بلوگ ھەققىدە: سىياسى نەزىرىيە، مەدەنىيەت تارىخ بىلىملىرىگە قىزىقامسىز؟ بۇ ھەقتە مول بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئويۇلىغانلىرىڭىز، كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بارمۇ؟ قېنى مەرھەمەت!

  • 2011-03-09

    جۇڭگو ياش پىدائىيلار ھەرىكىتى - [سـىـيـاســى]

    پىدائىي دېگىنىمىز ، ماددىي ھەق ئالمىغان ئەھۋالدا ، ئەخلاق ، ھەققانىيەت ، ئېتىقاد ، ياخشى پەزىلەت ، ھېسداشلىق ۋە مەسئۇلىيەت ئارقىلىق ، جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان ، ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى ۋە زېھنىنى تەقدىم قىلىدىغان كىشى ياكى كىشىلەر توپىنى كۆرسىتىدۇ . جۇڭگو ياش پىدائىيلار ھەرىكىتى دېگىنىمىز ، ياشلارنىڭ ئىشتىن سىرتقى ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ، تەشكىللىك ھالدا باشقىلارغا ، جەمئىيەتكە ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىدىغان پىدائىيلار ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ . ياش پىدائىيلار ئىئانە يىغىش ئارقىلىق ھەرقايسى سەپلەردە ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قىزغىنلىق بىلەن كۆڭۈل بۆلىدىغان ، بەلگىلىك ئىقتىدارغا ئىگە مۇنەۋۋەر ياشلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تەشكىللىنىدۇ . ياش پىدائىيلار جەمئىيەتكە يۈزلىنىشتە ئاساسلىقى جامائەت پاراۋانلىق ئەمگىكى ، ئاپەتتىن قۇتقۇز ۇش ، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش ، كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىش ، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش – تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ، پسىخىك مەسلىھەت ، رايونلار مۇلازىمىتى ، جەمئىيەت ئامانلىقى ، ناچار ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش ، ساۋاتسىزلىقىنى ، نادانلىقنى تۈگىتىش ، شۇنداقلا ياشلارغا ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداش جەھەتلەردە پىدائىي مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ ، ئىتتىپاقلىق ، دوستلۇقنى تەشەببۇس قىلىپ ، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىشتەك يېڭى كەيپىياتنى يارىتىدۇ . ياش پىدائىيلار ھەرىكىتى - سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا لېي فىڭدىن ئۆگىنىش ھەرىكىتىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ، شۇنىڭدەك بۇ خىل ھەرىكەتنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىشىدىكى بىر خىل ئۈنۈملۈك شەكلى .

    1933- يىلى 12- ئاينىڭ 19- كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەملىكەتلىك تۆمۈريول مىنىستىرلىقى ئىتتىپاق كومىتېتى 20 مىڭ تۆمۈريول ياش پىدائىيلىرىنى تەشكىللەپ ، بېيجىڭ ، گۇاڭجۇ تۆمۈريول لىنىيىسىدە «لېي فىڭدىن ئۆگىنىپ چاغانلىق ترانسپورتنى كۈتۈۋېلىش پىدائىيلار مۇلازىمىتى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ ، جۇڭگو ياش پىدائىيلار ھەرىكىتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى . ياش پىدائىيلار ھەرىكىتى 1993- يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا يولغا قويۇلغاندىن بۇيان تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ ، يېڭى ۋەزىيەتتە ياشلارنى ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان ئۈنۈملۈك شەكىلگە ، سوتسىيالىستىك بازار ئىقتىسادى شارائىتى ئاستىدا ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت سىستېمىسىنىڭ جانلىق تەشكىلىي قىسمىغا ، شۇنداقلا ياشلارنىڭ جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش ئەمەلىيىتىدە مائارىپنى قوبۇل قىلىش ، چېنىقىش ، ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم يولىغا ئايلاندى . ياش پىدائىيلار ھەرىكىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا قەدەممۇ قەدەم تەرەققىي قىلدى . 1994-يىلى 2- ئايدا پايتەختتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پېشقەدەم ئالىملار ، پېشقەدەم مائارىپچىلار ، پېشقەدەم كادىرلارغا مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش پىدائىيلار ھەرىكىتىنى ئېلىپ باردى . جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى خۇ جىنتاۋ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىپ «ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قاتنىشىش ، ئۋز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، ئىش ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىش ، ئىزچىل داۋاملاشتۇر ۇش» پرىنسىپىدا چىڭ تۇر ۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، ياش پىدائىيلار ھەرىكىتىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن نىشان بەلگىلەپ بەردى.

    1994-يىلى 12- ئاينىڭ 5- كۈنى جۇڭگو ياش پىدائىيلار جەمئىيىتى قۇرۇلغاندا يولداش خۇ جىنتاۋ ئالايىتەن تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاپ ، «ياش پىدائىيلار ھەرىكىتى دەۋر چاقىرىقىغا ماسلىشىش ۋە جەمئىيەت ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن » ، «زور بىر تۈركۈم ياشلارنى ئىككى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا ئاتلاندۇرۇشقا سەپەرۋەرلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىدىغان قىممەتلىك تەجرىبە ۋە يېڭى ئىجادىيەت» دەپ تەرىپلىدى . ئۇ جۇڭگو ياش پىدائىيلار جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ياخشى تەشكىللىنىپ ، تېخىمۇ كۆپلىگەن ياشلارنى پىدائىيلار سېپىگە قوبۇل قىلىشنى ، تېخىمۇ كۆپلىگەن ياشلارنى پىدائىيلار سېپىگە جەلپ قىلىپ ، تەقدىم قىلىش روھى بولغان ، دوستانە ، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ياش پىدائىيلار روھىنى ياش بىر ئەۋلاد ئىچىدە كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى .

    1997- يىلىنىڭ ئاخىرىدا يولداش جياڭ زېمىن جۇڭگو ياش پىدائىيلىرىغا ئۆز قولى بىلەن بېغىشلىما يېزىپ بەردى . 2001- يىلى 1- ئايدا يولداش جياڭ زېمىن جۇڭگو ياش پىدائىيلار خىزمىتىگە مۇھىم تەستىق سالدى . پارتىيە 14- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6- ئومۇمىي يىغىنى ۋە 15- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىدا ياش پىدائىيلار ھەرىكىتىنىڭ قارارى بېكىتىلىپ ، ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم يولى سۈپىتىدە ياش پىدائىيلار ھەرىكىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتى كاپالەتلەندۈرۈلدى ۋە ئىلگىرى سۈرۈلدى .

     

    جۇڭگو ياش پىدائىيلار ھەرىكىتىنىڭ شوئار ى

    ياش پىدائىيلار ھەرىكىتىنىڭ شوئار : جەمئىيەتكە مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش، كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتىش.

     

    جۇڭگو ياش پىدائىيلار ھەرىكىتىنىڭ پىدائىي روھى

    جۇڭگو ياش پىدائىيلار ھەرىكىتى تەشەببۇس قىلغان ياش پىدائىيلار روھى بولسا تەقدىم قىلىش، دوستانە ئۆتۈش، ئۆز-ئارا ياردەم بېرىش، ئالغا بېسىش روھىدىن ئىبارەت. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش كاتىپى ئاننان: «پىدائىي روھىنىڭ يادروسى – مۇلازىمەت، ئىتتىپاقلىشىش غايىسى ۋە بىرلىكتە بۇ دۇنيانى گۈزەللەشتۈرۈش ئىشەنچىدۇر. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پىدائىيلار روھىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ روھى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ » دېگەن ئىدى.

     

    جۇڭگو ياش پىدائىيلار ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپى

    جۇڭگو ياش پىدائىيلار ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپى : ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قاتنىشىش، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، ئىش ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىش، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.

     

    جۇڭگو ياش پىدائىيلار ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق  مۇلازىمەت ئوبىكتى

    جۇڭگو ياش پىدائىيلار ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق  مۇلازىمەت ئوبىكتى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

    1. كارخانىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ۋە پېنسىيىگە چىققان ئىشچى- خىزمەتچىلەر.

    2. كۆرۈنەرلىك تۆھپىسى ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار پېشقەدەم كادىرلار، پېشقەدەم پەن- تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ۋە پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار.

    3. يېزىلاردىكى ساۋاتسىز ياشلار.

    4. ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن قەھرىمانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى .

    5. پەرزەنتى يوق ياشانغانلار، يىتىم- يېسىر، مېيىپ بالىلار.

    6. ئاپەتكە ئۇچرىغان ۋە نامرات رايونلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئامما.

    7. شەھەرگە كىرىپ ئىشلەيدىغان ئىشلەمچىلەر.


    收藏到:Del.icio.us




بلوگىمىز سىياسى نەزەرىيە، مەدەنىيەت، تارىح، قانۇن ۋە دىنعا ئائىت مەزمۇنلار ئۅستىدە ئورتاقلىشىشنى ئاساسى نىشان قىلىدۇ. يازمىلارنىڭ مەنبەسى قانۇنلۇق.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | بىلىم بايلىق بلوگى