-
2011-03-15
موسكۋانى قوغداش ئۇرۇشىدىكى سىرلار - [تـــــارىــــــخ]
1941- يىلى 9- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن 1942- يىلى 4- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە داۋاملاشقان موسكۋانى قوغداش ئۇرۇشى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى، ھەتتا پۈتكۈل 2- دۇنيا ئۇرىشىنىڭ بۇرۇلىش نۇقتىلىرىدىن بىرى. ئاندىرىي ناگور يازغان موسكۋانى قوغداش ئۇرۇشى ھەققىدىكى بۇ ماقالە بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنىڭ كىشىلەر بىلمەيدىغان يەنە بىر تەرىپىنى ئېچىپ بەردى.
1941- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنى ھەممەيلەن دىگۈدەك گېرمانىيىلىكلەر شۇ كۈنى موسكۋاغا يىتىپ كىلىدۇ دەپ قارىغان. غەزەپلەنگەن كىشىلەر كىچىك ئاپتوموبىللارغا ئولتۇرۇپ قاچماقچى بولغان كىشىلەرنى توسىۋېلىپ، ئۇلارنى ئاپتوموبىلدىن تارتىپ چۈشۈرۈپ ئۇرغان ھەمدە مال- مۈلۈكلىرىنى تارتىۋالغان. لوبيانكا مەيدانىغا جايلاشقان ئىچكى ئىشلار خەلق كومېتىتىنىڭ باش شىتابىدىن قۇيۇق ئىس كۈتۈرۈلۈپ كەتكەن بۇلۇپ، مەخپىي ساقچىلار ئالدىراشچىلىق بىلەن ھۆججەتلەرنى كۆيدۈرگەن. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۆپلىگەن دۆلەت تارماقلىرى، شۇنداقلا دېپلوماتىيە خادىملىرى ۋە مۇخبىرلار تۈمۈر يول ئارقىلىق موسكۋاغا تەخمىنەن 600 ئېنگىلىز مىلى كىلىدىغان كۇيېشېۋ شەھىرىگە يۆتكەلگەن. كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە بۇ يەر موسكۋا ئىشغال قىلىنغاندىن كىيىنكى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى ئىش بىجىرىش ئورنى ئىدى.
ئىككى كۈندىن كىيىن سىتالىن ئۆزىنىڭ مەخسۇس پويىزى توختىتىلغان ۋوگزالغا بېرىپ، كۇيېشىۋغا بارماقچى بولغان. مەخسۇس پويىزنى تەييارلاش ئىشلىرىغا قاتناشقان پاۋل ساپلىكىن كۆپ يىللاردىن كىيىن ئەسلەپ مۇنداق دىگەن: ئەينى چاغدا سىتالىن پويىزغا يېقىن كىلىپ، ئاندىن ۋوگزال سۇپىسىدا ئاستا ماڭغان. بۇ چاغدا سىتالىن بەلكىم مۇھىم بىر قارارغا كەلگەن بۇلىشى مۈمكىن.
سىتالىن موسكۋا بىلەن بىللە ھالاك بۇلۇشقا قەسەم قىلغان. ئۇ 10- ئاينىڭ 19- كۈنى جىددىي ھالەت يۈرگۈزۈش پەرمانى چۈشۈرگەن. ئىچكى ئىشلار خەلق كومىتىتى بۇيرۇققا بىنائەن توپىلاڭدىن توغاچ ئوغۇرلىماقچى بولغان ھەرقانداق گۇمانلىق ئۇنسۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. بەختكە يارىشا ئامان قالغان چارلاش قىسمى ئەزالىرى كۆپ يىللاردىن كىيىن ئۆزلىرىنىڭ ئەينى چاغدىكى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئەھۋالى ھەققىدە توختالغاندا، يەنىلا ناھىيىتى ئىھتىياتچانلىق بىلەن ماۋۇلارنى ئېيتىپ بەرگەن: ئۇلار ئەينى چاغدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مۇنداق بىر بۇيرۇقنى يەنى ئىشپيۇنلار ۋە قاچماقچى بولغانلارنى نەق مەيداندا ئېتىۋىتىش بۇيرىقىنى تاپشۇرۇۋالغان. ئەمما ئۇلار ئىشپيۇنلارنى قانداق پەرقلەندۈرۈشنى زادىلا بىلەلمىگەن. شۇڭلاشقا نۇرغۇن بىگۇنا موسكۋالىقلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. ئەمما بۇلاڭچىلىق قىلىش ۋە قالايمىقانچىلىق ۋەزىيىتى شۇ سەۋەپلىك توختىغان.
ئەمەلىيەتتە موسكۋادا مۇشۇنداق قالايمىقان ۋەزىيەت كۈرۈلىشىدىكى سەۋەپنى سىتالىننىڭ ئەينى چاغدىكى سىياسىتى ۋە ۋەزىيەتنى خاتا مۆلچەرلىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دىگىلى بولمايدۇ. 1937- يىلدىن 1938- يىلىغىچە سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا قوزغالغان چوڭ تازىلاش ھەركىتىدە قىزىل ئارمىيە نۇرغىن تەجرىبىلىك ئوفېتسىرلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان. سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىسىنىڭ باش شىتاپ باشلىقى 1- تۈركۈمدە بىر تەرەپ قىلىنغان كىشىلەر ئارىسىدا بار ئىدى. قىزىل ئارمىيىنىڭ بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارى ئىلگىرى گېرمانىيە ئىھتىمال ھىچ شەپىسىزلا سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇقۇم قوزغىشى ھەمدە ئۇزاق مۇددەتلىك، ئېغىر بەدەل تۈلەيدىغان ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىن، دەپ ئېيتقان. سىتالىن بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئۇنىڭدىن: «سىز نىمە قىلماقچى؟ سىز سوۋېت ھاكىمىيىتىنى قورقۇتماقچىمۇ؟» دەپ سورىغان. ئاخىرىدا سىياسى ئۆزگىرىش قوزغاشنى مەخپى پىلانلاپ، گېرمانىيىنىڭ ناتسىسلىرىغا يۇشۇرىنچە ھەمكارلاشماقچى بولغان دېگەن جىنايەت بىلەن بۇ گېنىرالنى ئۆلتۈرىۋەتكەن. نەچچە مىڭلىغان قكىزىل ئارمىيە ئەمەلدارلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش تەقدىرگە دۇچار بولغان.
1939- يىلى 8- ئاينىڭ 23- كۈنى گېتلىر بىلەن «گېرمانىيە – سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغاندىن كىيىن، سىتالىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىشپيۇنلىرى ۋە غەرب ھۆكۈمىتى كۆپ قېتىم بەرگەن گېرمانىيىنىڭ تاجاۋۇز قىلىش ئىھتىماللىقى توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرىشىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى رەت قىلدى. شۇنداق قىلىپلا قالماي، جاھىللىق بىلەن ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرۇپ كىلىۋاتقان سىتالىن يەنە ئۆز ئارمىيىسى رەھبەرلىرىنىڭ قىسىمغا ئۇرۇش تەييارلىقى بۇيرىقى چۈشۈرۈشنى چەكلەپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئارقا ئارقىدىن غەلىبە قىلىشىنى بىۋاستە كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ھالبۇكى گېتلىرنىڭ تېخىمۇ ئېغىر بولغان بىر خاتالىقى ئاخىرىدا سىتالىننى قۇتقۇزۇۋالغان. ئۈزىنىڭ ھاۋا سوۋۇپ كىتىشتىن ئىلگىرى تىزلىكتە ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرىشىغا زىيادە ئىشىنىپ كىتىپ، قىشلىق كىيىم- كىچەكلەرنى تەييارلىۋالمىغان ئەھۋال ئاستىدا، گېتلىر ئۆز قىسىملىرىنى 1941- يىلى 6- ئاينىڭ ئاخىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۇرۇش قىلىشقا ئەۋەتكەن. گېرمانىيە قىسىملىرى 9- ئاينىڭ 30- كۈنى موسكۋاغا «قىرغاق بورىنى ھەركىتى»نى قوزغىغاندا، يامغۇر پەسلى ئەسلىدە راۋان بولغان يولنى پاتقاقلىققا ئايلاندۇرۇپ قويغان. تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى تېمپۇراتۇرا تۇساتتىن تۈۋەنلەشكە باشلىغان. توڭلاپ قېتىپ قالغان گېرمانىيە ئەسكەرلىرىنىڭ جەسىدىنى كۆمۈشكىمۇ ئامال بولماي، ئوتۇندەك دۆۋلىنىپ كەتكەن.
收藏到:Del.icio.us