بلوگ ھەققىدە: سىياسى نەزىرىيە، مەدەنىيەت تارىخ بىلىملىرىگە قىزىقامسىز؟ بۇ ھەقتە مول بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئويۇلىغانلىرىڭىز، كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بارمۇ؟ قېنى مەرھەمەت!

  • 2011-03-24

    دۇنيا سىياسىي سەھنىسىدىكى ‹‹ ئەتىر گۇللەر›› - [تــــەرمـىـلەر]

    دۇنيا سىياسىي سەھنىسىگە ئەرلەر يىتەكچىلىك  قىلۋاتقان بۇگۇنكى كۇندە ئاياللارنىڭ سىياسىي  بىلەن شۇغۇللىنشى ئاسان ئەمەس. شۇ تۇپەيلىدىن ئايال رەھبەرلەر ياكى ئايال سىياسىيۇنلار تەبىيكى كىشىلەرنىڭ  دىققتىنى  قوزغىماقتا . بىرىنچى خانىملارمۇ ئەرلىرنىڭ ئالاھىدە سالاھىيىتى بىلەن كىشىلەر دىققەت  قىلدىغان قىززىق نوقتىغا ئايلانماقتا .

    سىياسىي  ساھەدىكى  بۇ ئاياللار ئوخشاش بولمىغان خاراكتىرى ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان سالاپەت ۋە جەلىپكارلىقىنى نامايەن قىلماقتا. ئۇلارنىڭ بەزىللىرى قەيسەر، بەزىللىرنىڭ سىھرى كۇچى كۇچلۇك، بەزىللىرى بۇ ئىككىسنىڭ ئارسىدا بولۇپ، ھەممىسنىڭ ئوزگىچە قىزىقىش ۋە ھەۋەسلىرى بار.

    ئامرىكىنىڭ ئۇتكەن نوۋەتلىك بىىرنچى خانىمى – ھىلارى:

    رۇزۋىلىت زوڭتۇڭنىڭ خانىمى بىلەن مۇڭدۇشىشنى ياخشى كوردۇ. ئامرىكىنىڭ ئۇتكەن نوۋەتلىك بىرىنچى خانىمى ھىلارى كلىنتون شۇنچە زور تىرىشچانلىق كورسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا زوڭتۇڭلۇق تەختىدە ئولتۇرۇش نىسىپ بولمىدى. 2000 - يىلى كىڭەش پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغاندىن كىيىن ھىلارى رەسمىي  سىياسىي سەھنىگە قەدەم قۇيۇپ، جامائەت ئالدىدا ئوزىنىڭ ھەممىنى بىسىپ چۇشكىدەك ئىقتىدارنى نامايەن قىلدى. قوللىغۇچىللىرنىڭ نەزىردە ئۇ بىر باتۇر خۇتۇن، جەلىپكار، ئەقىل- پاراسەتتە  ھەممىنى بىسىپ چۇشۇدىغان ئايال . رەقىپلىرنىڭ نەزىردە بولسا ساختىپەز، مۇغەمبەر، مول تەجىربىلىك، خەتەرلىك سىياسىي نەيرەڭۋاز. مۇشۇنداق بىر ئايال زادى نىمىگە ھەۋەس قىلدۇ؟

    ھىلارى ۋاقتى  بولسىلا  ئىلگىركى بىرىنچى  خانىم ئاللىيۇن رۇزۋىلىتنىڭ ئۇيىگە بىىرپ ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىشنى ياخشى  كۇردۇ. تىلغا ئىلىپ ئۇتۇشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئامرىكا تارىخىدا ۋەزىپە ئۇتىگەن بارلىق زۇڭتوڭ ۋە ئۇلارنىڭ خانىمىلرى سىھىرگەرلىك  بىلەن پالغا قىزىقىدۇ . ھىلارى بىلەن ئاللىيۇننىڭ سوھبىتىمۇ ئاساسەن مۇشۇ تىما ئۇستىدە بولۇدۇ .

    ئامرىكا جۇمھۇريەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ نامزاتى ساراخ:

     تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بىلەن بورە ئوۋلاشنى ياخشى كوردۇ. ئالياسكا ئىشتاتىنىڭ ئىشتات باشلىقى ساراخ پىيلىن 2008- يىلى جۇن ماك كائىننىڭ سايلام ھەمكارلاشقۇچىسى بولغاندىن باشلاپ ھەممىنىڭ ئاغزىدىكى ‹‹ئايال پادىشاھ››قا ئايلىنىپ قالدى. ئاخبارات ۋاستىللىرنىڭ تەسەۋۇرىچە، ئۇنىڭ ئالياسكا ئىشتاتىنىڭ ئىشتات باشلىقلىقىغا سايلىنالىشى، ئۇنىڭدىكى تەنھەركەتچىلەرگە خاس قامەت، پەرىشتىلەچە قىياپەت، رەھبەرلەرچە سالاپەت ۋە ئۇلۇقۋار ئارزۇ- ئىستەكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

    ساراخنىڭ  ھەممە تەرەپتىن  تەڭ يىتىلگەن مۇكەممەل ئوبرازى ئۇنىڭ شىتات باشلقلىق سايلىمدا ئۇتۇپ چىقىشىغا ياردەم بىرپلا قالماستىن، ئۇنى يەنى ئامرىكا سىياسى  ساھەسىدىكى يىڭى يۇلتۇزغا ئايلاندۇرغان. ساراخ ۋاسكىتبول ئويناشنى بەك ياخشى كوردۇ، ئۇنىڭ يەنە ‹‹موكا بىلىق سارا›› دىگەن لەقىمىمۇ بار. ساراخ ۋاسكىتبول ئويناشتىن باشقا يەنە تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ئوۋ ئوۋلاشنى، بولۇپمۇ بورە ئوۋلاشنى ياخشى كورۇدۇ .

    گىرمانىيە زوڭلىسى مىركىل : تىپىك ئائىلە ئايالى .

    مىركىل2005- يىلى 11- ئاينىڭ 22- كۇنى گىرمانىيە تارىخىدىكى تۇنجى ئايال زوڭلى بولۇپ سايلاندى. ئۇ تۇنجى قىتىم تىلۋىزىيە ئىكرانىدا كورۇنگەندە، مۇخبىرلار مىركىلغا :‹‹ئائىلە ئاياللىرنىڭ ۋەكىلى›› دەپ چاقچاق قىلىدۇ. ھالبۇكى، خىزمەتتە ئەستايدىل ۋە تىرىشچان، ئىغىر –بىسىقلىق ئىش قىلدىغان، نەتىجىسى كورنەرلىك بۇ ساھىپجامال ناھايىتى تىزلا ‹‹ئائىلە ئايال›› لىقتىن ‹‹تومۇر خۇتۇن›› لۇققا كوتۇرلۇدۇ. تۇرمۇشتىكى مىركىل تىپىك ‹‹گىرمانىيە ئائىلە ئايالى›› بولۇپ، ئادىتى بويىنچە ھەر دۇشەنبە كۇنى كىر قات يۇيۇپ تازلىق قىلدۇ، سەيشەنبە كۇنى نەرسە كىرەك سىتىۋالدۇ. ھەپتە ئاخىردا ئويدە ھەر خىل تورىتلارنى پۇشۇردۇ. باخۋە بىتخۇۋىننىڭ مۇزىكىللىرنى ئاڭلاشنى، دوستۇيۋىسكىنىڭ ئەسەرلىرنى ئوقۇشنى ياخشى كۇردۇ. ئۇنىڭدىن سىرىت مىركىل يەنە ئاجايىپ پۇتبول مەستانىسى .

    ئىسرائىلىيىنىڭ بولغۇسى زوڭلىسى لىفىنى: تەنھەركەت ئايقىغا ھەۋەس قىلدۇ

     ئىسرائىلىيە ‹‹ئالغا››پارتىەيسىنىڭ بولغۇسى زوڭلىسى لىفنى ئىلگىرى ئادۋۇكات بولغان بۇلۇپ ،ئەزەلدىن ‹‹ئاقكوڭۇل ئايال› ›دىگەن نامى  بىلەن مەشھۇر. ئۇ ئىلگىرى ئەسكەر ۋە ئىسرائىلىيەئاخبارات ئورگىنىنىڭ ‹‹مۇساد›› ئالاھىدە خادىمى بولغان.  ئۇنىڭ سەرگۇزەشتلىرى ھوللىۋۇدنىڭ چوڭ تىپتىكى رىۋايەت فىلىمى قىىلپ ئىشلەشكە تامامەن يىتىدۇ.

    لىفنى يۇقۇرى تەبىقە تۇرمۇشىنى  قوغلاشمايدۇ. ئۇ ئەزەلدىن ئىسرائىلىيەنىڭ چوڭ بايلىرى بىلەن بەلگىلىك ئارلىق ساخلاپ كەلگەن. ئۇ ھەم بەك قائىدە- يۇسۇنلىق تۇرمۇشنىمۇ ياخشى كورمەيدۇ. ئۇ ئوزىنىڭ ئادىتى ئۇستىدە توختىلىپ ‹‹مەن كاستۇم –يۇپكىدىن بەكرەك پادىچىلار ئىشتىنىنى ياخشى كورمەن، ئىگىز پاشنىلىق ئاياغدىن بەكرەك تەنھەركەت ئايىقىنى ياخشى كورمەن، سودا سارايلارنى ئەمەس، بەلكى ئاددىي بازارلارنى ئايلىىنشنى ياخشى كورمەن. پارىژدىكى چىغىمدا پارىژنىڭ چوڭ كوچىلىرنى ئەمەس بەلكى لاتىن رايۇندىكى كىچىك رەستىلەرنى ئايلىنىشنى ياخشى كورمەن›› دەيدۇ.

    ئوكرائىنا زوڭلىسى تىمۇشىنكو: كىيىم مەستانىسى

    يۇلىيە تىمۇشزىنكو ئوكرائىنانىڭ زوزڭلىسى. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ‹‹قۇشقاچتىن ئەنقا›› ئايلانغانلارنىڭ تىپى. ئۇنىڭ سالاپىتى بىلەن نازاكىتى، سوز ھەركىتى بىلەن يۇرۇش –تۇرشى، قاتتىق قول سىياسىي تەشەببۇسلىرى نورغۇن كىشىلەرنىڭ كوزىنى ئالا چەكمەن قىلۋەتكەن. بۇ ‹‹ئالتۇن رەڭلىك خانىش›› ھەر خىل تەنھەركەتلەرنى  ياخشى كوردۇ. ئۇ سۇئۇزۇش، ۋالىبول، تىكتاك توپ، مۇز تىيلىش  قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە ماھىر.

    تىمۇشىنكونىڭ تەنھەركەتىن باشقا يەنە بىر ھەۋىسى قىممەتلىك كىيىملەرنى سىتىۋىلىش بۇلۇپ، يىرىم يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ ئاممىۋىي سورۇنلاردا ئالماشتۇرغان كىيىمىلا 200قۇردىن ئىشىپ كەتكەن.


    收藏到:Del.icio.us




بلوگىمىز سىياسى نەزەرىيە، مەدەنىيەت، تارىح، قانۇن ۋە دىنعا ئائىت مەزمۇنلار ئۅستىدە ئورتاقلىشىشنى ئاساسى نىشان قىلىدۇ. يازمىلارنىڭ مەنبەسى قانۇنلۇق.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | بىلىم بايلىق بلوگى