بلوگ ھەققىدە: سىياسى نەزىرىيە، مەدەنىيەت تارىخ بىلىملىرىگە قىزىقامسىز؟ بۇ ھەقتە مول بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئويۇلىغانلىرىڭىز، كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بارمۇ؟ قېنى مەرھەمەت!

  • 2011-04-08

    روزۋېلىت ئەجەللىك كېسىلى بارلىقىنى يوشۇرغان - [شەخىسلەر]

    ئۇزاقتىن بۇيان تارىخشۇناسلار: ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى فرانكلىن روزۋېلىت 63 يېشىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا مېڭىسىگە تۇيۇقسىز قان چۈشۈپ قازا قىلغان، دەپ قاراپ كەلگەن. لېكىن، يېقىندا نەشردىن چىققان ‹‹روزۋېلىتنىڭ <ئەجەللىك> مەخپىيىتى›› دېگەن كىتابتا بۇ قاراش ئاغدۇرۇۋېتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: روزۋېلىت مېڭىگە كېڭەيگەن راك كېسىلى سەۋەبىدىن قازا قىلغان. ئۇ 2 – قېتىم ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا ئەجەللىك راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، دەپ دېئاگنوز قويۇلغان. لېكىن، روزۋېلىت ۋە ئۇنىڭ دوختۇرى ھەقىقىي ئەھۋالنى جامائەتتىن يوشۇرغان.    يېڭى كىتابتا ھەقىقىي ئەھۋال ئاشكارىلاندى

    «روزۋېلىتنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى›› توغرىسىدا تۈرلۈك قاراشلار بار. بەزىلەر ئۇنى سەكتە كېسىلى بىلەن قازا قىلدى، دېسە، يەنە بەزىلەر مېڭىسىگە قان چۈشۈپ قازا قىلدى، دېيىشىدۇ. ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نېرۋا كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى ستېفېن رومازو بىلەن مۇخبىر ئېرىك فىتېرمان بەش يىل ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بىرلىكتە يازغان ‹‹روزۋېلىتنىڭ <ئەجەللىك> مەخپىيىتى›› دېگەن كىتابتا مۇنداق دېيىلگەن: روزۋېلىت ‹‹پېئارل خاربور ۋەقەسى›› يۈز بېرىشتىن بۇرۇنلا قارا پىگمېنت ئۆسمىسى، دەپ ئاتىلىدىغان ساقايماس تېرە راكىغا گىرىپتار بولغان. قارا پىگمېنت ئۆسمىسى تۆت يىل جەريانىدا ئۇنىڭ سول قېشىدىن ئاستا – ئاستا كېڭىيىپ، ئاخىرىدا يامان سۈپەتلىك ئۆسمىگە ئايلىنىپ، 1945 – يىل 4 – ئاينىڭ 12 – كۈنى روزۋېلىتنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.

    رومازو بىلەن فىتېرمان 2 – دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تارتىلغان نۇرغۇن سۈرەتتىن زۇڭتۇڭ روزۋېلىتنىڭ بەدىنىدە تېرە كېسىلى ئۆزگىرىشىدىن پەيدا بولغان ئالامەتلەرنى بايقىغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە روزۋېلىتنىڭ سول كۆزىدە تۈرلۈك ‹‹قورقۇنچلۇق›› ئالامەت پەيدا بولغان. ئۇلار: روزۋېلىتنىڭ ئوڭ مېڭىسى ۋىرۇسنىڭ تەسىرىدە زەخىملىنىپ، كۆرۈش نېرۋىسى پالەچ بولغان. بۇنىڭغا روزۋېلىت 1945 – يىل 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنى پارلامېنتتا نۇتۇق سۆزلىگەندە تارتىلغان سىن ماتېرىيالى ئىسپات بولالايدۇ. بۇ سىن ماتېرىيالىغا قارىغاندا، ‹‹روزۋېلىتنىڭ سول كۆزىنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىلا ئەمەس، يەنە ئوڭ مېڭىسىنىڭ ئىقتىدارىمۇ تەسىرگە ئۇچرىغان›› ، دېگەن.

    تاشقى كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى خارى گوردون سمىت زۇڭتۇڭ روزۋېلىتنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدە تارتىلغان سۈرەتلىرىنى تەپسىلىي كۆرگەندىن كېيىن، روزۋېلىتنىڭ سول كۆزى ۋە قاپىقىنىڭ زەخىملەنگەنلىكىنى بايقىغان. ئۇ كۆپ يىللىق تەجرىبىسىگە ئاساسەن، روزۋېلىت تېرە راكىغا گىرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ ھۆكۈم قىلغان. تېرە كېسەللىك تارىخى بويىچە دۇنياغا داڭلىق ئالىم بېرناند ئاكېرمانمۇ مۇشۇنداق قاراشتا بولغان. ئۇ: قارا پىگمېنت ئۆسمىسى روزۋېلىتنىڭ تېرىسىگە بەكلا زىيان يەتكۈزگەن،دېگەن. ئېنىق ماتېرىياللارغا قارىغاندا، روزۋېلىت 1944 – يىلىدىن 1945 – يىلىغىچە ئامېرىكىدا نۇرغۇن ئۆسمە كېسىلى مۇتەخەسسىسىگە كۆرۈنگەن. ۋەھالەنكى، روزۋېلىت قازا قىلغاندىن كېيىن، ئۇ كېسەل كۆرسەتكەن دوختۇرلارنىڭ ھەممىسى روزۋېلىتنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ئىنكار قىلغان، روزۋېلىتنىڭ جەسىتى ئاشكارا تەكشۈرۈلمىگەن، روزۋېلىتنىڭ داۋالىنىش ئارخىپىمۇ سىرلىق غايىب بولغان.

     

    كېسىلىنى يوشۇرۇپ ئومۇمىي سايلامغا قاتنىشىش

     

    روزۋېلىت ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ داڭلىق زۇڭتۇڭلارنىڭ بىرى. لېكىن، 1921 – يىلى يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان روزۋېلىت ئۈچۈن، جامائەتكە ناھايىتى تىمەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، دۆلەت ۋە خەلق دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى تۈگىتىشتىن باشقا، كېسىلىنى يوشۇرۇش ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە بولۇپ بولغان. 1944– يىلى ئۇرۇش ئوتى ھەممە يەرگە تۇتاشقان مەزگىلدە، ئامېرىكىدا زۇڭتۇڭ ئومۇمىي سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى.

    ئەينى ۋاقىتتا، روزۋېلىت ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر رەھبەر ئىدى، دېموكراتلار پارتىيەسىدە ئۇنىڭ بىلەن رەسمىي تىركىشەلەيدىغان رىقابەتچى يوق دېيەرلىك ئىدى. دېموكراتلار پارتىيەسىدە بەزى مۇتەئەسسىپلەر روزۋېلىتنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىدىن بارغانسېرى گۇمانلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئاشكارا قارشى چىقىدىغانلار ناھايىتى ئاز ئىدى. شۇڭا، ئۇنىڭ دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىشى ناھايىتى ئىشەنچلىك ئىش ئىدى.

    1944- يىلى 7– ئايدا دېموكراتلار پارتىيىسى قۇرۇلتىيى يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، بوستۇندىكى داڭلىق تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى فرانك لاخ روزۋېلىتنىڭ سالامەتلىكىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئاستىرتىن: ھازىرقى سالامەتلىك ئەھۋالىڭىزدىن قارىغاندا، 4 – قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ئۆمرىڭىز يار بەرمەيدۇ، دېگەن. لاخ جامائەتكە روزۋېلىتنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر ئاشكارىلىمىغان. روزۋېلىتنىڭ خۇسۇسىي كۈتكۈچىسى، گېنېرال ماك ئىنتىرمۇ بۇ ئىشنى ئامېرىكا پۇقرالىرىدىن قەستەن يوشۇرغان ھەم زۇڭتۇڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپتۇ، دېگەندەك ‹‹ئىغۋا››لارغا رەددىيە بەرگەن. روزۋېلىت سالامەتلىكىنى تەكشۈرتكەندىن كېيىن، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرىگە زۇڭتۇڭ سايلىمىغا يەنە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

    «نيۇ – يورك پوچتىسى›› گېزىتىدە مۇنداق دېيىلدى: روزۋېلىت 4 – قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ‹‹ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈمى›› دىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق بىلەتتى. لېكىن، ئۇ نېمىشقا ھېچنېمىگە پەرۋا قىلماي 4 – قېتىم زۇڭتۇڭ بولماقچى بولدى؟ ئۇ ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرەلەيمەن. ۋاقتى كەلگەندە، ب د ت قۇرۇشقا تۈرتكە بولىمەن، دەپ قارىغان. 1944 – يىلى يازدا ئامېرىكا جامائەتچىلىكى روزۋېلىتنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنىلا بىلدى. راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى توغرىسىدا ئازراقمۇ ئۇچۇر قالدۇرمىدى. بۇ، ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم مەخپىيەتلىكى بولۇپ قالدى.

     

    يالتا يىغىنىدىكى روزۋېلىت

     

    1945- يىلى 2 – ئايدا روزۋېلىت سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يالتا شەھىرىدىكى يىغىنغا باردى. ئەينى ۋاقىتتا كۈتۈۋېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل لېيتېنانت خورتون ئەسلەپ: ئاشۇ چاغدا روزۋېلىتنى كۆرۈپ ھاڭ – تاڭ قالدىم، ئۇنىڭ چىرايىدا قان دىدارى قالمىغانىدى، يۈزىنى قورۇق بېسىپ كەتكەنىدى، كىشىگە ئىنتايىن چارچاپ كەتكەندەك تەسىر بېرەتتى، دېدى. كىشىلەر يالتا يىغىنىدا ئۈچ كاتتىباش ئارىسىدا بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان بىر مويسىپىتنى كۆردى. ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىرادىسى قەتئىي رەھبىرى ستالىن بىلەن ئۇرۇشتىن كېيىنكى مەسىلىلەر توغرىسىدا داۋاملىق سۆھبەتلىشىشىگە ئاجىزلىق قىلدى. رومازو بىلەن فىتېرمان يالتا يىغىنىغا قاتناشقانلارنىڭ باھاسىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ: روزۋېلىت قارىماققا كېسىلى باردەك كۆرۈنەتتى، ھەرىكىتىمۇ ناھايىتى ئاستا ئىدى، دېدى. ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى چېرچىلنىڭ خۇسۇسىي دوختۇرى ۋېلسون كۈندىلىك خاتىرىسىگە: دوختۇرلۇق نۇقتىسىدىن قارىغىنىمدا، زۇڭتۇڭ روزۋېلىت ئۇزاق يىل كېسەل ئازابىنى تارتقان ئاغرىققا ئوخشايتتى... مېنىڭچە، ئۇ بىرنەچچە ئايلا ئۆمۈر كۆرۈشى مۇمكىن، دەپ يازغان. دوختۇر ۋېلسوننىڭ ئويلىغىنىدىكىدەك، روزۋېلىت ئىككى ئايدىن كېيىن تۇيۇقسىز قازا قىلغان.

    نۇرغۇن تارىخشۇناس يالتا يىغىنىدا تۈزۈلگەن بەزى كېلىشىملەرگە باشقىچە پىكىردە بولۇپ كەلگەن. ئۇلار روزۋېلىت سالامەتلىك ئەھۋالى سەۋەبىدىن، نۇرغۇن ماددىنى خاتا چۈشىنىۋېلىپ، ستالىنغا بەك كۆپ يول قويغان. ستالىننىڭمۇ يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بار ئىدى. لېكىن، ئۇنىڭ سالامەتلىكى روزۋېلىتنىڭكىدىن خېلىلا ياخشى ئىدى، دەپ قارىغان. بۇ، تارىخشۇناسلار ئارىسىدا ئەينى ۋاقىتتا روزۋېلىتنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت رەھبىرى ۋە قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى تولۇق يۈرگۈزۈشكە قۇربى يېتەمتى؟ دېگەن كەسكىن بەس – مۇنازىرە پەيدا قىلغان.

    ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مۇنداق قارىدى: زۇڭتۇڭ روزۋېلىت 1944 – يىلى كېسەل ئەھۋالىنى ئاشكارىلىغان بولسا، ئومۇمىي سايلامدا مەغلۇپ بولاتتى. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ نامزاتى دېۋېي ئۇنىڭ ئورنىدا زۇڭتۇڭ بولاتتى. مۇشۇنداق بولغان بولسا، ترومىن ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇنچىۋالا مۇھىم رول ئوينىمىغان بولاتتى، ‹‹ترومىنىزم››، ‹‹ياۋروپانى گۈللەندۈرۈش پىلانى››نىڭ ئېلان قىلىنىشى ۋە سوغۇق ئۇرۇش ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە باشقىچە ئەھۋال بولغان بولاتتى.

     


    收藏到:Del.icio.us




بلوگىمىز سىياسى نەزەرىيە، مەدەنىيەت، تارىح، قانۇن ۋە دىنعا ئائىت مەزمۇنلار ئۅستىدە ئورتاقلىشىشنى ئاساسى نىشان قىلىدۇ. يازمىلارنىڭ مەنبەسى قانۇنلۇق.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | بىلىم بايلىق بلوگى