بلوگ ھەققىدە: سىياسى نەزىرىيە، مەدەنىيەت تارىخ بىلىملىرىگە قىزىقامسىز؟ بۇ ھەقتە مول بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئويۇلىغانلىرىڭىز، كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بارمۇ؟ قېنى مەرھەمەت!

  • 2011-03-12

    ماتىتەي (مافۇشىڭ) توغرىسىدا - [شەخىسلەر]

    «شىنخەي ئىنقىلاۋى» نىڭ ئالدى-كەينىدە قەشقەردە «تىتەي»، «نېتەي» دەپ ئاتىلىدىغان ھەربى ۋە مەمۇرى ئەمەلدارلار ئۆتكەن ئىدى. «تىتەي» دىگىنى دىۋېزىيە قۇماندانى(شىجاڭ) دەرىجىلىك، «نېتەي» دىگىنى بىرىگادا قۇماندانى (لۈيجاڭ) دەرىجىلىك ئەمەلدار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە قەشقەردە ئون نەچچە يىل ھۈكۈمرانلىق قىلغان مافۇشىڭ يەنى ماتىتەي بىر قەدەر تىپىك بۇلۇپ، بىر مەزگىل «پاشا» دەپ ئاتالغان. كىيىن «مومچى تاز» دەپ ھاقارەتلەنگەن.

    مافۇشىڭ – مىللىتى خۇيزۇ، ئەرەپچە ئىسمى مۇھەممەت يۈنۇس. ئەل ئىچىدە ئۇ ماتىتەي دەپمۇ ئاتىلىدۇ.(قەشقەردە) ئۇ يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ خۇاپىڭ ناھىيىسىدە 1866- يىلى دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. مافۇشىڭ كىچىكىدىنلا ئۇرۇش-جىدەلگە ئامراق، خۇرىكى چوڭ، قارام ۋە قاپ يۈرەك بۇلۇپ ئۆسكەن. ئۇ بالا ۋاقتىدىلا ئۈزىنىڭ قارا كۈچۈگە تايىنىپ چامباشىچىلىق ماھارىتىنى ئىگىلىگەن. شۇ زاماننىڭ شارائىتى بۇيىچە پات-پات بۇلۇپ تۇرىدىغان چامباشىچىلار ئېلىشىشىدا مافۇشىڭ يننەننىڭ ئامبىلى مافۇلۇغا ياراپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مافۇشىڭ مەنچىڭ قۇشۇنى ئىچىدە تۈۋەن دەرىجىلىك ھەربى ئوفېتسىر بۇلىدۇ.

    چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىقى يىللىرىدا (1900- يىلى) سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسى جۇڭگۇغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ بېيجىڭنى بېسىۋالىدۇ. سىشى تەيخۇ شىئەنگە قېچىپ كەتمەك بۇلىدۇ. بۇ چاغدا يۈننەن ئامبىلى مافۇلۇ مافۇشىڭنى چامباشىچىلىقتا ماھىر دىگەن ئىشەنچ بىلەن سىشىتەيخۇنىڭ قوغدىغۇچىسى قىلىپ بەلگۈلەيدۇ. سىشىتەيخۇ شىئەنگە بارغاندىن كىيىن گوندى بۇتخانىسىغا كۈجە كۆيدۇرگىلى بارغاندا مافۇشىڭنىڭ نەچچە ئون جىڭ ئېغىرلىقتىكى يوغان بىر قىلىچنى قۇلىغا ئېلىپ، قىلىچۋازلىق ماھارىتى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ، ئۇنىڭغا قايىل بۇلىدۇ-دە ئۇنى خېنەن مەسلىھەتچى سانغۇنلۇقىغا تەيىنلەيدۇ. مافۇشىڭ خېنەندە ۋەزىپە ئۈتەۋاتقان مەزگىلدە، خېنەن ئامبىلىنىڭ بەگزادىسى ھۇقۇقىدىن پايدىلىنىپ خەلىقنى بۇزەك قىلىدۇ. ئاياللارنى ئاياغ-ئاستى قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مافۇشىڭ بەگزادىنى قاتتىق ئۇرۇپ ئەدەپلەيدۇ. بۇ ئەھۋالدىن كىيىن خېنەن ئامبىلى مافۇشىڭنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى توپلاپ خان ئوردىسىغا ئەرز سۇنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مافۇشىڭ ئەمەلدىن ئايرىلىپ شىنجاڭغا پالىنىدۇ. ئۇ شىنجاڭغا كەلگەندىن كىيىن مىچۇەندە ئولتۇراقلىشىپ دېھقانچىلىق قىلىدۇ.

    مافۇشىڭ ياڭ زېڭشىڭ بىلەن بىر يۇرتلۇق بولغاچقا بەزىدە ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى خۇيزۇلارنىڭ ئولتۇرۇش-قۇپۇشلىرىدا ئۇچۇرشۇپ قالىدۇ. ياڭ زېڭشىن مافۇشىڭنىڭ ئىچكى ئۆلكىدە تۇتقان مەنسەپلىرى، خەلىق ئىچىدىكى ئوبرۇيى ۋە ھەربى، چامباشىچىلىق ماھارىتىگە قايىل بۇلۇپ، ئۇنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدۇ ھەمدە پات-پات ئۇنىڭغا پۇل ئىبەرتىپ ئۇنى ئۈزىگە مايىل قىلىدۇ. كىيىن ئۇنى خۇيزۇ باتالىيۇنغا باشلىق قىلىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ مافۇشىڭ ياڭ زېڭشىن ئۈچۈن تۇلىمۇ سەمىمى خىزمەت قىلىدۇ. ياڭ زېڭشىنمۇ مافۇشىڭغا ئىشەنچ باغلايدۇ. كىيىنكى ۋاقىتتا مافۇشىڭ ياڭ زېڭشىندىن كىيىن ئەمما ھەممە كىشىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان مۇھىم شەخىسكە ئايلىنىپ قالىدۇ.

    مافۇشىڭ چوڭ ھۇقۇقنى قولغا كەلتۈرگەندىن كىيىن 1911- يىلى ئۈزىگە ئوردا-ساراي سېلىشقا كىرىشىپ، ئۈرۈمچى ليۇداۋاندىن 6 مو يەر تاللاپ ئۈزىگە ھەشەمەتلىك ساراي سالىدۇ. دەرۋازا ئالدىغا شىرنىڭ ئىككى ھەيكىلىنى ئورنۇتىدۇ. ساراينىڭ مەركىزى ئەتراپىغا خىش ۋە ياغاچتىن ئىككى قەۋەتلىك بىنا سېلىپ خۇددى ئىچكىرى ئۆلكىدىكى ھۈكۈمەت مەھكىمىلىرىنىڭ تۈسىگە كىرگۈزىدۇ. 80 ئېغىز ئەتراپىدا بولغان بۇ ساراي خانىلىرى كۆك كاھىشلىق بۇلىدۇ.

    مۇشۇ مەزگىللەردە (1912- يىلى) قۇمۇلدا تۈمۈر خەلىپە باشچىلىقىدا قوزغۇلاڭ بۇلىدۇ. ياڭ زېڭشىن كۆپ ئاماللارنى قىلىپمۇ بۇ قوزغىلاڭنى تىنجىتالمايدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ھىلە ئىشىلتىپ، ئۇنى ئۈرۈمچىگە تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىدۇ. 1913- يىلى 9- ئايدا يېڭى قۇرال تارقىتىش نامىدا تۈمۈر خەلىپىنى قۇراللىرىنى تاپشۇرۇشقا قىستايدۇ ھەم تۈمۈر خەلىپىنى مۇھاپىزەتچىلىرى بىلەن يىغىن زالىدا قولغا ئېلىشنى مافۇشىڭغا تاپشۇرىدۇ. مافۇشىڭ تۈمۈر خەلىپىنى قۇرالسىزلاندۇرغاندىن كىيىن ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ.

    شۇنىڭدىن كىيىن مافۇشىڭ تېخىمۇ كۆرەڭلەيدۇ. ھەتتا ياڭ زېڭشىننىمۇ مەنسىتمەيدىغان ھالغا كىلىدۇ. ياڭ زېڭشىن بۇنى بىلىپ تۇرىدۇ. گەرچە ئۇ مافۇشىڭنى يۇقۇتۇش خىيالىغا كەلگەن بولسىمۇ ئامالسىز قېلىپ، ۋاقىتلىق بولسىمۇ كۆزدىن يۇقىتىش ئۈچۈن ئۇنى قەشقەرنىڭ تىتەي(ھەربى ئەمەلدار) لىكىگە تەيىنلەيدۇ. ئۇ قەشقەرگە تىتەي بۇلۇپ كەلگەندە ئۇنىڭ ئوغلى ماجىۋۇ «نېتەي» بۇلۇپ بىللە كىلىدۇ. بۇلار قەشقەرگە كىلىپ ماتىتەي يېڭى شەھەردە، ماجىۋۇ كونا شەھەردە تۇرۇپ، ئون نەچچە يىل ھۈكۈمرانلىق قىلىدۇ.

    ماتىتەي ئۇچىغا چىققان شۆھرەتپەرەس بۇلۇپ، ئەيىش-ئىشرەتكە بىرىلىپ خەلىققە ئىنتايىن ئېغىر زۇلۇم سالىدۇ. ئۇ قەشقەردە تۇرغان مەزگىللەردە كۆپلەپ خۇتۇن ئالىدۇ. نۇرغۇن قىز-ئاياللارنىڭ ئىپپەت-نۇمۇسىغا تىگىدۇ. ئۇنىڭ غالچىلىرى ئۇنىڭغا ياخشىچاق بۇلۇش ئۈچۈن چىرايلىق قىزلارنى ئالداش، زورلاش، ئوغىرلاشتەك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇنىڭغا سوغات قىلىپ تۇرىدۇ.

    ماتىتەي يېشى 60 تىن ئېشىپ ھالسىزلانغاندىن كىيىن تىۋىپلارغا قۇۋۋەت دورىسى ياساشنى بۇيرىيدۇ. بۇ دۇرىغا ئىشىلتىش ئۈچۈن قۇچقاچ لازىم بولغانلىقتىن پۈتۈن يۇرتقا قۇچقاچ ئالۋېڭى سالىدۇ. بۇ ئالۋاڭ شۇ زاماندا يۇرت ئىچىدە قالتىس ئېغىر زۇلۇم بولغان ئىدى. تىتەيگە دۇرا ياساش ئۈچۈن 100 قۇچقاچ لازىم بولسا، شەھەر ھاكىمى بەگلەرگە 200 قۇچقاچ دەپ بۇيرۇق چۈشۈرگەن. شەھەر بەگلىرى بولسا يېزا بەگلىرىگە 500 قۇچقاچ دەپ چۈشۈرگەن. يېزا بەگلىرى يۈز بېشىغا، يۈز بېشى ئون بېشىغا قاتلاپ بۇيرۇق قىلغانلىقتىن پۇقرالارنىڭ بېشىغا كەلگەندە ئۇ ئون نەچچە قاتلىنىپ بىر بەگلىك تەۋەسىدىكى پۇخرالار ئون مىڭلاپ قۇچقاچ تۇتۇشقا مەجبۇر بولغان. مانا بۇ قەشقەر تارىخىدىكى «قۇچقاچ ئالۋېڭى» ئىدى. مۇنداق زور ساندىكى قۇچقاچنى تۇتۇپ تاپشۇرۇش پۇخرالار ئۈچۈن ئىنتايىن زور قىيىنچىلىق ئىدى. يېزا بەگلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قۇچقاچنىڭ ئورنىغا پۇل تۈلەش ئىشىنى يولغا قۇيىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئالۋاڭنىڭ دائىرىسى كىڭىيىپ، يۇرت خەلقىگە مۆلچەرلىگۈسىز ئاپەت بۇلىدۇ. شۇ چاغلاردا قۇچقاچ ئالۋېڭىنى تۈلەپ كىتەلمەي قاماققا ئېلىنغانلار، ئۆي ۋاقىدىن ئايرىلىپ خانىۋەيران بولغانلار ناھىيىتى كۆپ بولغان.

    ماتىتەي يەنە ھەشەمەتلىك قەلئە، ساراي ۋە راۋاقلارنى سالدۇرۇپ بەتخەجلىك قىلغان. بۇنىڭ بەدىلىگە خەلىققە يەنە تۈرلۈك ئالۋاڭلارنى سېلىپ، ئۇلارنى ھاشارغا تۇتۇپ ئېغىر زۇلۇم سالغان. بۇنداق زۇلۇمغا چىدىمىغان خەلىق شۇ چاغلاردا مۇنداق بىر قۇشاق تۇقۇغان.

    ساۋخۇ يۇلى قۇمۇشلۇق،

    ئورغاق سېلىپ ئورغان يوق.

    14 يىللاپ شەھەر سۇرىغان،

    ماتىتەيدەك زالىم يوق.....

    ماتىتەينىڭ دەۋرىدە يۇقىردىكى زۇلۇم ۋە ئالۋاڭلاردىن باشقا يەنە «موم ئالۋېڭى» مۇ ناھايىتى دەھشەتلىك بولغان. بۇ ئالۋاڭدا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر خانىۋەيران بولغان، قاماققا ئېلىنغان، ھەتتا پۇت-قوللىرى كىسىلگەن. بۇ ۋەقەنىڭ جەريانى مۇنداق: شۇ زاماندا ئۇلۇغچاتنىڭ قىزىل بويى ئەتراپىدا نىفىتلىك بۇلۇپ، ئۆزلۈكىدىن ئۆرلەپ قالغان ماي سازلىقلاردا ۋە سۇ يۈزىدە لەيلەپ يۈرگەن، بەزى يەرلەردە لاتقىغا ئوخشاش ئۇيۇپ قالغان ئىكەن. بۇنى كۆرگەن يەرلىك كىشىلەر تاغ ياقىسىدىن موم چىقتى دىيىشىپ يۈرگەن. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ماتىتەي ئۇنى يىغىپ، موم قىلىپ سېتىشقا بۇيرىيدۇ. رۇزى بەگ، جىڭچى ئىمام، ھاشىم چوڭ، ئاۋۇت ئىمام دىگەن كىشىلەرنى ئىشقا سېلىپ، قەشقەر كونا شەھەر ۋە يېڭى شەھەردىكى دۇكانلارغا بۇ مومنى كۆپلەپ ساتىدۇ. لىكىن موزدوزلار بۇنى ئىشىلتىپ كۈرۈپ ئۇنىڭ موم بولماستىن بەلكى قاراماي ئىكەنلىكىنى بىلىپ، سېتىۋېلىشتىن باش تارتىدۇ. بۇنى كۆپلەپ سېتىۋالغان دۇكاندارلار زىيان تارتىدۇ. زىيان تارتقان دۇكاندارلار موم سېتىۋېلىشنى رەت قىلسا «پادىشا» ھۈكمىگە قارشىلىق قىلدى دەپ قامايدۇ. بۇنىڭدا زىيان تارتقان ۋە زىيانۆەشلىككە ئۇچرىغان خەلىق ماتىتەينىڭ زۇلىمى ئۈستىدىن ياڭ زېڭشىنغا كۆپلەپ ئەرىز-شىكايەت قىلىدۇ. ياڭ زېڭشىن ماتىتەينى ئەيىپلەپ خەت ئىبەرتىدۇ. ماتىتەي بۇ ئەيىپلەش بەدىلىگە ئاچچىقىنى يەرلىك كىشىلەردىن ئېلىپ، قاتتىق چارە كۈرۈشكە باشلايدۇ. يەنى رۇزى بەگنى باش جىنايەتچى قىلىپ ئۇنىڭ قۇلىنى بېغىشىدىن كىسىپ، شەھەر ئايلاندۇرۇپ سازايى قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن تاغاچى كوچىسىنىڭ ئىمامى جىڭچى ئىمام بىلەن ھاشىم چوڭ، ئاۋۇت ئىماملارنىڭمۇ قۇلىنى كىسىپ سازايى قىلىدۇ. قۇلى كىسىلگەنلەرنىڭ قۇلىنى ياغدا داغلاپ قېنىنى توختاتقان بولسىمۇ لىكىن، ئۇنىڭ ئاغرىق ئازاۋىدا بەزەنلىرى ئۇزاققا قالماي ئۈلۈپ كىتىدۇ.

    ماتىتەينىڭ ئوغلى ماجىۋۇمۇ دادىسىغا ئوخشاش سۆلەتۋاز، ھەشەمەتخور بۇلۇپ، قەشقەر كونا شەھەردىكى «يۇمىلاق شەھەر كۆلى» بويىغا بىر راۋاق سالدۇرىدۇ. بۇنى كىشىلەر نېتەي راۋىقى دەپ ئاتىشىدۇ. ئۇ بەزىدە ھاۋانىڭ ياخشى ۋاقىتلىرىدا راۋاققا چىقىپ شەھەر مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىدۇ، كەچ ۋاقىتلىرى بولسا كانايچىلارنى سېپىلگە چىقىرىپ كاناي چالدۇرىدۇ.

    ماتىتەي قەشقەرگە كىلىپ ئۇزۇنغا قالمايلا ئۈزىچە كۆرەڭلەپ، بارغانسىرى ئۆز خان، ئۆز بەگ بۇلىۋېلىپ، ياڭ زىڭشىنگىمۇ ئانچە بۇيسۇنۇپ كەتمەيدۇ. شۇ زاماندا قەشقەرنىڭ ۋالىسى جۇرۇيچش بىلەن قەشقەر كونا شەھەر ئامبېلى ماشاۋۋۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا پۇت تىپىشىش بۇلۇپ، ماتىتەي بۇ ئەھۋالنى ئۈرۈمچىگە مەلۇم قىلماستىنلا ئۇلارنىڭ ئەمىلىنى ئېلىپ تاشلاپ، تامغىسىنى تارتىۋېلىپ قەشقەر شەھرىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. ياڭ زېڭشىن بۇ ئەھۋالنى بىلسىمۇ ماتىتەيگە سۈزىنى ئۆتكۈزەلمەي جۇرۇيچشنى ئاقسۇغا ۋالى، ماشاۋۋۇنى ئۈچتۇرپانغا ۋالى قىلىپ تەيىنلەپ، بۇ ئىشنى ۋاقىتلىق بىر تەرەپ قىلغان بۇلىدۇ. ئەمما كۆڭلىدە ماتىتەيدىن قاتتىق نارازى بۇلىدۇ.

    دىمەك ماتىتەي ئاتا-بالا ئىككىسى قەشقەردە ئۆز بەگ، ئۆز خان بۇلىۋېلىپ ياڭ زىڭشىنغا تۇلۇق ئىتائەت قىلمىغانلىقتىن، ياڭ زېڭشىن ئۇلارنى يۇقىتىۋېتىش قارارىغا كىلىدۇ. لىكىن ئۇلارنىڭ قۇلىدا خېلى كۆپ قۇراللىق قۇشۇن بولغانلىقتىن ئۇنى ماشاۋۋۇنىڭ قۇلى بىلەن يۇقىتىشنى پىلانلايدۇ. ماشاۋۋۇ بىلەن ماتىتەي ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەتنىڭ كۈچلۈكلىكىنى بىلىدىغان ياڭ زېڭشىن ماشاۋۋۇغا ماتىتەينى يۇقىتىۋىتىش توغرىسىدا يۇشۇرۇن بۇيرۇق قىلىدۇ. (1924- يىلى ماي ئايلىرى بۇلىشى مۇمكىن) بۇيرۇق ئالغان ماشاۋۋۇ تۇلۇق تەييارلىق كۆرگەندىن كىيىن ئۆز قۇشۇنىنى باشلاپ ئۈچتۇرپان قاخشال يۇلى بىلەن يولغا چىقىدۇ. ئاقسۇ، كۇچاردىن تەشكىللەنگەن يارىدەمچى قۇشۇن رامزان ھاجى دىگەن كىشىنىڭ قۇماندانلىقىدا چوڭ يول بىلەن ماڭىدۇ. بۇ ئىككى قۇشۇن بىرلا ۋاقىتتا قەشقەرگە يىتىپ بېرىپ تەڭ ھەركەت قىلىدۇ. ماشاۋۋۇ قۇشۇنى قەشقەر يېڭى شەھەرنى مۇھاسىرىگە ئالىدۇ. ئاقسۇ، كۇچاردىن كەلگەن قۇشۇن قەشقەر كونا شەھەرنى مۇھاسىرىگە ئالىدۇ. ھۇجۇم بىرلا ۋاقىتتا باشلىنىدۇ. ئىككى سائەت ئەتراپىدا داۋام قىلغان قاتتىق جەڭ نەتىجىسىدە ماتىتەي ئۆز رەقىبى ماشاۋۋۇنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ، ئەڭ يۇقىرى جازاغا ھۈكۈم قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ دارغا ئېسىلغان تېنى قەشقەردە ئۇدا ئۈچ كۈن سازايى قىلىنىدۇ.

    رامزان ھاجى باشچىلىقىدىكى قۇشۇن سەھەردە شەھەر دەرۋازىسى ئېچىلىشى بىلەن تەڭ شەھەرگە ئاتلىق بېسىپ كىرىپ، ماجىۋۇنىڭ ئادەملىرى ئۇيقۇسىنى ئېچىپ بولغۇچە يۇمىلاق شەھەرنى ئىگەللەيدۇ. ماجىۋۇ ئۈزىنىڭ مۇھاسىرە ئىچىدە قالغانلىقىنى بىلىپ راۋاق تەرەپكە قاراپ قاچىدۇ، رامزان ھاجى ئۇنى قوغلاپ چىقىپ تەسلىم بۇلۇشقا دەۋەت قىلغاندا ماجىۋۇ ئۇنى تاپانچا بىلەن ئېتىپ تاشلايدۇ. مىنۇت ئۆتمەيلا ماجىۋۇغىمۇ ئوق تىگىپ ئۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ماتىتەينىڭ قەشقەردىكى 10 نەچچە يىللىق زۇلىمەتلىك ھۈكۈمرانلىقىغا خاتىمە بىرىلىدۇ. خەلىق تۈۋەندىكىدەك قۇشاق تۇقۇيدۇ:

    ماتىتەي تۇلۇم چاشقان،

    ئالۋاننى تۇلا چاچقان.

    ئالۋاننى تۇلا سېلىپ،

    دارغا ئېسىلىپ ياتقان.

     


    收藏到:Del.icio.us




بلوگىمىز سىياسى نەزەرىيە، مەدەنىيەت، تارىح، قانۇن ۋە دىنعا ئائىت مەزمۇنلار ئۅستىدە ئورتاقلىشىشنى ئاساسى نىشان قىلىدۇ. يازمىلارنىڭ مەنبەسى قانۇنلۇق.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | بىلىم بايلىق بلوگى