-
2010-07-19
ئابدۇكېرىم نەسىردىننىڭ تەرجىمىھالى - [مەشھۇر شەخىسلەر]
ئابدۇكېرىم نەسىردىننىڭ تەرجىمىھالى
ئابدۇكېرىم نەسىردىن __ ئەر ، ئۇيغۇر ، 1947-يىلى 2-ئايدا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان . كومپارتىيە ئەزاسى ، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك رەسسام (پروفېسسور) ، ماي بوياق رەسىم ۋە تام رەسىم ئۇستىسى . 1963-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى سەنئەت فاكۇلتېتى گۈزەل-سەنئەت كافېدراسى ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن . 1967-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى گۈزەل-سەنئەت فاكۇلتېتى رەسساملىق كەسپىدە تولۇق كۇرس پۈتتۈرگەن . 1981-يىلى مەركىزىي سەنئەت ئىنىستىتۇتىدا ماي بوياق كەسپى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنى تاماملىغان . 1988-يىلدىن 1989-يىلغىچە فىرانسىيە پارىژ خەلقئارا سەنئەت شەھەرچىسىدە بىلىم ئاشۇرۇپ ، رەسىم كۆرەكلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان ۋە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ياۋروپا ، ئوتتۇرا ئاسىيا ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ئىزدىنىش ۋە تەكشۈرۈشتە بولغان . 2000-يىلى ئىتالىيىدە رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە گۈزەل-سەنئەت تەتقىقاتى ئېلىپ بارغان . 2004-يىلى تەكلىپ بىلەن ۋاشىنگىتوندا ئۆتكۈزۈلگەن < يىپەك يولىدا يېڭى نامايەندە __ غەربىي جۇڭگو رەسىم كۆرگەزمىسى > نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگىتون ، نيۇ يورك ، فىلادېلفىيە قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئۆگىنىش-زىيارەتتە بولغان . ئىلگىرى <ئىلى گېزىتى> ئىدارىسى ، ئىلى ئوبلاستلىق كۆرگەزمىخانىدا سەنئەت تەھرىرى ۋە ئىجادىيەتچى ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن .1981-يىلدىن 2005-يىلغىچە شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت ئاكادىمىيىسىدە كەسپىي رەسسام ، ماي بوياق رەسىم تەتقىقات ئىشخانىسى مۇدىرى ، پارتكوم شۇجىسى ، مۇئاۋىن ئاكادىمىيە باشلىقى ۋە ئاكادىمىيە باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن . ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ 6- ، 7- ، 8- ، 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك رەسىم كۆرگەزمىسى ماي بوياق رەسىم باھالاش ھەيئىتى ، ھەر نۆۋەتلىك < جۇڭگو ماي بوياق رەسىم كۆرگەزمىسى > باھالاش ھەيئىتى ، 4- ، 5- ، 6- نۆۋەتلىك رەسساملار جەمئىيىتى قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ، 8- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولغان . نۆۋەتتە جۇڭگو رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى ، ماي بوياق رەسىم كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى ، شىنجاڭ ماي بوياق رەسىم ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ، شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخرى رەئىسى ، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ، گۈزەل-سەنئەت فاكۇلتىتىنىڭ مۇدىرى ، مەركىزىي سەنئەت ئىنىستىتۇتى ۋە شىئەن سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ كەلمەكتە .1972-يىلدىن بۇيان نۇرغۇن ماي بوياق رەسىم ، 粉画 ۋە تام رەسىم ئەسەرلىرى كۆپ قېتىم ئاپتونوم رايون ، مەملىكەت ۋە خەلقئارا دەرىجىلىك كۆرگەزمىلەرگە قاتناشتۇرۇلۇپ ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا خەلقئارا رەسىم كۆرگەزمىسى < ئالاھىدە مۇكاپاتى > ، دۆلەتلىك < تام رەسىم كاتتا مۇكاپاتى > ، < مىس مىدال مۇكاپاتى > ، < مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتى > ۋە ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك 1- ، 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن . كۆپلىگەن ماي بوياق رەسىم ۋە تام رەسىم ئەسەرلىرى جۇڭگو گۈزەل-سەنئەت سارىيى ، جۇڭگو ماي بوياق رەسىم مۇزىيى ، مەركىزىي سەنئەت ئىنستىتۇتى ، ئىتالىيە بولونىيا سەنئەت ئىنىستىتۇتى ، بېيجىڭ خەلق سارىيى ، شىنجاڭ خەلق سارىيى قاتارلىق ئورۇنلاردا ساقلانغان . ئەسەرلىرى مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن تاللىنىپ فىرانسىيە ، ئامېرىكا ، ئاۋىسترالىيە ، ياپونىيە ، قازاقىستان ، قىرغىزىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ، قاتار ، ئومان ، بەھرەيىن قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە ئاۋمېن ، تەيۋەن ، شياڭگاڭ قاتارلىق رايونلاردىكى ھەر خىل گۈزەل-سەنئەت يەرمەنكىلىرى ۋە رەسىم كۆرەكلىرىگە قاتناشتۇرۇلغان . ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بېيجىڭ ، پارىژ ، ئالمۇتا ، بېشكەك ، بولونىيا ، شياڭگاڭ ، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە شەخسىي رەسىم كۆرگەزمىلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان . كۆپ قىسىم ئەسەرلىرى ۋە ئىلمىي ماقالىلىرى مەملىكەتلىك كەسپىي گېزىت-ژۇرناللاردا ۋە چەتئەلدىكى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان . شەخسىي تەرجىمىھالى < جۇڭگو گۈزەل-سەنئەت ئېنسىكلوپىدىيىسى > ، < 20-ئەسىر جۇڭگو ماي بوياق رەسىم توپلىمى > ، < جۇڭگو ھازىرقى زامان ماي بوياق رەسىم سەنئىتى > ، < دۇنيادىكى مەشھۇر شەخسلەر توپلىمى > قاتارلىق توپلام ۋە كىتابلارغا كىرگۈزۈلگەن . < ئابدۇكېرىم نەسىردىن ماي بوياق ئەسەرلىرى توپلىمى > ، < ئابدۇكېرىم نەسىردىن > ، < جۇڭگو ماي بوياق رەسسامى __ ئابدۇكېرىم > قاتارلىق توپلاملىرىنى نەشىر قىلدۇرغان . بىر قوللۇق تەشكىللەپ ۋە تەھرىرلەپ نەشىر قىلدۇرغان توپلام-كىتابلىرىدىن < جۇڭگو-شىنجاڭ-مەكىت دېھقانلىرى رەسىم توپلىمى > ، < شىنجاڭنىڭ 100 داڭلىق سەنئەتكارى > CD توپلىمى ، < شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت ئاكادىمىيسىى ئەسەرلەر توپلىمى > ، < ئۈمىد يۇلتۇزى __ شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر گۈزەل-سەنئەت ئەسەرلىرى توپلىمى > ، < 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو ماي بوياق رەسىم كۆرگەزمىسى __ شىنجاڭ ئەسەرلىرى توپلىمى > قاتارلىقلار بار . ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن < مەشرەپ > ، < قۇمۇل مەشرىپى > ، < دولان مەشرىپى > ، < دېھقانلار شادلىقى __ مەشرەپ > ، < ئەللەي ناخشىسى > ، < كېرىيىلىكلەر > ، < ئانا > ، < شاتگۈل > ، < يىپەك يولىدىكى بازار > ، < تەڭرىتاغ باھارى > (چوڭ تىپتىكى تام رەسىم) ، < مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ياشىسۇن > (مەركەزدىن ئاپتونوم رايونغا تەقدىم قىلىنغان "ئىتتىپاقلىق داڭقىنى" ناملىق قاپارتما ھەيكەل) قاتارلىقلار بار . ئىلمىي ماقالىلىرىدىن < مىللىيلىق ياكى خاسلىق > ، < ئۇيغۇر ماي بوياق رەسىم ئۇسلۇبى يارىتىش ئۈچۈن ئىزدىنىش > ، < ئىجادىيەتتە ھېس قىلغانلىرىم > ، < بەدەن سەنئىتى مەنتىقىسى > ، < ياۋروپا تەسىراتلىرى > قاتارلىقلار بار .
ئېلىمىز مەدەنىيەت-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىلىرى بىلەن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ < مەملىكەتلىك كۆزگە كۆرۈنگەن تۆھپىكار ياش-ئوتتۇرا ياش مۇتەخەسىس > ۋە < ئاپتونوم رايونلۇق مۇنەۋۋەر مۇتەخەسىس > شەرىپىگە نائىل بولغان ۋە < گوۋۇيۈەن ئالاھىدە تەمىناتى > دىن بەھرىمان بولغان . 2005-يىلى دۇنيا پەن-مائارىپ تەشكىلاتى مۇتەخەسىسلەر سېپىگە تەكلىپ قىلىنغان ھەمدە شۇ يىلى دۇنيا پەن-مائارىپ تەشكىلاتى تەرىپىدىن باھالانغان دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى 100 مەشھۇر مۇتەخەسىسنىڭ تۇنجى تۈركۈمىدە ئالاھىدە تۆھپە مۇكاپاتى __ < ئالتۇن ئوردېن > مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .
مەنبە: ئىزلا تورى