بلوگ ھەققىدە: سىياسى نەزىرىيە، مەدەنىيەت تارىخ بىلىملىرىگە قىزىقامسىز؟ بۇ ھەقتە مول بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئويۇلىغانلىرىڭىز، كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بارمۇ؟ قېنى مەرھەمەت!

  • 2011-03-23

    ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنىڭ مۇناسىۋىتى - [نــەزەرىـيــە]

    قۇربان مۇھەممەد

    ئىقتىسادىي قۇرۇلما بىر دۆلەت، بىر رايوننىڭ ئىقتىسادىي گەۋدىسىنىڭ يادروسى ۋە ئاساسى. ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ ئىلمىي، مۇۋاپىق بولۇش – بولماسلىقى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ساغلام، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش – بولماسلىقى، ئومۇميۈزلۈك ماس، سىجىل بولۇش – بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئىقتىسادنى ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چوقۇم سۈپەتلىك ئىقتىسادىي قۇرۇلما بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. تەرەققىيات ۋەزىيىتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشكە مۇۋاپىقلىشىپ، قۇرۇلمىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەپ، ئىقتىسادنىڭ ئۇزاق مۇددەت مۇقىم، تېز ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

    ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا بەزى پاسسىپ ئامىللار كۆرۈلۈپ، ئىقتىسادنىڭ ماس راۋاجلىنىشى چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا. جۈملىدىن، دۆلىتىمىزنىڭ 30 نەچچە يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىنكى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى پىلانلىق ئىگىلىك ئەندىزىسىدە شەكىللەنگەن بولغاچقا، ئەينى چاغدىكى بەزى چارە، تەدبىرلەر ھازىرقى يېڭى تەرەققىيات مۇھىتىغا ماسلىشالماي، ئىقتىسادىي ئامىللارنى پاسسىپ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. بۇ جەرياندا ئىقتىسادىي قۇرۇلمىدىكى نامۇۋاپىق مەسىلىلەرمۇ ئاشكارىلاندى. ئىقتىسادىي قۇرۇلمىدىكى مەسىلىلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى چەكلەيدىغان ئامىل بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئىقتىسادىي خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە قارىتىشىمىز كېرەك.

    ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى تارىخىي پۇرسىتىدە تۇرماقتا. ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىكى ھالقىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىدىكى ھالقىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەھەتتىكى ھالقىشتىن ئىبارەت بىر قاتار جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىقتىسادىي قۇرۇلمىدىكى ھالقىشنىڭ ياخشى بولۇشى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىكى ھالقىش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەھەتتىكى ھالقىشنى ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇڭا بىز يېڭى تارىخىي پۇرسەتتە ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا تونۇشىمىز كېرەك. ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش ئىقتىسادىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىنىڭ تەلىپى. مەركەز 2010 – يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنىدا ‹‹ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەش›› دېگەن ئاتالغۇنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى. ‹‹ئىستراتېگىيەلىك›› دېگەن سۆزنىڭ قوشۇلۇشى يېڭى بىر تەرەققىيات باسقۇچىنىڭ تەلىپى، يەنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىنىڭ ھالقىلىق دەۋرگە كىرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز بولۇشىنى پۇختا ئاساس بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.

    تەرەققىيات جۇڭگودىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى. ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ ھەم ئىقتىسادنىڭ سۈپىتى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىشقا ئورۇنلىشىش قۇرۇلمىسى، تېخنىكا قۇرۇلمىسى، رايونلار قۇرۇلمىسى، تەقسىمات قۇرۇلمىسى ۋە شەھەر – بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە سەرخىللاشتۇرۇش ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مۇقەررەر يولى. چۈنكى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە بوشلۇق ھازىرلايدۇ ۋە ئازادە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي مۇھىت يارىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا ئەمەلىي ئەھۋالنى ئاساس قىلماي، قارىغۇلارچە ئىش كۆرۈپ، ئىچكى – تاشقى بازار ئەھۋالىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى چەتكە قايرىپ قويۇپ قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە بولمايدۇ. ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا تونۇش بىلەن بىللە، بۇ ئىككىسىنى ئىقتىسادىي خىزمەتتە بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ھازىرقى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە تەرەققىيات ئاساسىي تېما، قۇرۇلمىنى تەڭشەش ئاساسىي لىنىيەدۇر. ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇشۇ تەلەپنى ئاساس قىلىپ بىر تۇتاش پىلانلاپ، پۇختا ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن تەڭشەشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، بىر – بىرىگە تۈرتكە بولىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈشىمىزلازىم.

    «12- بەش يىل›› دا ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش ئۈزلۈكسىز جەريان بولۇپ، ئۇ خەلق ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات جەريانىغا سىڭىپ كەتكەن بولۇشى كېرەك. تەرەققىيات ئارقىلىق تەڭشەشتە چوقۇم يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن بىللە، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىمۇ مۇناسىپ راۋاجلاندۇرۇش، ئەنئەنىۋى ئىقتىسادىي قۇرۇلمىدىمۇ تېخنىكىدا ۋە تۈزۈلمىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق رىقابەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئۇنى تەرەققىيات قەدىمىگە ماسلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

     


    收藏到:Del.icio.us




بلوگىمىز سىياسى نەزەرىيە، مەدەنىيەت، تارىح، قانۇن ۋە دىنعا ئائىت مەزمۇنلار ئۅستىدە ئورتاقلىشىشنى ئاساسى نىشان قىلىدۇ. يازمىلارنىڭ مەنبەسى قانۇنلۇق.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | بىلىم بايلىق بلوگى