-
2011-03-01
بېيجىڭدا ئەلىشىر نەۋائىي تەنتەنىسى - [يەتتە ئىقلىمدا]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار !
بۇ خەۋەر ماقالىنى بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرستىېتىڭ پىروفېسورى ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانى ئەپەندىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئەلكۈيى مۇنبىرىگە يوللۇدۇم. بۇ ماقالىنى مۇنبەرگە يوللاش مەقسىتىمىز بولسا، ئەلشىر نەۋائىينىڭ كىملىك -سالاھىيتى ھەققىدە خەلق راينى سىناش پائالىيتى ئېلىپ بارماقچىمىز . بۇ يىل 10-ئايدا بېيجىڭدا بىر خەلىقئارالىق مۇھاكىمە يېغىنى ئېچىلماقچى . (يېغىندا ئەلشىر نەۋائىينىڭ كىملىك-سالاھىيتى ھەققىدە< ئۇيغۇر دېمىسەك >دىگەن گەپلەر بولۇپتۇ، بۇ ماقالە يېزىش،ۋە بۇيەرگە يوللاش مەقسىتىمىز بولسا ئەشۇ يېغىندا تەسىر كۆرسىتىش، يەنى بوۋىمىز ئەلشىر نەۋائىينى ئۆزبەك قىرىنداشلارغا ئۆتۈنۈپ بىرىۋەتمەسلىك ئۈچۈندۇر.)
تورداشلارنىڭ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز«بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇر شائىرى ئەلىشىر نەۋائىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىنى غۇرۇر بىلەن خاتىرىلەيمىز» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تېز خاتىرىسىئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي-يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى، پايتەخت بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدە، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى باشچىلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان «بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇر شائىرى ئەلىشىر نەۋائىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىنى غۇرۇر بىلەن خاتىرىلەيمىز» ماۋزۇلۇق بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى داغدۇغىلىق ۋە تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىنغا مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا، بېيجىڭدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىدارە ئورگانلاردا ئىشلەۋاتقان كادىرلار، ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئانا يۇرتىمىزدىن بېيجىڭغا خىزمەت بىلەن كەلگەن يۇرتداشلىرىمىز ۋەكىللىرىدىن بولۇپ ، جەمئىي 200 گە يېقىن كىشى ئىشتىراك قىلدى.
بۇ نۆۋەت بېيجىڭدا ئېچىلغان بۇ ئەلىشىر نەۋائىي تەنتەنىسى يىغىنىنىڭ مەكتەپلەر تەتىل قىلغان بىر چاغ بولۇشىغا قارىماي، بۇ قەدەر داغدۇغىلىك قىلىپ ئۆتكۈزۈلۈشى مۇنداق بىر ئارقا كۆرۈنۈشنىڭ ھەيدەكچىلىكى بىلەن بولغانىدى.
بۇلتۇر، يەنى 2010-يىل 9-ئايدا، جۇڭگو ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۈە مۇقام ئىلمىي جەمئىيىتى ئۈرۈمچىدە ھەيئەتلەر يىغىنى چاقىرىپ، بۇ يىل، يەنى 2011-يىل 10- ئايدا، بېيجىڭدە، ئەلىشىر نەۋائىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىنى خاتىرىلەش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاچىدىغانلىقىنى ۈە شۇ مۇناسىبەت بىلەن، ئوتتۇز توملۇق ئەلىشىر نەۋائىي ئەسەرلىرى نەشىر قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېلان قىلىدى. ھاياجان ئىچىدە، بېيجىڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ قۇتلۇق خوشخەۋەرنى مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزدۇق. ھەممەيلەن بىزگە ئوخشاشلا شادلىنىپ، قاينام تاشقىنلىققا چۈمدى. شۇ ئارىلىقتا، مەن «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرى تەتقىقاتى» دەرسىنى سۆزلەۋاتقان ئۇيغۇر تىل ئەدەبىيات فاكۇلتېتى 2007-يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى:
-مۇئەللىم، بىز بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان ئاشۇ خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا جۆر بولۇپ، سىنىپ بويىچە بىر خاتىرىلەش پائالىيىتى قىلساق قانداق؟،- دەپ مەسلىھەت سورىدى.
- ياخشى گەپ، بىزمۇ ئۇ مۆھتەرەم بوۋىمىزنىڭ 570 ياشقا كىرگەنلىكىنى خاتىرىلەيلى، ئەمىسە،
- قاچان خاتىرىلىسەك بولۇر؟
- نەۋائىي بوۋىمىز بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان ئاشۇ 2-ئاينىڭ 9-كۈنى خاتىرىلىسەك، قانداق؟
- بولىدۇ. ئەمىسە، پۈتۈشتۇق.
بولۇنغان گەپ شۇ. ئوتتەك قىزغىن پىكىرلىك ۋە چەپدەس ئىنكاسلىق ياش ئەۋلادلىرىمىز ئۇيغۇر فاكۇلتېتى رەھبەرلىكىگە دەرھال دوكلات يازدى. توغرا ئىشنى، ياخشى پائالىيەتنى پائال قوللاشنى ئۆزلىرىگە بۇرچ بىلىدىغان فاكۇلتېت رەھبەرلىكى: «ياخشى ئويلاپسىلەر، بۇ پائالىيەتنى بىر سىنىپ نامىدىن ئەمەس، پۈتۈن فاكۇلتېت نامىدىن قىلايلى. ياخشى تەييارلىق قىلىڭلار» دەپ يوليورۇق بەردى ۋە ئۆزلىرى باش بولۇپ، مەكتەپ مەمۇرىيىتىگە دوكلات يېزىپ، ئىزىن-ئىجازەت ۋە پائالىيەت مەيدانى ئېلىپ بەردى.
ئىككى يۈز كىشىلىك كۆلەمدىكى بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش دېگەننى ئاسان دېسە ئاسان، تەس دېسە، تولىمۇ بەسى مۈشكۈل بىر ئىش. ئۇنىڭ ئۈستىگە 2-ئاينىڭ 9-كۈنى دېگەن قىشلىق تەتىلنىڭ دەل كىندىكى. قىزغىنلىقتا، «ھە، شۇنداق قىلايلى!» دەپ بەك ۋارقىراپ قويۇپ، ۋاقتى كەلگەندە، تەتىل قىلىپ ئانا يۇرتقا قايتىۋاتقانلارنى كۆرۈپ، ئاتا-ئانا، ئۇرۇغ تۇغقانلارنى سېغىنىش ئوتىنىڭ كۆيدۈرۈشىگە بەرداشلىق بېرەلمەي: «دادامدىن تېلېفون كېلىپ قالدى. ئانامنىڭ مىجەزى يوق بولۇپ قاپتۇ» دەپ ئۆيگە تىكىۋېتىپ، قاتنىشىدىغان ئادەم ئاز، پائالىيىتىمىز چۆپچۆل بولۇپ قالارمۇ؟
ئۇنداق بولمىدى. دەل ئەكسىچە، «ئەلىشىر نەۋائىي بوۋىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزىمىز» دەپ، ھەتتا 2010-يىل 9-ئايدا ئوقۇشقا كىرگەن ۋە يېڭى، ماكان، يېڭى مۇھىت تۈپەيلى ئانا يۇرت ۈە ئاتا-ئانىسىنى ئەڭ سېغىنىپ كېتىدىغان 2010-يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن قىز-يىگىتلەر تەتىلدە ئۆيلىرىگە قايتمىدى. بەزىلىرى 9-فېۋرال ئەلىشىر نەۋائىي تۇغۇلغان كۈنى تەنتەنىسىنى قىلىۋېتىپ، ئاندىن قايتىدىغان بولۇشتى. يەنە بىر مۇنچەيلەن، تەتىل قىلىپ دەسلەپ ئۆيگە كېتىپ، 9-فېۋرال كۈنىگە ئۈلگۈرۈپ قايتىپ كەلدى. باق، قېرىندىشىم ۋە پەخىرلەنكى، مانا بۇ بىزنىڭ بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىمىز!
ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولغانىكەن، ئۇنىڭدا ئەلىشىر بوۋىمىزنىڭ ھاياتى ۋە ئەمگەكلىرىگە تالىق مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنغان ۋە ئالىي بىلىم يۇرتىدىكى ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ يارىتىشىغا ۈە ئۇلارنىڭ قايىللىقىغا مۇيەسسەر بولغىدەك ئىلمىي ماقالىلەر ئوقۇلۇشى كېرەك. بىز بۇنىڭغا ئەستايىدىل تەييارلىق قىلدۇق: ئوقۇتقۇچىلارمۇ، ئوقۇغۇچىلارمۇ بەس-بەستە ماقالە ماۋزۇلىرىنى بېكىتىشتى، ئەستايىدىل ئىزدىنىپ تەتقىقات ماقالىلىرى يېزىشتى.
ئاندىن، بىز بۇ پائالىيەتنى ئانا يۇرتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ جەمئىيەتكە ئىشىكى داغدام ئېچىۋېتىلگەن ئومۇمخەلق پائالىيىتى قىلماقچى بولدۇق. چۈنكى، ئەلىشىر ئىبنى غىياسىددىن نەۋائىي ھەممە ئۇيغۇرنىڭ بوۋىسى. شۇنداقىكەن، ھەممە ئۇيغۇر بۇ يىلنىڭ بوۋىمىز ئەلىشىر نەۋائىي 570 ياشقا كىرگەن قۇتلۇق يىل ئىكەنلىكىنى بىلسۇن دېدۇق. شۇ مۇددىئادا، بىر تەكلىپنامە ئىشلىدۇقكى، شۇ خىلدىكى تەكلىپ-دەۋەتنامىلارغا ئۆرنەك بولغىدەك. بىز بۇ تەكلىپنامىنى جۇڭگو ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام جەمئىيىتى رىياسىتىدىكى ئەمەلدارلاردىن تارتىپ، ھەر قايسى چوڭ گېزىت-ژۇرناللار تەھرىر بۆلۈمىدىكى ئىلىمدارلارغىچە تارقاتتۇق: «ئىمكانىڭلار بولسا، كېلىڭلار، ئۇيغۇر نەۋائىينىڭ بەش يۈز يەتمىش يېشىغا بىرلىكتە تەنتەنە قىلايلى» دېدۇق.
مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۈچۈن تارقاتقان تەكلىپنامىنىڭ باش بېتىگە ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ھايات ۋاقتىدا سىزىلغان سىزما رەسىمىنىڭ باش قىسمى چۈشۈرۈلدى. ئۇنىڭ ئاستىغا «بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇر شائىرى ئەلىشىر نەۋائىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىنى غۇرۇر بىلەن خاتىرىلەيمىز» دېگەن خاتىرىلەش كۈنى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىڭ ماۋزۇسى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ۋە ئېنگلىزچە يېزىق بىلەن دۇرۇس ئىملالىق قىلىپ بېرىلدى. ئۇنىڭ ئاستىغا تەكلىپ سۆز تېكىستى يېزىلدى. تەكلىپنامەنىڭ ئارقا يۈزىگە بولسا، ئاتاقلىق ئۇيغۇر تارىخچىسى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كوراگان مىلادىيە 1551-يىلى، ئۆزىنىڭ «تارىخى رەشىدىي» ناملىق مەشھۇر تارىخ كىتابىغا تاشقا مۆھۈر باسقاندەك قىلىپ يېزىۋەتكەن «نەۋائىينىڭ ئاتاسى ئۇيغۇر باخشىلارىدىن ئەردى، ئاتىنى ‹غىياسۇددىن كىچىكىنە› دەر ئەردىلەر- يەنى ئەلىشىر نەۋائىينىڭ دادىسى ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن بولۇپ، ئىسمى غىياسىددىن كىچىكىنە ئېدى» دېگەن ھۆججەت ئۈزۈندىسى يۇقىرىقى ئۈچ خىل يېزىقتا بېرىلدى. ئۇنىڭ ئاستىغا بولسا، «بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇر شائىرى ئەلىشىر نەۋائىي مىلادىيە 1441-يىلى 2- ئاينىڭ 9-كۈنى، قەدىمىي خۇراسان دۆلىتىنىڭ پايتەختى ھىرات شەھرىدە، غىياسىددىن كىچىكىنە ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين»دە: «‹تور›-- ‹تورغا چۈشمەك› تىكى تور؛ ‹تۇر› -- تەلەپپۇزى يۇقىرىقىدىن تارراق بولۇپ، قۇش ئولتۇرىدىغان ياغاچنى بىلدۈرىدۇ؛ ‹تۆر› -- تەلەپپۇزى يۇقىرىقىدىن تارراق بولۇپ، ئۆينىڭ تۆرىنى بىلدۈرىدۇ؛ ‹تۈر› -- تەلەپپۇزى ھەممىدىن تار بولۇپ، ‹تۈرمەك› پېئىلىنىڭ بۇيرۇق شەكلى ھېسابلىنىدۇ» قاتارلىق مول پاكىتلار ئارقىلىق، ئۆز تىلىنىڭ ئۇنداق «ئو، ئۇ» ئىككىلا لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشى بولغان ئوزبەك تىلى ئەمەس، بەلكى «ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ» بولۇپ، جەمئىي تۆرت لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشى بار مۇبارەك ئۇيغۇر تىلى ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسەتكەندۇر» دېگەن ئاخىرقى يەكۈن ۋە كەسكىن ھۆكۈم خاراكتېرلىك بىر ئابزاس بېرىلگەن بولدى.
ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، بىزنىڭ بۇ تەكلىپنامىمىزدا، قىلماقچى بولغان ئىشىمىز، يەتمەكچى بولغان مۇددىئايىمىز بىر قاراشتىلا بىلىنگىدەك بولدىكى، ئەلىشىر نەۋائىي مىللىي كىملىكى جەھەتتە، ھېچقانداق بىر ئىنتاڭلىقتىن ئىز-ئەسەر يوق، ھەر قانداق بىر غۇدۇق-بۇدۇق قۇسۇرغا يول يوق بولغان مۇبارەك ئۇيغۇر ئىنسانىدۇر. ئۇنى تونۇش، ئۇنىڭدىن تانماسلىق بىزنىڭ پەرزىمىزدۇر. ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش بولسا، بىزنىڭ مۇقەددەس بۇرچىمىز ۋە بىزنىڭ باش تارتىپ بولماس قەرزىمىزدۇر.
شۇنداق قىلىپ، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىمىز تەكلىپنامىدا دېيىلگەن بويىچە، 9-فېۋرال كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ۋاقتى دەل ئۈچتە باشلاندى. ئالدى بىلەن، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى، پروفېسسور، دوكتور لېتىپ توختى ئەپەندى دۆلەت رەھبەرلىرىمىزدىن بولغان مۆھتەرەم ئىسمايىل تىلىۋالدى ئەپەندىم مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۈچۈن ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىنى يۇقىرى ئېنتوناتسىيە بىلەن ئوقۇپ ئۆتتى. تەبرىك خېتىنىڭ تولۇق تېكىستى مۇنداق: «مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى 9-فېۋرال ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى رىياسىتىگە:
بۈيۈك مۇتەپەككۇر ئۇيغۇر شائىرى ئەلىشىر نەۋائىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقى مۇناسىبىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!
بۈيۈك مۇتەپەككۇر ئۇيغۇر شائىرى ئەلىشىر نەۋائىي ئۆزىنىڭ ھايات مۇساپىسىدە، بارلىق يۈرەك قېنىنى ئۇيغۇر شېئىرىيەتى ئۈچۈن بېغىشلىغان. بىز ئۇنىڭدىن ئىپتىخارلانماي تۇرالمايمىز. ئەلىشىر نەۋائىي شېئىرلىرى ئەينى چاغدىلا دۇنيادا شۆھرەت قازانغان بولۇپلا قالماستىن، بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە تېخىمۇ نۇرلىنىپ، شېئىرىيەت ئاسمىنىدا چولپاندەك پارلاپ تۇرماقتا. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى خەلقىمىز قەلبىگە ئورناپ كەتكەن. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇر شېئىرىيەتىنىڭ بايراقدارى. شۇڭا، يىغىن قاتناشچىلىرى ۈە بارلىق دوستلارنىڭ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئۆرنەك قىلىپ، نەۋائىيدەك ئۆلمەس ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، خەلقىمىزنى ياخشى مەنىۋى ئوزۇق بىلەن تەمىنلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئاخىرىدا، بۈيۈك مۇتەپەككۇر ئۇيغۇر شائىرى ئەلىشىر نەۋائىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا، مەدەنىيەت ئىشلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشىگە تىلەكداشمەن. يولداشلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئۆگىنىش ۋە خىزمەتلىرىگە ئۇتۇقلۇق تىلەيمەن. ئىسمائىل تىلىۋالدى. 2011- يىل 2- ئاينىڭ 5- كۈنى.»
تەبرىك خەت ئوقۇپ بولۇنغاندا، يىغىن قاتناشچىلىرى ئۇزۇنغا سوزۇلغان گۇلدىراس ئالقىشلىرى بىلەن، سۆيۈملۈك رەھبىرىمىز ئىسمائىل تىلىۋالدى ئەپەندىمنىڭ ئۆزلىرى بىلەن ھەمنەپەس بولغانلىقىغا قارىتا چىن يۈرىكىدىن ئۇرغۇغان ھاياجانلىق سۆيۈنۈشىنى ۋە سەمىمىي رەھمىتىنى بىلدۈرۈشتى. ئارقىدىن، يىغىن رىياسىتى تەرىپىدىن تەييارلانغان، بۈيۈك ئۇيغۇر شائىرى ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ھايات پائالىيىتى ۋە ئىلمىي ئەمگەكلىرى ۋە ئۇ ئىلمىي ئەمگەكلەرنىڭ مەملىكىتىمىزدە تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالىنى سۈرەتلىك پاكىتلار بىلەن جانلىق تەسۋىرلەيدىغان ئون مىنۇتلۇق مەخسۇس فىلىم يىغىن ئەھلىنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلدى. ئاندىن، ئىلمىي ماقالە ئوقۇش باشلاندى.
چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتىن بەش يېرىمغىچە ساق ئىككى يېرىم سائەت داۋاملاشقان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئوقۇۋاتقان دوكتور، ماگىستېر ئاسپرانتلىرى ۋە تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى، شۇنداقلا بېيجڭدىكى باشقا ئىدارىدا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ ئون نەپەر تەتقىقاتچى ئۆزلىرىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك قېتىرقىنىپ ئىزدىنىش ئاساسىدا تەييارلىغان «ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ئۇيغۇر مائارىپ- مەرىپەتچىلىكىگە قوشقان تۆھپىسى ھەققىدە»، «بابۇر نەزەرىدىكى ئەلىشىر نەۋائىي»، «ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ئانا تىلنى ئۇلۇغلىشى ھەققىدە»، «ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قوشقان بۈيۈك تۆھپىسى»، «ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ‹فەرھاد ۋە شىرىن› داستانى ۋە ئۇنىڭ تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە»، «نەۋائىي ۋە ئۇنىڭ ‹مەجالىسۇن نەفايىس› ناملىق ئەسىرى ھەققىدە»، «ئەلىشىر نەۋائىي ئەسەرلىرىدىكى ئاسترونومىيىلىك بىلىملەر توغرىسىدا» قاتارلىق ماۋزۇلار بىلەن يېزىلغان ئون پارچە ئىلمىي ماقالە ۋە شېئىر- غەزەللىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى. بېيجڭدىكى دۆلەتلىك كۈتۈپخانا خادىمى، تەتقىقاتچى گۈلنىگار ئەسقەر خانىم «دۆلەتلىك كۈتۈپخانىدا ساقلىنىۋاتقان ئەلىشىر نەۋائىي ئەسەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قىممىتى» ماۋزۇسىدىكى ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇپ كېلىپ، ئەلىشىر نەۋائىينىڭ «غەرايىبۇس سىغەر»، «نەۋادىرۇش شەباب»، «بەدىئۇل ۋەسەت» ۋە «فەۋائىدۇل كىبەر» تۆرت چوڭ دىۋانىدىن تەركىب تاپقان «خەزائىنۇل مەئانى» ناملىق شاھ ئەسىرىنىڭ بۈيۈك بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» (تۈركىي تىللار دىۋانى) ناملىق شاھ ئەسىرى قاتارىدا، «دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئەسەر» بولۇپ باھالانغانلىقىنى ئېيتقىنىدا، يىغىن ئەھلى غۇرۇر ئىلكىدە قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. پېقىر ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىينىڭ «قوش تىلچىلىق تەتقىقاتىنىڭ سەركەردىسى ئۇيغۇر نەۋائىي» ماۋزۇلۇق ئىلمىي ماقالىسىمۇ، پات-پات ياڭرىغان گۇلدىراس ئالقىشلار بىلەن ئۈزۈلۈپ تۇردى...
مانا بۇ – بۇ يىل باش باھاردىلا بېيجڭدا ياڭرىغان ئەلىشىر نەۋائىي تەنتەنىسى.
بۈيۈك تۆھپىكار ئەجدادلارنى ھەمىشە ئەسلەش خەلقىمىزنىڭ ئۇدۇم ئەنئەنىسى!2011 - يىل 12- فېۋرال، بېيجىڭ.
(ئاپتور: مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور، دوكتورانت يېتەكچىسى.)