-
2010-07-27
ساراڭ قىزنىڭ مۇھەببەت ھىكايىسى - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
ساراڭ قىزنىڭ مۇھەببەت ھىكايىسى
ئاپتورى: ئابدۇخېلىل ئابدۇراخمان(قاشتېشى)
بۇ ھىكايە 2005-يىلى 6-ئايدا قاشتېشى مۇنبىرىگە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، 2008-يىلى 6-ئايدا قايتا ئۆزگەرتىلىپ يېزىپ ھازىرقى مۇكەممەل ھالىتىدە قايتا ئېلان قىلىنغان ، 2009-يىلغا كەلگەندە قاشتېشى مۇنبەر ئەزاسى ئەزىز ئىمىز«يانغىن» تەرپىدىن قاشتېشىدىن سەلكىن مۇنبىرىگە كۆچۈرۈپ يوللىنىپ ،بەزى بىر ئۇقۇشماسلىقلار سەۋەبىدىن بۇ ھېكايىنىڭ ئاپتۇرى ئەزىز ئىمىز«يانغىن» بولۇپ قالغان. بۇ ھىكايىنىڭ ئەسلى ئاپتۇرى ئابدۇخېلىل ئابدۇراخمان قاشتېشى. كەڭ تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئوقۇش پۈتتۈرۈپ يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەسەن بۇ چەت يېزىغا ئىشقا چۈشكىنىمگىمۇ ھەپتە ئېشىپ قالدى.كىچىكىمدىن ئوقۇتقۇچى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان،ياردەم بىرىدىغان كۆيۈمجان ئوقۇتقۇچىلىرىم تەسىر كۆرسەتكەن بولسا كېرەك.
كۈندە سەھەر ئونۇمدىن تۇرۇپ،سەھرانىڭ ساپ ھاۋاسىدىن ئەركىن نەپەس ئالىمەن،ئاندىن ئالى مەكتەپتىكى كۆڭۈلسىز-كۆڭۈللۈك ھاياتىمنى ئەسلەپ شىرىن ھىسلارغا چۆمۈلىمەن.ئاڭغىچە ئوقۇغۇچىلىرىم بىر-بىرلەپ كىلىشكى باشلايدۇ،بەزىدە ئۇلارنىڭ سەبىيلىك چىقىپ تۇرىدىغان ئوماق چىھرىنى،ئۇلارنىڭ ھېچنىمىدىن غەمسىز كۈلۈپ ئويناشلىرىنى كۆرگىنىمدە ئۆزەمنى گويا بالىلىق پەسلىمگە قايتىپ قالغاندەك ھىس قىلىپ ئاللىقانداق بەخت قۇچىغىدا ئەللەيلىنىمەن.يۇرتتىكى كىشىلەر ئۇچۇق-يۇرۇق،ئاقكۆڭۈل،چىقىشقاق مىجەزىدىن ئۈزۇن يىل ئىچكىرىدە ئوقۇش جەريانىدا شەخسىيەتچىلىق بىلەن تولغان بۇرۇقتۇرما ھاياتتىن قۇتۇلغاندەك ئۆزەمنى شۇنچە ئەركىن ھىس قىلىمەن.مېنى تېخىمۇ سۆيۈندۈرگىنى يۇرت چوڭلىرى ھەر كۈنى كەچتە ياشلارغا مۇقام ئۆگىتىۋاتقىنى بولدى،بۇ خېلى ئۇزۇندىن بىرى داۋاملىشىپ كىلىۋېتىپتۇ.بۇنىڭ تەسىرىدە ياشلار ئورۇنسىز جەڭگى-جېدەلدىن،قاڭسىق ھاراق سورۇنلىرىدىن بىردەملىك بولسىمۇ يىراقلىشىپتۇ.بىرەر ئىش بولسا بىرى-بىرىدىن ياردەم ۋە مەسلىھەت سوراپ ھەمكارلىشىدىغان ئۇيغۇرلاردىكى ئىسىل ئادەت ئەسلىگە كىلىشكە باشلاپتۇ.قۇرۇق پاراڭ ۋە غەيۋەت ئاۋۇيدىغان دوقمۇشلار چۆلدەرەپ،ھەركىم ئۆز ئائىلىسىنى روناق تاپقۇزۇش ئۈچۈن تىرىشىۋېتىپتۇ.
مەنمۇ كۈندە دەرىسىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،ياتاقتا بىرەر سائەت دەرىس تەييارلىغاندىن كىيىن ئالدىراش ھالدا مۇقام ئۆگىنىش ئۈچۈن چاپىدىغان بولدۇم.بۈگۈنمۇ ئىشلىرىمنى بىر قۇر ئورۇنلاشتۇرىۋالغاندىن كىيىن كىچىكىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئالدىراپ شۇ يەرگە قاراپ ماڭدىم.كوچا دوقمۇشىدىن ئەمدى قايرىلاي دەپ تۇرىشىم بىلەن بالىلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرى دىققىتىمنى تارتتى،تۆت-بەش كىچىك بالىلار بىر قىزنى ئارىسىغا ئېلىۋېلىپ چۇرقىراشقىنىچە ئۇنىغا نىمىلەرنىدۇر ئېيتىپ كۈلۈشۈۋاتاتتى.ئۇلارنىڭ بۇ ئىشىغا ئاچچىقىم كىلىپ ئۇلارنىڭ يىنىغا بارماستىن يۇقىرى ئاۋازدا توۋلىدىم:
-ھەي!نىمە قىلىۋاتىسىلەر؟!تقز ئۆيۈڭلارغا قايتىڭلار!
ئۇلار گىپىمنى ئاڭلاپ ئۆرە-تۆپە بولۇشۇپ قېچىشقا پاشلىدى،بىز بىر كۈلۈپ-بىر يېغلاپ يەرنى تاتلاپ ئولتۇراتتى.بىر خىل قىززىقىش ھەم ھەيران بولۇش ئىستىكى مىڭەمنى چۇلغىۋالدى،ئاستا قەدەملەر بىلەن ئۇنىڭ يىنىغا يىتىپ كەلدىم.شۇئان بىرسىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:
-مۇئەللىم،ئۇ بىر ساراڭ!يېقىن كەلمەڭ،ھېلى سىزنى ئۇرۇپ قوغلاپ كىتىدۇ.
ئارقىدىنلا بىز ئورنىدىن تۇرۇپ قېشىمغا قاراپ كىلىۋاتمامدۇ،بىر خىل ئۆزەممۇ بىلمەيدىغان قورقۇنۇچ ئىلكىدە ئورنۇمدا قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپ قالدىم.ئۇ ئاستا يىنىمغا كىلىپ مېنى بىر چۆرگىلىۋەتكەندىن كىيىن قاقاقلاپ كۈلگىنىچە كىتىپ قالدى.
ئۆز-ئۆزەمگە توۋا دىگۈم كىلىپ مۇقام ئۆگىنىشكىمۇ رايىم بارماي ياتاققا قايتىپ كەتتىم.لىكىن نىمە ئىش قىلاي،خىيال ئىكرانىمدا شۇ قىزنىڭ سىماسى كۆز ئالدىمدا پەيدا بولاتتى،ھەيرانمەن،ئۇ قانداقمۇ ساراڭ بولسۇن.ساراڭ ئادەمنى كۆپ كۆرگەنمەن،لىكىن بۇ ھىچ مەن كۆرگەن ساراڭلارغا ئوخششىمايتتى،كىيىنىشىمۇ شۇنچە رەتلىك،پەقەت ئۇنىڭ بىر كۈلۈپ بىر يېغلىشىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئىش ھەرىكەتلىرىمۇ نۇرمال…تېخى مېنى چۆرگىلەپ ماڭا قارىغاندىكى قىياپىتىچۇ…بىر قارىماققا شۇنچە گۈزەل قىز نىمە ئۈچۈن ساراڭ بولۇپ قالغاندۇ..؟
ئەتىسى،ئۆگۈنى ..شۇ ‹‹ساراڭ››قىزنى كۈندە ئۇچرىتىپ تۇردۇم.بەزىدە ئۆزەممۇ بىلمەيدىغان ھىسسىيات ئىلكىدە ئۇنىڭغا ئۇزۇنغىچە قاراپ تۇرۇپ كىتەتتىم، ھېس قىلىشىمچە ئۇ پەقەت ئوغۇللارنى كۆرسىلا تىللاپ،قولىغا چىققان نەرسىلەرنى ئېتىپ بىر ھازاغىچە قوغلاپ كىتەتتى.مەنمۇ ھەر قېتىم ئۇنى كۆرسەم يېنىغا بېرىشتىن قورقۇپ قالاتتىم…
بىر كۈنى ئىشخانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى تەكشۈرۈپ ئولتۇرسام خىزمەتتدىشىم ئابدۇسالام ھاسىرىغىنىچە كىرىپ كەلدى.ئۇنىڭ بىلەنخېلى يېقىن ئىدىم،خىزمەتكە چۈشكەن دەسلەپكى مەزگىللەردىمۇ ئۇ ماڭا كۆپ ياردەم قىلغان،مېنى بۇ مەكتەپنىڭ،يۇرتنىڭ ئەھۋاللىرىدىن خەۋەردار قىلغان ئىدى
-ۋوي ئاداش..نىمە بولدى؟بىرەرسى ئارقاڭلىدىن قوغلاپ كىلىۋاتمىغاندۇ؟-دېدىم ئۇنىڭغا چاقداق قىلىپ.
-ئۇف..ئاران كېلىۋالدىم دىسە ،ساراڭنىڭ بۈگۈن جىنى تۇتقانمۇ؟خېلى يەرگىچە قوغلىدى مېنى..
-ساراڭ!؟ قايسى ساراڭ ئاداش؟
-شۇ يەنە قايسى ساراڭ بولاتتى،مەھەللىدىكى پەرىدە دىگەن ساراڭ بولمامدۇ؟
-ھا ..ھا.. ھا… مۇنداق دەڭلا،چىشىقا تىگىپ قويۇپسىلىدە،ـ ئۆزەمنى تۇتىۋالالماي كۈلۈپ كەتتىم.
-ۋاي توۋا دەڭلا ئاداش…لىكىنغۇ ئۆزى چىرايلىق ئۇ كاساپەتنىڭ.سىلە بىلمەيسىلە،ئۇ ساراڭ بولغىنى بىلەن مەھەللىدىكى نەچچە يىگىت ئۇنىڭغا ئاشىق جۇمۇ..بۇرۇنغۇ ساراڭ ئەمەس ۋاقتىدا مەنمۇ ئۇنىڭغا ئاشىق ئىدىم،مەھەللىمىزنىڭ گۈلى ئىدى ئۇ.
ئابدۇسالامنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئۇ ساراڭ قىزغا تېخىمۇ قىززىقىپ قالدىم.
-مۇنداق دەڭلا … دېمىسىمۇ بەك چىرايلىق قىز ئىكەنتۇق.. نىمە بالا كەلگەن بولغىيتتى دەيمەن ئۇ قىزغا….
-ھە،سىلە ئۇنى بىلمەيسىلە راسىت.مەن سۆزلەپ بىرەي،-ئۇ شۇنداق دەپ گېپىنى باشلىدى،مەنمۇ ئۇنى تۇنجى ئۇچراتقاندىن بۇيان قىززىقىپ قالغاچقا بىرىلىپ دىققەت بىلەن ئاڭلاشقا باشلىدىم.
-ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى پەرىدە بولۇپ،ئۆزى يۇرتتىكى قاسىم ئاشپەزنىڭ يالغۇز قىزى ئىدى.ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ موشۇ مەكتەپكە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان،ئۇنىڭغا بىر قارىساڭلا ئىچىڭ كۆيەتتى،خىزمەتتتىمۇ شۇنداق ياخشى ئىدى،بىر يىلدىن كىيىن مەكتىۋىمىزدىكى ياش ئوقۇتقۇچى كامران بىلەن چىقىشىپ قېلىپ،نۇرغۇن يىگىتلەرنى داغدا قويۇپ ئۇنىڭ بىلەن يۈرىۋالدى.شۇنىڭ ئىچىدە مەنمۇ بار ئىدىم.بەزىدە ئۇلارنى دائىم مەكتەپ كەينىدىكى باغلاردا پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان ھالەتتە كۆرگىنىمدە دەردىمنى بىر مەنلا بىلىمەن.كۈنلەر شۇنداق داۋاملاشتى.مەكتەپ مۇدىرى ئاسىمنىڭ خېلى بۇرۇن پەرىدەگە كۆزى چۈشكەن ئىكەن،بۇنى مەنمۇ ھىس قىلغان،بەزىدە ئاسىم مۇىر يېغىن ۋاقتىدا پەرىدەگە شەھۋانىيلىققا تولغان كۆزلىرى بىلەن قاراپ،شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ قاراپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ قالاتتىم.بۇ ۋاقىتتا كامران بىلەن پەرىدەنىڭ توي قىلىشى موقىملىشىپ قالغان بولۇپ،تويغا پەقەت نەچچە كۈنلا قالغاندا ھىچكىممۇ ئويلاپ باقمىغان بىر ئىش يۈز بەردى.
باشقىلاردىن ئاڭلىسام شۇ كۈنى پەرىدە ئىشخانىدا تاپشۇرۇق تەكشۈرۈپ ئولتۇرغان ئىكەن،بىر چاغدا ئولتۇرۇشتۇ تازا ئىچىپ لەيلەپ كەتكەن ئاسىم مۇدىر ئىشخانىغا كىرىپلا‹‹پەرىدە جېنىم!مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن،ئۇزۇندىن بىرى سىزگە كۆيۈپ يۈرىمەن››دەپ پەرىدەەە ئېسىلىپتۇ.پەرىدە‹‹ۋاي مۇدىر ئۇنداق قىلمىسىلا..››دەپ يالۋۇرۇپ ئۆزىنى چەتكە ئېلىپتۇ،مۇدىر پەرىدەنىڭ ئۆزىگە بوي سۇنمايدىغانلىقىنى بىلىپ ئۇنى مەجبۇرى قۇچاقلاپ،ئەدەپسىزلىك قىلىشقا ئورۇنۇپتۇ،بىراق پەرىدە بولسا باشتىن-ئاخىر مۇدىرغا قارشىلىق كۆرسىتىپ ئۆزىگە يېقىن يولاتماپتۇ،دەل شۇ پەيىتتە پەرىدەنى ئىزدەپ كەلگەن كامران ئىشخانىغا كىرىپ كۆز ئالدىدىكى بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ ،ھىچقانداق ئىشنى سۈرۈشتۈرمەيلا،ئۇ ماز ئاداش يۈگۈرۈپ بېرىپ پەرىدەنى ‹‹بۇزۇق››دەپ تىللىغىنىچە كىلىشتۈرۈپ بىر تەستىك سېلىپتۇ دە،ئىشىكنى قاتتىق يېپىپ چىقىپ كىتىپتۇ.ئاسىم مۇدىر دىگەن ئىپلاسمۇ نىمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قاپتۇ،پەرىدە بولسا يېغلىغىنىچە كامراننىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ ئۇنى تاپالماپتۇ.
ئەتىسى مەھەللىدە‹‹پەرىدە بىلەن ئاسىم مۇدىر ئاشنا ئويناپتۇ››دىگەن گەپ تارقالدى،مەھەللىدىكى ھەممىمىز ھەيران بولۇشتۇق،لىكىن راستنى دىسەم مەن شۇ ۋاقىتىدىلا ئىشەنمىگەن،لىكىن باشقىلار شۇنداق دىگەن يەردە مەن نېمىمۇ دىيەلەيتتىم.شۇنىڭ بىلەن كامراننىڭ ئۆيدىكىلىرى تويدىن ۋاز كىچىدىغانلىقىنى ئېيتىپ،تويلۇقنى ياندۇرۇپتۇ،پەرىدەنىڭ دادىسىمۇ تازا تەرسا ئادەم ئىدى،ئۇنى بىر كېچە ئېسىپ قويۇپ تازا ئۇرۇپتۇ.كىيىن يۇقىرىدىن ئۇقتۇرۇش كىلىپ ،ئاسىم مۇدىرنى ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلاپ،پەرىدەنى كەسپى ئاخلاققا دىققەت قىلمىغان دەپ خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلىدى.بۇ ئىشلار پەرىدەگە بەك ئېغىر كەلگەنمۇ،ياكى دادىسى قاتتىق ئۇرىۋەتكەچكىمۇ،ئەتىسى بىزنىڭ كۆرگىنىمىز شۇ ساراڭ پەرىدە بولدى..
پەرىدەگە بەك ئىچىم ئاغرىيدۇ ئاداش،دادىسى دىگەن ئادەممۇ ئۇنى نۇرغۇن دوختۇخانىلارغا ئاپىرىپ باقتى،لىكىن ئۈنۈمىمۇ بولمىدى..
پەرىدەنىڭ بۇ قىسمەتلىرىنى ئاڭلاپ يۈرىگىم ئېچىشتى،توۋا..بۇ دۇنيا نىمە دىگەن ناھەقچىلىككە تولغان ھە!! شۇ بىچارە قىز مانا ساراڭ بولۇپ،ئون گۈلىنىڭ بىرىمۇ ئېچىلناي توزۇشقا باشلاپتۇ…ھەي ي ي!!
مەن شۇ كۈندىن بۇيان پەرىدەگە بىر خىل ئىچ ئاغرىتىش،كۆيۈنۈش،ھېسداشلىق نەزىرىم بىلەن قارايدىغان بولدۇم،كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتۈشكە باشلىدى،بەزىدە تۇرۇپ ئۇنى كۆرەلمىسەم يۈرىكىمنى بىر نەرسە تاتىلىغاندەك بولۇپ،چىدىمايدىغان بولۇپ قالاتتىم.بۇرۇن كۈندىلىك ئادىتىم مۇقام ئۆگۈنۈشكە بېرىپ،ياشلار بىلەن تونۇشۇش،مىللىتىمنىڭ ئىسىل ئەنئەنىۋى مىراسلىرىنى ئۆگۈنۈش بولسا ئەمدىلىكتە بولغان ھەر كۈنى پەرىدە ئولتۇرىدىغان كۆل بويىغا كىلىپ كىتاپ ئوقۇيدىغان،شۇ يەردە دەرىس تەييارلايدىغان بولۇپ قالغانىدىم.مەن ئۇنىڭ تىللىشىدىن،باشقىلارغا ئوخشاش مېنى قوغلاپ بىر نەرسىلەرنى ئېلىپ ئېتىشىدىن قورقۇپ خېلىلا يىراق ئولتۇراتتىم.لىكىن خىيالىم،كۆزۈم يەنىلا ئۇنىڭدا ئىدى.ئۇ چوڭقۇر ئوي بىلەن يىراققا تىكىلىپ نىمىنىدۇر خىيال قىلىۋاتقاندەك،خۇددى ساق ئادەملەردەك ئولتۇراتتى،بۇ ۋاقىتلاردا ئۆزەممۇ بىلمەيدىغان چۈشىنىكسىز ھىسسىيات ئىلكىدە ئۇنىڭغا ئۇزۇندىن-ئۇزۇن تىكىلىپ قاراپ كىتەتتىم.كۈنلەر بىر-بىرىنى قوغلاپ شۇنداق ئۆتۈشكە باشلىدى.
بىر كۈنى يەنە شۇ كۆل بويىدا كىتاپ ئولتۇرۇپ،كىتابنىڭ ئىچىگە كىرىپ كىتىپتىمەن.
-تىرىشچان يىگىت ،نىمە كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇرىۋاتسىز؟،-تۇيۇقسىز ئاڭلانغان بۇ يېقىملىق ئاۋازدىن ھودۇققىنىمچە كەينىمگە قارىدىم،قارىدىميۇ،چۆچۈپ قورقۇپ كەتتىم.ئارقامدا پەرىدە ماڭا قاراپ تۇراتتى.
-‹‹چالىقۇشى››دىگەن كىتاپنى ئوقىۋاتىمەن،-شۇنداق دەپ ئۆزەممۇ بىلمەيلا كىتاپنى ئۇنىڭغا ئۇزاتتىم،ئۇ كىتاپنى قولۇمدىن ئېلىپ،قوپاللىق بىلەن ۋاراقلاشقا باشلىدى.
ھېلىلا ئۇنىڭ كىتابنى ماڭا قارىتىپ ئېتىشىدىن،مېنى بىرنىمىلەرنى دەپ تىللاپ كىتىشىدىن قورقۇپ ئولتۇراتتىم،ئۇ ئادەتتە ئوغۇللارنى كۆرسە تىللايتتى،لىكىن بۈگۈن ئۇنداق قىلمىدى،چىرايىدا شوخ كۈلكە بولۇپ..ئۇنىڭ چىرايىدا ساراڭلىقتىنمۇ ئەكىس سادا يوق ئىدى… ھەيرانلىق كۆزلىرىم بىلەن ئۇنىوڭغا تىكىلىپ ئۇزۇندىن-ئۇزۇن قاراپ كەتتىم.
ئىچىمدە‹‹پەرىنىڭ ئۆزىلا ئىكەنغۇ بۇ..لىكىن بۈگۈن ئۇنىڭغا نىمە بولغاندۇ،كېسىلى ساقىيىپ كەتتىمۇ يا.. ياق..ياق..دوختۇرلارمۇ داۋالاپ ساقايتالمىغان كېسەل قانداقمۇ ئۆزلىگىدىن ساقىيىپ كەتسۇن..››دەپ ئويلاۋاتاتتىم…ئۇ بىردىنلا كۆڭلۈمنى بىلىۋالغاندەك ۋىللىدە قىزىرىپ قاقاقلاپ كۈلگىنىچە كىتاپنى كۆتۈرۈپ يۈگۈرگەن پېتى كىتىپ قالدى.
شۇ كۈنىدىكى ئىش بولۇپ تۆت كۈنگىچە ئۇنى ئۇچرىتالمىدىم،كۆڭلۈم بىر نېمىدىن ئەنسىرەپ ھەم ئۆزەممۇ بىلمەيدىغان باش-ئاخىرى يوق چىگىش خىياللار ئىلكىدە ئۆزەمنى يوقىتىپ قويدۇم.‹‹توۋا..بۇ مۇمكىنمۇ؟مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىممۇ نىمە؟؟لىكىن بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن،ئۇ بەرىبىر ساراڭ تۇرسا..مۇھەببەتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنەمتى؟!تېخى باشقىلار ئاڭلىسا مېنى زاڭلىق قىلغىلى ئاران تۇرار..››
مەن ئۇنى ئۇچرىتالمىغاندىن كىيىن ئۆز-ئۆزۈمگە موشۇنداق،خۇددى مەنمۇ ساراڭ بولۇپ قالغاندەك ئۆزەمنى يوقىتىپ قويدۇم،ھەتتا ئىشتىيىممۇ تۇتۇلۇپ،تاماق يىئەۈممۇ كەلمەيدىغان،دەرىس سۆزلىگەندە ئوقۇغۇچىللىرىم ئاچچىقىمنى كەلتۈرۈپ قويسا‹‹ساراڭ››دەپ تىللاپ كىتىدىغان بولۇپ قالغانىدىم.
ئاخىرى‹‹مەيلى نىمىلا بولمىسۇن،ئۇنىڭ ئۆيىگە بىر بېرىپ كىلەي،ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولۇپ قالمىغاندۇ؟››دەپ ئويلاپ دەرىسىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ پەرىدەنىڭ ئۆيىگە قاراپ يولغا چىقتىم،باشقىلاردىن سوراپ يۈرۈپ ئۇنىڭ ئۆيىنى ئاسانلا تېپىۋالدىم،بەزىلەر ئۇنىڭ ئۆيىنى سورىغىنىمدا چۈشىنىكسىز ھىجىيىشىپ قوياتتى.ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كىلىپ يەنە ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدىم.‹‹توۋا،مەن راست ساراڭ بولۇپتىمەن،ئۇنىڭ دادىسىغا نىمە دەپ كەلگىنىمنى ئيېتىمەن..مېنى كۆرگەن ھەرقانداق ئادەم شۇ تاپتا زاڭلىق قىلىپ ئۈچەيلىرى ئۈزۈلگىچە كۈلىشە…بولدى قايتىپ كىتەي..››شۇنداق خىياللار ئىلكىدە ئۆيگە كىرىش-كىرمەسلىك ئۈستىدە باشلىرىم قېتىپ كەتتى.ئاخىرى ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كىلىپ بولۇپتىمەن..‹‹نىمە ئىش بولسا بېشىمغا كەلگەننى كۆرەي››دەپ قەتتى نىيەتكە كىلىپ ئىشىكنى ئۇرماقچى بولۇپ قولۇمنى تەككۈزۈپ تۇرىشىم بىلەن ئىشىك ئۆزلىكىدىن ئېچىلىپ كەتتى.مەن ئارقامغا-ئالدىمغا دەسسەپ ھويلا ئىچىگە كىرىپ كەلدىم.ھويلا ئىچى پاكىز ھەم ئازادا ئىدى،تېخى ھويلىدا ھۈپپىدە گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەن بولۇپ،بىر قارىغان كىشى ھەرگىزمۇ بىر ساراڭ قىزنىڭ ئۆيى دىسە ئىشەنمەيتتى.شۇئان كۆزلىرىم دېرىزىدىكى بىر سىماغا چۈشتى،ئۇ پەرىدە ئىدى.يۈرەكلىرىم ئويناپ خوشاللىقتىن يۈزلىرىمگە كۈلكە تەپچىپ چىقتى.قارىۋىدىم ئۇ بىر ناخشا غىڭشىغاچ،ئالدىنقى قېتىم مىنىڭدىن ئېلىۋالغان‹‹چالىقۇشى››رومانىنى پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئوقۇۋاتاتتى.ئالدىمغا ئەمدى ئىككى قەدەم ئېلىپ تۇرىشىم بىلەن،ئارقامدىن ئىتنىڭ قاتتىق قاۋىغان ئاۋازى ئاڭلاندى،چۆچۈپ كەتتىم،پەرىدەمۇ تىزلا بېشىنى كۆتۈرۈپ دېرىزە سىرتىدىن ماڭا قارىدى،كۆزلىرىم ئۇچراشتى،ئوتلۇق كىرپىك،شەھلا كۆز…دەماللىققا بىر-بىرلەپ تىكىلىپ قېلىشتۇق..ئۇنىڭ چىھرىدە خوشاللىق،كۈلۈمسىرەشكە ئوخشاش ئوماقلىق جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.
-نىمە ئۆيگە كىرمەي ماراپ تۇرىسىز؟
ئۇنىڭ ئاۋازى بىلەن ھوشسىزلىنىپ كەتكەن بەدىنىمگە قايتا جان كىرگەندەك،خۇددى ئۇزۇندىن بېرى ۋېسالىغا يىتەلمەي ئەمدىلا شېرىن لەززەتلىك ھوزۇرىنى سۈرىۋاتقان ئادەمدەك خۇشاللىقتىن تىلىم گەپكىمۇ كەلمەي قالدى.ئۇ مىنى ئۆيگە تەكلىپ قىلدى،بىز خېلى ئۇزۇنغىچە تاغدىن-باغدىن پاراڭلىشىپ شۇنداق خوشال ئولتۇردۇق.ئىچ-ئىچىمدىن قىن-قېنىمغا پاتماي قالغانىدىم،‹‹ئۇ ئوڭشىلىپتۇ،ئۇ ساقىيىپتۇ!››دىگەن سۆزلەر بەدىنىمدىكى ھەربىر ھۈجەيرىلەرنىڭ قات-قېتىغا سىڭىپ كىرمەكتە ئىدى.ياتاققىمۇ كەلدىم،دېرىزەمدىن ماراپ تۇرغان تولۇنئايغا نېمىنىدۇر پىچىرلاپ ئۆز خوشاللىقىمنى ئىپادىلىۋاتاتتىم.‹‹رەھمەت ساڭا تەڭرىم،پەرىدە ساقىيىپتۇ،مۆجىزە يۈز بىرىپتۇ..ساڭا كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر!!››.
ئەتىسى مەھەللىنىڭ ھەممە يېرىدە‹‹ساراڭ قىز ساقىيىپتۇ،پەرىدە ساقىيىپتۇ››دىگەن سۆزلەر تارقىلىپ يۈرەتتى.
ھەقىقەتەن شۇنداق ئىدى،پەرىدە ساقايغانىدى،ئۇنىڭ تويۇقسىزلا ساقىيىپ كىتىشى مەھەللىدىكى ھەممە كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى.مەن يەنە دەرىسىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بولۇپ كۆل بويىغا بېرىپ كىتاپ كۆرگەچ ئولتۇردۇم.كۆڭلۈم نىمىنىدۇر،كىمنىدۇر ساقلايتتىم،خۇددى بىرسى بىلەن ئۇچرىشىشقا كىلىشىپ قويغاندەك پات-پات كەينىمگە ئىنتىزارلىق بىلەن قاراپ قوياتتىم.بىر چاغدا كۆزلىرىم چاقناپ كەتتى،ۇۈرەكلىرىم ئۇزۇندىن بىرى ئىزدەۋاتقان قىممەتلىك نەرسەمنى تاپقاندەك ھاياجانغا چۆكمەكتە،،تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز شادلىق تۇيغۇسىغا جۆر بولغانىدى،پەرىدە كەلدى،يىنىمدا ئولتۇرۇپ ماڭا قىزززىق-قىززىق ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى.مەنمۇ مەكتەپتە يۈز بەرگەن ئىشلارنى سۆزلەپ بىرىپ ئۇنى كۈلدۈردۈم،شۇندىن بىرى بىز يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق،سىرداشتۇق،مۇڭداشتۇق..ئاللىقانداق ئىچكى سىرلىرىمىزنى بىر-بىرىمىزگە ئېيتىپ كەلگۈسى توغۇرلۇق پىكىرلەشتۇق...
ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ خىزمىتىمۇ ئەسلىگە كەلدى،كامرانمۇ لەۋلىرىنى چىشلەپ پۇشايمان ئىلكىدە قالدى،ئەسلىدە موشۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە كامران سەۋەپچى بولغان بولۇپ،يۇقىرىغا ئەرز قىلغانمۇ ۋە تۆھمەت گەپ تاپقانمۇ سەل كامران ئىكەنتۇق،توۋا مەن ئاڭلىغان چىن ئاشىقلار ھەرگىزمۇ ئۆز يۈرىكىدىن سۆيگەن بىرسىنىڭ بەختىنى بۇنداق نابۇد قىلمايتتى،كامرانغا ئوخشاش بۇنداق نامەردلەر يەنە قانچىلىك باردۇ ھەـ! مانا ئەمدى ئۇ ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى بىلگەن ۋاقتىدا ئاللىبۇرۇن كىچىككەن ئىدى.. چۈنكى پەرىدە بىلەن ئىككىمىزنىڭ دوستلىقى ئاللىبۇرۇن چوڭقۇرلىشىپ مۇھەببەتكە ئۇلىنىپ بولغان ئىدى......يۈرەكلىرىم بولسا بىر مەزگىل ئازاب-ئوقۇبەتكە دۇچار بولغان بۇ ناتىۋان قىزنى بەخىتلىك قىلىشقا ئۈندەيتتى