-
2010-07-27
بۇرۇتلۇق خانىم - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
(بېشى)بۇرۇتلۇق خانىم(ھېكايە)دوختۇرنىڭ بۇرۇتلۇق خانىم توغرىسىدىكى خىياللىرى دائىم موشۇ يەرىدىن باشلىناتتى...
خانىم دوختۇر تەڭلىگەن چاينى خوشياقماسلىق بىلەن ئېلىپ،ئالدىدىكى ئۈستەلگە قويۇپ قويدى.كۆزىدىن باشقا يېرىنى تۇسۇۋالغان ماسكىسى كىشىنىڭ ئىچىنى پۇشۇرۇپ قوياتتى.كۆزلىرىدىن نىمىگىدۇر ئالدىراپ تۇرىۋاتقاندەك، قورۇنۇپ قالغاندەك بىر خىل ھالەتتە ئولتۇراتتى. دوختۇر ئۇنىڭ گەپ باشلىشىشىنى كۈتكەچ ئۆز ئىشىنى قىلىۋەردى. خانىمدىن سۆز كۈتۈپ خېلى ئۇزۇن ساقلىدى.خانىم ئاخىرى ئېغىز ئاچتى.
- دوختۇر ،-دېدى ئۇ ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن،ئاۋازى ئەرلەرنىڭكىدەك بوم ئىدى،- دىيىشتىنمۇ خىجىل بولىمەن.ئەمما دىمەي ئامالىم يوق. ماڭا ئەرلەرنىڭكىگە ئوخشاش ساقال- بۇرۇت چىقىپ كەتتى.
ئۇ گېپىنىڭ ئاخىرىنى دۇدۇقلاپ تۇرۇپ ئېيتتى.كۆزلىرى ئۇۋالچىلىق تارتقان كىچىپ بالىنىڭ كۆزلىرىدەك ئۈمدسىز يېنىپ تۇراتتى.بېشىغا كەلگەن بۇ ئىش بەكلا ھار كەلگەندەك قىلاتتى.سۆزلىگەچ ماسكىسىنى ئېلىۋەتمەكچى بولدى.قوللىرى تىترەپ تۇراتتى.يات بىرىنىڭ ئالدىدا ئوڭايسىزلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى پۈتۈنلەي چاندۇرىۋاتاتتى.ئۇ ماسكىسىنى ئېلىۋىتىپ دوختۇرغا يۈزلەندى.ئارقىدىنلا يەنە ماسكىسىنى تارتىۋالدى. دوختۇركۆز ئەينەك تاقىۋالغان بولۇپ ،ئورۇق،كىچىك يۈزى گەۋدىسىگە كىچىك كېلىپ قالغاندەك كۆرىنىدىغان بىر ئادەم ئىدى.ئۇ خانىمنىڭ تولۇن ئايدەك تولغان،ئاق يۈزىدە 20ياشلىق يىگىتلەرنىڭكىدەك قارا،يۇمران بۇرۇتنى،نەچچە تال ئۇزۇن ساقالنى كۆرۈپ،ئۇنىڭدا ئەرلىك ھورمۇننىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى ۋە ئۇنىڭدىن بىر خىل يىرگەنگەندەك بولدى.
-سىزدە بۇ خىل ئالامەتلەر كۆرۈلگىلى قانچىلىك بولدى؟
-بەش يىلدىن ئاشتى.بارمىغان دوختۇرخانام ،كۆرۈنمىگەن دوختۇرۇم قالمىدى.ئەمما ھىچ ئۈنۈمى بولاي دېمدى.قېرىشقاندەك بارغانسىرى كۆپىيىشكە باشلىدى. سىز بىلمەيسىز،ئايال كىشى ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئازاب بولمايدىكەن.
خانىم يىغلىۋىتىشكە تاس-تاس قىلىۋاتاتتى.دوختۇرغا قاراپ نەچچە جۈملە سۆزلەيتىيۇ،يەنە يەرگە قارىۋالاتتى.
-بۇنى چۈشىنىمەن،-دېدى دوختۇر ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىپ،-ئادەمنىڭ كۆڭلى غەش بولىدۇ.ئەمما بىلىشىڭىز كېرەككى؛پاسسىپ روھى كەيپىيات ھەر قانداق كېسەلنى داۋالاپ ساقايتىشقا پايدىسىز.
ئايال ھېچنىمە دېمىدى.دوختۇر ئۆز تەسەللىسىنىڭ ئۇنىڭغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمىگەنلىكىنى ھېس قىلدى.قارىغاندا خانىم پۈتۈنلەي ئۈمدسىزلەنگەندەك قىلاتتى.كۆز ياشلىرىنى كونتىرول قىلىش ئۈچۈن دەرىزىدىن سىرىتقا قارىۋالغاندى.
-سىز كۆرۈنگەن دوختۇرلار نېمە دېدى؟
- مەندە ئەرلىك ھورمۇن ئېشىپ كېتىپتىمىش.ھېلى ئۇنداق ،ھېلى بۇنداق داۋالاپ بېقشىتى،ئەمما ئۈنۈمى بولمىدى.ئاللاھنىڭ ئالدىدا نىمە گۇناھ قىلغان بولغىيدىمكىن ،بىلمەيمەن...
كۆز ياشلىرى ماسكىسىغا سىڭىشىپ كەتمەكتە ئىدى.دوختۇر خانىمنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىپ تۇراتتى.ئۇ بۇرۇتلۇق خانىمنىڭ قەلبىدىن چەكسىز ئازابنىڭ ھېدىنى سەزدى.ئۆزىنى ئۇنىڭ ئاشۇ ئازابلىرىغا ئورتاقلىشىۋاتقاندەك،ئۆزىنى تىپتىنىچ ھالەتتە توختاپ قالغان بىر مەنزىرە ئىچىدە ئولتۇرغاندەك ھېس قىلدى. خانىمنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن تونۇشۇپ چىقىش ئىسىتىكى پەيدا بولماقتا ئىدى.شۇنداق بولغاندىلا ئۇنىڭ جىسمانىيتىدىكى بۇ غەلىتە ،يېقىمسىز ئۆزگىرشلەرنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقالايدىغاندەك ئويلاپ قالدى.
-ئەگەر مۇۋاپىق دەپ قارىسىڭىز ،ئۆز تۇرمۇشىڭىز توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز،-دېدى دوختۇر خۇددى ئۇنىڭدىن ئۆتۈنىۋاتقاندەك ئاھاڭدا.
خانىم ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. دەرىزە ئالدىغا كەلدى.قوي يۇڭىدىن ئىشلەنگەن رەختتە تىكىلگەن قاراكۆك رەڭلىك پەلتۇيى بەكمۇ ياراشقاندى.قاپقارا ،قويۇق چاچلىرى دومبىسىدە يېيىلىپ ياتاتتى.ئۇ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، دوختۇرنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدى.خۇددى كۆزىچە ئىمتىھان ئېلىۋاتقاندەك بىر دەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن:
-بۇنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟سىز ئىلگىرى مەندەك بىمارلارنى ئۇچراتقانمۇ؟ئۈنىمى قانداق بولغان؟-دەپ ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ سۇئالنى بىراقلا سورىدى خانىم.تەلەپپۇزى قاتتىق ئىدى.كەسكىن بىر جاۋابقا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىۋاتاتتى.ياش لىغىرلاپ تۇرغان كۆزلىرى ،نەملەشكەن كىرپىكلىرى گويا ئەتراپى مەجنۇنتاللار بىلەن ئورالغان بۇلاققا ئوخشاش سۈزۈك ۋە پاكىز كۆرىنەتتى.
-ئەلۋەتتە ھاجىتى بار،كۆپلىگەن كىشىلەر كېسەللىكنى پەقەت ئۇزۇقلۇق بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارايدۇ.ئەمەلىيەتتە ئۇنداقلا بولىشى ناتايىن. نۇرغۇن كېسەللىكلەر ئادەمنىڭ دائىملىق روھى-كەيپىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ،-دېدى دوختۇر دانە-دانە سۆزلەپ،-بۇنداق ئىشقا يولۇققانلار بىر سىزلا ئەمەس.مەن بۇنداق كېسەللىكلەرنى كۆپ ئۇچراتقان.داۋالاپمۇ باققان .ساقىيىشنى خالىغانلىرى ساقايدى،ئەكسىچىللىرى ئەكسىچە بولدى.
دوختۇر گەرچە يالغان سۆزلەۋاتقان بولسىمۇ، بۇ يالغانلىرى ئارقىلىق خانىمغا ئىشەنچ ئاتا قىلماقچى بولىۋاتاتتى.خانىم دوختۇرغا تەئەججۈپ ئىلكىدە بىر قاراپ قويۇپ،‹‹سەنمۇ بىر كاسكا ئوخشايسەن...››دىگەندەك باشقا ياققا قارىۋالدى.
-شۇ تاپتا نىمە ئويلاۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىمەن.ساقىيىشنى خالىمىسام بۇ يەردە پوق بارمۇ ماڭا دەپ ئويلاۋاتىسىز.مەن دائىم بىمارلارغا ئىشلىتىدىغان ‹‹خالاش››دىگەن بۇ سۆز دوختۇرغا ماسلىشىش ،داۋالاش ئۇسۇلىنى قۇبۇل قىلىش ،دوختۇرنى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.
خانىم دوختۇرنىڭ چىرايىغا بىر ھازا قاراپ تۇرغاندىن كېيىن،چاينى ئېلىپ تۈنجى ئوتلىدى.قارىغاندا خېلى ئۇزۇن سۆزلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى.دوختۇر ھېلىلا چۈشۈپ كېتىدىغاندەك كۆرىنىدىغان كۆزەينىكىنى ئوڭ قولى بىلەن سەل كۆتۈرۈپ قويۇپ،خانىمنىڭ ھېكايىسىغا قۇلاق سالدى.
-مەنمۇ ئىلگىرى نۇرغۇن قىزلارغا ئوخشاش ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بىر ياش ئىدىم. ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەندە ھەتتا ناھىيىمىزنىڭ ئەلىيۇل ئەلاسى بولغانمەن.ئۇ چاغلاردا ناھيىدە شىتاتلىق كادىرلار تولىمۇ ئاز ئىدى.شۇ سەۋەبتىن ھەر يىلى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ يۇقىرى نۇمۇر ئالغانلاردىن تاللاپ ، بىۋاستە ئىشقا ئورۇنلاشتۇردىغان سىياسەت بار ئىدى.يۇقىرى نۇمۇر ئالغانلىقىم ئۆز پۇتۇمغا پالتا چاپقانلىقىم بولىشنى مەن نەدىن بىلەي؟شۇنىڭ بىلەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدىم.ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ناچار بولغاچقا ،بۇ ئىش ئۆيدىكىلەرگىمۇ ياغدەك ياققاندى.دادامنىڭ ئورۇنلاشتۇرشىنى رەت قىلالمايتتم.خىزمەتكە قاتناشتىم.ناھىيىلىك رادىئو –تېلۋىزىيە ئىدارىسىدا دىكتور بولدۇم.ئارىدىن بىر يىل ئۆتە –ئۆتمەيلا،ئانامنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بويىچە توي قىلدىم.ئېرىم بولغۇچى ھەربىيلىكتىن قايتىپ كېلىپ ساقچى بولغان ،يېشى ئوتتۇزلاردىن ئاشقان،بېشىنىڭ يېرىمى پاينەكلىشىپ كەتكەن نەۋرە ئاكام ئىدى.ئانام باي ئاچىسىنىڭ ئوغلىغا مېنى ياتلىق قىلىش ئارقىلىق،ئەينى چاغدا بوۋامدىن قالغان مىراسلارنى تالىشىپ جىدەللەشكەندىكى ئاداۋەتلەرنى يۇيىۋەتمەكچى ئىدى. شۇ چاغدا مەندە ئاتا-ئانامنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى رەت قىلالىغۇدەك جۈرئەت يوق ئىدى. بارلىق نەۋرە تۇققانلارنىڭ ئىچىدە پەقەت شۇنىلا ياقتۇرمايتتىم.قېرىشقاندەك تەقدىر مېنى ئۇنىڭغا باغلاپ قويدى. ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ ئۈچ ئايدىلا ئاجرىشىپ كەتتىم.
خانىم چايدىن يەنە بىر ئوتلىدى.كۆز قارچۇقلىرى بىر نوقتىغا تىكىلگەن بولۇپ ،ئەينى چاغدىكى ئەھۋاللارنى تولۇقى بىلەن ئەسلەشكە تىرىشىۋاتقاندەك قىلاتتى.چىرايىدا ھەر خىل ئىپادىلەرنى تېپىش مۇمكىن ئىدى.
-نېمىشقا شۇنچە تىزلا ئاجراشتىىڭىز ؟-دەپ سورىدى دوختۇر ئېھتىيات بىلەن .ئۇ شۇ تاپتا ئۆزىنى‹‹بۇرۇت دىلوسى››دا يىپ ئۇچىغا ئېرىشكەندەك ھېس قىلماقتا ئىدى.
ئۇنىڭ نۇرغۇن ناچار ئادەتلىرى بار ئىدى.ھەتتا توي كۈنىمۇ ئۆلگۈدەك ھاراق ئىچىۋاپتۇ.شۇ كۈنىلا مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر ياشاپ بولالمايدىغانلىقىمغا كۆزۈم يەتكەن. ھەر كۈنى ھاراق ئىچىۋالاتتى.ئىچكەندىمۇ غەرق مەست بولغىچە ئىچەتتى.ئاتا-ئانىسىمۇ ،مەنمۇ گەپ قىلىپ ئاڭلىتالمىدۇق.قىمار ئوينايتتى.مۇئاشىنى يەتكۈزەلمەي مەندىن ،ئانىسىدىن پۇل سورايتتى.يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا ئۇ ئۆز مەجبۇرىيەتلىرىنى قىلچە ئەستە ساقلىمايدىغان بىر تەلۋە ئىدى.سەل ئۈنلۈكرەك گەپ قىلسام، مۇش كۆتۈرۈپ قوپاتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈنلەمچىلىكى بەك كۈچلۈك ئىدى.ھېلى ئۇنىڭ بىلەن چاتىقىڭ بارىكەن دەپ ئۇرۇشسا،ھېلى بۇنىڭ بىلەن چاتىقىڭ بارىكەن دەپ ئۇرۇشاتتى.ھەربىيلىكتە ئۈگەنگەن گۇمپىللىرىنى مېنى ئۇرۇشقا ئىشلىتەتتى.دەپ بېقىڭا،موشۇنداق قىلىۋەرسە كىممۇ چىدايدۇ؟
خانىمنىڭ كۆزلىرى ياشقا تولدى.دوختۇر كۆز ئالدىدىكى بۇ بەخىتسىز ئايالغا نىمە دەپ تەسەللە بېرىشنى بىلمىگەندەك ئىلاجىسىز بىر ھالدا ئولتۇراتتى.ئورۇق يۈزىنىڭ تەكتىدە سابىق ئېرىگە نىسبەتەن نەپرەت پەيدا بولغاندى.يەنە كوچىلاپ سوراپ خانىمنىڭ يارىسىنى تاتلاپ ،ئۇنى ئازابلاشنى خالىمىدى.
خانىمنىڭ دوختۇرغا سۆزلەپ بېرىۋاتقانلىرى راست ئىدى.ئۇ ئەينى چاغدا ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلغۇدەك ساھىپجامال ئىدى.ناھيە بازىرىدىكى يىگىتلەرنىڭ ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلمايدىغانلىرى يوق ئىدى.ئەقىل-پاراسىتى كۆزلىرىدىن چىقىپ تۇراتتى.ئۇنىڭمۇ كۆڭلىگە پۈككەن ھايات ئارمانلىرى بار ئىدى.ئۆزىنى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمەن دەپ قارايتتى. كەلگۈسىگە ئىشەنچ بىلەن قارايتتى.ئۆز تۇرمۇشى ھەققىدە شىرىن خىياللارنى قىلاتتى.رەتلىك ،پاكىزە ئۆيىنىڭ بولىشىنى ،ھەمىشە ئېرىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولىدىغان لاياقەتلىك بىر ئايال بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى.ئېرى بىلەن ئىناق ئۆتۈپ،بالىلىق بولۇشنى، باللىرىغا دەرس تەكرارلاپ بېرىشنى خىيال قىلاتتى.بىراق ئۇ تۈنجى قەدەمدىلا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ،ئويلىغانلىرىنىڭ بىرىمۇ ئەمەلگە ئاشمىدى.خۇددى ئەمدىلا تۆت قۇلاق بولغان قوغۇن مۆلدۈرگە ئۇچرىغاندەك غوبارسىز قەلبى يارىلاندى.‹‹ھەممە ئەر كىشى موشۇنداق بولامدىغاندۇ؟››دەپ ئويلايدىغان بولدى.ئۇ ئېرى بىلەن ئۆي تۇتقان ئۈچ ئاي ئىچىدە ئۆزىنى خۇددى ھاراق بوتۇلكىسى بىلەن ياتقاندەكلا ھېس قىلدى.دىمىغىغا ھامان بىر سېسىق پۇراق ئۇرۇلۇپ تۇراتتى.ئۇ ئۆز ھاياتىنىڭ موشۇنداق بىر ئەرزىمەس ئادەمنىڭ قولىدا قەدىرسىز ئۆتۈپ كېتىشىنى خالىمىدى.قېيناتا،قېيناسىنىڭ نەسىھەتلىرى،ئاتا-ئانىسىنىڭ توسۇشىغا قارىماي ئاجىراشماقچى بولدى.ھاراقكەش ئېرى كۆپ يالۋۇردى.ئەيىبلىرىنى چوقۇم تۈزىتىدىغانلىقى توغرىسدا ۋەدە بەردى. ئىدارە رەھبەرلىرى،دوستلىرىنىڭ نەسھىتى بىر تىيىن بولدى. قەتئىلىك بىلەن سوتقا ئەرىز قىلدى.ئېرى تەلەپ قىلغان‹‹تويغا كەتكەن پۇل››نى تولۇقى بىلەن قايتۇرۇپ ئاجراشتى.
-گەرچە ئايال كىشى بولساممۇ ،خېلى-خېلى ئەرلەرنى ئۆزەمگە تەڭ قىلمايدىغان ئايالمەن،- دەپ ئىشەنچ بىلەن سۆزلىدى بۇرۇتلۇق خانىم،-بۇ جاھاندا ئۆرە تۇرۇپ سىيگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىلا ئەر كىشى دەپ كەتكىلى بولمايدىكەن.يا ئاتا-ئانىسنى ،يا ئۇرۇق –تۇققانلىرىنى،يا ئەل-ۋەتىنىنى رازى قىلالمايدىغان ئۇنداق ماز پاينەك ئەرلەردىن مەندەك ئاجىز خوتۇن مىڭ ياخشىكەن.
ئۇنىڭ ئاۋازى دوختۇرغا گۈلدۈرماما ئاۋازىدەك ئاڭلىنىپ كەتتى.ئۆزىنىڭ ئازابلىرىنى تولۇق سۆزلەلەۋاتقاندەك قىلاتتى.تىلى بەك راۋان ئىدى.ئۇنىڭ تەلەپپۇزىمۇ شۇنداق راۋان ئىدى .دوختۇر ئۇنىڭ ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان خىزمەتكە تولىمۇ ماس كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدى. سۆزلىرىدىن نىكاھتا مەغلۇپ بولغان ئاياللاردا گەۋدىلىك كۆرۈلۈدىغان ئەرلەرگە ئۆچ بولۇپ كېتىشنىڭ پىسخىكىلىق سەۋەبىنى ،بۇرۇتلۇق خانىمنىڭ ئەركىشلەرگە خاس خاراكتىرىدىن ئۇنىڭ كەچمىشلىرى پەيدا قىلغان ئازابنى تېخىمۇ چۇڭقۇر چۈشەنمەكتە ئىدى.بۇرۇتلۇق خانىمىنىڭ سۆزلىگەن چاغدىكى ھاياجانلىنىشلىرىدىن بۇ ئىشلارنىڭ ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ئېغىر روھى بېسىم بولغانلقىنى بىلگىلى بولاتتى.خانىم چايدىن يەنە بىر ئوتلاپ قويدى.
ئۇ ئاجراشقاندىن كېيىن بىر مەزگىل تىنچ ياشىدى.خۇددى قىز چاغلىرىدىكدەك ھاياتقا قايتىدىن ئۈمدلىك باقتى.خىزمىتىنى بېرىلىپ ئىشلىدى.ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشىتىن ئۆزگە ھېچنىمىنى ئويلىماسلىققا تىرىشتى.خانىمنىڭ تىلى بىلەن ئېيىتقاندا ئۇ كۈلىرىنى كۈنلىرىنى سەھەر تۇرۇپ چېنىقىش،‹‹ئىخلاس فىرىما ››بىلەن ناشتا قىلىش،قىزغىن كەيپىيات بىلەن ئىشقا بېرىشتىن باشلاپ،چۈشتە ۋە كەچتە ئانىسى تەييار قىلىپ قويغان خام تائاملارنى تاتلىق قىلىپ پىشۇرۇپ، دادىسى بىلەن ئانىسىغا كۆپرەك يىگۈزۈشتە ئاياقلاشتۇراتتى.زۆرۈر بولغان توي –تۆكۈن ،مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۆلۈم –يىتىملەرگىلا باراتتى.ئارتۇقچە بولغان بايرام ۋە ياكى غەيرى بايرام مۇناسىتى شەكلىدىكى ئاممىۋى يىغىلىشلارغا بارغۇسى كەلمەيتتى.تولۇق ئوتتۇردا بىرگە ئوقۇغان بىر نەچچە دوستلىرى ئۇنىڭغا كۆپلەپ ئىدىيۋى تەربىيە ئىشلەپ بېقىشتى .ئەمما ئۈنىمى بولمىدى.كىشى كۆڭلىگە ياقمايدىغان ئۇنداق ئىدىيۋى تەربىيىنىڭ ھىچ بىر كېرىكى يوق ئىدى.ئىنساننىڭ خالىشىغا ھۆرمەت قىلمايدىغان تەربىيىنى كىشىنىڭ ئاڭلىغۇسى كەلمەيتتى.خانىم گەپنىڭ شۇ يېرىگە كەلگەندە تارتىنىش دىگەن ئاللاقاياقلارغىدۇر يوقالغاندى. كەچۈرمىشىنى سۆزلەشكە بېرىلىپ كەتكەچكە ،تارتىنىشنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتان بولىشىمۇ مۇمكىن ئىدى.بارغانسىرى ئوبرازلىق بايان قىلىۋاتاتتى.
-ئۇلارنى ئۆز پىرىنسىپىم بويىچە ياشىشىمغا كۆندۈرۈپ بولالمىدىم .ئاتا-ئانام ،يەنە شۇ دوستلىرىم ماڭا لايىق تېپىپ،مېنى تىزرەك ئەرلىك قىلىش بىلەن پايپىتەك بولۇپ كېتىشىتى.مەن ئەرگە تەگسەم ئۇلارغا نىمە پايدىسىدۇ؟دەپمۇ ئويلاپ قالاتتىم.ئۇلارنىڭ ماڭا ياخشى بولسۇن دەپ شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلسەممۇ،خۇددى مەن بىلەن قارىشىلىشىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى.چىرايلىق يېزىلغان ‹‹ئەر››دىگەن خەتمۇ كۆزۈمگە سەت كۆرىنەتتى.ئەمدى يەنە توي قىلىپ ،يەنە ئاجرىشىشنى خالىمايتتىم.بۇ ئازابنى يەنە تارتىپ قالىدىغانلقىمنى دىلىم تۇيغان بولسا كېرەك.ئەرلەرنىڭ ‹‹مەن ئەر كىشى ،نىمە قىلسام بولىدۇ ››دىيىشىگە يول قويالمايدىغانلىقىمنى بىلەتتىم.
-ئىككىنجى قېتىملىق نىكاھىڭىزمۇ ئوڭۇشلۇڭ بولماپتۇ-دە؟-دېدى دوختۇر ئورۇق بىلكىگە بوش كېلىپ قالغان سائىتىگە قاراپ قويۇپ.
-شۇنداق ،-دېدى خانىم ئېغىر خۇرسىنىپ،-نىكاھ دىگەن يولغا ئوخشايدىكەن.سىز قاتناش قائىدىسىگە ھەر قانچە رىئايە قىلىپ ماڭسىڭىزمۇ ،قارشى تەرەپ دىققەت قىلمىسا ھادىسە چىقىۋەرگەنگە ئوخشاش ئىشكەن.مەن ماڭغان بۇ يولدا بىرى ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەن بولۇپ چىقتى.يەنە بىرى ماشىنىدا ناشايان ئىشلارنى قىلىپ قويدى.