-
2010-07-27
ئاتا ، بايرىمىڭغا مۇبارەك ! - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
ئاتا ، بايرىمىڭغا مۇبارەك !
بىر كۈنلۈك ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن ، كونا ئادىتىم بويىچە « بىردەم بولسىمۇ پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ كېلەي » دەپ دوستۇم مەرداننىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدىم . كارىز سۈيىنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازى بىلەن قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى بىرىكىپ بىرخىل مۇڭلۇق كۈي ھاسىل قىلىپ ، ئادەمگە تەبىئىي ھۇزۇر ئاتا قىلاتتى . تېخى ھېلىلا ئېتىزدىن قايتىپ كەلگەن ئادەملەر مەھەلىمىزنىڭ كوچا دوقمۇشلىرىدا توپ-توپ بولۇشۇپ ، ھاردۇقىنى چىقارغاچ تاماكا چېكىپ ئولتۇرۇشاتتى .
__ ئاداش ، قولۇڭدىكى نىمە ئۇ ؟ __ قولىغا رەڭلىك قەغەزدىن چىرايلىق قىلىپ ئورالغان بىر كىچىك قۇتىنى كۆتۈرگىنىچە ئۆيىگە كىرىپ كېتىۋاتقان مەرداندىن سورىدىم .
__ ئاتامغا بىر سوۋغا ئالغان . جۈرە ئۆيگە كىرەيلى __ ئۇ شۇ گەپلەرنى دىگەچ مېنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى . مەن مەرداننىڭ كەينىدىن ئۆيگە كىردىم . كىرىپ ھېلىلا ئىشتىن قايتىپ كېلىپ ، تۆردە ئارام ئالغاچ تاماقنىڭ پىشىشىنى ساقلاپ تۇرغان غېنى ئاكام بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتۈم . بىز بۇ يىلقى ھوسولنىڭ قانداق بولىۋاتقانلىقى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتۇق . شۇ ئارىدا مەردان بايىقى كىچىك قۇتىنى ئاتىسىغا سۇنغىنىچە كۈلۈمسىرەپ سۆزلەشكە باشلىدى :
__ ئاتا ، بايرىمىڭغا مۇبارەك بولسۇن ! ساڭا ئۇزۇن ئۆمۈر ، سالامەتلىك تىلەيمەن !
بۈگۈن قانداق بايرام ئىكەنلىكىنى ھېچ ئويلىنىپ بىلەلمەي ، ھەيرانلىق نەزىرىم بىلەن مەردانغا قارىدىم .
__ بۈگۈن « ئاتىلار بايرىمى » ئەمەسمۇ ؟ __ مەردان ماڭا قاراپ چۈشەندۈرگەن تەلەپپۇزدا سۆزلىدى .
شۇ چاغدا ئۆزۈمنىڭ نىمە دىيەرىمنى بىلەلمەيلا قالدىم . غېنى ئاكام مەرداننىڭ قولىدىن قۇتىنى ئاستا ئالدى . شۇ چاغدا ئۇنىڭ قوللىرى تىترەپ كېتىۋاتاتتى . بۇ ئوغلىنىڭ كىشىلەرنىڭ ئانچە دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغاپ كەتمەيدىغان مۇشۇنداق بايرامنىمۇ ئۇنتۇپ قالماي ، ھەتتا سوۋغات تەييارلىغانلىقىدىن خۇشال بولغاندىكى تىترەش بولسا كېرەك . خىجىللىقىمدىن بۇ يەردە ئولتۇرىۋېرىشنى لايىق كۆرمەي ، ئۆيگە قايتىش ئۈچۈن سىرتقا چىقتىم . شۇ تاپ كاللام قۇپقۇرۇق ، كۆزۈمنى بىر نۇقتىغا تىككەن ھالدا كېتىۋاتاتتىم . ئەگەردە ئاتام ھايات بولغان بولسا ، مەنمۇ مەردانغا ئوخشاش ئاتامغا سوۋغات تەييارلاپ ، بۇرۇنقى جاپالىق كۈنلەرنىڭ شاھىدى بولغان ئەشۇ قورۇق باسقان يۈزلىرىگە سۆيۈپ تۇرۇپ « ئاتا ، بايرىمىڭغا مۇبارەك بولسۇن ! » دەپ بوينىغا ئېسىلار ئىدىم . ئىختىيارسىز كۆزۈمدىن ئىككى تامچە ياش مەڭزىمنى بويلاپ ئېقىپ چۈشتى . رەھمەتلىك ئاتام بىلەن خىيالىي مۇڭدىشىشقا باشلىدىم « ئاتا ، بىرەر قېتىم بولسىمۇ بايرىمىڭنى تەبرىكلەپ قويمىغان ، سېنى كۆپ قېتىم رەنجىتكەن مېنىڭدەك ئەقىلسىز ئوغلۇڭنى كەچۈرگىن ! بەلكىم ئەشۇ چاغلاردا ساڭا سوۋغات تۇرماق بىر ئېغىز بولسىمۇ بايرىمىڭنى تەبرىكلەپ قويغان بولسام سەن قانچىلىك خۇش بولۇپ كېتەر ئىدىڭ – ھە ! توۋا ، ئادەم دىگەن ئاجايىپ بولىدىكەن . دائىم ئاتا-ئانىمىز بېرىدا قەدرىگە يەتمەي ، كېتىپ قالغاندا بولسا كەينىدىن ئازاپلىنىپ ياش تۆكىدىكەنمىز ! » .
ئاتامنىڭ ۋاپات بولغىنىغىمۇ ئالتە يىل بولۇپ قالدى . ئاتام دائىم باشقىلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇپ ، ئۇلاردىن ھېچنېمىسىنى ئايىمايدىغان ، پۈتۈن ئۆمرىنى خەلققە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن ھۆرمەتكە سازاۋەر يېزا كادىرى ئىدى . يېزىمىزدىكىلەرنى ياخشى تۇرمۇشقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئاتام مەيلى قەھرىتان سوغۇق ، تومۇز ئىسسىقلاردا بولسۇن خىزمەت ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراشلا يۈرەتتى . شۇ چاغلاردا مەن پەرزەنتلىك مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلماقتا يوق ، ئاتامنى تالاي قېتىم رەنجىتكەنىدىم . ھازىر ئويلىساملا يۈرىكىم خۇددى يىڭنە سانجىلغاندەك ئاغرىپ ئازاپلىنىپ كېتەتتىم . قايسى بىر شائىرىمىز ئۆز شېئىرىدا « مەن ئاتامدىن ئايرىلىپ ، سۇندى قانىتىم يەنە قايرىلىپ » دېيىلگىنىدەك مانا ھازىر تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە بېشىمدىن نۇرغۇن ئىسسىق- سوغۇقلار ئۆتۈپ ، ئەينى ۋاقىتلاردا ئاتامنىڭ قانچىلىك جاپا تارتقانلىقىنى ، « ئاتا » دىگەن بۇ سۆزنىڭ دىمەككە ئاددىي ئېيتىلسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ ۋەزنىنىڭ شۇنچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئەمدىلىكتە تونۇپ يېتىۋاتىمەن .
« ئاتا » دىگەن بۇ سۆزنى دېيىشتىن مەھرۇم قالغان ، سېنى سېغىنىپ كۆزىدىن ئەمەس يۈرىكىدىن يىغلاۋاتقان ئەشۇ ئوغلۇڭ ئەمدى بولسىمۇ بۈگۈنكى بايرىمىڭنى تەبرىكلىۋالاي :
« ئاتا ، بايرىمىڭغا مۇبارەك ! ئاللاھ ، ياتقان يېرىڭنى جەننەتتە قىلسۇن !!! »
2009 - يىلى 6- ئاينىڭ 14- كۈنى تۇرپان
( تۈگىدى )مەنبەسى : باس باس توربىكىتى يوللىغۇچى :ھېكمةت