-
2010-07-27
ئىجارىگە ئالغان ئوغۇل دوستۇم - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
ئىجارىگە ئالغان ئوغۇل دوستۇم
ئىنسان ھاياتىدا ئاجايىپ -غارايىپ ئىشلارغا دۇچ كېلدۇ دېسە پەقەت ئىشەنمەپتىكەنمەن ،ھېلقى بىر ھىندىستاننىڭ فىلمى بارغۇ "ئېرىنى سېتىش "دەپ شۇنى كۆرۇپ .
توۋا بۇنىڭ ئاپتۇرى بىلەن رېژىسورى بەك ئاشۇرۋېتىپتۇ دەپ نەچچە كۇنگىچە ئۇچۇرىغانلا ئادەمگە شۇ فېلىمنىڭ يىتەرسىزلىكىنى دارتمىلاپ چىقىپ ئىچىمنى بۇشاتقىنىم ھازىرمۇ ئىسىمدە ،
تېخى قاچانلاردا توردىنمۇ ياكى كىتابتىنمۇ ئىشقلىپ بىر يەردىن ،كېيىم ئۆتنە ئېلىش ،ئوغۇل دوس سوراش دېگەندەك ھىكايىلەرنى ئوقۇپ ياقا تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلگەن ئىدىم ، ھازىر بىشىمغا كەلگەن قىسمەتلەرگە قاراپ ئۇ ھىكايە ياكى فېلىملەرنى ئويدۇرما ئەمەسكەن دېگەن تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم . ئەدەبىياتنىڭ مەنبەسى ئىجتىمائىي تۇرمۇش ،ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن ئايرىلىغان ئەسەر نادىر ئەسەر بولمايدۇ دەپ پاينەك ئەدەبىيات مۇئەللىمىم گۇلبوس قۇرسىقىنى چىقىرىپ بىر چاغلاردا سۆزلەۋاتقان ،
ھەي شۇ پوقۇرساق ئوغرىنىڭ دەرسىنى ياخشى ئاڭلىغان بولسام بۇ ئىجارىگە ئالغان ئوغۇل دوستۇمنىڭ ھىكايسىنى سېلەرگە ئوبرازلىق ،دەبدەبلىك يېزىپ ھېلقى چالقۇش دوستۇىمىز بېردىغان بىرنجى دەرجىلك مۇكاپاتنى موكلا ئېلىپ يانجۇققا پوكلا سېلىپ جىن تىپۋەتكەن ئالۋاستىلار بىلەن ئوينىغان قاتار چېيىمغا ئاپىرىپ قارا ئاپپاق ئاداش ماۋۇ مەن توردا ھىكايە يېزىپ ئۇتۋالغان پۇل دەپ كۆز -كۆز دېگەننى قىلىپ دۇشمەن شۇملارنىڭ يۈركىگە گۈپلا قىلىپ ئوت يېقىپ قۇياتىمدە ھەي
بىراق ھېلقى پوقباشنىڭ دەرسىنى ياخشى ئاڭلىماي ئۇنىڭ
يەر تەۋرىسە ماڭا قاراپ ئولتۇرماي غىپ قىلىپ قاچ دېگەن سۆزنىڭ سېپىغا مەھكەم ئېسلىۋېلىپ تەۋرىمگەن يەرنى تەۋرىدى دەپ ئالداپ سىنىپتىكى ياق مەكتەپتىكلەرنى ساراسىمگە سالغاننىڭ دەردىنى ئەمدى تارتىدىغان ئوخشايمەن ،ئامال يوق ئاۋال مەن يېزىپ باقاي ئاندىن تورداشلار چۇڭقۇر پىكىر بېرىپ باقسۇن ،مىسرانىم ئۆگنۇش -ئۆگتۇش ئورنى بولغاندىن كىيىن
"ئىجارىگە ئالغان ئوغۇل دوستۇم "
گەپنى نەدىن باشلىسام بۇلا ..........راس ھېلقى قېتىم ئاپامنى ماشىنا سوقىۋېتىپ بالنىسقا كېرىپ قالغاندا مەن ئاپامنى يوقلاش ئۇچۇن ئىچكىر ئۆلىكىگە بارغان يەردىن باشلاي ..........
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تازا ياخشى ئوقۇمغان بولساممۇ بىراق دادامنىڭ پۇلىنىڭ كۈچىدە ئالىي مەكتەپكە ئۆتتۈم ،دادامنىڭ ئۈچ قىز بۇلۇپ ئىككى ھەدەم شۇنداق تېرىشچان بىراق مەن ھەي
چوڭ ھەدەم ئاۋستىراليىدە ،كىچىك ھەدەم ياپۇنيەدە ئوقۇشتا بولغاچقا ئاپام دادام مىنىڭ كۆزۇمگە قاراپ بەك ئەركە ئۆگتۇپ قويدى ،مەن ياق دېسەم ئۇلار يالۋۇرۇپمۇ مىنى ماقۇل دېگۈزەلمەيتتى ،شۇڭمۇ ئۇلار مىنىڭ باشبالتاق ،جاھىل ،تەرسا مىجەزىمدىن قورقۇپ يىراق مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا ئەۋەتىمەي شەھىرىمىزگە يېقىن بولغان بىر ئوفىسىرلار مەكتىۋېىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇيۇپ قايتىپ كەتتى
بىزنىڭ ئۆيدە ئوغۇل بولمغاچقا دادام مىنى ئوغۇلچە باققاچققىمكىن بۇ مەكتەپنىڭ مەشىقلىرى ماڭا بەك تەس بىلنىپ كەتمىدى ، قىسقا قىرقىم چاچلار ،ھەربىي كىيىم مىنى ئوغۇللاردەك سالاپەتكە ھەم غەيرەتكە ئىگە قىلغان ئىدى ،مىنى بىر كۆرگەن ئادەم ھەرگىز قىز بالا دېمەيتتى ،شۇڭمۇ مەكتەپتكى قىزلار ئارسىدا چوڭام (لاۋدا )بۇلۇپ يۈردۈم ،بۇ مەكتەپكە كېلىپ بىر يېرىم يىل بولغاندا ئاپام تۇيۇقسىز قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ ئىچكىر ئۈلكىگە داۋالانغىلى كەتتى ،ئاپام كېتىپ ئۇزاق بولماي مەن ئاپامنى سېغىنشقا باشلىدىم ،دادامنىڭ قېشىمىزغا كەلمە دېگىنگە ئۇنماي شىنجىندىكى بىر داڭلىق دوختۇرخانغا ئاپامنى يوقلاشقا ماڭدىم ،ئۈرۈمچىدىن پويىزىغا ئولتۇرۇپ ئەمدى ۋوگزالدىن قوزغۇلشىمىزغا ھەربىي فورما كەيگەن بىر يېگىت بىر ئوغىرى بىلەن ئۇرشۇپ كەتتى ،گەرچە مەن ساقچى مەكتەپنى تېخى پۇتتۇرمىگەن بولساممۇ بىراق ھەربىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەندىن كىيىن ئۈزۇمنىڭ ھەربىيلىك بۇرچۇمنى ئۆتەشنى مەجبۇريەت بىلىپ ھېلقى ئۇرۇش بولغان جايغا چەبدەسلىك بىلەن بېرىپ ھېلقى ھەربى يىگىت بىلەن بىرگە ، قۇلدا پىچاق تۇتقان ئوغرىنى بوي سۇندۇرۇپ ئوغۇرلارنغا ئىككى پويىز بېلىتى بىلەن 2000 مىڭ يۇئەن پۇلنى ئىگسىنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزدۇق ،ئۇڭغۇچە ۋاگۇن ساقچلىرى يېتىپ كېلىپ مال ئىگىسى بىلەن بىزگە نۇرغۇن تەشكۇرلەرنى ياغدۇردى ،ئۇلارنىڭ چېرايدا جىلۋىلەنگەن مىنەتتارلىقتىن ھېلىقى ھەربىي يىگىت ئىككمىز چەكسىز شاتلاندۇق ،
ئىشلارنى بىر قۇر جىمقتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ھەربىي يىگىت بىلەن ئىككىمىز ئۆز ئورۇنلىرىمىزغا بېرىپ جايلىشىپ ئۆز ئىشلىرىمىز بىلەن مەشخۇل بولدۇق * يول ئازابى گۈر ئازابى دېگەندەك سەپەرنىڭ ھاردۇقچىلقى ،زىرىكىشى ئادەمنى بەكمۇ بىزار قىلغاچقا مىنىڭ ئۇدۇلمدا ھەم يېنىمدا ئولتۇرغان يولداشلار بۇ ئۇزاق زىرىكىش بىلەن تولغان مۇساپىنى ئۇنتۇش ئۇچۇن قارتا ئويناشقا كىرشىپ كەتتى
ئىشەك ئىشەكتىن كىيىن قالسا قۇلقىنى كەس دەپ مەنمۇ بۇ ئەتراپىمدىكلەرگە جۈر بۇلۇپ قارىتا ئويناشقا باشلدىم بىز نۈۋەت بىلەن ئوينىغاچقا ھەر بىر ھالقىلىق پەيىتتە جىدىلىشىپ ۋەياكى خۇشال بۇلۇپ ۋاقىراپ ئەتراپتىكلەرنى ئۈزىمىزگە قارتىۋالدۇق بىز قارىتا باشلاپ 20 مىنۇت بولمايلا ھېلقى ھەربىي بالا قېشىمىزدا پەيدا بۇلۇپ ئۈزنىمۇ ئويۇنغا قۇشۋېلىشمىزنى ئېيتتى ،بىز ئۇنىمۇ قۇشۇپ ئالاھەزەل تۆت سائەتكىچە ئويۇننى داۋام قىلدۇق ،ئۇيۇن ئويناپ ھارغاندا ئالبۇرۇن چۇشلۇك تاماق ۋاقتى ئۆتۇپ كەتكەن ئىدى بىرگە تاماققا بارايلى دېدى تۇيۇقسىز ئۇ ھەربىي ئۇنىڭ بۇ سۆزى ماڭا بەك تاسادىبىي تۇيۇلغاچقا تۇرۇپ قالدىم مەندىن قورقۋاتامسىز قەھرىمان قىز بايا ھېلقى يانجۇقچىنى ماڭا بوي سۇندۇرۇشۇپ بەرگەنلىكىڭىزگە رەھمەت بۈلدۇرۇش يۈزسىدىن سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلاي دېدى ئۇ ئويچان يوغان كۆزلىرنى ماڭا تىكىپ
مەن ئۇنىڭغا يەر تىگىدىن دىھقەت قىلدىم قاپقارا قوي كۆزلىرى ،ئىگىز قاڭشارلىرى ،ئوتلۇق لەۋلىرى ،كىلىشكەن قامىتى تۇيۇقسىز مىنى ئۆزىگە رام قىلۋالدى ،بايا سوقۇشقاندا ئۇنىڭغا ئانچە پەرۋا قىلماپتىكەنمەن ،قارىتا ئوينىغاندىمۇ مەن باشقا بىرسى بىلەن بىر بۇلۇپ بۇ يىگتىكە سەپ سېلىشقا ۋاقتىم چىقمىغان ئىدىم ،ئەمدى بولسا ئۇدۇل قارشىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ قامەتلىك سالاپتىندىن ھۇشۇمنى يوقتۇپ قۇيايلا دەپ قالغان ئىدىم
قۇشلامسىز دېدى ئۇ مەندىن قايتىلاپ سوراپ
شۇندىلا مەن سەل ئۆزۇمگە كلىپ ئۇنىڭ نۇرلۇق كۆزلىرىگە تىكلىپ قاراپ تۇرۇپ )
كەچۇرۇڭ مەن ئاپام ئەتكەن تاماقتىن باشقىسىنى يېمەيمەن دېدىم
نىمىشقا دەپ سوردى ئۇ ياندۇرۇپ
ئۆز كۆزۇم بىلەن تۆرشىكىنى كۆرمىگەن تاماقخانلاردا غىزالىنىشقا كۈڭلۇم ئۇنمايدۇ دېدىم ئۇنىڭغا
ھە مانداق دەڭ ،ئەمسە تەييار چۆپ يەيلى دېدى ئۇ
كەچۇرۇڭ ئۇنىمۇ يېمەيمەن ئۇ مىنىڭ بۇ گېپىمدىن ھەيران قالدى بولغاي ۋايجان ئوماق قىز تۇرقىڭىزغا قارسا شۇنداق ئاقسا ياسنىۋاپسىز ،تاماقنى شۇنداق تاللاپ يېسىڭىز كىيىن زار بۇلسىز جۇمۇ دېدى ئۇ `
ھى....ھى......ئەمسە لەغمەن ئەپ بېرىڭ دېدىم چاقچاق قىلىپ ماقۇل پويىزدىن چۇشكەندە چۇقۇم ئېلىپ بېرەي دېدى ئۇ تۈگمەس ۋەدىلەرنى بېرىپئۇ مىنىڭ قېشىمدىكى بىر خەنزۇ يولداش بىلەن ئورۇن ئالمىشىپ يېنىمغا كېلىپ ئولتۇردى ،ئىككىمىز بىرگە ئۈرۈمچىدىن ئېلۋالغان نان، قايماق ،مىۋە -چېۋىلەر بىلەن تاماقلىنىپ بۇلۇپ ئايغى چىقماس پاراڭلارغا كىرشىپ كەتتۇقئۇ مەندىن ئىسمىمنىڭ نىملىكىنى ،قايسى مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلىقىمنى ئىچكىرگە نىمگە ماڭغانلىقىمنى سوردى
مەن ئۇنىڭغا ئىسمىمنىڭ رەفىسە ئىكەنلىكىنى ئوفىسىرلار مەكتىۋېىدە ئوقۇيدىغانلقىمنى ئاپامنىڭ بالىنستا ئىكەنلىكىنى ئاپامنى يوقلاپ كېلىشكە ماڭغانلىقىم قاتارلىق بىر قاتار ئىشلارنى ئېيتىپ بەردىم ئۇمۇ ئىسمنىڭ رەپقەت ئىكەنلكىنى ،مەلۇم قىسمدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقىنى تولۇق ئوتتۇرىدا بىرگە ئوقۇپ ئىككى يىل مۇھابەتلەشكەن قىز دوستىنى يوقلاپ ماڭغىنى سۆزلەپ بەردى
مەن ئۇنىڭ مۇھاببىتمىنى يوقلاپ ماڭدىم دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ سەل ئۈمىدسىزلەندىم ئەزەلدىن بىرسىنى ياراتمايدىغان ئوغۇل مىجەز چوڭ بولغان مەننىڭ تۇيۇقسىز يېرىم يولدا ئۇچىراپ قالغان بۇ بالىغا كۈيۇپ قالغىنمدىن ھەيرانلىقمۇ ھىس قىلىپ قالغان ئىدىم
ئەمما بۇ ھەقىقەت ئىدى ،مەن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئۇزاق خىيالغا پاتتىم قىز دوستىنىڭ مەن ئەمەس باشقا بىرسى ئىكەنلكىدىن ھەسرات چەكتىم تۇيۇقسىز ئۇ مىنى تۇرتۇپ
نىمنى خىيال قىلۋاتسىز دەپ سوردى كىچكمىدىن كۆڭلۇمدە نېمە بولسا ئاغزىمغا چىقىدىغان بولغاچقا zT2F&y q
سىزنى خىيال قىلۋاتمەن دېدىم دادىلىق بىلەن )
مىنى ؟؟ئۇ قاتتىق ھەيران قالدى بولغاي ياندۇرۇپ سوردى
نىمىشقا مىنى خىيال قىلسىز نىمىشقا بۇلاتتى سىز بەك كىلىشكەن ئىكەنسىز ،شۇڭا نىمىشقا مىنىڭ ئوغۇل دوستۇم بۇلۇپ قالىمغاندۇ دەپ خىيال قىلۋاتمەن دېدىمئۇ ئىتتىك قىزىرىپ كەتتى مەنمۇ گەپنى دەپ بۇلۇپ جىدىيلىشىپ يۈركۈم ئويناپ ،قانلىرىم قىزىپ ،قۇلاقلىرىمغا ئوت كەتكەندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم
رەپقەت ئۇزاق ئولتۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن چاقچاق قىلماڭ سىڭلىم سىز تېخى كىچىك ئىكەنسىز مەن سىزدىن بەش ياش چوڭ سىز تېرشىپ ئوقۇڭ دەپلا قۇلقىغا تېلغۇننىڭ نائۇشكىسىنى سېلىپ ئولتۇرۋالدى )
ئۈزۇمنىڭ يۈزى قېلىنلىق قىلىپ ئالدىراپ ئېيتىپ سالغان بۇ گېپىمگە پۇشايمان قىلدىم ،رەپقەتنىڭ بۇندىن كېيىن مىنى ئىزدىمەي قېلشىدىن ئەمدى بۇ بىر كۆرۇپ ياخشى كۆرۇپ قالغان ئادىمدىن مۇشۇ سەپەرنى ئاخىرلاشتۇرۇپلا ئىزدەشمەي بىر كۇنلۇك بۇلۇپ قېلىشتىن ئۈكۇندۇم `
ئۇزۇن .....ئاتماس كېچە مۇشۇ سەپەردە بەك بىلىنسە كېرەك رەپقەت ماڭا ئورننى بۇشتۇپ بېرىپ باشقا ۋاگۇندا ئوخلاپ كېلەي دەپ كەتتى ،مەن بىر كۈرۈپ ياخشى كۆرۇپ قېلىشنىڭ ئازابىدا مىڭ تەستە تاڭ ئاتقۇزدۇم . ئەتىگەن ئالتىلەردە ئۇمۇ كېلىپ يۈز -كۆزلىرىنى يۇيۇپ مەن بىلەن ئولتۇرۇپ ناشتا قىلدى ،مەن ئاخشامقى ئىش ئۇچۇن ئۇنىڭدىن كەچۇرۇم سوردۇم ئۇمۇ مىيقىدا كۈلۇپ قۇيۇپ
ئاخشام ئۆتۇپ كەتتى بۈگۈن يېڭى كۇن يېڭى سۆز بولسا قىلە
دەپلا سەنلەپ چۇشتى ،ھەم تېلغۇنۇمغا ئۆزنىڭ تېلغۇن نۇمۇرىنى كىرگۈزۇپ بېرىپ قانداق ھاجىتىم چۇشسە ئىزدىشىمنى تاپىلدى ئۇنىڭ ئاخشامقى بىپەرۋا ھالىتىدىن تۇرۇپ ئۆزگۈرۇپ قالغىنغا ھەيران قېلۋاتاتتىم ،تۇرۇپ
ئۇ مىنى كىچىك دەپ ئالدىماقچىمدۇ يە دەپ ئويلاپمۇ قالدىم ،بىراق ئۇنىڭ سەممىيلىك چاقناپ تۇردىغان مىھرىبان كۆزلىردىن ئۇنداق قىلمايدىغانلقىنى جەزىملەشتۇردۇممانا بۇ سەپەرمۇ ئاخىرىلىشىپ بۇ ھەربىي بىلەن خوشلىدىغان چاغمۇ كەلدى بىز چېرايلىق خوشلۇشۇپ يولىمىزغا راۋا بولدۇق ،مەن ئاپام بار دوختۇرخانىغا كېرىپ ئاپام ھەم دادام بىلەن كۆرشۇپ ئاپامنىڭ كېسلىنىڭ ئېغىر ئەمەسلىكىنى بىلىپ كۆڭلۇم خېلى جايىغا چۇشتى ،ئاپاملارمۇ ئۆيگە كېتەيلى دەپ تۇرغاچقا مەن كىلىپ ئىككى كۇن بولغاندا مەن بىلەن بىرگە شىنجاڭغا قايتماقچى بولدى ،دادام ئىككىمىز ئاپامنى بالىنستا ياتقۇزۇپ قۇيۇپ سېرتلارنى توختىماي ئايلاندۇق ،ئەتە كېتىمىز دېگەن كۇنى دادام بىلەن دادامنىڭ ھەم ئاپامنىڭ ئاپسىغا سوغات ئېلىش ئۈچۈن كوچىغا چىقىپ ماگزىن ئارلاۋېتىپ يېقىن يەردە بىر تۇنۇش سىماغا كۆزۇم چۇشۇپ قالدى بۇ دەل رەپقەت ئىدى ئۇ توختىماي ئۇدۇلدىكى بىر قىزغا ۋاقىراپ سۆزلەۋاتاتتى ،قىز ئۇنىڭ سۆزنى قىرىغا ئېلىپ قويماي ئارقىسىغا ئۆرۇلۇپ كېتىپ قالدى ،ئۇ جايىدا قاققان قۇزۇقتەك تۇرۇپلا قالدى ،قېشىمدا دادام بولسىمۇ مەن رەپقەنىڭ قىشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا نىمىش بولغىننى سوردۇم ،ئۇ مىنى تۇيۇقسىز ئۇچۇرتۇپ قالغىنغا ئىشەنمىگەندەك ئالاق -جالاق بۇلۇپ كەتتى ،ئۇڭغۇچە داداممۇ قېشىمىزدا پەيدا بولدى ئۇلار چېرايلىق قول ئېلشىپ كۆرۇشتى
رەپقەت مەندىن ھازىر ساڭا تېلفۇن قىلاي دەپ تۇرغان ئىدىم ئاپاڭنىڭ ئەھۋالى قانداق دەپ سوردى مەن ئاپامنىڭ ياخشى بۇلۇپ قالغىنى ،ئەتە يۇرۇتقا قايتماقچى ئىكەنلكىمىزنى ئېيتىم ،ئۇ سەل تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن ئەتە بىرگە قايتايلى دېدى
شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككى سەپەرداش ئەتسى پويىز ئىستانسىدا ئۇچراشماقچى بۇلۇپ ئايرىلدۇق ،مەن دوختۇرخانغا قايتىپ كېلىپ نەرسە- كېرەكلەرنى ئاپامغا يۇغۇشتۇرۇپ بېرىپ دادام ئېلىپ بەرگەن مىھمانخانا ياتقىغا قايتىپ كېلىپ خېلى بىر چاقىچە ئوخلىيالمدىم ،كۆز ئالدىمدا رەپقەت بىلەن قىز دوستىنىڭ ئۇرۇشقان ھالىتى كەتمەيتتى ،تۇرۇپ ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق ئۇرشۇپ ئايرىلىپ كېتشىنى تىلسەم تۇرۇپ رەپقەتنىڭ ئۇ قىزدىن ئايرىلىپ ئازابقا قېلشىغا چىدىمايتتىم )
چىگىش خىيال بىلەن قاچان ئوخلاپ قالغىنمنى بىلمەيمەن ئەتىسى دادامنىڭ ئويغۇتىشى بىلەن ئۇيقچى كۆزلۇرۇمنى تەستە ئېچىپ ئاپام دادام بىلەن پويىز ئىستانسىغا قاراپ يول ئالدۇق ،تۇيۇقسىز يۈركۈم دۇپۇلدەپ سوقۇپ كەتكىنى ئۆزۇممۇ سەزمەپتىمەنقىزىم بىئارام بۇلۋاتامسىز دەپ سوردى ئاپامياق دېدىم مەن تېخمۇ جىدىيلىشىپ بىز ناھايتتى تىزلا ۋوگزالغا يېتىپ كەلدۇقبىز ئەمدى كىرا ماشىنىسدىن چۇشۇپ تۇرشىمىزغا بىر دەستە گۈل كۆتۇرگەن رەپقەت ئالدىمىزدا ئاسماندىن چۇشكەندەكلا پەيدا بولدى
ئۇنى ھەم قۇلدىكى گۈلىنى كۆرۇپ شۇنداق ھاياجالاندىم ھەم بېرىپ گۈلىنى ئېلىشقا تەمشلىشىمگە ئۇ بۇ گۈلىنى ھەدەمنىڭ دوختۇردىن چىقىنى مۇبارەكلەپ سوغا قىلاي دەپ ئاپامنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئاپامغا بۇ بىر قۇچاق گۈلنى بەردى
خىڭ دېدىم ئۇنىڭغا ئاليىپ تۇرۇپ دادام مىنىڭ چېراي ئىپادەمنى كۆزتۇپ تۇرغاچقا ماڭا كۈلۇپ تۇرۇپ
ماڭا قىزىم مەن ساڭا گۈل ئېلىپ بېرەي دېدىئاپاممۇ رەپقەتمۇ دادامنىڭ گېپىگە تەڭلا كۈلۈپ كەتتى ئاپام قۇلدىكى گۈلىنى ماڭا سۇنۇپ تۇرۇپ `
سىنىڭ دوستۇڭ سىنى دېمسە مەندەك قېرىغا گۈل سوغا قىلمايتتى شۇڭا رەنجىمەي ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيىت دېدى .
شۇنداق قىلىپ تۆتىمىز بىرگە پويىزغا چىقىپ شىنجاڭغا قاراپ يول ئالدۇق ،رەپقەت يول بۇيى دادام ئاپامغا ئۆز ئاتا -ئانسىدەك مۇئامىلە قىلىپ ئۇلارنىڭ قۇلىغا قول پۇتىغا پۇت بولدى
رەپقەت تازلىق ئۆيگە كېرىپ كەتكەندە دادام مەندىن رەپقەت بىلەن قانداق تۇنۇشقانلىقىمنى سوردى ،مەن چاندۇرماي ئۇنىڭ بىلەن مەكتەپداش ئۆتكەن يىلى تۇنۇشقان بۇ قېتىم قىشىڭلارغا باردىغان چاغدا پويىزدا قايتا ئۇچۇرشۇپ قالدۇق دېدىم
دادام رەپقەتنىڭ بۇ شەھەرگە نىمگە كەلگەنلىكىنى سورغاندا مەن ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئۇنىڭغا ئېيتتىم دادام سەل ئۈمىدسىزلەندى بولغاي لىكىن ئارتۇق گەپ قىلمدى ،بىز ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا كېلىپ رەپقەتنى ئۆيگە كېرىشكە تەكلىپ قىلدۇق بىراق ئۇ قىسىمغا قايتىشنى باھانە قىلىپ كېتىپ قالدى ،مەن ئەتسى مەكتەپكە چىقتىم ،بىراق كۆڭلۇمنىڭ يېرىمىنى رەپقەت ئېلىپ كەتكەن ئىدى ،ئۇنىڭغا شۇنداق تېلفۇن قىلغۇم بولسىمۇ بىراق ئۇنىڭ قىز دوستى بىلەن سوقشۇپ قالغان پەيتتە قىشىدا پەيدا بۇلۇشنى لايىق تاپمىدىم ،
مەن مەكتەپكە قايتىپ كېلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن ياتاقتكى ھەم سىنىپتىكى دوسلۇرۇم بىلەن بىرگە 19 ياشلىق توغۇلغان كۈنۇمنى ئۆتكۇزدۇم بىز بىر رېستۇراننىڭ ئايرىمخانسىغا جايلىشىپ تاماقلىنۋاتساق رەپقەت بىر دەستە ئەتىرگۈلىنى كۆتۇرۇپ ئالدىمدا پەيدا بولدى ئۇنى كۆرۇپ شۇنداق شاتلاندىم ئۇنىڭ ماڭا سۇنغان گۈلىنى ئېلىپ ئۈزۇمنى ئالەمدىكى شۇنچىلىك بىر شادىمان قىز ھىسابلىدىم ،ھەم بۇنىڭ چۇش بۇلۇپ قالماسلىقدىن قورقۇپ يۈزۇمنى چىمداپ باقتىم ھەممە ھەقىقەت ئىدى رەپقەت قېشىمدا ،ئالدىمدا ئىدى ،ئۇ ماڭا بىر مىدالىيوننى تەڭلىدى مەن نازلىنىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ تاقاپ قۇيشىنى ئۆتۇندۇم ،ئۇ بوينۇمغا مىداليوننى ئېسىپ بۇلۇپ پىشانەمگە بىرنى سۆيدى
گەرچە شۇ ۋاقتا شۇنچىلىك شاتلانغان بولساممۇ بىراق تۇيۇقسىز كۆز ئالدىمغا رەپقەت بىلەن قىز دوستى كەلدى ،
ئۇ قىز دوستى بىلەن ؟؟؟؟؟
ئويلاپ شۇ يەرگە كەلگەندە رەپقەت مىنى بىر مەيدان ۋالىسكە تەكلىپ قىلدى بىز لەرزان مۇزىكىغا پىقىرغاچ بىر -بىرىمىزگە ئوتلۇق بېقىشتۇق
رەپقەت قىز دوستىىڭىز دېدىم تەسلىكتە
خاتىرجەم بۇلۇڭ بىز ھېلقى سوقشۇپ قالغان كۇنلا ئايرىلىپ كەتكەن دېدى ئۇ كۆڭلۇم سەل جايىغا چۇشكەندەك بۇلۇپ ئۇنىڭ قەدىمىگە ماسلاشتىم كۈلكە -ساداللار ئىچىدە ئولتۇرۇش ئاخىرلىشىپ رەپقەت مىنى مەكتەپنىڭ ياتقىغا ئاپىرىپ قويماقچى بولدى ،ئىككمىز بىرگە ئۈرۈمچىنىڭ سوغوق ئەمما گۈزەل قار مەنزىرسىدىن ھوزۇرلىنۇپ پىيادە مەكتەپكە قاراپ ماڭدۇق
مىنى ياخشى كۆرەمسىز دەپ سوردۇم رەپقەتتىن ئۇ مىيقىدا كۈلۇپ تۇرۇپسىزنى بىر كۆرۇپ ياخشى كۆرۇپ قالغان شۇڭا مۇھاببىتىم بىلەن قەستەن ئايرىلىپ كەتتىم دېدى
بىز ئوزاق قۇچاقلىشىپ تۇردۇق ،ئۆزۇمدىن بەش ياش چوڭ ئەر بىلەن بىرگە مۇھاببەت بېغىغا كېردىم ،شۇ كۇندىن باشلاپ رەپقەت ھەپتىدە بىر قىسمدىن قېشىمغا چىقىپ مىنى يوقلاپ تۇردى ،ئۇنىڭ خىزمىتى ئالدارش بۇلۇپ روخسەت بىرلمىگەندە مەن ئۇنىڭ قىشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدۇم ،كۇنلىرىم شېرىن مۇھاببەتنىڭ لەزىتى بىلەن ئۆتمەكتە ئىدى بىر كۇنى تۇيۇقسىز كەلگەن تېلغۇندىن خۇدۇمنى يوقاتتىم نۇمۇس قىلمايدىغان پاسكىنا مۇھاببىتىمدىن يېراق يۇر بولمىسا كۆرگلىكىڭنى كۆرسىتىمەن نىمە ؟كىمۇ سەن دەپ سوردۇم قارشى تەرەپتىن كىمۇ ؟خىڭ مەن رەپقەتنىڭ قىز دوستى بىز ئارلاشقلى تۆت يىل بولدى ئاڭلىسام سەن ئارىغا قىستۇرلۇپ كېرۋاپسسەن دېدى قىز زەردە بىلەن
خاتالاشمىغانسەن ؟مەن رەپقەت بىلەن ئىككى يىل ئارلىشىپ سەندەك بىرسىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەنغۇ دېدىم مەنمۇ بوش كەلمەي نىمە ؟ئىككى يىل ئارلاشتىم ؟نەدە تۇرۇپ ئارلاشتىڭ نىمە كارىڭ دېدىم ئۇنىڭ گىپىنىڭ بىلگە تېپىپ
ئىشقىلىپ رەپقەت مىنىڭ دېدى ئۇ
مىنىڭ دېگەنگىلا سېنىڭ بۇلۇپ قالدىغان شاختىكى ئالما ئەمەس ئۇ ،رەپقتنىڭ كىمنى خالىششىغا قارا دېدىم ئۇنىڭغا
قاراپ تۇر رەپقەت كىمنى تالايدىكىن ئەتىلا جاۋابىغا ئېرىشسەن
قىز شۇنداق دەپلا تېلفۇننى ئۈزدى
قاققان قۇزۇقتەك تۇرپلا قالدىم شۇندىمۇ دەرھال ھۇش -كاللامنى يىغىپ رەپقەتكە تېلغۇن قىلدىم بىراق ئۇنىڭ تېلفۇننى ئېتىك بۇلۇپ چىقتتى ،ئۇرىۋەردىم ،قانچە قېتىم ئۇرغۇنۇمنى بىلمەيمەن لىكىن ئۇنىڭ تېلغۇننى زادى ئېلىنمدى ،ئۇنىڭ قېشىغا بارماقچىمۇ بولدۇم بىراق مەكتەپ دەرۋازىسىدىن تۇسۋېلىپ سېرىتقا زادىلا چىقارمىدى ،ئەتسى بىر كۇن خارامۇش ھالدا دەرىسكىمۇ، مەشىقىمۇ چىقماي يېتۋالدىم كەچ كېرەي دېگەندە تۇنگۈنكى ھېلقى قىزدىن يەنە تېلغۇن كەلدى چىقۋە ماۋۇ مەكتىۋېىڭنىڭ ئالدىغا دېدى ئۇ قۇپال ھالدا تېلغۇن قىلغان بۇزۇقنىڭ قانداقراق بىر نىمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ بېقىش ئۇچۇن ئالدىراپ مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا باردىم دەرۋازىۋەن مىنى يەنە چىقىلى قويمىدى ،ئامال يوق مەكتەپنىڭ ئارقا ھويلىسىغا بېرىپ تامدىن ئارتىلىپ پەسكە چۇشتۇم ،سەكىرگەندە قاتتىقراق چۇشۇپ كەتتىمۇ ئۇشقۇم ئاغرىپ پۇتۇمنى سۆرەپ تەستە مەكتەپ ئالدىغا كەلدىم
رەپقەت بىلەن بۇرۇنقى قىز دوستى يەنە بىر نىملەرنى تالشىۋاتاتتى رەپقەت مىنىڭ كەلگىنىمنى كۆرۇپ ھالاقىزەدە بۇلۇپ كەتتى ،ھېلقى جىندەك ياشنىۋالغان ئۇرۇق ئىسكلىت ياراشماي چۇشۇپ قالاي دەپ قالغان كالتە ئىشتانلىرنى يۇقۇرىغا تارتىپ ئالدىمغا كېلىپ مەيدەمدىن ئىىتىرىپ تۇرۇپ `گىپىڭ بولسا ئەمدى قىل نىمىشقا مىنىڭ ئوغۇل دوستۇمغا يېپشۋالسەن دېدى
ئەزەلدىن مەكتەپ سوراپ چوڭ بولغانمەن نىمىشقا مەيدەمدىن ئىتىرسەن دەپ ئۇ ئىسكلىتنىڭ ياقىسدىن تۇتتۇم
ئۇمۇ بوش كەلمدى ئىككىمىز پومداقلىشىپ ئەر تالشىپ چاچلاشتۇق ،رەپقەت قايسى تەرەپكە يان بېسىشىنى بىلمەي بىشمىزدا قاراپ تۇردى
ئۇنداق نان يىمەس ئاۋاقلاردىن تاياق يەيدىغان رەفىسەنى ئاپسى تېخى تۇغمىدى ،ئۇنى ئاستىمغا بىېسۋېلىپ راسا ئۇردۇم ،ئۇ ياتاق زەربسدىن ئاجىز ئىڭرايتتى ،ئۇنىڭ ئىڭراشلىرىغا رەپقەت چىداپ تۇرالمىدى بولغاي مىنى ئۇنىڭدىن ئاجىراتتى ،ھېلقى ئىسكىلت ماڭا كۆچى يەتمەيدىغاننى بىلدى بولغاي توختىماي ئاغزىدىن پوق ئاققۇزۇپ مىنى تىلاۋاتاتتى ، ئۇ تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپ رەپقەتنىڭ ئالدىغا كېلىپئېيتە رەپقەت ئۇ ساڭا چاپلىشۋالغان شۇنداقمۇ دەپ سوردى مەن تېخى رەپقەتنى
ئۇنداق ئەمەس مەن ئۇنى ياخشى كۆرمەن دەمدىكىن دەپ ئويلاپتىمەن كىم ئويلىسۇن :
شۇنداق مەن ئۇنى ياخشى كۆرمەيمەن ،شۇ ئىچىم پۇشۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئىزدەشكەن ،خاتىرجەم بول بۈگۈندىن باشلاپ ئۇنىڭدىن ئالاقىنى ئۆزىمەن دېدى ئۇ ئۇنىڭ بۇ سۆزنى ئاڭلاپ مىڭەمدىن تۇتۇن چىقىپ كەتتى ،ئۇنىڭغا زاردە بىلەن قاردىم بىراق ئۇ مەندىن كۆزلىرىنى ئېلىپ قېچىپ ھېلقى ئىسكىلتىنى يۈلگەن پېتى قېشمىدىن غايىپ بولدى ،ئۇلارنىڭ ئارقىسدىن ئۇزاق قاراپ تۇردۇم ئىچىم ھەسرات -نادامەتتە ئۆرتەندى توۋا دەيمەن مەن كىم بىلەن ئارلاشتىم ،نىمىشقا ئارلاشتىم ،قانداق ئايىرىلدىم ھەمىگە ھەيران قالدىم ،مۇھاببەتكە قانداق تىز ئېرىشكەن بولسام شۇنداق تېز ئايرىلىدىم ،رەپقەتكە ئەمەس ئۆزۇمگە..... ئۆزۇمنىڭ ئەخمەقلىقىگە ئېچىندىم ،كۆز ئالدىم قاراڭغۇلشۇپ يەرگە يېقىلدىم ،بىر كەم بولغاندا كۆزۇمنى ئاچسام دوختۇرخاندا ياتىمەن ،يېنىمدا ئاپام ئولتۇرپتۇ ،رەپقەتنى ھەممە يەردىن ئىزدىدىم بىراق قېشىمدا ئۇنىڭ سايىسىمۇ يوق بۇرۇقتۇرما بۇلۇپ سېرىتقا چىقماقچى بولۇپ كىسەل كارۋېتىدىن چۇشتۇم دە يەنە يەرگە يېقىلدىم ،پۇتۇن گىپسىلانغان بۇلۇپ چىقتى پۇتۇمنىڭ ئاغرىقدىنمۇ ياكى پۇچلانغان يۈركۈمنىڭ ئاغرىقىدنمۇ ئىشقىلىپ بىلمەيمەن ،توختىماي ھۆڭرەپ يىغلىدىم ....يىغلىغاندىمۇ پۇتۇن دوختۇرخاندىكى بىمارلار ئاڭلىغۇدەك يىغلىدىم ،يىغا ئاۋازىمنى بارچە ئاڭلىدى بىراق رەپقەت ئاڭلىمدى ،ئاھ چەكتىم ،ئاھلىرىم بارچىگە يەتتى بىراق رەپقەتكە يەتمىدى ......... دوختۇرخاندا بىرەر ئايچە ياتتىم رەپقەت كېلىپمۇ سالمدى ،كەلمىسە مەيلى ئىدىغۇ بىرەر قېتىم بولسىمۇ تېلفۇن قىلپمۇ قويمىدى ،چىدىماس يۈركۈم يەنە ئۇنىڭغا چىدىمغاچقا بىر دوستۇمنى ئۇنىڭ قېشىغا ئەۋەتتىم ،بىراق ئۇ ئىپلاس رەفىسە ئاۋارە بولمىسۇن مەن ئۇنى ياخشى كۆرمەيمەن دەپ دوستۇمدىن ئازاب ئەۋەتىپتۇ ،يەنە يىغلىدىم ،ھاياتىمغا ئېچىندىم ،ئۆزۇمگە نەپرەتلەندىم ،تۇيۇقسىز ئالدىمدا پەيدا بۇلۇپ قالغان ئوغۇل بالىنى ياخشى كۆرۇپ قالدىم دەپ ئۇنىڭ پىشىگە ئېسلىۋالغاندىن كىيىن بۇ كۇنلەرمۇ ئۆزۇمگە ئاز دەپ ئۆزۇمنى تىلايتتىم ،تەستەكلەپ ئۇراتتىم ........
ماڭا قاراپ ئاپام بەكلا تۈگشۇپ كەتتى ئامال يوق پۇتۇم ساقىيشىغىلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ بارچە ئەلەمنى ئۇنۇتماقچى باشقىدىن ئادەم بولماقچى بولدۇم
لىكىن بۇ ئېغىزدا ئېيتلىشى ئاسان، قىلىش تەس ئىش بولغاچقا مۇھاببەت ئوتىدا پۇچلاندىم ،
ھەسرەت نادامەت بىلەن ئاخىرى ئوقۇشمۇ پۇتتۇردۇم ، ئوقۇش پۇتتۇرۇپ مەمۇرىي ئىمتاھان بېرىپ ئۆيۇمگە ئانچە يېراق بولمىغان بىر ساقچىخاندا ئارخىپ خىزمىتى بىلەن شوغۇللاندىم ،بۇ ساقچىخاندا بىر ساقچىخانا باشلقى ئىككى خەنزۇ يولداش ئۈچ ئەر ساقچى بۇلۇپ ئىككىسى توي قىلىپ بولغان يەنە بىرسى بولسا مەندىن بىر يىل بۇرۇن بۇ ساقچىخانغا كەلگەن راشىت ئىسىملىك بالا ئىدى ،ئۇنىڭ قاراشلىرى ،كۈلشى ،گەپ قىلشى شۇنچىلىك جەزىبدار ئىدى ،ئۇنى بىر كۆرگەن قىز چۇقۇم ئۇنىڭغا كۈيۇپ قالماي قويمايتتى ،يۈركۇمنىڭ مەلۇم يېرىدە ئۇنىڭغا ئېنتىلىپ قالغان بولساممۇ بىراق رەپقەت ۋەقەسىنىڭ قايتا تەكرالىنىپ قالماسلىق ئۈچۇن ئۇ بالغا ئارتۇق گەپ قىلماي يۈردۇم ،كىيىنچە ساقچىخانغا تۇلا كېلدىغان شەيدا دېگەن ئالىي مەكتەپتىكى دوستۇمنىڭ ئۇ بالا بىلەن مۇھاببەتلىشۋاتقىنى بىلىپ ئۇ بالدىن ئۆزۇمنى تېخمۇ ئېلىپ قاچتىم ،راشىتمۇ ماڭا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىدى
مەن خىزمەتكە چۇشۇپ ئۇزاق ئۆتمەي رەقىب بىلەن كوچىدا ئۇچۇرشۇپ قالدىم ئۇنىڭ چېرايىنى كۆرەگە كۆزۇم بولمىغاچقا ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي ئۆتۇپ كەتتىم ،بىراق ئۇ كەينىىمدىم كېلىپ ماڭا بىرگە تاماق يەپ كېلىشنى ئېيتتى كىم بىلەن سەن بىلەنمۇ ؟خىڭ كۆزۇمدىن يوقال دېدىم ئۇ ئىپلاسقا ساڭا دەيدىغان بەك كۆپ چۇشەندۇرۇش بار ئىدى سەندىن ئۆتىنەي دېدى ئۇ تىزلانغىدەك بۇلۇپ
ھەي !!!!يۈرەك دېگەن بۇ كىچكىنە نەرسە نىمشىقا بۇنچىلىك چىدىماستۇ ،ئامال يوق ئۇنىڭ بىلەن بىر چايخاننىڭ ئايرىمخانسىغا كېرىپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالدىم كەچۇر جېنىم ئەسلى مەن ئۇنى ياخشى كۆرمەيتتىم ،ئۇنىڭ دادسى بىز بار قىسىمنىڭ باشلىقى ئىدى شۇڭا دېدى ئۇ نۇمۇسسىزلارچە ئاندىنچۇئاندىن ئۇ دادسىنىڭ قول ئاستىدىكلەر ئارقىلىق ئىككمىزنىڭ ئىشنى بىلىپ قاپتۇ شۇڭا خىڭ شۇڭا مېنى رەھىمسىزلەرچە تاشلاپ كېتىپ قالدىڭمۇ دېدىم ئاچىقتا ئۇنداق قىلمىسام ئۇنىڭ دادسى مىنى قىسمىدىن ھەيدەيتتى شۇنداقمۇ ؟ساڭا مەنسەپ ،مەنپەت بولسىلا بۇلامدۇ ،دەپلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ قېشىدىن يېنىپ چىقتىم ،يېنىپ چىقپمۇ قەلبىمنىڭ بىر يەرلىردىن ئۇنىڭغا تارتىشىپ قالدىم ،ئامال قانچە مانا بۇ ياخشى كۆرۇش بولسا كېرەك !!!!!
ئۇنى شۇ ئۇچراتقانچە ئۇچۇرتۇپ باقمىدىم ،بىر يىلدىن كېيىن مەن ساقچىخاندىكى ھېلقى ئىككى خەنزۇ يولداش بىلەن دېلو ئېنىقلاپ قايتاشىمىزدا بىر تاماقخانغا تاماققا بېرىپ ئۇنى يەنە بىر ساقچىخاندىكى ساقچىلار بىلەن كۆردۇم ھەممىز بىر ساھەدە بولغاچقا ئۈز -ئارا باردى -كەلدىمىز قۇيۇق ئىدى ،بىز ئۇلار بار ئۇرۇنغا كېلىپ ئولتۇرۇپ ئۇلار بىلەن بىرگە غىزالاندۇق ، ئۇنىڭ مىسكىن چېرايىغا قاراپ ئىچىم سېرىلدى ،تاماق يېدىممۇ ياكى زەھەرمۇ بىر خۇدا بىر ئۈزۇم بىلمەن ،
بىز بىرگە تاماق يەپ ئولتۇرۇپ بۇ سورۇندىن چىقىپ ھەممىز مۇھاببەتلىرىمىزنى ئېلىپ باشقىدىن بىر سورۇن تۇزۇپ ئولتۇرماقچى بولدۇق ، ;
مەن بۇ ئەبلەختىن ئايرىلىپ تېخچە بىرسى بىلەن يۈرۇپ باقمىغاچقا كىمنى ئاپىرىش توغۇرلۇق بېشىمغا غەم چۇشتتى ،بارماي دېسەم ئۇ ئىپلاسنىڭ ئالدىدا چېنىپ قېلىشتىن قورقتۇم ،باراي دېسەم ھەمراھ يوق
ئامال بولماي ھېلقى خىزمەتدېشىم راشىتقا تېلغۇن قىلدىم ،ئۇ قىز دوستى شەيدا بىلەن ماگىزىن ئارلاۋېتىپتىكەن ،قىز دوستى مىنىڭ بارلىق ئىشىمنى بىلگەچكە ئوغۇل دوستىنى خاتىرجەم ھالدا ماڭا بىر كەچلىك ئىجارىگە بېرىپ تۇردى ، ئۇنىڭ شەرتى ئەتە شەيدا بار قىسمىنىڭ ئارخىۋىنى ئىشلەش بولدى مەن ساقچى فورمىسنى سېلىپ قىزىلىق لاتاپەت بىلەن ياسنىپ راشىت قېشىغا كەلدىم ،راشىت ئەزەلدىن مىنى پۇخراچەكىيىم بىلەن كۆرۇپ باقمىغاچقا بەك ھەيران قالدى ،ئۇمۇ شۇنداق سالاپەتلىك يىگىت بولغاچقا بىز خۇددىي ئالتۇن ئۈزۇككە ياقۇت كۆزدەك ماسلاشقان ئىدۇق ،مەن راشىتنى قولتۇقلاپ مەردانە ھالدا دىيىشكەن ئۇرۇنغا كەلدىم ،رەپقەت ھەم باشقىلار ئالبۇرۇن كىلىپ بولۇشقان ئىدى ،راشىت بىلەن ئىككمىزنى باشقا خىزمەتداشلىرىمىز كۆرۇپ ھەيران قالدى ،ئەزەلدىن ئارتۇق گەپمۇ قىلىشمايدىغان خىزمەتداشلارنىڭ تۇيۇقسىز ئاشىق -مەشۇقلار سۈھپىتىدە مەيدانغا چىقشى ھەممىنى تاڭ قالدۇردى ئوخـــــــــــــــو راشىت قاچان كەلتۇرۋالغان بۇ ساھىپجامالنى دېدى خىزمەتدېشىمىز ئالىم ئايالىغا قارىغاچ شۇنى دەيمەن ئىككىڭلار مەخپىي يۇرۇپتىكەنسىلەردە دېدى ئادىل
راشىتمۇ چاندۇرماسلىق ئۇچۇن
شۇ توي قىلغىچە مەخپىي يۇرەيلى دېيىشكەن دەپ قويدى
شۇنىڭ بىلەن بايدىن بېرى بىزنى ساقىلغاچ ئىچشكەن ھاراقكەشلەر بىزنىڭ توينىڭ ۋاقتىنى سوراپ تۇرۋالدى بىز كېلەر ئايدا دەپ قويدۇق ، 1--_
رەپقەت ئۆزى يالغۇز كەلگەن ئىدى ،ئۇ راشىت ئىككمىزنىڭ قىلغان يېقىنچىلقىمىزدىن بىزار بۇلۇپ مىخ ئۇستىدە ئولتۇرغاندەك قىتىڭشىپ كەتكەن ئىدى ،راشىت ئويۇن ئويناشقا ئۇستا بولغاچقا پەقەت چاندۇرمايتتى ،مەنمۇ ئۇنىڭغا ماسلىشاتتىم .
شۇنداق قىلىپ مەن ئىجارىگە ئالغان ئوغۇل دوستۇم بىلەن مەزمۇت دەسەپ كېرىپ خۇشال يېنىپ چىقتىم
راشىت مىنى ئۆيگە ئەكىلىپ قۇيۇپ قايتتىپ كەتتى
ئەتىسى بىز ئىشقا بارساق ھەممىسى بىزنىڭ ئىشىمزدىن خەۋەردار بۇلۇپ بىزنى قىزىق نوختا قىلىپ بەس -بەستە سۆزلىگلى تۇرۇپتۇ ، ~بىز يەنە چاندۇرماي ,
ھە بىز مەخپىي يۈرۇشكەن ئاشىق -مەشۇقلار دەپ قۇيۇپ ئۆز خىزمىتىمىزگە كىرشىپ كەتتۇق بۇ ئىشلار بۇلۇپ بىر ھەپتە بولغاندا راشىت تۇيۇقسىز ماڭا تېلغۇن قىلىپ بۈگۈن ئالىي مەكتەپتىكى ياتاقدېشىنىڭ تۇغۇلغان كۇنى ئىكەنلىكىنى ،بۈگۈنكى سورۇندا راشىتنىڭ دوسلىرنىڭ قىز دوستى كەم بولسا بولمايدىغانلقىنى ،راشىتنىڭ قىز دوستىنىڭ كوماندۇرپكىغا چىقىپ كەتكىنى شۇڭا مىنى ئۆزى بىلەن بىرگە ھېلقى سورۇنغا بېرىشىپ بىرشىمنى ئېيتتى
راشىت ئالدىنقى قېتىم مىنى قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتكۇزۇپ قويغاچقا ئۇنىڭغا ياق دېيشتىن ئۇيلۇپ ماقۇل دەپ ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇننى دېيشىپ كەچ سائەت يەتتىدە شۇ جايدا ئۇچراشماقچى بولدۇق
مەن بىراۋنى ساقلىتىشنى ئەدەبسىزلىك بىلىپ ئالتە يېرىم بىلەن دېيىشكەن ئورۇنغا كېلىپ بولدۇم ،راشىتمۇ ھايال قالماي قېشىمغا كەلدى ،ئىككىمىز يەنە بىر -بىرىمىزنى ئىجارىگە ئېلىپ سورۇنغا باردۇق
سورۇندىكلەر راشىتنىڭ قىز دوستى توغۇرلۇق راشىتتىن سوردى
توۋا ئوغۇللار نىمانداق قېلىن
راشىتمۇ ھېلقى ئىپلاس رەپقەتتەكلا بىز ئايرىلىپ كەتتۇق ،اللاھ خالىسا مەن رەفىسە بىلەن توي قىلمەن دېدى
ئۇنىڭ بۇ سۆزنى ئاڭلاپ راشىتنى ئۇلارغا يالغان سۆزلەۋاتىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن ،كىم ئويلىسۇن سورۇن ئاخىرلاشقاندا ئۇ مىنى ئۆيگە ئاپىرىپ قۇيۇش ئۇچۇن مېڭىپ يەنە شۇ گەپنى قىلدىقىز دوستىڭىزنى قانداق قىلسىز دېدىم ئۇنىڭغا
قانداق قىلاتتىم ئايرىلمەن ،پەقەت سىز بولسىڭىزلا ئۇنىڭدىن ئايرىلمەن دېدى ئۇ
مەن ئارتۇق گەپ قىلماي ئۆيگە كېرىپ كەتتىم ،كاللام چىگىش خيال بىلەن چىڭقىلىپ ئاغرىشقا باشلدى بۇنىڭغا قۇشلۇپ تېلفۇنۇم توختىماي سايراپ مىنى ئاراممدا قويمايتتى ،تېلفۇننى راشىتنىڭ ئۇرغىننى جەزىملەشتۇرۇپ ئالمىدىم ،لىكىن تېلفۇن ھىچ توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى
ئىرىنچەكلىك بىلەن تېلفۇننى ئالدىم
ۋەي ..... رەفىسە بۇ مەن راشىت دېدى ئۇ
بىلمەن بىرەر ئىش بارمىدىم دېدىم ئۇنىڭغا سوغۇقلاھەئە
ئەمسە تېز ئېيتىڭمەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن
ئۇنىڭ بۇ سۆزنى ئاڭلاپ نىمە دېيىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم ،رەپقەت بىلەنمۇ قىز دوستى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئايرىلىپ كەتتىم دېگەن يالغان سۆزىگە ئالدىنىپ ئىككى يىللىق ئۈمرىمنى بىھۇدە ئۆتكۇزگەننى ئاز دەپ يۈركۈمىنى زەردە قىلغان ئىدىم ،ئەمدى راشىت بىلەنمۇ ھەي
كاللام يەنە چىڭقىلىشقا باشلىدى ئارتۇق گەپ قىلمايلا تېلفۇننى قۇيۋەتتىم ،تېلفۇننى قۇيۇپ تۇرسام رەپقەت تېلفۇن قىپتۇنىمە دەيسەن دەپلا تېلفۇننى ئالدىم قۇپال ھالدا
ھىچنىمە ئاڭلىسام راشىت بىلەن ئارلىشۋېتىپسەن ،كاللاڭنى ئىشلىتىپ باشقا ئادەم تاپساڭ بولمامدۇ ،ئۇنىڭ قىز دوستى بار تۇرسا ئۇنىڭغا ئاشنا بۇلامسەن دېدى ئۇ
نىمە كارىڭ ئۇ مىنىڭ مۇھاببتىم ئىشڭنى قىل دەپلا ئۇنىڭ تېلفۇنمۇ ئۈزدۇم تېلفۇننى قۇيۇپ بۇلۇپ ئۇنىڭ سۆزنىمۇ ئويلىنۇپ قالدىم ، شۇنچە ئويلانغان بولساممۇ بىراق ئىشنىڭ تىگىگە ھىچ يېتەلەيدىغاندەك ئەمەس ئىدىم ، ئىنسان ھاياتتى دېگەن دولقۇن گىرافىكىدەك ئەگرى -بۈگرى بۇلدىكەن ،بىز ئىنسانلار ئۇنى تۈزلەيمىز دەپ مىڭ كۈچسەكمۇ بىكار ئىكەن شۇڭا ھەممە ئىشنى تەبئەتنىڭ قانۇنيىتىگە بويسۇندۇرۇش زۇرۇر ،مەنمۇ ئۈزۇمنى ئۇپراتماي ھەممە ئىشنى سۇنىڭ ئېقىشى بۇيۇنچە بىجىرمەكچى بولدۇم كۇنلەر يەنە بىر خل ئۆتمەكتە ئىدى،راشىت كۇندە دېگىدەك ئىشخانامدىن چىقماي ماڭا ئۇشاق يىمەكلىك تۇشۇپ ئاۋارە ،رەپقەت تېلفۇن قىلىپ نەسھەت قىلىپ ئاۋارە ،بۇلارنىڭ قىلغىنى ماڭا ھىچ تەسىر قىلدىغاندەك ئەمەس .بىراق ئالىي مەكتەپتكى دوسلار ئولتۇرشى ،تۇلۇق ئوتتۇردىكى ساۋاقداشلار يىغلىشى دېگەندەك سورۇنلارغا بارغاندا راشىتنى ئارىيەت ئېلىپ ئۈزۇمگە ھەمراھ قىلىپ يۈرىۋەردىم ،ئادەم بىرسى بىلەن بىرگە ئۆتىۋەرسە شۇنىڭا كۇنۇپ قالامدۇ ،كونىلار كۈنگەن يامانمۇ كۆيگەنمۇ دېسە بىز بىزەڭلارچە كۆنگەن دەپ شۇئار توۋلاپ يۈرگەندەك مەن راشىتقا كۈنۇپ قالدىم ،ھەر ۋاقىت بىرگە تاماققا چىقىپ بىرگە ئۆيگە قايتتىپ يۈردۇق ،ئۇڭغچە راشىتنىڭ قىز دوستىمۇ كوماندۇرپكىدىن قايتىپ كەلدى ،مەن يەنە يۈزۇمنى قېلىن قىلىپ ئۇ قىزغا تېلفۇن قىلىپ راشىتنى ئۆتنە ئېلىپ سورۇنلاردا يۈردۇم ئۇ ساددا قىزمۇ ماڭا ئۆزىنىڭ چالا قالغان ئارخىۋىنى ئىشلىتش ئۈچۈن راشىتنى ئىجارىگە بېرىپ ئاۋارە
دۇنيادا ئاشكارلانمايدىغان سىر يوق شۇڭا سىرىڭنىڭ ئاشكارلىنىپ قېلىشتىن قورقساڭ شۇ ئىشنى قىلما دېگەن گەپ بار ،
راشىت بىلەن بىرگە يۈرگەن قېتىم سانىمىزنىڭ كۆپىيشىگە ئەگىشىپ راشتنىڭ قىز دوستى ئىككمىزنىڭ غەيرى مۇناسىۋېتىنى بايقاپ قېلىپ ساقچىخانغا كېلىپ ساقچىخاننى بېشىغا كەيدى ،ماۋۇ راشىتنى رەپقەتتەك مىنى تاشلاپ كېتەمدىكىن دېسەم مەردانلىك بىلەن
سىنى ياخشى كۆرمەيمەن ،مۇھاببەت ھەر ۋاقىىت ئۆزگىرىپ تۇردۇ ،مىنىڭ ساڭا بولغان مۇھاببىتىم تارىخ ،رەفىسەگە بولغان مۇھاببتىم بولسا ھازىرقى ساپ مۇھاببەت دېدى
ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ شۇنچىلىك ھاياجانلاندىم ،راشىتنىڭ قىز دوسىت راشتنىڭ ۋىجدانسىزلارچە ئېيتقان بۇ سۆزنى ئاڭلاپ يەرگە كىرىپ كەتمىدى بېرىسى بولدى ،راشىتقا گەپ قىلىشنىڭ ئورنى يوقلىقىنى ھىس قىلدى بولغاي مىنى تىلاشقا باشلىدى
ھۇ تۇزنىنى يەپ تۇزلىقىنى چاقىدىغان ئىپلاس ،راشىتنى ئىجارىگە ئالغاندا ساڭا بېرىپ تۇرمىسام بوپتىكەن خەپ ھامان بۇ ئىشىڭغا پۇشايمان قىلسەن دەپ يىغلىغان پېتى چىقىپ كەتتى
خىڭ بۇ ئەر تالشش جېڭىدە مەن يەڭگەچكە غادايغان پېتىم ئىشخانامغا كېرىپ كەتتىم بىراق شۇ كۇندىن باشلاپ ھەممە خىزمەتداشلار ھەم تۇنۇش- بىلىش ئارسىدا
راشىتنى ئىجارىگە بېرىگەن ئوغۇل دوس ،مىنى ئىجارىگە ئېلۋېلىپ ئۆي مۈشكىنى قوغلاپ چىقارغان قاريۈز دەپ قارغايدىغان بولدى >ئامال قانچە جاھان شۇنداق ئىكەن ،سىز بىر چاغلاردا بىر تىپىك بىلەن قوغلانسىڭىز يەنە بىر چاغلاردا باشقىلار تەرپىدىن ئالتۇن تاجا قىلىنىپ باشقا قىسلىدىكەنسىز ،
بىر كىملەر سىزنى چالما دېسە يەنە بىركىملەر سىزنى قىزىل ئالما دەيدىكەن ،شۇنداق قىلىپ راشىت رەسمىي يۇسۇندا قىز دوستىنى چۈرۇپ مىنىڭ قېشىمغا كەلدى ،ئىككمىز بىر چاڭ ھەممنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىپ ئارىلىشىپ كەتتۇق
بىراق راشىتنىڭ قىز دوستى رەنامۇ بوش ئەمەس ئىكەن قانداق ئامال قولاندىكىن تاڭ رەپقەت بىلەن مۇھاببەتلىشۋاپتۇ ،ھەي توۋا جاھان تارىلىشىپ ئادەم قالمىغاندەك رەنا ئىككمىز ،رەپقەت بىلەن راشىت مۇھاببەتلىرىمىزنى تىگشىپ ئارىلىشىپ كەتتۇق ،ھازىرمۇ مانا "تىگىشكەن "ياق "ئىجارىگە ئالغان ئوغۇل دوستۇم "بىلەن مۇھاببەت بېغىدا يۈرۋاتىمىز بىراق بۇنىڭ بىلەن قانچىلىك ئارىلشمەن ئۆزۇممۇ بىلمەيمەن ،بۇرۇن مۇھاببتىم دەپ يۈرەتتىم بىراق ھازىر
رەپقەتنىڭ ئىسكىلتىنى بىردەمدە ئۇنتۇپ قىشىمدا پەيدا بۇلشى يەنە شۇ ئىسكىلىتنى دەپ مىنى تاشلاپ كېتشى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ يەنە مىنى ئىزدەپ پاراكەندە قىلشى شەيدانى ئۇچۇرتۇپلا يەنە مىنى ئۇنتۇشنى
راشىتنىڭ ماڭا بىر كۇنلۇك ئۆتنە ئوغۇل دوس بۇلۇپلا قىز دوستى بىلەن ئۆتكۇزگەن گۈزەل مىنۇتلارنى ئۇنتۇپ مىنىڭ كەينىمدە ئىتەك يۈرشى
ئۆزۇمنىڭمۇ شۇنچە كۈيدۇم بىر كۈرۇپ ئاشىق بولدۇم ،دەردىڭدە كاۋاب بولدۇم دېگەن ئوغۇل دوستۇمنى ئۇنتۇپ بىر كۇن ئۆتنە ئېلىپ سورۇنغا بېرىپلا بىرگە خىزمەت قىلىپ ياخشى كۆردۇم دەپ چاپلىشۋالغانلىقمغا ،ئۇنى ئاز دەپ ئۆزۇم ئۆتمىشتە تاشلىنىشنىڭ دەردىنى تارتىپ تۇرۇپمۇ بىراۋلارنى تاشلاتقۇزغانلىقمغا ئېچىنۋاتمەن ،،،،،
ھاياتىمغا ...تۇرمۇشىمغا ....مۇنۇ ئوغۇل دوسلۇرۇمغا ئېچىنۋاتمەن ،.....
لىكىن مىڭ ئېچىنغان بىلەنمۇ ئەيىپ ...نوخسان ...گۇناھ بۇلاردا ئەمەس ئۈزۇمدە ئىكەنلكىمنى ھىس قىلمايۋاتمەن ...سەزمەيۋاتمەن ....پاتقاققا پېتىپ تۇرۇپ شۇ پاتقاقتىن قۇتۇلۇشقا چارە قىلمايۋاتمەن ،گۈزەل .....پارلاق تۇرمۇشقا ئىنتىلمەيۋاتمەن
ھەي ئىنسان ئازغۇچى شائىرلار يازغۇچى دېگەن گەپ شۇ بولسا كېرەك