بلوگ ھەققىدە: سىياسى نەزىرىيە، مەدەنىيەت تارىخ بىلىملىرىگە قىزىقامسىز؟ بۇ ھەقتە مول بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئويۇلىغانلىرىڭىز، كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بارمۇ؟ قېنى مەرھەمەت!

  • 2011-03-14

    ئەمەلىيەتچىل بولۇپ ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلايلى - [نــەزەرىـيــە]

    شى جەنتاڭ

        ئىستىل ۋە مەمۇرىيەت ئۈنۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئورگاننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك، ئاساس سېلىش خاراكتېرلىك خىزمىتى. بىز چوقۇم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ زور سىياسەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورگان ئىستىلى ۋە مەمۇرىيەت ئۈنۈمى قۇرۇلۇشىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

        بىرىنچى، ئىدىيەۋى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىشىمىز كېرەك. ئورگان ئىستىلى ۋە مەمۇرىيەت ئۈنۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىزنىڭ فۇنكسىيەلىك مەجبۇرىيىتىمىزنى ياخشى ئادا قىلىپ، مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلىشىمىزنىڭ تەلىپى.

        ئىككىنچى، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىشىمىز كېرەك. ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شەكىلۋازلىققا قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، يېڭىلىق يارىتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئېلىشقاجۈرئەت قىلىشىمىز؛ راست سۆزلەپ، يېڭى تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، ئەمەلىي ئىش قىلىشىمىز؛ ‹‹شىنجاڭ ئۈنۈمى››نى يارىتىپ، ئورگان خىزمىتىدىكى ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي تۈزىتىشىمىز كېرەك.

        ئۈچىنچى، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىشىمىز كېرەك. ئىستىل ۋە مەمۇرىيەت ئۈنۈمى قۇرۇلۇشىنى نۆۋەتتىكى مەركىزىي خىزمەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

        تۆتىنچى، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىشىمىز كېرەك. خىزمەت تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورگان خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەرتىپكە سېلىشىمىز؛ رەھبەرلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ۋە ئىش بېجىرىشكە مۆھلەت بېكىتىش، مەمۇرىي مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز ؛ ئۈنۈمنى باھالاشنىڭ تۈرى، مەزمۇنى ۋە ئۆلچىمىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق تۈزۈپ، باھالاشنىڭ ئادىل، توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

        بەشىنچى، كادىرلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىشىمىز، كەسپىي ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئورگان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.


    收藏到:Del.icio.us




بلوگىمىز سىياسى نەزەرىيە، مەدەنىيەت، تارىح، قانۇن ۋە دىنعا ئائىت مەزمۇنلار ئۅستىدە ئورتاقلىشىشنى ئاساسى نىشان قىلىدۇ. يازمىلارنىڭ مەنبەسى قانۇنلۇق.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | بىلىم بايلىق بلوگى