-
2011-03-22
كەلگۈسىدىكى ئەڭ زور مەسىلە - [مــۇلاھــــىزە]
تۇرسۇن تەۋەككۈل
دۇنيا نوپۇسىنىڭ تېز ئېشىشى ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بىلەن تەمىنلەش ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتىدۇ. دۇنيا بويىچە ئاشلىق ھوسۇلى 20 – ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %3تىن، 70 – يىللىرىدا %2 – %3تىن ئېشىپ ماڭغانىدى، 80 – يىللاردا ئېشىش نىسبىتى %2كە، 90 – يىللاردا %1.8كە چۈشۈپ، ئاشلىقنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەشتەك ناچار ۋەزىيەت داۋاملاشتى. 90 – يىللاردىن كېيىن دۇنيا نوپۇسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاسىيادىكى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئەللەرنىڭ شەھەرلىشىش قەدىمى تېزلەشكەنلىكى ئۈچۈن، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئاجىزلىدى.
ب د ت ئاشلىق، يېزا ئىگىلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق ماتېرىياللىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر دۇنيادا يېرىمدىن كۆپرەك دۆلەتنىڭ ئاشلىقى يېتىشمەيدىكەن ياكى بۇ دۆلەتلەر ئاشلىقتا ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلىيەلمەيدىكەن. تەرەققىي قىلغان ئەللەردە يېمەكلىكنىڭ تەخمىنەن %40 ى ئىسراپ بولۇپ كېتىدىكەن.
ئىنسانىيەت 21 – ئەسىرگە قەدەم قويغاندا نوپۇس 6 مىلياردتىن ئاشتى. نوپۇسنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشى بىلەن دۇنيادىكى زاپاس ئاشلىق مىقدارى داۋاملىق تۆۋەنلەپ، ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى. يېقىلغۇ ماي باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى دۇنيادىكى ئامېرىكىغا ئوخشاش نېفىت ئىستېمالى يۇقىرى ھەم نېفىتنى كۆپلەپ ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەتلەرنى ئاشلىقتىن ماي ئايرىشقا مەجبۇر قىلدى. نەتىجىدە، ئادەملەر بىلەن ماشىنىلارنىڭ ئاشلىق تالىشىشى ئىنسانىيەتنى ئاشلىق كىرىزىسى ئىچىگە باشلاپ ماڭدى.
ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ئاشلىق ھوسۇلىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللار مۇنۇ جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ:
بىرىنچىدىن، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئەللەرنىڭ شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشى بىلەن نۇرغۇن تېرىلغۇ يەر باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىلىپ كېتىلدى. تېرىلغۇ يەرنىڭ قۇملىشىپ كېتىشى، خىمىيەۋى ئوغۇتنىڭ كۆپلەپ ئىشلىتىلىشى تۈپەيلىدىن تېرىلغۇ يەرنىڭ كىسلاتالىقى ئېشىپ كېتىپ، نۇرغۇن يەر ئۈنۈمسىزلىشىپ كەتتى. كەلكۈن ھەم يامغۇر ئاپىتى تۈپەيلىدىن يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ئازلاپ كەتكەن يەردە تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ئېغىرلاشتى. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ كەتكەچكە، نۇرغۇن تېرىلغۇ يەر ئاق تاشلىنىپ قالدى.
ئىككىنچىدىن، ئون نەچچە يىلدىن بۇيان گېنى ئۆزگەرتىلگەن زىرائەتلەر ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشتا زور رول ئوينىغانىدى. ئەمما، ھازىر ئالىملارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى داۋاملىق ئازلاۋاتقانلىقى ئۈچۈن، گېنى ئۆزگەرتىلگەن يۇقىرى ھوسۇللۇق، ئەلا سۈپەتلىك سورتلارنى داۋاملىق يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئارقىلىقلا ئىنسانىيەتنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقان ئاشلىق ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىكەن. تەرەققىي قىلغان ئەللەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئاشلىققا بولغان ئېھتىياجى تېز ئېشىۋاتقانلىقتىن، ئاشلىق ۋە يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆسۈشىدىن ساقلانماق تەس ئىكەن. يېمەك – ئىچمەك باھاسىنىڭ ئۆسۈشى كەلتۈرۈپ چىقارغان باھانىڭ ئۆسۈشى دۇنيا خەلقىنى ئېغىر پۇل پاخاللىقى ئىچىگە باشلاپ كىردى.
ئۈچىنچىدىن، بۇلتۇر رۇسىيەدە قۇرغاقچىلىق يۈز بېرىپ، بۇغداي ھوسۇلى كېمىيىپ كەتكەنلىكتىن، 8 – ئايدا رۇسىيە ھۆكۈمىتى بۇغداي ئېكسپورت قىلىشنى چەكلىدى. شۇنىڭ بىلەن دۇنيادا بۇغداي باھاسى %40 ئۆرلەپ كەتتى. ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنىڭ تەسىرىدە گۆش، تۇخۇم، كۆكتات ۋە پاختا قاتارلىقلارنىڭ باھاسىمۇ ئۆرلەشكە باشلىدى. بۇ مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا دۇنيادا ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆپ ئېكسپورت قىلىدىغان ئاۋسترالىيە، بىرازىلىيە قاتارلىق ئەللەردە زور كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى. بۇمۇ ئاشلىق باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
تۆتىنچىدىن، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر ھەر خىل ئاماللارنى قىلىپ، ئاشلىقتا ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاشلىق ئېكسپورت قىلىشنى چەكلىدى. دۇنيادىكى ئاشلىق باھاسىنى دۆلەت ھالقىغان تۆت چوڭ شىركەت كونترول قىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن، ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ئاشلىق ئىشلەپچىقارغۇچى دېھقانلارغا ئانچە كۆپ ئەمەلىي نەپ بېرەلمىدى، شۇڭا ئاشلىقتا ئۆزىنى ئۆزى ئاساسەن تەمىنلەپ كېتىدىغان كۆپ ساندىكى ئەللەرنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ياخشى جارى قىلدۇرۇلمىدى.
ياپونىيە ئالىملىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، جۇڭگو، ھىندىستان قاتارلىق ئەللەر ئىقتىسادىنىڭ تېز يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ، بۇ ئەللەرنىڭ ئاشلىق ۋە ياغلىق دانغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ تېز ئېشىشى ئاشلىق باھاسىنىڭ يەنە %30 ئەتراپىدا ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. 2030 – يىلىغا بارغاندا دۇنيا نوپۇسى 9 مىلياردقا يېقىنلىشىدىكەن. بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيادا ئاشلىققا بولغان ئېھتىياج تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولمىغاندا، نوپۇس ھازىرقىنىڭ يېرىمىچىلىك كۆپەيگەندە ئاشلىققا بولغان ئېھتىياج يەنە %50 ئاشىدۇ. شۇ ۋاقىتقا بارغاندا ئاھالىلەرنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش قىيىن مەسىلىگە ئايلىنىدۇ.
بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئېلىمىز ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، زور مىقداردا مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ. ئەمما، سۇ بايلىقى كۆپرەك شەرقىي قىسىم دېڭىز بويى رايونلىرى بىلەن جەنۇبىي قىسىم رايونلىرىنىڭ شەھەرلىشىشىش ۋە سانائەتلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بارغانسېرى ئاجىزلىشىۋاتىدۇ. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش سۇ بايلىقى كەمچىل ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسىم رايونلارغا يۆتكىلىۋاتىدۇ. نەتىجىدە، ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسىم رايونلىرىدىكى سۇ قىسلىقى بارغانسېرى گەۋدىلىنىۋاتىدۇ. بۇ، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشى قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ھەم سۇغىرىش ئەسلىھەلىرى ئۈچۈن دۆلەتنىڭ كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. كەلگۈسىدە ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلىرىدىكى يېزا ئىگىلىك ئەسلىھەلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىك ھوسۇلىنى يەنىمۇ ئاشۇرمىغاندا، ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.
نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى، شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، يەر شارىدىكى چەكلىك تېرىلغۇ يەر كۆلىمى داۋاملىق ئازىيىدۇ. كەلگۈسىدە 9 مىلياردتىن ئارتۇق نوپۇسنى بېقىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا دېڭىز – ئوكيانلاردىن پايدىلىنىش ئىنسانلار تاللاشقا تېگىشلىك ئەڭ توغرا يول بولۇپ قالىدۇ. دېڭىز – ئوكيانلاردىكى سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق بازىلىرىنى كۆپلەپ قۇرۇپ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى سۇ مەھسۇلاتلىرىنى بېقىش، دېڭىز – ئوكيان ئۆسۈملۈكلىرى بازىسىنى قۇرۇش قاتارلىقلار ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ئاقىلانە تاللىشىغا ئايلىنىدۇ.
收藏到:Del.icio.us