاغدا ئۇ پىرزىدىنتنى «مۇھاپىزەت» قىلۋاتقان ئىدى. 4 بۇۋاي تاكى پىرزىدىنت مۇتلەق بىخەتەر بولغاندىن كىيىنلا ئاندىن قايتىپ كەلدى. ئۇ مېنى باشلاپ بېرىپ خۇجايىنىمنى كۆرسەتتى. ئەسلى ئۇ ھايات بولۇپ ھازىر تەتقىقات ئېھتىياجى تۈپەيلى بىر مايمۇنغا چاپلىشىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىمنى ئويلاپلا مېنى ناھايىتى قورقۇنۇچ باستى. ئەمما بۇۋاي مىنىڭ ئەسلىمگە كىلىشىم ئۈچۈن يىتەرلىك ۋاقت بەردى. مەن خۇجايىننى كۆردۈم. ئىلگىرى ئۇ گەجگەمگە مىنىپ تۇرۇپ مېنىڭ ئاغزىم بىلەن سۆزلەپ مىڭەم بىلەن تەپەككۈر قىلغان خۇجايىننى كۆردۈم! – سىز بۇ نەرسىنىڭ مۈرىڭىزگە مىنۋالغان چاغدىكى ھالەتنى مەڭگۈ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز، – دىدىم مەن پىچىرلاپ، – سىزنىڭ بۇ خىل تەمنى مەڭگۈ تىتىماسلىقىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. – دىگىنىڭىزدەك بولغاي، – دىدى بۇۋاي، – ئەمما مەن ھازىر بىر ئادەم تىپىپ ئۇنى مىنگۈزۈپ بىقىشنى ئويلاۋاتىمەن. چۈنكى بىز شۇ ئادەمنىڭ ئېغىزى بىلەن خۇجايىننىڭ ئەھۋالىنى بىلىشكە ئېھتىياجلىق. ئۇلارنىڭ نەدىن كىلىپ نەدە توختىغانلىقى، ئاجىزلىقى… – ماڭا قارىماڭ، – دىدىم مەن ھۇدۇقۇپ. – بىراق سەنلا ھەممىدىن مۇۋاپىق نامزات، – دىدى بۇۋاي، – ناۋادا بۇ نەرسە تىنى ئاجىزراق بىرەرسىگە مىنۋالسا بىئەجەل ئۈلۈپ كىتىشى مۇمكىن. ئەمما سەن تەمبەل ئادەم، شۇنىڭ ئۆزى يىتەرلىك. – سىز ھايات – ماماتلىق ئىلىشىشنىڭ پەقەت بىرلا قىتىم ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭىز كېرەك. مەن ھاياتىمغا ئەمدى تەۋەككۈل قىلالمايمەن. – مەن ساڭا يەنە بىر ئويلىنىش پۇرسىتى بېرىمەن. مۇبادا سەن قىلمىساڭ ئۇنداقتا باشقا بىر كىشى سېنىڭ ئورنىڭدا ئازاپ تارتىدۇ. – مەن ھەرگىز قىلمايمەن، – دىدىم گەپنى چۇرۇتلا كىسىپ تاشلاپ. – بولىدۇ ئەمىسە، – دىدى ئۇ ۋە تېلفوننى قولىغا ئىلىپ ئېيتتى، – بىر نۇمۇر كىچىك ئورۇندۇق ئېلىپ كىرىڭ. ئالىملار بىر خىل ئالاھىدە ياسالغان ئورۇندۇقنى يۈتكەپ كىرىشتى. ئورۇندۇقنىڭ تۇتقۇچ ۋە پۇتلىرىغا ئارغامچا باغلانغان بولۇپ يۈلەنچۈگى ھەردىۋىتىلگەن ئىدى. مارى ئۇدۇللا ئورۇندۇققا كىلىپ جايلاشتى. ئىككى دانە ماتور ھەركەتكە كىلىپ ئارغامچىنى تارتىپ چىڭىتتى. مەن پۈتۈن بەدىنىم توڭلاپ قىتىپ قالغاندەك قىمىرلىيالماي قالغانلىقىمنى ھىس قىلدىم. تۇيۇقسىز بۇۋاينى ئىتىرۋىتىپ مارىنى قۇتقۇزماقچى بولدۇم. ئەمما بۇۋاي تاپانچىسىنى چىقاردى. مەن تاپانچىغا لەپپىدە بىر نەزەر تاشلىغاندىن كىيىن بىشىمنى تۆۋەن قىلىپ مارىغا قارىدىم. ئۇنىڭ پۇت – قوللىرى ئاللىقاچان باغلانغان بولۇپ پەقەت بىر جۈپ يوغان چىرايلىق كۆزلىرى ماڭا تىكىلىپ تۇراتتى. – تۇرۇڭ، مارى، سىزنىڭ ئورنىڭىزدا مەن ئولتۇراي. ئۇلار دەماللا چوڭ بىر ئورۇندۇقنى ئالماشتۇردى. مەن ھەتتا بىرەر بارمىقىمنىمۇ مىدىرلىتالمىغۇدەك دەرىجىدە چەمبەرچەس باغلاپ تاشلاندىم. دۈمبەم ئىختىيارىسز شۈركۈنۈپ تىكەنلىشىپ كەتتى، ئەمما تېخى بىرەر نەرسە يىپىشمىدى. بۇۋاي قولىنى مۇرەمگە قۇيۇپ پەس ئاۋازدا: – بالام، بىز ساڭا رەھمەت ئېيتىمىز، – دىدى. مەن ھىچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدىم. ئۇلار كەينىمدە تۇرۇپ تاشقى پىلانتتىن كەلگەن مىھماننى ئىگىز كۆتۈردى. ئۆي ئىچىدە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلىدى. نەم بىر نەرسە گەجگەمگە قويۇلدى… مەن ئىلگىركىگە ئوخشىماي قالدىم. ھازىر ئۆزەمنى ناھايىتى قابىليەتلىك ھىس قىلاتتىم. گەرچە خەتەر ئىچىدە تۇرۋاتساممۇ ئەمما ھىچنىمىدىن قورقمايتتىم. مەن كۆڭلۈمدە «نىمە دىگەن دۆت، يارىماس، مەن ھامان قىچىپ كىتىمەن» دىگەنلەرنى ئويلىدىم. – سەن گىپىمنى ئاڭلىدىڭمۇ؟ – دىدى بۇۋاي تەرىنى تۈرۈپ، – ئەھۋالىڭنى سۆزلەپ باق. – بۇ بىر ئەخمەقلەرچە مەسىلە. مېنىڭ ئىگىزلىكىم… – بۇ ھەقىقى سەن ئەمەس! كۆڭلۈڭدە مېنىڭ كىمگە گەپ قىلۋاتقانلىقىمنى ئىنىق بىلىسەن، مەن ساڭا گەپ قىلۋاتىمەن! – دىدى بۇۋاي، – بىز سىنىڭ ئىچكى سىرىڭنى بىلىمىز، مەن ھازىرغىچە سېنى تەتقىق قىلىپ كىلۋاتىمەن. بىرىنچى، بىز سېنى ئۆلتۈرەلەيمىز. ئىككىنچى، سىنى يارلاندۇرالايمىز. سەن توك ئېقىمىدىن قورقىسەن. يوقۇرى تىمپىراتورىغىمۇ چىدىمايسەن. ئۈچۈنچى، ھايات جانلىقنىڭ تىنىدىن ئايرىلساڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايسەن. مەن سېنى بىر تال چىۋىننى ئۆلتۈرگەندەكلا ئۆلتۈرەلەيمەن. مەن باغلاقتىن بۇشۇنۇشقا تىركەشتىم، ئەمما قىلچىلىك ئۈنۈمى بولمىدى. شۇنداق بولسىمۇ بۇنىڭدىن قىلچىلىك ھۇدۇقۇپ قالمىدىم. چۈنكى ئۇچامدا خۇجايىن بار، شۇڭا ئاۋارىچىلىق ۋە قىيىن ئىشلار ھامان ھەل بولىدۇ. لېكىن جىسمدىكى مەلۇم بىر چوڭقۇر يېرىدە يەنىلا بىر خىل كۈچلۈك خورلۇقنى ھىس قىلماقتا ئىدىم. بۇ خىل ھاقارەتنى پەقەت خۇجايىننىڭ قۇلى بولغانلارلا ھىس قىلالايتتى. – ھەي، سەن زادى مېنىڭ سۇئالىمغا جاۋاپ بېرىشنى خالامسەن – يوق؟ ئەجەبا جازا قوللۇنىشقا مەجبورلىماقچىمۇ سەن؟ – دىدى بۇۋاي ھاسىسىنى ماڭا سانجىپ تۇرۇپ. ئۇنىڭ قۇرالى يىقىنلا يەردە بولۇپ قۇل سوزسىلا يىتەتتى. ناۋادا مەن بىر قۇلۇمنى بۇشىتۋالغان بولسام… بۇۋاينىڭ پولاتتىن ياسالغان ھاسىسى مۈرەمگە ئۇرۇلدى، مەن تىل بىلەن ئىپادىلەش قىيىن بىر خىل ئاچچىق ئاغرىقنى ھىس قىلدىم. ئۆي تۇيۇقسىز قاراڭغۇلۇققا چۈمۈپ شۇئان خۇجايىننىڭ كونتىروللىقىدىن قۇتۇلدۇم. ئەمما ئاغرىش سىزىمى ئۆتۈپ بولۇشىغا ئۆزەمنىڭ ئۆزلىكىنى تىپىۋالغانلىقىمنى تېخى ھىس قىلىشقا ئۈلگۈرمەيلا خۇجايىن يەنە قايتىدىن مېنى كونترول قىلۋالدى. – تەمى قانداقكەن؟ – دەپ سورىدى بۇۋاي، – ئەمدى مەسلىگە جاۋاپ بەر. – بىز ئادەم. – قانداق ئادەم؟ – دەپ سورىدى بۇۋاي تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ. – بىردىنبىر ھەقىقى ئادەم. بىز سىلەرنى تەتقىق قىلىپ ياشاش قانونىيىتىڭلارنى بىلىۋالدۇق. بىز سىلەرگە تېنچلىق ۋە بەخت ئىلىپ كىلىمىز. بىراق سىلەر چوقۇم ئۆزەڭلارنى بىزگە تەقدىم قىلىشىڭلار كېرەك. – سىلەر ئىنسانلارغا تېنىچلىق ۋە بەخت ئىلىپ كىلىمىز دەپ ۋەدە بېرىسىلەر – يۇ، يەنە ئۆزەڭنى تەقدىم قىل دەيسەنغۇ؟ – دىدى بۇۋاي قاھقاھلاپ كۈلۈپ. – ئىنسانلار ھىمىشە تېنىچلىق ۋە بەخت توغرىسىدىكى ۋەدىلەرنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر تىيىنگە ئەرزىمەيدۇ. – سىلەر نەدىن كەلدىڭلار؟ – دەپ سورىدى بۇۋاي داۋاملىق. – يىراق جايدىن. – سىلەر تۇرۋاتقان پىلانت زادى قايسى؟ – دەپ سورىدى بۇۋاي قىلچىلىكمۇ بوش قويۋەتمەي. – بارلىق پىلانتلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ، مەن يۇرتۇمنىڭ نامىنى ئېيتىپ بېرەلمەيمەن. – ئېيت! زادى قايسى پىلانت؟ – بۇۋاي بىر تەرەپتىن سۆزلەپ بىر تەرەپتىن دۈمبەمگە يەنە بىر ھاسا قويدى. مەن جاندىن ئۆتكۈدەك قاتتىق ئاغرىقنى ھىس قىلدىم. دەۋەتسەم دۈمبەم ئاغرىمايدۇ دەپ ئويلىدىم. بىراق خۇجايىن مېنى ئاۋالقىدەكلا كونترول قىلىپ ئېغىز ئاچقىلى قويمايۋاتاتتى. بۇۋاي دۈمبەمگە قارىتىپ يەنە بىر ھاسا ئۇرىدى. ھۇشۇمنى يوقۇتۇپ ئايلىنىپ كەتتىم. 5 مەن ئويغانغاندىن كىيىن ھىچكىم بىلەن كۆرۈشكۈم كەلمىدى. مېنىڭ روھىم ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان ئىدى. مارى بىلەن بۇۋاي كىلىپ مېنى يوقلىدى. ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن مەن ئايلىنىپ كىتىشتىن ئىلگىرى «باغ قۇلۇلىسى»نىڭ ھەقىقى يۇرتى بولغان ساتورىننىڭ ئالتىنچى ھەمراھى تىتاننىڭ نامىنى ئېيتقانلىقىمنى بىلدىم. بۇ ماڭا ئاز بولسىمۇ تەسەللىي بولدى. دوختۇر ھەركەت قىلىشىمغا يول قويغان ھامان دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ بۇۋاينى ئىزلەپ باردىم ھەم ئۇنىڭدىن قىلىشقا تىگىشلىك قانداق ئىش بارلىقىنى سورىدىم. نەتىجىدە ئۇ مېنى باشلاپ بېرىپ پارلامىنت يىغىنىغا قاتناشتۇق. يول بۇيى ئاز دىگەندە ئۈچ ساقچىنىڭ مۈرىسىنىڭ يۇمۇلاق ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. – قانداق قىلماقچى بولۋاتىسىز؟ – دەپ سورىدىم مەن. – سېنىڭچە قانداق قىلساق بۇلار؟ – دەپ قايتۇرۇپ سورىدى بۇۋاي مەندىن. – ئالدى بىلەن ھىچقانداق كىشى كىيىم كىيمەسلىكى كېرەك، ھاۋا ھەرقانچە سوغۇق بولسىمۇ كىيىشكە بولمايدۇ. تاكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى يوقىتىلغىچە شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك. – ياخشى تەكلىپ، بىراق بۇ بۇيرۇقنى چوقۇم پىرزىدىنت ئۆزى چۈشۈرىشى كېرەك، – دىدى بۇۋاي. – پىرزىدنت ھەقىقى ئەھۋالنى بىلىپ بولغاندۇ؟ مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يىتەرلىك مىسال بولالايدىغۇ؟ – دىدىم مەن ھەيران بولغان ھالدا. – سەن يالغۇز پىرزىدىنتلا ھەممە ئىشنى قىلالايدۇ دەپ ئويلامسەن؟ – ئۇ مېنىڭ كۆزلىرىمنى يوغان ئېچىپ داڭ قىتىپ تۇرۇپ قالغانلىقىمنى كۆرۈپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى، – مۇنداقچە ئېيتقاندا پىرزىدىنتمۇ پارلامىنتقا قۇرچاق، خالاس. – گىپىڭىزچە بۇنىڭغا پارلامىنت قارىشى تۇرىدىكەندە؟ ئۇنداققا قانداق قىلىمىز؟ – پىرزىدىنتنى پۈتۈن مەملىكەتنى ئۆزىگە تولۇق ھوقوق بېرىشكە چاقىرىق قىلدۇرۇش كېرەك. پىرزىدىنتمۇ يىغىنغا كەلگەن بولۇپ مارى ئۇنىڭ كەينىدە ئەگىشىپ كىلۋاتاتتى. ئۇ كۆپچىلىككە تېزلىك بىلەن نۆۋەتتە يۈز بېرۋاتقان ئەھۋاللارنىڭ ھەممىنى سۆزلەپ بەردى ھەم ئەڭ ئاخىرىدا تۆۋەندىكىلەرنى ئېيتتى: – ھازىر ئېغىر خەۋەپ يىقىنلىشۋاتقان ئالاھىدە ۋاقت، مەن چوقۇم تېخىمۇ چوڭ ھوقوق ئارقىلىق بۇ قىتىمقى كۈرەشكە قۇماندانلىق قىلىشىم كېرەك. ھەرقايسىڭلار ۋاقتىنچە بىر قىسىم ھوقوقتىن ئايرىلىشىڭلار زۆرۈر. مەن ھوقۇق تەمە قىلمايمەن، بىراق ھازىر مۇشۇنداق قىلماي باشقا چارە يوق. ھەر بىر كىشىنىڭ يۇشۇرۇن دۈشمەننىڭ قورچاق خادىمى بولۇپ قىلىش ئېھتىماللىقى يوق ئەمەس. بىز چوقۇم بۇ تۇپراقتىكى ھەربىر كىشىنى، ئەر ياكى ئايال بولسۇن ۋە ياكى كىچىك بالا بولسۇن ھەممىنى تەكشۈرۈپ چىقىشىمىز كېرەك. ھازىر مەن سىلەرنىڭ ماڭا بۇ ھوقوقنى بېرىشىڭلارنى ئۈتۈنۈپ سورايمەن. كۆپچىلىك ئويلىنىشقا باشلىدى، پارلامىنت ئەزالىرى ساراسىمىگە چۈشتى. شۇنىسى ئۇلار پىرزىدىنتنىڭ تەلىپىگە قۇشۇلمىدى! كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بەس – بەستە پىكىر بايان قىلىپ پىرزىدنتقا قارىشى چىقتى، ھەتتا پىرزىدىنتنىڭ پارلامىنتتىكى دوستىمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنى ياقىلىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى! مەن بۇۋايغا قارىدىم. بۇۋاي مارىغا تىكىلدى. مارىنىڭ چىرايىنى ئىچىنىشلىق ۋەھىمە قاپلىغان ئىدى. بۇۋاي بىر ئىشنى چۈشەندى ھەم شۇئان پىرزىدىنتقا بىر باغاقچە يازدى. پىرزىدىنت باغاقچىنى كۆرگەندىن كىيىن پارلامىنت باشلىقىغا پىچىرلىدى. شۇنىڭ بىلەن ھىلقى پارلامىنت ئەزاسى مۇنبەرگە سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. بۇ پارلامىنت ئەزاسى تەئەججۈپلەنگەن ھالدا ئاستا مىڭىپ مۇنبەر ئالدىغا كەلدى. مارى بۇرۇلۇپ ئۇنى توسىدى ھەم بۇۋايغا قولىنى پۇلاڭلاتتى. بۇۋاينى ئىختىيارسىز تىترەك بىسىپ يوقۇرى ئاۋازدا «ئۇنى تۇتۇڭلار!» دەپ ۋارقىرىدى. مەن ئورۇندۇقتىن سەكرەپ تۇردۇم-دە، ئالدىمغا ئۇچقاندەك يۈگرەپ بېرىپ ئۇنىڭ چاپىنىنى يىرتىپ تاشلىدىم. ئۇنىڭ كۆڭلىكى ئاستىدا بىر «باغ قۇلۇلىسى» قىمىرلاپ تۇراتتى. مەن ئۇنىڭ كۆڭلىكىنى يىرتىپ ھەممە ئادەمگە كۆرسەتتىم. ھەممە ئىش بىر نەچچە سىكونت ئىچىدىلا يۈز بەردى. مەن ئۇنىڭغا بىر مۇشت ئاتتىم. مۇشتنىڭ زەربىسىدە ئۇ قىمىر قىلالماي قالدى. شۇئان پارلامىت قالايمىقانلىشىپ كەتتى. بۇۋاي شۇئان پىرزىدىنتنىڭ قوغدىغۇچىلىرىغا بۇيرۇق قىلدى. – تەغدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بۇيىچە بىز دۈشمەننىڭ ئەسلى قىياپىتىنى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولدۇق، – دىدى پىرزىدىنت يىغىن مەيدانى سەل تېنچلانغاندىن كىيىن سۆزلەپ، – مەن زال ئىچىدىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ يوقۇرىغا چىقىپ ساتورىننىڭ ئالتىنچى ھەمراھى تىتان يۇلتۇزىدىن كەلگەن دۈشمەننى كۆرۈپ بىقىشىنى تەلەپ قىلىمەن، – دىدى ئۇ، ئاندىن ئالدىدىكى ئادەمنى كۆرسۈتۈپ، – بۇياققا چىق، – دىدى. پارلامىنت ئەزالىرى بىر – بىرلەپ ئالدىغا چىقتى. مارى ئۇلارنىڭ كەينىدە كۆزۈتۈپ تۇردى ھەم تۇيۇقسىز بۇۋايغا قول ئىشارىسى قىلدى. مەن بۇيرۇقنى كۈتمەيلا ئېتىلدىم. ئۇ ئەبلەخ ياش ھەم قاۋۇل بولۇپ ئىككى نەپەر مۇھاپىزەتچىنىڭ ياردىمىدە يەرگە باستىم. ئادەم سانىمىز ناھايىتى ئاز بولۇپ، بۇۋاي، مارى، مەن ۋە مۇھاپىزەتچىلەر بولۇپ ئاران ئون بىر ئادەم ئىدۇق. بىراق پارلامىنت ئەزالىرىنىڭ ياردىمىدە بىز جەمئى 13 دانە «باغ قۇلۇلىسى»نى تۇتتۇق. بۇلارنىڭ ئىچىدە 10 سى ھايات بولۇپ، بىزدىن پەقەت بىر ئادەم ئېغىر يارلاندى. پىرزىدىنت تولۇق ھوقوققا ئېرىشتى، بۇۋاي ئۇنىڭ بىرىنچى ياردەمچىسى بولدى. بىز ئاخىرى ھەركەت قىلالايدىغان بولدۇق. «تاشقى پىلانت مىھمىنىغا قارىشى ئۇرۇش»نىڭ بىرىنچى قەدىمى «يالىڭاچ دۈمبە لاھىيىسى» بولدى. بۇنىڭدا ھەممە كىشى چوقۇم گەجگىسىنى ئىچىپ يۈرىشى تەلەپ قىلىناتتى. ھىچكىمنىڭ كىيىم كىيىشىگە رۇخسەت يوق ئىدى. بۇ بىر قانونغا ئايلىنىپ تاكى بارلىق تىتان يۇلتۇزدىن كەلگەن دۈشمەنلەرنىڭ ھەممىسى تەكشۈرلۈپ يۇقۇتۇلغىچە داۋاملىشاتتى. بىز پىرزىدىنتنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە قىلغان سۆزىنى تېلۋىزىيە فىلىمى قىلىپ ئىشلەپ چىقتۇق ھەم ھايۋاننىڭ دۈمبىسىگە يىپىشۋالغان تاشقى پىلانت مىھمىنىنى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە نامايەن قىلدۇق. پىرزىدىنت باشلامچىلىق بىلەن قىسقا ئىشتان كىيىم خەلق ئاممىسىنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى. 6 ئىشىكنى تاقاڭلار! قاراڭغۇ يەرگە قەتئى يىقىن يوللىماڭلار! ئەتراپتىكى كىشىلەرگە دىققەت قىلايلى! كىيىم كىيگەن كىشى دۈشمەننىڭ ئۆزى شۇ، ئۇنى ئېتىپ تاشلاڭلار! گىزىت، رادىئو ئىستانسىسى ھەم تېلۋىزىيىدە «يالىڭاچ دۈمبە» توغرىسىدىكى بۇيرۇق پۈتۈن مەملىكەتكە يەتكۈزۈلدى. ئايرۇپىلان ھەممىلا يەردە يەر يۈزىدىكى ئالەم كېمىسىنى ئىزلىدى. يەر يۈزى قىسىملىرى ۋە ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرى قۇراللىنىپ ھەر ۋاقت تاجاۋۇزچى دۈشمەننى يوقۇتۇشقا تەييار تۇردى. ئەمما قىسمەن رايونلاردا «يالىڭاچ دۈمبە لاھىيىسى» ئىنتايىن زور تۇسقۇنلۇققا ئۇچرىدى. ئۇ يەرلەردە «باغ قۇلۇلىسى» گىزىت، رادىئو ۋە تېلۋىزىيە ئىستانسىلىرىنى كونتىرول قىلۋالغان بولۇپ كىشىلەر ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايتتى. بىر قىسىم شىتاتلاردىن كەلگەن خەۋەرلەردە دىيىلىشىچە ئۇلارنىڭ پىرزىدىنت بۇيرۇقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ ئىجرا قىلۋاتقانلىقى ئېيتىلغان ئىدى. بىز ھەتتا شىتات باشلىقىنىڭ كۆڭلىكىنى سىلۋەتكەن كۆرۈنىشلەرنى كۆردۇق. بىز ئۇلارنى بۇرۇلۇپ كەينىنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغاندا قارىشى تەرەپ بىردىنلا كۆرۈنۈشنى ئالماشتۇرۇپ بىزگە يالىڭاچ دۈمبىسىنى كۆرسەتتى. يەنە بىر قىسىم شىتاتلاردا بەدىنىنى بۇراشنى تەلەپ قىلغاندا ئۇ جايلاردىكى تېلۋىزىيە تېلفونىدا تۇيۇقسىز «كىچىك كاشىلىلار» كۆرۈلۈپ تۇردى. ئىنىقكى، بۇ جايلارنىڭ ھەممىسىدە مەسىلە بار ئىدى. خىزمەتچى خادىملار تولۇق بىر كىچە ئالدىراشچىلىقتا ئۆتتى. ئۇلار پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەممە يېرىگە تېلفون قىلىپ تېلۋىزورلۇق تېلفونىدا «كىچىك كاشىلا» كۆرۈلگەن نۇرغۇن ئورۇنلارنى تەكشۈرۈپ تاپتى. تاڭ سەھەر سائەت تۆتتە ئۇلار مېنى چاقىرىپ ئويغاتقاندىن كىيىن تۈرلۈك رەڭدار بەلگىلەر سىلىنغان بىر پارچە خەرىتىنى كۆرسەتتى. – پۈتكۈل مەملىكەتتىكى ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى خەرىتىگە بەلگە قىلىندى. قىزىل رەڭدىكىلىرى دۈشمەن، كەڭ كەتكەن سېرىق جاي ئۆتكۈنچى رايون، – دەپ چۈشەندۈردى ئۇلار ماڭا. بىز نۇرغۇن جايلارنىڭ قىزىل رەڭدە بۇيالغانلىقىنى كۆردۇق. پىرزىدىنت خەرىتىنى تەپسىلى كۆرۈپ چىققاندىن كىيىن سورىدى: – بارلىق «باغ قۇلۇلىسى»نىڭ ھەممىنى ھىلقى ئۇچار كېمە ئىلىپ كەلگەنمۇ؟ – ياق، – دىدىم مەن چۈچىگىنىمدىن ئۇشتۇمتۇت چىرقىراپ، – كىيىن ئاز دىگەندە يەنە ئۈچ ئالەم كېمىسى كەلدى، – مەن بۇلارنى ئەمدى ئويلاپ يىتۋاتاتتىم، ئەينى چاغدا تېخى ئۆزەم بېرىپ ئۇلارنى قۇبۇل قىلماقچى ئەمەسمىدىم! ئەمدى پۇشايمان قىلغان بىلەن ئورنىغا كەلمەيتتى. بىرىنچى ئالەم كېمىسى ئەمدىلا قۇنىشىغا بىز بىر تال بومبا بىلەن ئۇلارنى تامامەن يوقۇتۇپ تاشلىيالايتتۇق. ئەپسوس، ئەينى چاغدا ئىشنىڭ باش ئايىغىدىن تېخى خەۋەرسىز ئىدۇق. «يالىڭاچ دۈمبە لاھىيىسى» بىر ياخشى تەدبىر بولسىمۇ كىچىككەن بولغاچقا غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش ناھايىتى مۈشكۈل بۇلۋاتاتتى. بىز پۈتكۈل شەرقى دېڭىز قىرغىقىنى تامامەن تازىلاپ بولدۇق، بۇ رايون پۈتۈنلەي قىزىلدىن يىشىلغا ئۆزگەردى. شۇنىسى دۆلەتنىڭ كىندىك رايونى تېخى بىر پارچە قىزىللىقتا بولۇپ، ھەممىلا يەردە قىزىل نۇر چاقناپ تۇراتتى. بىز پات – پات چوڭ دائىردىكى سېرىق چىراقلارنىڭ قىزىلغا ئايلىنۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇردۇق. ئەمما قىزىلدىن سېرىققا ئۆزگىرىدىغان ۋاقت كەمدىن – كەم ئۇچرايتتى. تەھلىل قىلىش ئارقىلىق بۈگۈن كېچە تۈن يېرىمىدا «ھۇجۇم لاھىيىسى»نى يولغا قۇيۇش قارار قىلىندى. بىز قىزىل رايوندىكى ھەربىر سىمسىز رادىئو پونكىتى، تېلۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە گىزىتخانىغا ھۇجۇم قوزغىماقچى بولدۇق. «ھۇجۇم لاھىيىسى»نىڭ تۇلۇق مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن بۇۋاي مېنى بوشلۇق ماشنىسىغا ئولتۇرۇپ قىزىل رايونلارنى رازۋىتكا قىلىشقا بۇيرۇق قىلدى. مەن يىتىپ بارغان شەھەرلەرنىڭ ئەھۋالىنى ھەرگىزمۇ ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايتتى. مەسلەن بۈگۈن ھاۋا ناھايىتى ئىسسىق بولسىمۇ ئادەملەر توپى ئىچىدە كىيىملىرىنى چۆمكەپ كىيۋالغان كىشىلەر مەيدىسىنى ئېچىپ دۈمبىسىنى يالىڭاچ قويغان ئادەملەردىن نەچچە ھەسسە كۆپ ئىدى. مەن ماشىنىنى ھەيدەپ خېلى يىراققىچە مىڭىپمۇ پەقەت بەش ئايال ۋە ئىككى ئەرنىڭلا دۈمبىسىنى ئېچىپ قويغانلىقىنى كۆردۈم. قائىدە بۇيىچە ئېيتقاندا مەن ئاز دىگەندىمۇ بەش يۈز يالىڭاچ دۈمبىنى كۆرۈشۈم كېرەك ئىدى. قارىغاندا «باغ قۇلۇلىسى» شەھەر ئىچىدىكى مۇھىم كىشىلەرنى كونترول قىلىپلا قالماي يەنە پۈتكۈل شەھەرنى ئىشغال قىلغاندەك قىلاتتى. ئەمما بۇ شەھەردە بىر مىليون ئاھالە بار بولۇپ بىرنەچچە ئالەم كېمىسىگە بۇنچە كۆپ «باغ قۇلۇلىسى»نى قاچىلاش مۇمكىن بولمايتتى. بۇ زادى قانداق ئىش؟ قارىغاندا «ھۇجۇم لاھىيىسى»نى يولغا قۇيۇشتا پۇختا تەييارلىق كۆرمەي بولمايتتى. مەن ئاخىر بايقىلىپ قالدىم ھەم خېلى زور كۈچ سەرىپ قىلىپ ئاندىن بۇ يەردىكى ساقچىنى تاشلىۋىتىپ تېزلىك بىلەن قىزىل رايوندىن ئايرىلدىم. يەنە 30 مىنۇتلا ۋاقت قالغان ئىدى! شۇڭا قايتىپ بېرىپ «ھۇجۇم لاھىيىسى»نى تۇسۇپ قالىشقا ئۈلگۈرەلەيتتىم. ئەپسوس مەن باشتىن – ئاخىر بۇۋاينىڭ تېلفونىنى ئالالمىدىم. پىرزىدىنت بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن ۋاقتنى قولدىن بېرىپ قويدۇم. شۇنداق قىلىپ ئاق سارايغا دوكلات يەتكۈزگەن ۋاقتىمدا سائەت بىردىن ئون ئۈچ مىنوت ئۆتكەن بولۇپ «ھۇجۇم لاھىيىسى» بىر سائەت ئون ئۈچ مىنوت ئىلگىرىلا يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان ئىدى. «ھۇجۇم لاھىيىسى» ئېچىنىشلىق مەغلوپ بولدى. ئايرۇپىلان ھەربىي قىسىمنى يۈدۈپ توققۇز مىڭ ئالتە يۈزدىن ئارتۇق سىمسىز رادىئو پونكىتى، تېلۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە گىزىتخانىغا پاراشوت بىلەن ئەسكەر تاشلىدى ھەم ئىشغال قىلغاندىن كىيىن «يالىڭاچ دۈمبە لاھىيىسى»نى ئېلان قىلماقچى بولدى. كېچە سائەت نۆلدىن يىگىرمە بەش مىنوت ئۆتكەندە غەلبە خەۋىرى يىتىپ كىلىپ ئەسكەرلەرنىڭ زەپەر قۇچقانلىقى ئېيتىلدى. بىراق بۇ ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئاۋازى بولۇپ قالغان ئىدى. ئارقىغا ئۇلۇنۇپلا ئۇلارنىڭ ئاۋاز – ئۈنى ئۈچۈپ ئون بىر مىڭ دانە ئايرۇپىلان ۋە 160 مىڭ ئەسكەر پۈتۈنلەي تۈگەشتى. بىز ئاخىرقى ھىساپتا بۇ خىل ئەھۋالنى پەيدا قىلغان سەۋەپنى بايقىدۇق: ئالىملار ئۈشنىسىگە «باغ قۇلۇلىسى» مىنۋالغان مايمۇن بىلەن ساق مايمۇننى بىرگە سۇلاپ قويغاندىن كىيىن بىر كىچىدىلا ھەممە مايمۇننىڭ دۈمبىسىدە «باغ قۇلۇلىسى» پەيدا بولۇپ كەتكەن ئىدى. دىمەك، ئۇلار ناھايىتى تېزلىكتە كۆپۈيەلەيتتى، ھەر بىر «باغ قۇلۇلىسى» خالىغانچە بىردىن ئىككىگە بۆلۈنەلەيتتى. مەن بىر مايمۇننىڭ دۈمبىسىدىكى «باغ قۇلۇلىسى» تىنىنىڭ قاپ ئوتتۇرسىدا ئىنچىكە بىر سىزىقنىڭ قىمىلداۋاتقانلىقىنى، ئاندىن ئىككىگە بۆلۈنىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك بولغان ئارلىقتا ئىككىنچى «باغ قۇلۇلىسى» پەيدا بولدى. يېڭى «باغ قۇلۇلىسى» ساق مايمۇنغا قاراپ ئاستا – ئاستا سىلجىشقا باشلىدى ھەم ئۇنىڭ بەدىنىگە يىپىشىپ چىقتى! ھەقىقى ئەھۋال ئاشكارلاندى. بىر مىليون ئاھالىگە ئىگە شەھەرگە ئىگە بولۋىلىش بىر مىليون تۇشۇغۇچقا ئېرىشكەنلىك بىلەن باراۋەر بۇلاتتى. «باغ قۇلۇلىسى» پايانسىز دېڭىزدىكى بىلىقتەك خالىغانچە سەكرەپ، قۇشتەك ئەركىن پەرۋاز قىلىپ يۈرمەكتە ئىدى. بۇ ئىش مېنى ئىنتايىن ئۈمۈدسىزلەندۈردى. ناۋادا بىرىنچى ئالەم كېمىسى مىڭ تال «باغ قۇلۇلىسى» ئىلىپ كەلگەن ھەم ھەر يىگىرمە تۆت سائەت ۋاقت ئىچىدە بىر ئەۋلاد كۆپۈيىدۇ دەپ قىياس قىلساق ئۇنداقتا: بىرىنچى كۈنى مىڭ تال، ئىككىنچى كۈنى ئىككى مىڭ تال، ئۈچۈنچى كۈنى تۆت مىڭ، بىر ھەپتىدىن كىيىن 128 مىڭ تال، ئىككى ھەپتىدىن كىيىن 16 مىليوندىن ئارتۇق «باغ قۇلۇلىسى» پەيدا بولىدۇ دىگەن گەپ! بەلكىم ئۇلارنىڭ كۆپۈيۈش سۈرئىتى تېخىمۇ تېز بولۇشى ۋە ياكى بىر ئالەم كېمىسىگە ئون مىڭ تال «باغ قۇلۇلىسى» قاچىلىغىلى بولۇشى مۇمكىن. ناۋادا ئون مىڭ تال «باغ قۇلۇلىسى»نى ھەر بىر سوتكىدا بىر قىتىم كۆپۈيىدۇ دەپ قىياس قىلساق ئۇنداقتا ئىككى ھەپتىدىن كىيىن ئۇلارنىڭ سانى ئىككى تىرىليون بەش مىلياردتىن ئىشىپ كىتىدۇ. بۇ سان ناھايىتى چوڭ بولۇپ ئەقىلگە سىغمايدۇ. چۈنكى دۇنيادا بۇنچە كۆپ ئادەممۇ يوق. 7 بىز مەسلىنى ھەل قىلىش ئۇسولىنى تاپالمىدۇق. بۇۋاي ماڭا بىر مەزگىل ئارام ئېلىش ۋاقتى بەردى ھەم بۇ ۋاقتتىن پايدىلىنىپ مارى ئىككىمىزنىڭ توي قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى. بىز خىلۋەت يېزىدىكى داچىغا كىلىپ شېرىن ئاينى ئۆتكۈزدۇق. بۇ يەر ئادەتتىن تاشقىرى جىمجىت بولۇپ، پەقەت مۇشۇكلا بىزگە ھەمراھ بولاتتى. بىر كۈنى گۇگۇم پەردىسى يېيىلغان چاغدا مارى خۇشال ھالدا ئەمدىلا سىرىتتىن يۈگرەپ قايتىپ كىرگەن مۈشۈكنى چاقىرۋاتاتتى. بىراق مەن ئۆيگە كىرگەن چاغدا ئۇنىڭ قۇچىقىدا مۈشۈكنىڭ يوقلىقىنى كۆرۈپ تۇيۇقسىز بىر كىلىشمەسلىكنى بايقىدىم، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مارىنىڭ ھەركىتىنىڭمۇ ئاستىلاپ كەتكەنلىكىنى، ئۇچىسىدىكى كەچلىك مۇراسىم كىيىمىنىڭ ئاستىدا بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلدىم. مەن قانداق قىلسام توغرا بولىدىغانلىقىنى زادىلا بىلەلمەي بىرلا چامداپ ئۇنىڭ يىنىغا بېرىپ قولىنى تۇتتۇم. ئەمما ئۇ ماڭا بىر پەشۋا ئاتتى. مەن ئۆزەمنى تېزلىكتە قاچۇردۇم. مەن قۇرۇق قول بېرىپ «باغ قۇلۇلىسى»نى تۇتالمايتتىم شۇنداقلا مارىنى ئۆلتۈرسەم بولمايتتى. ئەمما «باغ قۇلۇلىسى» مېنى ئۆلتۈرمەكچى، مارىنىڭ قولى بىلەن مېنى يوقاتماقچى بولۋاتاتتى! مەن مارىغا قول سالدىم، ئەمما ئۇ قىلچىلىكمۇ چىكىنمىدى. بىز يەرگە يىقىلدۇق، مارى مېنى بېسۋالدى. ئۇنىڭ ىشلىۋىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بىشىم بىلەن كۆكرىكىگە بىر كاللا قويدۇم. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر چارە بار ئىدى: يوقۇرى تىمپىراتورا «باغ قۇلۇلىسى»نى مارىنىڭ گەۋدىسىدىن ئاجرىتۋىتەلەيتتى. مەن تېخى بۇ ئىشنى باشلىماي تۇرۇپلا مارى قۇلاق تۇۋۇمگە زەرپ بىلەن بىر مۇشت قويدى. مەن ئوڭ قۇلۇمنى بۇشۇتۇپ مارىنى ئۇچاقنىڭ يېنىغا تارتتىم. ئۇ قۇلۇمدىن چىقىپ كىتىشكە قىل قالدى. ئەمما مەن بەئەينى ئورمانلىق تاغدىكى غەزەپلەنگەن شىردەك ئۇنىڭ مۈرىسىنى جان – جەھلىم بىلەن ئوتقا باستىم. مارى يىغلايتتى، چىقىرايتتى، چاچلىرى، مۇراسىم كىيىمى كۈيۈشكە باشلىدى. «باغ قۇلۇلىسى»نى ئاخىرى قاقلاپ چۈشۈرۋەتتىم. مۈشۈك ئۇنى پۇراۋاتاتتى. مەن مۇشۇكنىمۇ ئۇ يەردىن ئىلىپ كەتمەكچى بولۇپ تۇرغانتىم، بىراق «باغ قۇلۇلىسى» چاققان كىلىپ مۈشۈككە چاپلىشۋالدى. مەن مۈشۈكنىڭ ئارقا پۇتىنى تۇتۇپ يەنە بىر قىتىم ئۇچاققا قارىتىپ تاشلىدىم ھەم كۈيۈپ كۈل بولۇپ كەتكۈچە ئۇچاقنىڭ يېنىدىن كەتمىدىم. مەن بۇرۇلۇپ مارىغا قارىدىم. ئۇ يەنىلا بىھۇش ھالدا بولۇپ يىنىدا ئولتۇرۇپ ئۈن سىلىپ يىغلاپ تاشلىدىم. مەن مارى ئۈچۈن پۈتۈن تىرىشچانلىقىمنى كۆرسەتتىم. ئۇنىڭ چاچلىرى كۈيۈپ كەتكەن، بىشى ۋە مۈرىسىمۇ كۈيۈپ يارىلانغان بولۇپ ياخشى يېرى ئۇ ھايات ئىدى، شۇنداقلا بارا – بارا ياخشىلىنىپ كىتۋاتاتتى. قايتار يولدا بىز «باغ قۇلۇلىسى»نىڭ يېزىدا پەيدا بولۇش سەۋەبىنى مۇلاھىزە قىلىپ ماڭدۇق. قارىغاندا ئۇلار مەقسەتلىك كەلگەندەك قىلاتتى. «باغ قۇلۇلىسى» ئۆزئارا ئالاقە قىلالىغان ئىكەن ئۇنداقتا بىر تال «باغ قۇلۇلىسى» بىلگەن ئىشنى بارلىق «باغ قۇلۇلىسى» بىلىپ كىتەتتى. نەچچىمىزگە ئۇخشاش ئۇلارنى بەش قولدەك چۈشۈنىدىغانلار ئاللىقاچان ئۇلارنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرىپ قالغانلىقىمىزغا گەپ كەتمەيتتى. بىز شەھەرگە قايتىپ بارغاندىن كىيىنلا ئاندىن ۋەزىيەتنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزگۈرۈپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلدۇق. «يالىڭاچ دۈمبە لاھىيىسى» ئالىقاچان تەرەقى قىلىپ «يالىڭاچ بەدەن لاھىيىسى»گە ئۆزگەرگەن بولۇپ، ئەمدى «باغ قۇلۇلىسى» ئادەمنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدا پارازىتلىق بىلەن ياشاش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى. ئۇچىسىغا پەقەت ئاياق ۋە سۇ ئۈزۈش قىسقا ئىشتىنى كىيگەن ئىككى ساقچى بىزنى تەپسىلىي تەكشۈردى. مەن ماشىنا دىرىزىسىدىن سىرىتقا قاراپ كوچىدىكى نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ پەقەت سۇ ئۈزۈش ئىشتىنى كىيگەنلىكىنى، بەزىلەرنىڭ ھەتتا قىپيالىڭاچ ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. ئاياللارمۇ ناھايىتى ئاز كىيىنگەن ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر كىشى ئېسىمدىن چىقمايدۇ: ئۇ قىپيالىڭاچ ھالدا پىلىموت كۆتۈرۋالغان بولۇپ كوچىدىكى ھەربىر كىشىنى سوغۇق نەزىرى بىلەن تىنتاتتى. ئىنىقكى ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ئۇرۇش قىلۋاتاتتى. تېخىمۇ شۇم خەۋەر شۇكى، «باغ قۇلۇلىسى» تەپ تارتماي كېچىدە ئىتنىڭ دۈمبىسىگە مىنىپ يىشىل رايونغا ھۇجۇم قىلاتتى. بەزى شەھەرلەر ئىشغال قىلىنىپ تەلىيى ئوڭدىن كىلىپ قىچىپ چىققانلار ئىلىشىپ قالايلا دىگەن ئىدى، ھەرقانداق مىدىرلىغانلا ھايۋاننى كۆرسە ئوق چىقىراتتى. ئەمدىلىكتە ھەممىلا ئادەم قۇرال كۆتۈرۋالغان بولۇپ ، ھايات – ماماتلىق جەڭ جىمجىت داۋاملاش