بلوگ ھەققىدە: سىياسى نەزىرىيە، مەدەنىيەت تارىخ بىلىملىرىگە قىزىقامسىز؟ بۇ ھەقتە مول بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئويۇلىغانلىرىڭىز، كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بارمۇ؟ قېنى مەرھەمەت!

  • 2011-03-25

    يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى قانداق سۇغۇرتا؟ - [ئــاتــالـغۇلار]

    يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى مەخسۇس يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى جەريانىدا تەبىئىي ئاپەت ۋە تاسادىپىي ۋەقەلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادىي زىياننى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان بىر خىل سۇغۇرتا.

       يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئوخشىمىغان تۈرلىرىگە قاراپ، تېرىقچىلىق سۇغۇرتىسى، باقمىچىلىق سۇغۇرتىسى ۋە ئورمانچىلىق سۇغۇرتىسى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ؛ خەتەرلىكلىك نۇقتىسىدىن تەبىئىي ئاپەت زىيان سۇغۇرتىسى، كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە بېرىلىدىغان تۆلەم سۇغۇرتىسى، كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەردىن زىيان تارتىش سۇغۇرتىسى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ؛ سۇغۇرتا مەسئۇلىيەت دائىرىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، ئاساسىي مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسى، ئۇنىۋېرسال مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسى ۋە بارلىق مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.

       ئېلىمىزدە يولغا قويۇلغان يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنىڭ ئاساسلىق سۇغۇرتا تۈرلىرى: دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى سۇغۇرتىسى، چارۋا مال سۇغۇرتىسى، ئىنەك سۇغۇرتىسى، ئۆكۈز سۇغۇرتىسى، ئۆچكە سۇغۇرتىسى، بېلىق، بۇغا، ئۆردەك، توخۇ بېقىش سۇغۇرتىسى ئۆي قۇشلىرى ئۇنىۋېرسال سۇغۇرتىسى، شال، كۆكتات سۇغۇرتىسى، خامان ۋە ئورمان ئوت ئاپىتى سۇغۇرتىسى، قوغۇن – تاۋۇزنىڭ مۆلدۈر ئاپىتىگە ئۇچراش، نەشپۈتتىن ھوسۇل ئېلىش، بۇغداي ئۈششۈك ئاپىتى، كېۋەز تېرىقچىلىقى، كېۋەز مايسىسىنىڭ مۆلدۈر ئاپىتىگە ئۇچراش سۇغۇرتىسى ... قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.


    收藏到:Del.icio.us




بلوگىمىز سىياسى نەزەرىيە، مەدەنىيەت، تارىح، قانۇن ۋە دىنعا ئائىت مەزمۇنلار ئۅستىدە ئورتاقلىشىشنى ئاساسى نىشان قىلىدۇ. يازمىلارنىڭ مەنبەسى قانۇنلۇق.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | بىلىم بايلىق بلوگى