-
2011-04-18
دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ مۇستەھكەم ئۇل تېشى - [نــەزەرىـيــە]
2011- يىلى يېتىپ كېلىشى بىلەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋۇ باڭگو تەنتەنىلىك ھالدا: جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسى شەكىللەندى، دەپ جاكارلىدى. بۇ ئېلىمىزدە ئاساسلىنىدىغان قانۇن بولماسلىقتىن ئاساسلىنىدىغان قانۇن بولۇشتەك تارىخىي بۇرۇلۇش بولغانلىقىدىن، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى قانۇنچىلىق ئىزىغا چۈشۈرۈلگەنلىكىدىن بېشارەتتۇر.
ئېلىمىز ھۆكۈمىتى‹‹دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش›› نىڭ تۈپ پىلانىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت قۇرۇشقا ئاتلاندى. نەچچە ئون يىللىق ئىزدىنىش ئارقىلىق تارىخىي ھالقىش ئىشقا ئاشتى. ‹‹يوق›› لۇقتىن ‹‹بار›› لىق ۋۇجۇدقا كەلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 مىلياردتىن ئارتۇق خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، ‹‹جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش›› ئۇلۇغۋار نىشانىغا يەتتى.
بۇ توسالغۇلار تۈگىتىلگەن يىللاردۇ
1949- يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ، خەلق ھاكىمىيەتنى قولغا ئالدى. «نىكاھ قانۇنى»، «سايلام قانۇنى» قاتارلىق فېئوداللىق تۈزۈمگە خاتىمە بېرىدىغان، خەلقنى ئازادلىققا ئېرىشتۈرىدىغان، خەلقنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان قانۇنلار تۈركۈملەپ ئېلان قىلىندى.
1954- يىلى ئېلان قىلىنغان «ئاساسىي قانۇنى»دا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە بارلىق ھوقۇق خەلققە مەنسۇپ بولۇش تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
بۇ ئويغىنىپ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشكەن يىللاردۇر
«ئاساسلىنىدىغان قانۇن بولۇش، قانۇن بولغان ئىكەن جەزمەن رىئايە قىلىش، قانۇننى ئىجرا قىلىشتا جەزمەن قاتتىق بولۇش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈش›› بۇ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ يېڭى دەۋر قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىدىكى بۈيۈك ئويغىنىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
«جىنايى ئىشلار قانۇنى»، «ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي پرىنسىپى»، «ئىقتىسادىي توختام قانۇنى»، «چەت ئەل مەبلىغى كارخانىسى قانۇنى»، «يەر باشقۇرۇش قانۇنى» قاتارلىق قانۇن – نىزاملار ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ بۈيۈك ئەمەلىيىتىنى قوغدىدى.
بۇ ۋەزىيەت داۋالغۇپ تۇرغان يىللاردۇر
1992- يىلى، پارتىيەمىزنىڭ 14 – قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھات نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، شۇنداقلا قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى بېكىتىلدى.
«2010- يىلىغا بارغاندا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرىمىز››. 1997 – يىلى پارتىيەمىزنىڭ 15 – قۇرۇلتىيىدا قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلۇغۋار نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 1999 – يىلى ‹‹دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇش›› «ئاساسىي قانۇن»غا كىرگۈزۈلۈپ، قانۇننىڭ نوپۇزى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى.
بۇ ئىلمىي تەرەققىي قىلغان يىللاردۇر
ج ك پ 16 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مۇساپىسى باشلاندى.
«نەرسە ھوقۇقى قانۇنى»، «ئەمگەك توختامى قانۇنى»، «كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»، «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى» قاتارلىق قانۇنلار ‹‹ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلق ئۈچۈن قانۇن تۈزۈش››نى تولۇق نامايان قىلدى.
نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن جۇڭگولۇقلارنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلاندى. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسى شەكىللىنىپ، ئېلىمىزنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى ۋە قانۇن چىقارغۇچىلارنىڭ قان تەرى، خالىس تۆھپىلىرى مۇجەسسەملەندى
بۇ كىشىنى ئىپتىخارلاندۇرىدىغان سان
ھازىرغا قەدەر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى تۈزۈپ يولغا قويغان كۈچكە ئىگە قانۇن 239 غا يەتتى، گوۋۇيۈەن تۈزگەن مەمۇرىي نىزام 690 نەچچىگە يەتتى، جايلاردىكى خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى تۈزگەن يەرلىك نىزام 8600 دىن ئاشتى. بۇ سانلارغا ئېلىمىزنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى ۋە قانۇن چىقارغۇچىلارنىڭ 60 يىللىق جاپالىق ئىزدىنىشى ۋە تىرىشچانلىقى سىڭگەن.
بۇ ئۇزاق يىللىق تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسى
«ئىقتىسادىي توختام قانۇنى»، «چەتكە چېتىشلىق ئىقتىسادىي توختام قانۇنى»، ‹‹تېخنىكا توختام قانۇنى» ئېلان قىلىنىپ، بۇ ئۈچ قانۇن بىرلەشتۈرۈلگىچە 18 يىل سەرپ قىلىندى. خەلقنىڭ ئەقىل – پاراسىتى جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئىلمىي دېموكراتىيە مېلودىيەسى ياڭرىدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشى خەلقنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى.
بۇ جانلىق دېموكراتىك ئەمەلىيەت
2011- يىلى 25 – فېۋرال ماقۇللانغان «قاتناش ۋاسىتىلىرى بېجى قانۇنى»غا ئاممىدىن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىنىپ، زور تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. %87 ئاپتوموبىل ئىگىسىنىڭ باج يۈكى ئاشۇرۇلمىدى.
20- ئەسىرنىڭ 80 –، 90 – يىللىرىدا ئون قانۇن لايىھەسىگە ئاممىدىن پىكىر ئېلىندى. يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويۇلغاندىن كېيىن، قانۇن لايىھەسىگە ئاشكارا پىكىر ئېلىش نورمال ئىشقا ئايلاندى.
خەلق سارىيىدا بېرىلگەن ھەر بىر ئاۋازغا 1مىلياردتىن ئارتۇق خەلقنىڭ ئارزۇسى، ئەقىل – پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، قانۇن چىقارغۇچىلارنىڭ ئەل رايىغا بولغان ھۆرمىتى نامايان قىلىندى، مۇھىمى، بۇ ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر.
بۇ ئىلمىي قانۇن چىقىرىش يولىدىكى ئىزدىنىشدۇر
«نەرسە ھوقۇقى قانۇنى» بەش يىلدا سەككىز قېتىم قاراپ چىقىلدى، «ئەمگەك توختام قانۇنى» بەش يىلدا بەش قېتىم قاراپ چىقىلدى، «ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى» ئۈچ يىلدا تۆت قېتىم قاراپ چىقىلدى ...... جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى جۇ جىڭۋېن: ئېلىمىز تەدرىجىي سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىلىدىغان قانۇن چىقىرىش دەۋرىگە قەدەم قويدى، دېدى.
2005- يىلى قانۇن چىقىرىش گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يىغىنى تۈزۈمى ئورنىتىلدى. 2008 – يىلىدىن باشلاپ قانۇن لايىھەسىنى ئېلان قىلىش دائىملىق ئىشقا ئايلاندى.
بۇ توختىماي ئىزدىنىش داۋامىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن نەتىجىدۇر
1979- يىلى «يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، 1982 – يىلى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ئاساسىي قانۇن»دا جايلارنىڭ قانۇن چىقىرىشىغا ھوقۇق بېرىش ئېنىق بەلگىلەندى؛ 20 – ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدا شېنجېن قاتارلىق ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قانۇن – نىزاملىرىنى ئىمكانىيەتلىك تۈزۈشىگە ھوقۇق بېرىلدى. مەركەزنىڭ قانۇن چىقىرىشىنى ئاساس، جايلارنىڭ نىزام چىقىرىشىنى قوشۇمچە قىلغان دەرىجە بويىچە قانۇن چىقىرىش تۈزۈمى ئورنىتىلدى.
20 نەچچە يىلدىن بۇيان، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ‹‹يىللىق پىلان بولۇش، بەش يىللىق يىرىك پىلان بولۇش، ئۇزاق يىللىق پىروگرامما بولۇش››تەك ئىلمىي، پىلانلىق قانۇن چىقىرىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، دەۋر ئۆزگىرىشى نامايان قىلىندى. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسى شەكىللىنىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ بۈيۈك ئەمەلىيىتى چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بۈيۈك ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تۈرتكە بولدى
بۇ دەۋر ئۆزگىرىشىنىڭ نەتىجىسى ۋە يېتەكچىلىكىدۇر
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، دېھقان ئىشلەمچى كاڭ خۇمىڭ: ‹‹ھازىر دېھقان ئىشلەمچىلەر سىرتتا ئىش تېپىپ ئىشلىسە ئەندىشە قىلمايدىغان بولدى، قانۇندا ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش يولغا قويۇش بەلگىلەندى›› دېدى.
200 مىليوندىن ئارتۇق دېھقان ئىشلەمچى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دەۋرىنىڭ مەھسۇلى. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىش يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ قانۇن چىقىرىش، قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشىدە دىققەت قىلىنغان مەزمۇن، بۇ ئىقتىسادنىڭ راۋاجلىنىش سۈرئىتى تېزلەشكەندىن كېيىنكى ئىجتىمائىي ئادىللىققا بولغان ئىنتىلىشنى نامايان قىلدى.
قانۇن – تۈزۈمنىڭ كاپالىتىدە، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرى ئېلىمىزدە ناھايىتى روناق تاپتى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلۇپ 2010 – يىلى 9 – ئايغىچە، ئېلىمىز چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ 1 تىرىليون 60 مىليارد دوللار بىۋاسىتە مەبلىغىنى قوبۇل قىلدى.
بۇ ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ قېلىپلىشىشى ۋە تايانچىدۇر
«شىركەت قانۇنى»، «ئاكسىيە قانۇنى»، «توختام قانۇنى» قاتارلىق بازار ئىگىلىكىگە ئائىت قانۇنلار ئېلان قىلىنىپ، ئېلىمىزنىڭ بازار ئىگىلىكى تۈزۈمىنى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇشىغا تۈرتكە بولدى.
1989- يىلى 4 – ئايدا «مەمۇرىي دەۋا قانۇنى» ئېلان قىلىنىپ، ‹‹ئەمەلدار پۇقرانى باشقۇرۇش››قا رۇخسەت قىلىنىپ، ‹‹پۇقرانىڭ ئەمەلدارنى باشقۇرۇشى››غا يول قويۇلمايدىغان نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا خاتىمە بېرىلدى.
دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشنىڭ يېڭى سەھىپىسى ئېچىلىپ، يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشى سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئابىدىسى، مۇھىمى، ئۇ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تۈپ پىلانىنىڭ باشلىنىشىدۇر
بۇ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە
يول ئاچىدىغان يېڭى مۇساپىدۇر
«ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى»، «خەلق مۇرەسسە قانۇنى»، «دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىكى قانۇنى» قاتارلىق قانۇنلارنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن، 2010 – يىلى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئېلىمىز قانۇن سىستېمىسى زور قۇرۇلۇشىنىڭ يەنە بىر تۈركۈم ‹‹تۈۋرۈك›› لىرىنى ئورناتتى.
جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىق سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشى قانۇن چىقىرىش ۋەزىپىمىزنىڭ تاماملانغانلىقىدىن، شۇنداقلا قانۇن چىقىرىش پائالىيىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
بۇ مۈشكۈل ۋەزىپىلەر يۈكلەنگەن تارىخىي بۇرچتۇر
قانۇننىڭ ھاياتىي كۈچى يولغا قويۇلۇشتا. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشى ئاساسلىنىدىغان قانۇن بولۇش مەسىلىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلدى، قانۇن بولغان ئىكەن جەزمەن رىئايە قىلىش، قانۇننى ئىجرا قىلىشتا جەزمەن قاتتىق بولۇش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈشمۇ جىددىي، تەخىرسىز مەسىلە بولۇپ قالدى.
يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئېلىمىز سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇشنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىسىگە قاراپ ئاتلىنىشى كېرەك.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى)