كۆلەڭگىدە ياشىما ، قۇياشتىن نۇر تاپ . مىسكىنلىكتىن قۇتۇلغىن ، بلوگنى يوقلاپ.

دوستۇم:

  • 2010-07-18

    ئىگىلگەنگە تەزىم ئەت - [ھىسىي دۇنيا ]

    ئىگىلگەنگە تەزىم ئەت
    بىر كۈنى قول ئېغىر جىسمانى ئەمگەكتىن قاتتىق چارچاپتۇ ۋە مەينەت بۇلۇپ كىتىپتۇ.ئۇ يۇيۇنماقچى بۇلۇپ چۆگۈنگە :
    –ھەي چۆگۈن !–دەپتۇ ئۇرغۇلۇق تەلەپپۇزدا –دەرھال قۇلۇمغا سۇ قۇي .مەن ھازىر ئېغىزغا چاي ئاپارمىسام بولمايدۇ،ئەگەر بۇھالىتىم بىلەن چاي ئاپارسام كۆڭۈل بىئارام بۇلىشى مۇمكىن .
    – ماقۇل ،–دەپتۇ ئۆينىڭ بۇلۇڭىدا مۆكچىيىپ ئولتۇرغان چۆگۈن،–ئەمما سەن مەندىن ئىگىز تۇرۇۋالدىڭ  .شۇڭا تۈۋەنگە چۈشۈشۈڭ ،جوغامدىن پەس تۇرۇشۇڭ كىرەك دەپتۇ .
    ئامما قولنىڭ پەستە مۈكچىيىپ تۇرغان چۆگۈندىن پەستە تۇرغۇسى ،يەنەكىلىپ جوغىسىدىن تۈۋەن تۇرغۇسى كەلمەپتۇۋە چۆگۈنگە:
    –بولمايدۇ، ئۈستىگە چىق ! –دەپتۇ تەكەببۇرلۇق بىلەن .چۆگۈن چۈشەندۈرۈپ :
    –ئەگەر ئۈستىگە چىقسام ،پۇتقا سۇ چاچراپ كىتىشى مۇمكىن ،شۇڭا ئەڭ ياخشىسى سىنىڭ چۈشكۈنۈڭ تۈزۈك،–دەپتۇ.
    قول بىلەن چۆگۈن ئۇزاق دەتالاش قىلىپتۇ .لېكىن قول چۆگۈننى بوي سۇندۇرالماپتۇ.ئاخرى تۈۋەنگە چۈشۈپ چۆگۈننىڭ جوغىسىدىن تۈۋەن تۇرۇشقا مەجبۇرى بۇلۇپتۇ.
    دوستۇم ! قول گەرچە چۆگۈندىن يۇقۇرى ئۇرۇندا بولسىمۇ زۈرۈرىيەت تۈپەيلىدىن تۈۋەنگە چۈشۈپ جوغىدىن پەستە تۇرۇشقا مەجبۇرى بولدى .تۇرمۇش ئەنە شۇنداق رەھىمسىز .سىزنىڭ  ھەرۋاقىت  باشقىلارغا ئىھتىياجىڭىز چۈشۈشى مۇمكىن شۇڭا ئۆز مەرتىۋىڭىزنى پەش قىلىپ باشقىلار ئالدىدا چوڭچىلىق قىلماڭ !باشقىلارغا ئازراق يول قويسىڭىز باشقىلارمۇ مەرھەمىتىنى كۆرسىتىدۇ.
    « ئىگىلگەنگە تەزىم ئەت» دىگەن ئەنە شۇ .

    مەنبە: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گىزىتى

    分享到: