-
2010-07-27
شوپۇرنىڭ <<ئالۋاستىغا>> ئۇچرىشى - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
شوپۇرنىڭ <<ئالۋاستىغا>> ئۇچرىشى
كېچە يېرىم بولغان ۋاقىت ، بىر كىرا ماشىنىسى شوپۇرى ئەڭ ئاخىردا بىر يولوچى توشىۋېتىپلا قايتىشنى قارار قىپتۇ ، لېكىن كوچىدا ھىچقانچە ئادەم قالمىغان ئىدى .
شوپۇر ماشىنىسىنى نىشانسىز ھەيدەپ كېتىۋاتاتتى تويۇقسىز ئالدىدا بىر ئاق كۆلەڭگىنىڭ مىدىراۋاتقىنىنى ، ئۆزىگە قاراپ قول پۇلاڭلىتىۋاتقىنىنى كۆردى . ئەسلىدىن جىمجىتلىق بېسىپ كەتكەن كېچە تويۇقسىز بۇ ئايالنىڭ پەيدا بولىشى بىلەن ئىنتايىن بىنورمال تۇيۇلۇپتۇ ،ھەمدە بۇنداق ئەھۋال ئادەتتە ئادەمگە پەقەت بىرلا نەرسىنى ئەسلىتەتتى
------ جىن !!!
لېكىن شوپۇر يەنىلا بۇ كىرانى تارتىش قارارىغا كەپتۇ . ئۇ ئايال ماشىنىغا چىققاندىن كېيىن ئىنتايىن سۈرلۈك ، غاراڭ - غۇرۇڭ ئاۋازدا :< جەسەت كۆيدۈۈش مەيدانىغا ...!> دەپتۇ . بۇنى ئاڭلاپ شوپۇرنىڭ بەدەنلىرىدىن مۇزدەك بىر تەر چىقىپ كېتىپتۇ ،
< ئەجەبا ئۇ راستلا ..... ؟ >
ئۇ داۋامىنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالماپتۇ ، ئۇ ئۇنى چىقىرىۋالغىنىغا ئىنتايىن پۇشايمان قىپتۇ ، ھازىرقى بىردىنبىر ئامال پەقەتلا ئۇنى تىزدىن بارىدىغان جايىغا ئاپىرىۋېتىش ئىدى. ئۇ ئايالنىڭ چاچلىرى رەتسىز ، چىرايلىرى ئاپپاق تاتارغان بولۇپ يولدا ماڭغىچە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى ، بۇ ئادەمنىڭ تېنىنى تېخىمۇ شۈركەندۈرەتتى . شوپۇرنىڭ داۋاملىق ھەيدەۋېرىشكە پەقەتلا جۈرئىتى قالمىدى، شۇنىڭ بىلەن شوپۇر ئۇ چۈشىدىغان يەرگە يېقىن بىر يەرگە كەلگەندە بىر باھانە تاپتى ، ئۇ كېكەچلەپ تۇرۇپ :< خېنىم كەچۈرۈڭ ،ئالدىدىكى يولدىن قايدۇرماق تەس ، ئۆزىڭىز مېڭىپ كەتسىڭىز ، بەرىبىر يېقىنلا قالدى . > دەپتۇ . ئۇ ئايال باش لىڭىشتىپ، سوراپتۇ :
< نەچچە پۇل ؟ >
شوپۇر تىزدىن : < بولدى ، بولدى ، سىز بىر ئايالنىڭ يېرىم كېچىدە بۇ يەرگە كەلمىگىڭىز ئاسان ئەمەس ، بولدى .> دەپتۇ . :
< ئۇنداقتا قانداق بولىدۇ ؟ > ، < ھىچقىسى يوق ،بولدى موشۇنداق بولسۇن . >
شوپۇر چىڭ تۇرۇۋاپتۇ .ئۇ ئايال :< رەھمەت ئەمىسە > دەپ ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپتۇ ...... شوپۇر ماشىنى ھەيدەپ مېڭىشقا تەمشىلىپتۇ لېكىن ماشىنا ئىشىكىنىڭ يېپىلغان ئاۋازىنى ئاڭلىماپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كەينىگە بۇرۇلۇپ قاراپتۇ
............. ئۇ ئايال نېمانداق تىز يۇقاپ كەتكەن ؟ ئۇ كەينى ئورۇندۇققا قاراپتۇ،يوق ! ئوڭ - سول ، ئالدى- كەينى ھەممە يەرگە قاراپتۇ ،ھىچ يەردە يوق! ئەجەبا ئۇ موشۇنداقلا غايىپ بولۇپ كەتكەنمىدۇ ؟ شوپۇرنىڭ چۈشۈپ قاراپ باققىسى كەپتۇ ، ئۇ ماشىنىدىن چۈشۈپ ئوچۇق تۇرغان كەينى ئىشىكنىڭ يېنىغا كەپتۇ ، :< ئۇ ئايال موشۇنداق تىزلا كەتكەنمىدۇ ؟ ياكى ئۇ راستلا ......... > شوپۇرنىڭ قۇرقۇنىدىن بەدەنلىرىدە جان قالماپتۇ ، ئۇ ماشىنا ئىشىكىنى يېپىپ بۇيەردىن دەرھال كەتمەكچى بولۇپ تۇرىشىغا تويۇقسىز بىر قانغا مىلەنگەن قول ئۇنىڭ مۆرىسىنى قېقىپتۇ . شوپۇر كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىسا ھېلىقى ئايال باش كۆزلىرى قان ھالدا ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرغىدەك ....
ناۋادا سىز شوپۇر بوپ قالسىڭىز بۇنى ئۇقىماڭ ، كەچ كىرگەندىلا ماشىنا ھەيدەشتىن قورقىدىغان بوپ قالىسىز !!