بلوگ ھەققىدە: سىياسى نەزىرىيە، مەدەنىيەت تارىخ بىلىملىرىگە قىزىقامسىز؟ بۇ ھەقتە مول بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئويۇلىغانلىرىڭىز، كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بارمۇ؟ قېنى مەرھەمەت!

  • 2011-04-11

    ئىلغار – مۇنەۋۋەر بولۇش پائالىيىتىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئاساسىي ئۇسۇلى - [سـىـيـاســى]

     1. ئومۇمىي سۈرئەتنى ئىگىلەپ، يولغا قويۇش پىكرىنى تۈزۈپ چىقىش كېرەك. پائالىيەتلەرنى ھازىردىن باشلاپ پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ90 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشنى نۇقتلىق چۆرىدىگەن قانات يايدۇرۇپ، ئىلغار – مۇنەۋۋەر بولۇش دولقۇنى قوزغاش كېرەك. ئىلغار – مۇنەۋۋەر بولۇش پائالىيىتىنى 2011 – يىلى 7 – ئايدىن باشلاپ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىشنى نۇقتىلىق چۆرىدىگەن ھالدا قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت ۋە تېخىمۇ ياخشى خىزمەت نەتىجىلىرى بىلەن پارتىيەگە سوۋغا تەقدىم قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى چاقىرىلغاندىن كېيىن، يېڭى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىگە ئاساسەن، پائالىيەتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كېڭەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار (پارتگۇرۇپپىلار) ياخشى تۇتۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلىق، تۇتمىغانلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىق، ياخشى تۇتمىغانلىق لاياقەتسىز بولغانلىق دېگەن تەلەپ بويىچە كونكرېت يولغا قويۇش پىكرىنى ئەستايىدىل تۈزۈپ چىقىپ، ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چىڭ تۇتۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

    2. ئىدىيەۋى ئاساسنى پۇختىلاپ، كۈرەش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ھازىر مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 9 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەزگىل، يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىنى ۋە ھالقىما تەرەققىيات، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشان – ۋەزىپىلىرىنى؛ زامانىۋى مەدەنىيەتنى باشلامچى، پەن – تېخنىكا، مائارىپنى تىرەك قىلىپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، يېڭىچە بازارلاشتۇرۇش سۈرئىتىنى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، جۇڭگونىڭ غەربىي رايون ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش پەللىسىنى يارىتىش ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستېھكامىنى بەرپا قىلىشتەك كونكرېت ئىستراتېگىيەلىك تاللاشنى؛ ئىقتىسادنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي ياخشىلاش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىنى، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەت تەلەپلىرىنى چوڭقۇر تونۇپ، مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹بىر يىلدا بىر ئۆزگىرىش بولۇش›› نىشانى بويىچە، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىلغار – مۇنەۋۋەر بولۇش پائالىيىتىنىڭ بىرىكىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ چىقىش، ئىلغار – مۇنەۋۋەر بولۇشنىڭ كونكرېت نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ئۆگىنىشچان پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇش بىلەن ئىلغار – مۇنەۋۋەر بولۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ سىياسىي – ئىدىيەۋى ساپاسى ۋە خىزمەت قابىلىيىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئىلغار – مۇنەۋۋەر بولۇشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

    3. ئاساسىي تېمىنى چۆرىدەپ، پۇختا، ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىرىنچى، ئاشكارا ۋەدە بېرىش. پارتىيە ئەزالىرىنى مەركەزنىڭ روھى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئىلغار تىپلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىپ، پەرقنى تېپىپ چىقىشقا تەشكىللەش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئىلغار – مۇنەۋۋەر بولۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىشى، پارتىيە ئەزالىرى پائالىيەتكە قاتنىشىش كونكرېت پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن ئۇنى ئاممىغا ئاشكارىلاپ، ۋەدە بېرىپ، ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. ئىككىنچى، رەھبەرلەر باھا بېرىش. يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى مۇۋاپىق پەيتتە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغار – مۇنەۋۋەر بولۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىغا باھا بېرىپ، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا مۇئەييەنلەشتۈرۈشى، ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە تىرىشىش نىشانىنى كۆرسىتىپ بېرىشى كېرەك. پىرىنسىپ جەھەتتە، رەھبىرىي كادىرلار ھەر ئايدا نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈلىدىغان خىزمەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ بىر قېتىم باھا بېرىشى كېرەك. ئۈچىنچى، ئامما باھالاش. ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى باھالاش، پارتىيە ئەزالىرىنى دېموكراتىك باھالاش خىزمىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ھەر يىلى يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىنى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغار – مۇنەۋۋەر بولۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى باھالاشقا تەشكىللىشى كېرەك. باھالاش ئەھۋالىغا ئاساسەن، كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش تەدبىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئىلغار – مۇنەۋۋەر بولۇش پائالىيىتىنى ساغلام قانات يايدۇرۇش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، ئاممىنى رازى قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۆتىنچى، باھالاش، تەقدىرلەش. يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغار – مۇنەۋۋەر بولۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشى كېرەك. 2011– يىل ‹‹1– ئىيۇل›› دىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى بىر تۈركۈم ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرىنى تەقدىرلەپ، ھەرقايسى ساھە ۋە كەسىپلەردە بىر تۈركۈم ئىلغار تىپلارنى تۇرغۇزۇپ، ئىلغار – مۇنەۋۋەر بولۇش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار 2010 – يىل ‹‹1– ئىيۇل›› دىن بۇرۇن ئىلغار – مۇنەۋۋەر بولۇش پائالىيىتىدىكى بىر تۈركۈم ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى، مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرى ۋە ئىلغار – مۇنەۋۋەر بولۇش پائالىيىتىنى تۇتۇشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلغان ئىلغار ناھىيەلىك، شەھەرلىك، رايونلۇق پارتكوملارنى تەقدىرلىشى كېرەك. باھالاش، تەقدىرلەشتە خىزمەت نەتىجىسىگە ۋە جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسىگە ئەھمىيەت بېرىش، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە تۈرتكە بولۇش، ھەقىقىي تۈردە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى يۈكسەلدۈرۈش، ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەشتىن ئىبارەت زور ھەم تەخىرسىز ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈش، غەيرەتكە كېلىش، ئاساسنى مۇستەھكەملەش، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش، تۇتقىنى كۆپەيتىش، تەدبىرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈشكە قارىتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئاڭلىق ئاتلىنىش، پارتىيە ئەزالىرىنى ئاكتىپ قاتنىشىشقا جەلپ قىلىشى كېرەك.

    4. تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش كېرەك. ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى ئىلغار – مۇنەۋۋەر بولۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپە قىلىش كېرەك. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پائالىيىتىدىكى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى قايتا تەكشۈرۈپ، ئۇنى ئىلغار – مۇنەۋۋەر بولۇش پائالىيىتىنىڭ خىزمەتلىرى بىلەن زىچ جىپسىلاشتۇرۇپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ ياخشى تۇتۇپ، ئاممىغا بەرگەن ۋەدىگە ھەقىقىي ئەمەل قىلىش كېرەك.

    5. سۇبيېكتلىق رولنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم بەرپا قىلىش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچى تۇرمۇشىدىكى سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇننىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئېتىقادنى چىڭىتىش، تۈپ مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاش،ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەش، دادىل ئىلگىرىلەش ئاڭلىقلىقىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار پارتىيە ئەزالىرىغا غەمخورلۇق قىلىش، ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا ھەقىقىي ئەھمىيەت بېرىپ، سەمىمىي كۆيۈنۈپ، ئۇلارنى چىن دىلدىن ئاسراپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ شەرەپ تۇيغۇسى، تەۋەلىك تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىجادىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى تۈزۈملەشتۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىلغار – مۇنەۋۋەر بولۇش پائالىيىتىنى دائىم بوشاشماي تۇتۇش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش كېرەك.

    6. ياخشى مۇھىت يارىتىپ، ئىستىل – كەيپىيات جەھەتتە دۇرۇس بولۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاش ئىستىلى، راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى، جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش ئىستىلى، تەنقىد ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەنقىد قىلىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئېسىل پارتىيە ئىستىلى ئارقىلىق ھۆكۈمەت ئىستىلىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئىستىلىنى يېتەكلەپ، پارتىيە قەلبى ۋە خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، ھالقىما تەرەققىيات قۇدرەتلىك كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. توغرا نەتىجە قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى ئىگىلەپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، قىيىنچىلىقتىن قورقماي، دادىل ئىلگىرىلەپ، ئىلغارلاردىن بولۇش، بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، تىرىشىپ ئەمەلىيەت، خەلق، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىش، شەكىلۋازلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك.


    收藏到:Del.icio.us




بلوگىمىز سىياسى نەزەرىيە، مەدەنىيەت، تارىح، قانۇن ۋە دىنعا ئائىت مەزمۇنلار ئۅستىدە ئورتاقلىشىشنى ئاساسى نىشان قىلىدۇ. يازمىلارنىڭ مەنبەسى قانۇنلۇق.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | بىلىم بايلىق بلوگى