-
2011-04-20
خەلق ئۈچۈن قانۇن چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك - [نــەزەرىـيــە]
پۇقرالار دۆلەتنىڭ ئاساسى، پۇقرالار خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلسا، دۆلەت تىنچ بولىدۇ. ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلق ئۈچۈن قانۇن چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇش ئادەمنى ئاساس قىلىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنىڭ قانۇن چىقىرىشتىكى ئىپادىسى، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم تەجرىبە. خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى قوغداش، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چىقىش قىلىپ، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغاندىلا، قانۇن چىقىرىش مەقسىتىگە يەتكىلى، قانۇن سىستېمىسىنى سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە، قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ تۈپ تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرغىلى، قانۇن چىقىرىش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى مۇستەھكەملىگىلى ۋە تەرەققىي قىلدۇرغىلى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان مۇلازىمەتنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا دۆلەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى خەلققە مەنسۇپ، دەپ بەلگىلەنگەن. تۈپ قانۇندا بېكىتىلگەن دۆلەتنىڭ بۇ ھوقۇق خاسلىقى ئاساسىي قانۇننى يېتەكچى قىلغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىدا ئىپادىلىنىشى، ھەر قايسى قانۇن تارماقلىرىنىڭ قانۇن چىقىرىش ئەمەلىيىتى ۋە كۆپ قاتلاملىق قانۇن بەلگىلىمىلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى كېرەك. شۇڭا، قانۇن چىقىرىشتا ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلق ئۈچۈن قانۇن چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇش ئالدى بىلەن قانۇن سىستېمىسىنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك خاراكتېرىدە ئىپادىلىنىشى كېرەك.
ئاساسىي قانۇندا تۈزۈلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى، شۇنىڭدەك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەشكىلىي قانۇنىغا ئاساسەن، خەلق ۋەكىللىرىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى، ۋەكىللەرنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى، قۇرۇلتاينىڭ تەشكىللىنىشى ۋە تەرتىپى، شۇنىڭدەك ھۆكۈمەت، سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىنى قانداق تەشكىللەش، قانداق ھەرىكەتلەندۈرۈش، ۋەزىپىسىنى قانداق ئادا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە كونكرېت بەلگىلىمىلەر چىقىرىلىپ، دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش، مەمۇرىيەت، ئەدلىيە، سوتلاش ۋە نازارەت قىلىش قاتارلىق ھوقۇقلارنى يۈرگۈزۈش ھالقىلىرىنىڭ خەلق دېموكراتىيەسى خاسلىقىدىكى ئىناق بىردەكلىكى ئىشقا ئاشۇرۇلغان. بۇ، خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسىنى نامايەن قىلىش، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى قوغداشتىكى تۈزۈم كاپالىتى بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنىڭ بولۇشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيىتى نامايەن قىلىنغان.
مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەش، مەنپەئەت مەسىلىسىنى تىرىشىپ ھەل قىلىش خەلقنى ئاساس قىلىش، خەلق ئۈچۈن قانۇن چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇشنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى. قانۇننىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى تەڭشىشى ئالدى بىلەن ھەر خىل ئىجتىمائىي سۇبيېكىتلارنىڭ مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش، ئىجتىمائىي مەنپەئەت ئەندىزىسىنىڭ مۇۋاپىقلىقى ۋە نىسبىي تەڭپۇڭلۇقىنى قوغداش ھېسابلىنىدۇ. ئومۇمىي خەلق قانۇننى يۈرگۈزىدىغان ئوبيېكتلاردۇر، شۇڭا قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى تەڭشەشتە ھەم ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى قوغداشنى ئاساسىي نىشان قىلىش، شۇنداقلا ئالاھىدە توپلارنىڭ ئالاھىدە مەنپەئىتىگە ئېتىبار بېرىپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك.
ھوقۇق بىلەن ئىمتىياز، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلق ئۈچۈن قانۇنچىقىرىشتا چىڭ تۇرۇشنىڭ ئاساسىي تەلىپى. دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا دۆلەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى خەلققە مەنسۇپ، دەپ بەلگىلەنگەن، ئەمما دۆلەت ھوقۇقىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى ئوخشاش بولمىغان قاتلام – دەرىجە، ئوخشاش بولمىغان رايونلاردىكى ھوقۇقلۇق ئورگان، شۇنىڭدەك ھۆكۈمەت، سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ھوقۇقنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىنىڭ خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشتا قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق ھوقۇق يۈرگۈزۈش قىلمىشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ھوقۇق ئىگىلىگەن تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ خەلق ئارزۇسىغا خىلاپلىق قىلىپ، خەلق مەنپەئەتىگە زىيان سېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى شۇكى، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت باراۋەر بولۇشى، ھوقۇق بولغان ئىكەن مەسئۇلىيەت بولۇشى كېرەك. قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدە بۇ پىرىنسىپنى روشەن ئىپادىلەش، ھوقۇقنى نازارەت قىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھوقۇقدارلارنىڭ ھوقۇقنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش ئېڭىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
قانۇن چىقىرىشتا ئاشكارا بولۇش، دېموكراتىك قانۇن چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇش – ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلق ئۈچۈن قانۇن چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇشنىڭ تۈپ ئۇسۇلى. ئاممىۋى لۇشيەن– پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى چوڭ ئەڭگۈشتەر، شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئۇسۇل. قانۇن ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتتىن كېلىپ، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. خەلق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىدىغان ئاساسىي گەۋدە، تارىخنى يارىتىدىغان ئاساسىي گەۋدە. قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدە ئاممىغا زىچ تايىنىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە، ھەر قايسى قاتلامدىكىلەرنىڭ پىكرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ ۋە قوبۇل قىلغاندىلا، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلاشقىلى، ۋەزىيەتكە ماسلاشقىلى بولىدۇ.
ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلق ئۈچۈن قانۇن چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ خەلق ئۈچۈن جان – دىل بىلەن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىنىڭ دۆلەتنىڭ قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى ساھەسىدە كونكرېت ئىپادىلىنىشى بولۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىناق جەمئىيەتنى ئورتاق بەرپا قىلىشى ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى مۇستەھكەم كاپالەتكە ئىگە قىلدى. تارىخنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىنى چىقىش قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بۇ مۇھىم تەجرىبىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇش، خەلقنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىغا، خەلقنىڭ ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، خەلقنىڭ ئەمەلىي ئىجادىيىتىدە ئەقىل – پاراسەت قوبۇل قىلىپ، خەلقنىڭ تەرەققىيات تەلىپىدىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئېرىشىپ، قانۇننىڭ ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشى، قوغدىشى، تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى)