-
2010-07-27
ئاجرىشىش ئالدىدىكى ھىسابات - [ھىسىي دۇنيا ]
ئاجرىشىش ئالدىدىكى ھىساباتبىر كۈنى كەچقۇرۇن ، ئاجرىشىش ئالدىدا تۇرغان بىر جۈپلەر سۆھبەتلەشتى .
ئايال يىغىدىن قىزىرىپ ئىششىپ كەتكەن كۆزلىرىنى ئەرگە تىكىپ بايا يىزىپ تەييارلاپ قويغان قەغەزنى ئەرگە سۇندىئايالنىڭ ئالغىنى ........
ئۈستەل چىرىغى – مەن ئالغان ؛
كىتاپ جازىسى – مەن ئالغان ؛
رەسىم رامكىسى – مەن ئالغان ؛
سائەت – مەن ئالغان ؛
ئورۇندۇق – مەن ئالغان ؛
يۇقارقى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەكىتىمەن .
ئەرنىڭ ئالغىنى ........
ئەر قەغەزدىكىنى كۆردى ئىختىيارسىز كۆزلىرىدە ياش لىغىرلىدى . ئۇ قولىغا قەلەم ئىلىپ ، قەغەزگە بىر نەرسىلەرنى يىزىپ ئايالىغا سۇندى :
يوتقان كۆرپە – ھەقسىز ؛
كىيىم ئىشكابى – ھەقسىز ؛
چايدان – ھەقسىز ؛
تېلېفۇن – ھەقسىز ؛
سىزگە سوۋغا قىلغان كىيىملەر – ھەقسىز ؛
سىزگە سوۋغا قىلغان گۈللەر – ھەقسىز ؛
سىزگە يازغان 200 پارچە خەت – ھەقسىز ؛
سانسىز قىتىم ئالغىلى بىرىش ، ئاپىرىپ قويۇش ، قۇچاقلاش ، سۆيۈش – ھەقسىز ؛
ھەمرا بولۇش ،ھالىڭىزدىن خەۋەر ئىلىش ،كۈتۈش – ھەقسىز ؛
يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى ھەقسىز .كۆتۈرۈپ كەتسىڭىز بولىدۇ . سىزگە خوشاللىقتا، خاپىلىقتا بىرگە بولغىنىممۇ – ھەقسىز ؛
ھەممىسىنى قوشۇپ كەلسەك ، سىزگە بولغان چىن مۇھەببىتىممۇ - ھەقسىز ؛
بىزنىڭ .........
ئايالنىڭ ئەمدىلا توختىغان ياشلىرى قايتىدىن تاشتى . ئۇ بۇرنىنى تارتىپ ،بىشىنى كۆتۈرۈپ ئەرگە قارىدى :
- شۇڭا يازغانلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى ئەكىتىمەن ، سىزنىمۇ ...سىزنىمۇ قوشۇپ ئەكىتىمەن .
ئەر گەپ قىلماستىن يۈگۈرۈپ بىرىپ ئايالىنى بارىغا باستى ، خوشاللىقتىن قىن – قىنىغا پاتماي :
- مىنى ئەكىتىڭ ، پۈتۈن ھاياتىم سىزگە مەنسۈپ بولسۇن – دىدى .
شۇنداق ، مۇھەببەتنى ھىساپلىغىلى بولمايدۇ . ئاغرىنىشلىرىمىزنى چۆرۈپ تاشلاپ بىر – بىرىمىزنى مەھكەم قۇچاقلىساقلا مانا مۇشىنىڭ ئۆزى مۇھەببەت .