-
2011-03-06
«سمونوسېكى شەرتنامىسى» - [تـــــارىــــــخ]
1895- يىلى 3- ئاينىڭ 25- كۈنى لى خوڭجاڭ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى لى جىڭفاڭ ئامېرىكىلىق مەسلىھەتچى كېستا قاتار4لىقلار بىلەن ياپونىيە باش ۋەزىرى يىتېڭ بوۋېن، تاشقى ئىشلار ۋەزىرى لوئوۋ زوڭگۇاڭ ھەمدە ئامېرىكىلىق مەسلىھەتچى فوستېر قاتارلىقلار بىلەن ياپونىيىنىڭ سمونوسېكى شەھرىدە (ھازىرقى شياگۇەن) سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ياپونىيە تەرەپ ۋەكىللىرى پوپۇزا قىلىپ ئوتتۇرغا قويغان ماددىلارنىڭ بىر جۈملىسىنىمۇ ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا بىلدۈردى. يىتېڭ بوۋېن يەنە ئۇرۇش قىلىشنى قايتا تىلغا ئېلىپ، ئەگەر ئۇرۇشىدىغان بولساق ياپونىيە تەرەپنىڭ سۈلھى شەرتى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كىتىدۇ دەپ پوپۇزا قىلدى. 4- ئاينىڭ 17- كۈنى لى خوڭجاڭ ياپونىيە بىلەن ۋەتەننىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى تۆكۈدىغان «سمونوسېكى شەرتنامىسى» نى ئىمزالىدى. مۇھىم مەزمۇنى مۇنۇلاردىن ئىبارەت:
(1) چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ياپونىيىنىڭ چاۋشيەننى پۈتۈنلەي كونتۇرۇل قىلغانلىقىنى ئىتىراپ قىلىش؛
(2) جوڭگۇ لياۋدوڭ يېرىم ئارىلى، تەيۋەن ۋە ئۇنىڭغا يېقىن ئاراللار ھەم پىڭخۇ تاقىم ئاراللىرىنى ياپونىيىگە بۈلۈپ بىرىش؛
(3) ياپونىيىنىڭ ھەربىي چىقىمى ئۈچۈن 200 مىليۇن سەر كۆمۈش تۆلەش؛
(4) شاشى، چۇڭچىڭ، سۇجۇ، خاڭجۇ قاتارلىق جايلارنى سودا ئېغىزى قىلىپ ئېچىپ بىرىش، ياپونىيە پاراخوتلىرىنىڭ ئىچكى دەريالار ئارقىلىق يۇقىرىقى ئېغىزلارغا كىرىشىگە، يۈك ۋە يولۇچىلارنى توشۇشىغا رۇخسەت قىلىش؛
(5) ياپونىيە جوڭگۇنىڭ سودا ئېغىزلىرىدىكى قىرغاقلاردا زاۋۇت قۇرۇش، ھەر خىل ماشىنا ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئېلىپ كىرىلىشىگە رۇخسەت قىلىش، ئىشلەپچىقارغان تاۋار مەھسۇلاتلارنى جوڭگۇ بازارلىرىغا يۆتكەپ ئەكىرىپ، ساتقاندا بارلىق باجلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھەمدە ئىچكى ئۆلكىلەردە ھەر خىل مال ساقلاش ئىسكىلاتلىرىنى قۇرۇشقا يول قۇيۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ئىككىنچى يىلى، «سمونوسېكى شەرتنامىسى» گە ئاساسەن، «سودا دېڭىز نەقىليات كېلىشىمى» ئىمزالىنىپ، ياپونىيە كونسۇللىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ھۆكۈم چىقىرىش ۋە تەڭ مەنپەئەتدار دۆلەت بۇلۇش ھوقۇقى ئىتىراپ قىلىندى.
«سمونوسېكى شەرتنامىسى» «نەنجىڭ شەرتنامىسى» دىن كېيىن ئىمزالانغان ۋەتەننىڭ ئىززەت- ئوبرڭيىغا ئېغىر دەرىجىدە زىيان سالىدىغان شەرتنامە بۇلۇپ، ئۇ جوڭگۇنىڭ يېرىم مۇستەملىكىچىلىك دەرىجىسىنى تېخىمۇ چۇڭقۇرلاشتۇرىۋەتتى. چۈنكى بۇ شەرنامە ئىنتايىن قەبىھ بولغاچقا جوڭگۇ يېقىنقى زامان جەمىيىتىگە ئىنتايىن يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلدى.
历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us