-
2011-03-21
بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرەيلى - [نــەزەرىـيــە]
لى شىلى
بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبىار بېرىش ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ تۈپ ئۇسۇلى. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنى ئىلمىي تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ج ك پ 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 – ئومۇمىي يىغىنىدا ‹‹12 – بەش يىل››دىكى نىشان، ۋەزىپىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپلا قالماي، بۇ نىشان، ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشنىڭ تۈپ يولى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئاساسىي تېما، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ‹‹بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش›› تۇر. ج ك پ 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش ۋە ئۇنى يولغا قويۇشتا، تەرەققىيات تەپەككۇرى، خىزمەت ئۇسۇلى، ئوي – پىكىر جەھەتلەردە بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
تەرەققىيات تەپەككۇرى جەھەتتە بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. تەپەككۇر چىقىش يولىنى بەلگىلەيدۇ. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇرەككەپ سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئۇ نۇرغۇن تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنى ئىلمىي تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، شەيئىلەرنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بويسۇنۇپ، ئومۇمىيەت قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەنى يېتىلدۈرۈپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. بۇ، پارتىيەمىز ئەمەلىيەت جەريانىدا ئېرىشكەن مۇھىم تەجرىبە. پارتىيە 16 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېلىمىز تەرەققىياتىدىكى دەۋرىيلىك ئالاھىدىلىكنى ئىلمىي ئىگىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە قارىتىپ، شەھەر – يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، ئادەم ۋە تەبىئەتنىڭ ماس تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، رايون تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلاش، ئىچكى تەرەققىيات ۋە ئېچىۋېتىشنى بىر تۇتاش پىلانلاشتىن ئىبارەت مۇھىم ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويدى. پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى، قىسمەن مەنپەئەت بىلەن ئومۇمىي مەنپەئەتنى، شەخسىي مەنپەئەت بىلەن كوللېكتىپ مەنپەئەتنى، ھازىرقى مەنپەئەت بىلەن كەلگۈسى مەنپەئەتنى ۋە ئىچكى – تاشقى ۋەزىيەتنى بىر تۇتاش نەزەرگە ئېلىش يەنىمۇ تەكىتلەندى. ‹‹11 – بەش يىل››دا، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشى ئاساسىي جەھەتتىن بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتبىار بېرىشتىن ئىبارەت تۈپ ئۇسۇلدا چىڭ تۇرغانلىقىمىزدىن بولدى. بىراق شۇنى ئېنىق تونۇشىمىز كېرەككى، ھازىر ئېلىمىز تەرەققىياتىدا تەكشىسىزلىك، ماسلىشماسلىق، سىجىل بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا مەۋجۇت. ‹‹12 – بەش يىل››دا بۇنى ھەل قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ بىزدىن بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق ھەم تېزرەك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت، داۋالاش، مۇھىت ئاسراش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ساھەلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ماس قەدەمدە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ.
خىزمەت ئۇسۇلىدا بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئۈنۈم ئەمەلىي خىزمەتتىن كېلىدۇ. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنى ئىلمىي تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەر بىر شەخسنىڭ كونكرېت خىزمەت جەريانىدا ئەمەلىيلىشىشى كېرەك. شۇڭا تەرەققىيات تەپەككۇرى جەھەتتە بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، جۈملىدىن ئىچكى جەھەتتە ھەر بىر شەخس، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەردىن خىزمەت ئۇسۇلىدا بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ. خىزمەت ئۇسۇلى جەھەتتە، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش ئومۇمىيلىقنى ئىگىلەپ، ھەر قايسى تەرەپكە تەڭ ئېتىبار بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كونكرېت ئېيتقاندا، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئاساس قىلىپ مەسىلىلەرنى ئويلاپ، تەدبىر تۈزۈپ، ئىشلارنى بېجىرىپ، خىزمەتنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرى، تۈرلۈك ئامىللارنى نەزەرگە ئېلىپ، ئاساسىي زىددىيەتنى تۇتۇپ، ئۇنى دەپ بۇنىڭدىن قۇرۇق قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خىزمەت سالمىقىنى ياخشى ئىگىلەپ، بايلىق ۋە كۈچلەرنى ئىلمىي تەقسىملەپ، ھەر قايسى تەرەپنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.
پىكىر قىلىش ئۇسۇلى جەھەتتە، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئىدىيە ھەرىكەتكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، پىكىر قىلىش ئۇسۇلى قانداق بولسا، خىزمەت ئۇسۇلى، تەرەققىيات تەپەككۇرىمۇ شۇنداق بولىدۇ. تەرەققىيات تەپەككۇرى ۋە خىزمەت ئۇسۇلى جەھەتتە بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى پىكىر قىلىش ئۇسۇلى جەھەتتە بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشتۇر. بۇ، بىزدىن مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك، باغلىنىشلىق ئىلغار قاراش بىلەن كۆزىتىپ، تەھلىل قىلىپ ۋە ھەل قىلىپ، ھەممە ئىشتا ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ، كونكرېت مەسىلىنى كونكرېت ھەل قىلىش، ئىككى تەرەپلىمىلىك قاراش بىلەن مۇھىم نۇقتىلىق قاراشنى جانلىق بىرلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا پىكىر قىلىش ئۇسۇلى جەھەتتە بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشتە، ماركسىزم نەزەرىيەسى، بولۇپمۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى يەنىمۇ ياخشى ئىگىلەپ ھەم ئۇنى يېتەكچى قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاچقۇچ. بۇنى ‹‹12 – بەش يىل›› دىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھازىر ۋە كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاپ، ئەتراپلىق ئويلاپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پايدىلىق شارائىت ۋە پايدىسىز ئامىللارنى كۆرۈپ، پۇختا، ئۈنۈملۈك خىزمەت ئارقىلىق نىشان، ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلغاندىلا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئاساس سالغىلى بولىدۇ.
收藏到:Del.icio.us