بلوگ ھەققىدە: سىياسى نەزىرىيە، مەدەنىيەت تارىخ بىلىملىرىگە قىزىقامسىز؟ بۇ ھەقتە مول بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئويۇلىغانلىرىڭىز، كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بارمۇ؟ قېنى مەرھەمەت!

  • 2011-04-16

    كازافىنىڭ تەرجىمالى - [شەخىسلەر]

      ئۆمەر مۇئەمىر كازافى 1942–يىلى 9–ئايدا لىۋىيەنىڭ جەنۇبىدىكى فەززان قۇملۇق رايونىدىكى سۇرتتا، بېربېر قەبىلىسىگە تەۋە ئاددىي چارۋىچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1961–يىلى بېنغازىدا لىۋىيە ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ كەسپىدە ئوقۇغان. 1963–يىلى بېنغازى ھەربىي ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1965–يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، لىۋىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىدە ئەسكەرلىكتە تۇرغان ھەم مايورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1966–يىلى ئەنگىلىيە ساندىخېست خان جەمەتى ھەربىي ئىشلار ئىنىستىتۇتىدا تەربىيەلەنگەن.

    1969- يىلى 9- ئاينىڭ 1- كۈنى كەچتە، كازافى ‹‹ئازاد ئوفىتسېرلار تەشكىلاتى››غا رەھبەرلىك قلىپ، ‹‹تىنچ سىياسىي ئۆزگىرىش›› قوزغاپ، خان ئوردىسىنى ئىگىلەپ، ئىدىرىس خانىدانلىقىنى ئاغدۇرغان، پادىشاھ ۋە ئائىسىلىدىكىلەرنى چەتئەلگە سۈرگۈن قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئەرەب لىۋىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان، كازافى ئىنقىلابىي قوماندانلىق كومىتېتىنىڭ رەئىسى، قوراللىق قىسىمنىڭ باش قوماندانى بولغان ھەم پولكوۋنىكلىققا ئۆسكەن. گەرچە غەرب ئەللىرى ئۇزۇندىن بۇيان ئۇنىڭغا تەنھا قالدۇرۇش، تەھدىت سېلىش، جازا يۈرگۈزۈش ھەتتا قەستلەش ۋە بومباردىمان قىلىش ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، كازافىدىن ئىبارەت بۇ ‹‹قارىغاي›› ئىزچىل تۈردە شىمالىي ئافرىقا چوڭ قۇملۇقىدا تىك قەد كۆتۈرۈپ كەلگەن. ئۇ 1970–يىلىدىن 1972–يىلىغىچە زۇڭلى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، 1977–يىلىدىن 1979–يىلىغىچە ئومۇمىي خەلق كومىتېتى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ باش كاتىبى بولغان. 1977–يىلىدىن باشلاپ ئىنقىلابىي رەھبەر ھەم قوراللىق قىسىمنىڭ ئالىي قوماندانى بولغان. كازافى 1982–يىلىدىن باشلاپ، زۇڭتۇڭلۇق ۋە باشقا مەمۇرىي ھوقۇقلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ئۈستىگە ئالمىغان، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇ يەنىلا ئىزچىل لىۋىيەنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى بولۇپ كەلگەن.

    2009- يىلى9–ئاينىڭ 23–كۈنى، تۇنجى قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى چوڭ يىغىنىغا قاتناشقان لىۋىيە دۆلەت رەھبىرى كازافى چوڭ يىغىننىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىدە نۇتۇق سۆزلەيدۇ. كازافى نۇتقىدا ‹‹ خەۋپسىزلىك كېڭىشى نامىنى دەرھال ‹تېررورلۇق كېڭىشى›گە ئۆزگەرتىشى كېرەك ›› دەيدۇ. ئۇ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىنى، بەش دائىمىي ئەزا دۆلەتنىڭ قارشى بېلىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، دائىمىي ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىشنى، بولۇپمۇ ئافرىقا دۆلەتلىرى ۋەكىللىرىنىڭ سانىنى تولۇقلاپ كۆپەيتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. كازافى يەنە ‹‹ 1945–يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، دۇنيادا 65 قېتىم ئۇرۇش پارتلىدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ ئۇرۇشلارنى توسۇپ قېلىشقا قۇربى يەتمەيدۇ ›› دەيدۇ.

    شۇ كۈنى كازافى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامادىن كېيىنلا نۇتۇق سۆزلەيدۇ، لېكىن ئوباما، ھىلارى قاتارلىق ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى كازافىنىڭ نۇتقىنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن، سۆزلەپ بولۇپلا يىغىن زالىدىن چىقىپ كېتىدۇ. گەرچە چوڭ يىغىندا ھەر بىر دۆلەت رەھبىرىگە 15 مىنۇتلا سۆزلەش ۋاقتى بېرىلگەن بولسىمۇ، كازافى توختىماي 1 سائەت 36 مىنۇت سۆزلەيدۇ، چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولۇپ قالغاچقا، يىغىن زالىدىكى يېرىمغا يېقىن ۋەكىللەر ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ چىقىپ كېتىدۇ. كۇبا دۆلەت رەھبىرى كاستىرو 1960–يىلى توپتوغرا 4 يېرىم سائەت سۆزلىگەن بولۇپ، بۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى چوڭ يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرە تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن نۇتۇق ھېسابلىنىدۇ.

    كازافى نيۇيوركقا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئادىتى بويىچە نيۇيوركنىڭ سىرتىدىكى ئىجارىگە بېرىلىدىغان بىر قورۇقتا ۋاقىتلىق تىكىلگەن چېدىردا قونىدۇ. كازافى ئەسلىدە نيۇيورك مەركىزى باغچىسىدا چىدىر قۇرماقچى بولغان، لېكىن ئاھالىلەرنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغانلىقتىن بۇ ئويىدىن ۋاز كېچىدۇ.

    كازافى ئاجايىپ مۇرەككەپ بىر شەخس، ئۇنىڭ سۆز–ھەرىكەتلىرى دائىم كىشىلەرنى چۆچۈتىۋېتىدۇ. ئۇنىڭ خيالىغا كەلگەننى قىلىدىغان، نېمە ئويلىسا شۇنى دەۋېرىدىغان مىجەزى بەلكىم ئۇنىڭ كىچىكىدىن قۇملۇقتا چوڭ بولۇپ، ئەركىن–ئازادە تۇرمۇشقا كۆنگەنلىكى شۇنداقلا ئۇتوپىيە ۋە ئانارخىزمغا (يەنى ھۆكۈمەتسىزلىككە) ئائىت كىتابلارنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، 1988–يىلى، ئۇ ئۆزى توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىنى ھەيدەپ، تىرىپورى تۈرمىسىنىڭ تېمىنى ئۆرۈپ، 400 مەھبۇسنى قويۇۋەتكەن. كازافى ئامېرىكىغا تەلۋىلەرچە قارشى تۇرىدۇ، لېكىن ئۇ لىۋان ۋە فىلىپپىندا تۇتقۇن قىلىنغان غەربلىك تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇ كۆڭلى يېرىم بولغان چاغلاردا، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشىپ كېتىدۇ.

    كازافى داڭلىق ناتىق، ئۇ نۇتۇق سۆزلىگەندە ئەزەلدىن قەغەز ئىشلەتمەيدۇ. ئۇنىڭ نۇتقى راۋان ھەم كىشىنى روھلاندۇرىدىغان بولۇپ، ئۇ نۇتۇق سۆزلىگەندە دائىم قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ، جۈرئەت ۋە كۈچ–قۇۋۋىتىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇ ئوي–پىكىرى، سىياسىي كۆز قاراشلىرىنى دىراماتىك ھەرىكەتلەر بىلەن ئىپادىلەشنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇڭا ئۇ دائىم كىشىلەرنىڭ غۇلغۇلا ھەتتا مەسخىرە ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالىدۇ، بەزىلەر ئۇنى ‹‹ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى بىلمەيدىغان، بىنورمال، غەلىتە ئادەم›› دېيىشىدۇ. 1988–يىلى ئالجىرىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا، كازافى ئوڭ قولىغا بىر پاي ئاق پەلەي كىيىۋالغان ھەم بۇنداق قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ: ‹‹مەن ئامېرىكىنىڭ غالچىلىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندە، قولۇمنىڭ مەينەت بولۇپ كېتىشىنى خالىمايمەن›› دېگەن.

    كازافىنىڭ دائىم خۇپىيانە زىيارەت قىلىپ، ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ خىزمىتىنى تەكشۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا مىساللار ئىنتايىن كۆپ. 1971–يىلى، ئۇ بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا تۇيۇقسىز تەكشۈرۈشكە بېرىپ، نۇرغۇن ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئىشخانىدا قەھۋە ئىچكەچ پاراڭلىشىپ ئولتۇرىدىغانلىقىنى بايقاپ، قاتتىق نارازى بولغان. كازافى ئۇلارنىڭ پۈتۈن زېھنىنى خىزمەتكە قارىتىشى ئۈچۈن، ئەتىسىلا ھەربىي يۈك ئاپتوموبىلىنى ھۆكۈمەت خىزمەت بىناسىغا ئەۋەتىپ، ئىشخانىلاردىكى كىرېسلو، قەھۋە ماشىنىسى قاتارلىق كۆپ قىسىم ئەسلىھەلەرنى ئېلىپ كەتكەن. يەنە بىر قېتىم، ئۇ پۇقراچە ياسىنىپ، دوختۇرنىڭ يېنىغا بېرىپ، دادىسىنىڭ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ئېيتقان، ئىشتىن چۈشۈشكە ئالدىراپ تۇرغان دوختۇر ئۇنىڭغا ئىككى تال ئاسپېللىننى بېرىپلا بولدى قىلغان، غەزەبلەنگەن كازافى بۇ مەسئۇلىيەتسىز دوختۇرنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقارغان.

    كازافىنىڭ زادى قانچىلىك پۇلى بار؟ شىۋېتسىيە مالىيە نازارەت ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى، ئۆزلىرىنىڭ شىۋېتسىيەدىكى كازافى ھاكىمىيىتىگە چېتىشلىقى بار دەپ قارىغان بارلىق مال–مۈلۈكنى توڭلاتقانلىقى، ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 1مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. خەۋەر قىلىنىشىچە، شىۋېتسىيە مالىيە نازارەت ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى خولست، شىۋېتسىيەدە بىز بايقىمىغان كازافىغا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ مال–مۈلۈك ۋە ئورگانلار بولۇشى مۇمكىن، دېگەن.

    ئامېرىكا ئاخبارات ئورگىنىنىڭ بىر خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە، كازافىنىڭ مال–دۇنياسى ‹‹نەچچە ئون مىليارد›› ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي جازاسىغا ئۇچرىغان شارائىتتىمۇ ئۆكتىچىلەرگە داۋاملىق زەربە بېرىشىگە يېتىپ ئاشىدىكەن. ئىچكى ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر ئەربابنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كازافى بۇرۇنلا مەخپىي مەبلەغ توپلاشنى باشلىغان بولۇپ، ئۇ مۇشۇ مەبلىغىگە تايىنىپ، ئافرىقىدىن ئۆزىنى قوغداشقا ئۈچ–تۆت مىڭ ئەسكەر ياللىغان، ئىگىلىنىشىچە، كازافى ھەر بىر ياللانما ئەسكەرنىڭ كۈنلۈكىگە ئاز دېگەندىمۇ مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بېرىدىكەن.

    كازافىغا نىسبەتەن دۇنيا خەلقىنىڭ باھاسى خىلمۇخىل بولۇپ، ئىجابىي باھا بىلەن سەلبىي باھا تەڭ دېگۈدەك نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇ ‹‹نىجاد يۇلتۇزى›› ، ‹‹مىللىي قەھرىمان›› شۇنداقلا ‹‹ئىنقىلابىي رەھبەر››؛ يەنە بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە بولسا، ئۇ ‹‹تەلۋە›› ، ‹‹ساراڭ›› ، ‹‹تېررورىزمنىڭ ھىمايىچىسى››. لېكىن مەيلى ئۇنى قوللىغۇچىلار ياكى قارشى تۇرغۇچىلار بولسۇن، مۇنداق بىر ھەقىقەتنى ئىنكار قىلالمايدۇ: كازافىنىڭ رەھبەرلىكىدە تەخمىنەن 6 مىليون نوپۇسقا ئىگە بۇ دۆلەت تەدرىجىي نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 1981–يىلى، لىۋىيەلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مىللىي دارامىتى 11مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئافرىقىدىكى ئەڭ باي دۆلەت بولۇپ قالدى، كېيىن ئۇزۇن يىل غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جازاسىغا ئۇچراپ كەلگەن بولسىمۇ، لىۋىيە ئىزچىل ئافرىقىدىكى ئەڭ باي دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، لىۋىيە خەلقى مەجبۇرىي مائارىپ ۋە مۇكەممەل داۋالاش تۈزۈلمىسىدىن بەھرىمەن بولۇپ كەلدى.

    分享到:

بلوگىمىز سىياسى نەزەرىيە، مەدەنىيەت، تارىح، قانۇن ۋە دىنعا ئائىت مەزمۇنلار ئۅستىدە ئورتاقلىشىشنى ئاساسى نىشان قىلىدۇ. يازمىلارنىڭ مەنبەسى قانۇنلۇق.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | بىلىم بايلىق بلوگى