بلوگ ھەققىدە: سىياسى نەزىرىيە، مەدەنىيەت تارىخ بىلىملىرىگە قىزىقامسىز؟ بۇ ھەقتە مول بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئويۇلىغانلىرىڭىز، كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بارمۇ؟ قېنى مەرھەمەت!

  • 2011-03-20

    «دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى›› دېگەن نېمە؟ - [ئــاتــالـغۇلار]

    بەزىلەر دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى دېگەن نېمە؟ دېگەن سوئالنى قويىدۇ. يېقىندا سىياسىيونلار بۇ سوئالغا جاۋاب بەردى.

    «دۆلەت مەنپەئەتى›› ئۇقۇمى 17 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياۋروپادا پەيدا بولغان. فىرانسىيەنىڭ سىياسىي مۇتەپپەكۇرى، باش روھانى لىسەيليۇ ‹‹دۆلەت ھەممىدىن يۇقىرى قورۇق›› دېگەن نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، دەپ قارىغان. مۇشۇ ئارقىلىق ‹‹پادىشاھ ھوقۇقى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ›› دەيدىغان فېئوداللىق ئىدىيەگە قارشى تۇرغان.

    شۇنىڭدىن بۇيان دۆلەت مەنپەئەتى توغرىسىدىكى ئۇقۇمدا بىر قانچە قېتىم ئۆزگىرىش بولدى. ھازىر غەربتىكى خەلقئارا سىياسەتسۇناسلىق ساھەسىدىكىلەر مۇنداق قارايدۇ: مەزمۇن جەھەتتە دۆلەت مەنپەئەتى سىياسىي مەنپەئەت، مەدەنىيەت مەنپەئەتىگە ئايرىلىدۇ. مۇھىملىق نۇقتىسىدىن دۆلەت مەنپەئەتىنى يادرولۇق مەنپەئەت، مۇھىم مەنپەئەت ۋە ئادەتتىكى مەنپەئەتكە ئايرىشقا بولىدۇ.

    يادرولۇق مەنپەئەت دۆلەتنىڭ ھايات – ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان، ھەتتا سودىلىشىشقا، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ھەرگىز بولمايدىغان زور مەنپەئەتنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەسىلىسىدۇر. مۇھىم مەنپەئەت ئادەتتە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم ۋە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغان مەنپەئەتنى كۆرسىتىدۇ.

    دۆلەتنىڭ تېررىتورىيەسى، دۆلەت كۈچى، نوپۇسى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، دۆلەت مەنپەئەتىنىڭ ئۇقۇمى ۋە مەزمۇنىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، دۆلەتنىڭ ئەمەلىي كۈچى كۈچەيگەنسېرى ئۇنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى شۇنچە كۆپ بولىدۇ. مەسىلەن: چەت ئەللەردىكى ھەربىي بازىلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، دېڭىز – ئوكيان قاتناش يوللىرىنىڭ ھەربىي بىخەتەرلىكى قاتارلىقلار ئامېرىكىدا ‹‹يادرولۇق مەنپەئەت›› دەپ قارالماقتا، بىراق بۇ مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ئەمەس.


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • [dAva:0][dAva:0]دىمەك، يادورۇلۇق مەنپەئەت ئەڭ مۇھىم ئىكەندە؟!

بلوگىمىز سىياسى نەزەرىيە، مەدەنىيەت، تارىح، قانۇن ۋە دىنعا ئائىت مەزمۇنلار ئۅستىدە ئورتاقلىشىشنى ئاساسى نىشان قىلىدۇ. يازمىلارنىڭ مەنبەسى قانۇنلۇق.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | بىلىم بايلىق بلوگى