-
2011-03-31
ھۆكۈمەت پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش نېمە ئۈچۈن بارغانسېرى ئەۋج ئالىدۇ؟ - [مــۇلاھــــىزە]
ۋاڭ يەن
(يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش مەبلىغىنى ئىشلىتىش جەھەتتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش)
يېقىندا كۇنمىڭ شەھىرى يىلياڭ ناھىيەسى پېڭلەي كەنتىدىكى قىسمەن ئاھالە تولىمۇ تەشۋىشلەندى، چۈنكى ئۇلار يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش كىنىشكىسىنىڭ بىرىنى 100 يۈەندىن بىر پۇقراۋى دوختۇرخانىغا ‹‹ئارىيەت›› بەرگەن، دوختۇرخانا تەرەپ ‹‹كېسەل كۆرسىتىش خاتىرىسى›› ۋە راسخوتنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، ھازىر تەپتىش ئورگىنىدىكىلەر بۇ كەنتكە كېلىپ تەكشۈرۈشنى باشلىغان.
يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قانۇنسىز ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشى يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش كىنىشكىسىنى ئاشكارا ئىجارىگە ئېلىش دەرىجىسىگە يەتكەن، يېقىندا مەن بۇ مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈردۈم.
داۋالىنىش كىنىشكىسىنىڭ بىرىنى 100 يۈەندىن يىغىدىغان
مەخسۇس ئادەم بار ئىكەن.
10-مارت يىلياڭ ناھىيەسىنىڭ چېتىگە جايلاشقان پېڭلەي كەنتىگە كەلدىم، كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى زىشياڭنىڭ ياردىمىدە داۋالىنىش كىنىشكىسىنى ‹‹ئىجارە››گە بەرگەن كەنت ئاھالىسى لى يىڭكاڭ بىلەن كۆرۈشتۈم. لى يىڭكاڭ: 2009 – يىلى 4 – ئايدا بىرەيلەن كەنتكە كېلىپ، ئېلان ئىشلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ داۋالىنىش كىنىشكىسىنى يىغقانىدى، دېدى. لېكىن ئۇ ھازىرغىچە ‹‹كېسەل كۆرسىتىش خاتىرىسى››دە يېزىلغان ‹‹جياخۇا›› دوختۇرخانىسىغا بېرىپ كېسەل كۆرسىتىپ باقمىغان.
ئىگىلىشىمچە، تەپتىش ئورگىنىدىكىلەر كەنتكە كېلىپ تەكشۈرگەندە، دوختۇرخانا تەرەپنىڭ 38 كەنت ئاھالىسىنىڭ ‹‹كېسەل كۆرسىتىش تارىخى››نى ئويدۇرۇپ چىققانلىقىنى بايقىغان.
بۇ ئىشنى دەسلەپ يىلياڭ ناھىيەلىك سەھىيە ئىدارىسى بايقىغان، بۇ ئىش بايقالغىچە ‹‹جيا خۇا›› دوختۇرخانىسى 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالغان، سەھىيە ئىدارىسى بۇ دوختۇرخانىغا بەش ھەسسە جەرىمانە قويغان. بۇ ئىش توغرىلىق ‹‹جيا خۇا›› دوختۇرخانىسىنى زىيارەت قىلماقچى بولدۇم، لېكىن دوختۇرخانا تەرەپ زىيارىتىمنى قوبۇل قىلمىدى.
ھۆكۈمەت پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشنىڭ ئۇسۇلى
بەك كۆپ ئىكەن
يۈننەن ئۆلكىسىدە تەپتىش، ج خ ۋە سەھىيە تارماقلىرىنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈننەن ئۆلكىسىدە يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش مەبلىغىنىڭ كۆپ قېتىم قاقتى – سوقتى قىلىنغانلىقىنى، ‹‹جيا خۇا›› دوختۇرخانىسىنىڭ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش كىنىشكىسىنى ‹‹ئىجارىگە ئېلىشى››نىڭ پەقەت بۇنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدىم.
جاۋتۇڭ شەھىرىدىكى روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سېپىگە قوشۇلۇشتىن بۇرۇن، ئايدا ھەر بىر كىشىدىن تۇرمۇش پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇناسىۋەتلىك ھەق ئۈچۈن 1500 يۈەن ئالغان، يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سېپىگە قوشۇلغاندىن كېيىن، بۇ دوختۇرخانىنىڭ ئايدا ھەر بىر كىشىدىن ئالىدىغان ھەق تۈرى ئۆزگەرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەق سوممىسى ئىلگىركىدىن ئېشىپ، 5000 يۈەنگە يەتكەن.
بەزى دوختۇرخانىلار نامۇۋاپىق ھەق ئېلىش ئۇسۇلى بىلەن يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. مەسىلەن: جاۋتۇڭ شەھىرىنىڭ جېنشيۇڭ ناھىيەسىدىكى بىر دوختۇرخانا 2010 – يىلى بەش ئاي ئىچىدە نامۇۋاپىق داۋالىغانلار 6019 ئادەم (قېتىم) گە يەتكەن، نامۇۋاپىق يىغىلغان پۇل 130 مىڭ يۈەندىن ئاشقان.
يەنە كېسەللىك تارىخىنى قايتا يېزىش، ساختا ياساش ئۇسۇلى ئارقىلىق يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلارمۇ بار ئىكەن.
كىشىنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالىدىغىنى شۇكى، يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش مەبلىغىنى باشقۇرۇش ئورگىنىدىكىلەرمۇ ۋەزىپە دائىرىسىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە قاتناشقان. 2009 – يىلى 12 – ئايدىن 2010 – يىلى 6 – ئايغىچە يېرىم يىلدا، ۋېنشەن مياۋزۇ – جۇاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەپتىش ئورگىنى يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش ساھەسىدىكى ۋەزىپە دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن جىنايى دېلودىن 21نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان، دېلوغا چېتىشلىق سومما 5 مىليون يۈەندىن ئاشقان.
ياخشى نازارەت قىلىنمىسا، پاكلىققا قانداق
كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟
يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش مەبلىغى نېمە ئۈچۈن كۆپ قېتىم قاقتى – سوقتى قىلىنىدۇ؟ تەكشۈرۈش ئارقىلىق نازارەت قىلىش مېخانىزمىنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكى بايقالغان.
يۈننەن ئۆلكىسىدە ھازىر يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش مەبلىغىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى نەچچە مىليارد يۈەنگە يەتكەن، بەلگىلەنگەن داۋالىنىش ئاپپاراتى 15 مىڭدىن ئاشقان. باشقۇرۇش ۋەزىپىسى ئېغىر بولغاندىن سىرت، ھەر دەرىجىلىك يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشنى باشقۇرۇش ۋە ۋاكالىتەن بېجىرىش ئاپپاراتلىرىدا خادىم يېتىشمەيدۇ، قىسمەن ناھىيە – شەھەرلەردە تېخى بۇنداق خادىملار ئۈچۈن ئىشتات يوق.
شۇنداق بولغاچقا، ناھىيە دەرىجىلىك ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇش ئىشخانىسى بىلەن يېزا – بازار دەرىجىلىك بېجىرىش ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرى يېزا – بازارلىق شىپاخانا ۋە سەھىيە كەسپىي ئورۇنلىرىدىن ۋاقىتلىق يۆتكەپ كېلىنىدۇ، ئاپپاراتقا سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرى مەسئۇل بولىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئۇلارنىڭ ‹‹ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇشى››نى بەزىدە ئۈنۈملۈك نازارەت قىلغىلى بولمايدۇ.
كەسپ ئەھلىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يۈننەن ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشىغا ئائىت دېلو مەملىكەت بويىچە كۆرۈلگەن تۇنجى دېلو ئەمەسكەن، بەزى جايلاردا بۇنىڭدىن ئېغىر ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلۈپتۇ.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشىدىن ئىبارەت ھەم خەلق تۇرمۇشىغا ھەم زور مەبلەغگە چېتىلىدىغان يېڭى مەسىلىلەر جەزمەن مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىشى كېرەك، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆلچەم بىر خىل بولماسلىق، ھەممە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈشنىڭ ئۈنۈملىك ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى)
收藏到:Del.icio.us