-
2011-03-01
رۇسىيە نېمىشقا شىمالدىكى تۆت ئارالدىن ۋاز كەچمەيدۇ؟ - [مــۇلاھــــىزە]
يېقىندا ياپونىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ شىمالدىكى تۆت ئارال (رۇسىيە جەنۇبىي كۇرىل تاقىم ئارىلى، دەيدۇ) نىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى توغرىسىدىكى تالاش – تارتىشى بارغانسېرى كۈچەيدى. ئالدىن بىلەن ياپونىيە باش ۋەزىرى نائوتوكاننىڭ 7– فېۋرال ‹‹رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ بۇلتۇر شىمالدىكى تۆت ئارالنى كۆزدىن كۆچۈرۈشى ناھايىتى قاملاشمىغان ئىش›› دېگەنلىكى رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئوغىسىنى قايناتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى سىجى مېخارا 11– فېۋرال ئۆتكۈزۈلگەن ياپونىيە – رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى سۆھبىتىدە دەككىسىنى يېدى. ياپونىيە جامائەتچىلىكى ياپونىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ زېمىن مەسىلىسىدىكى سۆھبىتى تۇيۇق يولغا كىرىپ قالدى، سىجى مېخارا رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زېمىن مەسىلىسىدىكى قاتتىق پوزىتسىيەسىگە ئىنكاس قايتۇرالمىدى، دەپ قارىدى.
جەنۇبىي كۇرىل تاقىم ئارىلى رۇسىيەنىڭ كامچاتكا يېرىم ئارىلى بىلەن ياپونىيەنىڭ خوككايدۇ ئارىلى ئارىسىدا. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ جەنۇبتىكى كۇناشىرى، ئىتۇرۇپ، خابوماي، شىكوتان ئاراللىرى رۇسىيە بىلەن ياپونىيە ئارىسىدا ئىگىلىك ھوقۇقى ماجىراسى پەيدا قىلغان. ياپونىيە شىمالدىكى تۆت ئارال، دەپ ئاتايدىغان بۇ ئاراللارنى رۇسىيە جەنۇبىي كۇرىل تاقىم ئارىلى دەيدۇ. 2 – دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئامېرىكا، ئەنگلىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى باشلىقلىرى مەخپىي ئىمزالىغان ‹‹يالتا كېلىشىمى›› دە سوۋېت ئىتتىپاقى ياپونىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلىدۇ، شىمالدىكى تۆت ئارالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل جەنۇبىي كۇرىل تاقىم ئارىلى ئۇرۇشتىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەۋە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. 1947– يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ ئاراللارنى تېررىتورىيەسىگە رەسمىي قوشۇۋېلىپ، ساخالىن ئوبلاستىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە كىرگۈزگەن. لېكىن، ياپونىيە بۇ ئىشنى ئىزچىل ئېتىراپ قىلمىغاچقا، ياپونىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا زېمىن ماجىراسى كېلىپ چىققان.
ياپونىيە – رۇسىيە مۇناسىۋىتى بۇلتۇردىن بۇيان زېمىن ماجىراسى تۈپەيلىدىن كۈنسېرى جىددىيلەشتى. ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى سىجى مېخارا ياپونىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ سودا– ئىقتىساد ئالاقىسىنى كېڭەيتىش ھەم زېمىن مەسىلىسى جەھەتتىكى قاتمال ۋەزىيەتنى بۇزۇش ئۈچۈن، 11– فېۋرال دىپلوماتىيە ۋەزىرى بولغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم رۇسىيەگە زىيارەتكە باردى. لېكىن شۇ كۈندىكى رۇسىيە – ياپونىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى سۆھبىتىدە رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ قىلچە يۈز خاتىرە قىلماي: ‹‹بۈگۈنكى سۆھبىتىمىز ئەسلىدە دوستانە كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلسە بولاتتى، لېكىن ئارزۇيىمىزدىكىدەك بولمايدىغان بولدى. چۈنكى شىمالدىكى زېمىن مەسىلىسىدە نۇرغۇن ئىختىلاپ پەيدا بولدى››، دېدى. جامائەتچىلىك: ئېنىقكى، لاۋروۋ ياپونىيە باش ۋەزىرى نائوتوكاننىڭ سۆزىنى دارىتمىلاپ تەنقىدلىدى، دېدى. ۋاھالەنكى، قاتتىق قوللۇقلۇقى بىلەن نام چىقارغان سىجى مېخارا ئىلگىرىدەك قاتتىق قوللۇق قىلالمىدى، ئۇ پەقەتلا ‹‹زېمىن مەسىلىسىنى ئىككى تەرەپ بىرلىكتە ئەقىل ئىشلىتىپ ھەل قىلىشى كېرەك›› دەپ جاۋاب قايتۇردى. سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سىجى مېخارانىڭ كەيپىياتى تازا ياخشى بولمىدى.
رۇسىيە – ياپونىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسىز ئاياغلىشىدىغانلىقى ئەمەلىيەتتە ھەممىگە ئايان بولۇپ قالغانىدى. رۇسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدېۋ بۇلتۇر 11– ئايدا شىمالدىكى تۆت ئارالنى كۆزدىن كۆچۈرگەندىن كېيىن، رۇسىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ زېمىن تەۋەلىكى توغرىسىدىكى پوزىتسىيەسى بارغانسېرى كەسكىنلەشتى. ياپونىيە كۆپ قېتىم ئېتىراز بىلدۈرگەن بولسىمۇ، رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئالىي ئەمەلدارلارنى شىمالدىكى تۆت ئارالنى كۆزدىن كۆچۈرۈشكە داۋاملىق ئەۋەتتى. رۇسىيەنىڭ شىمالدىكى تۆت ئارالنىڭ ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى ئەھمىيىتىگە ئېتىبار بېرىشى ياپونىيەنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى. رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە يېقىندا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە: رۇسىيە فىرانسىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ ‹‹غەربىي شىمال شامىلى›› ناملىق ھەم قۇرۇقلۇقتا ھەم سۇدا يۈرەلەيدىغان پاراخوتىدىن تۆتنى سېتىۋېلىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى، رۇسىيە بۇ پاراخوتلارنىڭ ئىككىسىنى يىراق شەرق رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى، دېيىلدى. ياپونىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئوبزورىدا: بۇ، رۇسىيەنىڭ شىمالدىكى تۆت ئارالنى ھېلىھەم مۇھىم ھەربىي بازا، دەپ قارايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. رۇسىيە ھەربىي دائىرىلىرى ياپونىيەگە تەھدىت سېلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىشنى پىلانلىغان، دېيىلدى.
رۇسىيەنىڭ ئالىي ھەربىي ئەمەلدارى 15– فېۋرال: ئېلىمىز يىراق شەرق رايونىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن، شىمالدىكى تۆت ئارالدا ‹‹S–400›› بەلگىلىك يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرغاندىن باشقا، ھاۋا ئارمىيە بازىسى قۇرۇپ، ‹‹SU–35›› بەلگىلىك كۆپ ئىقتىدارلىق يېڭى ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە چۆكمە پاراخوتلارغا قارشى ئايروپىلان سەپلەيدۇ، دەپ جاكارلىدى.
رۇسىيەنىڭ شىمالدىكى تۆت ئارال مەسىلىسى توغرىسىدىكى پوزىتسىيەسى نېمىشقا شۇنچىۋالا قاتتىق بولىدۇ؟ ئىلگىرى رۇسىيەدە خىزمەت قىلغان جۇڭگو قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ سابىق ھەربىي ئەمەلدارى، جۇڭگو جۇڭگو – رۇسىيە مۇناسىۋىتى تارىخ تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شاۋجياڭ ۋاڭ خەييۈن مۇنداق تەھلىل قىلدى: بۇنى رۇسىيەنىڭ دۆلەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. شىمالدىكى تۆت ئارال مۇھىم ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. شىمالدىكى قاتتىق سوغۇق بولىدىغان رايوندىكى چوڭ قۇرۇقلۇق دۆلىتى بولغان رۇسىيەنىڭ دېڭىزغا چىقىش ئېغىزىغا ئىگە بولۇش ئارزۇسىنى سۆز بىلەن سۈپەتلەش قىيىن، تارىختىكى نۇرغۇن ئۇرۇش دېڭىزغا چىقىش ئېغىزىنى تالىشىش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ غەربىي قىسىمدىكى بالتىق دېڭىزى فىلوتىنىڭ دېڭىزغا چىقىش ئېغىزى ش ئا ئە ت تەرىپىدىن قامال قىلىندى؛ ئۇكرائىنانىڭ بازىسىنى ئارىيەتكە ئېلىپ ئىشلىتىۋاتقان غەربىي جەنۇب قىسىمدىكى قارا دېڭىز فىلوتى ئاتلانتىك ئوكيانغا فوسفور بوغۇزى ئارقىلىقلا كىرەلەيدىغان بولغاچقا، تۈركىيەنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا شەرقىي قىسىمدىكى دېڭىزغا چىقىش ئېغىزى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ قالدى. يىراق شەرق رايونىدىن شىمالدىكى تۆت ئارال ئارىسىدىكى بوغۇز ئارقىلىق تىنچ ئوكيانغا ناھايىتى ئاسانلا كىرگىلى بولىدۇ. بۇ، رۇسىيەنىڭ ھەربىي ئىستراتېگىيەسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. شىمالدىكى تۆت ئارال ياپونىيەنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتسە، تىنچ ئوكيان فىلوتىنىڭ دېڭىزغا چىقىش ئېغىزى ئېتىۋېتىلگەن بىلەن باراۋەر بولىدۇ.
ۋاڭ خەييۈن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90– يىللىرى رۇسىيەدە خىزمەت قىلىۋاتقاندا، يېلىتسىن ياپونىيەنىڭ شىمالدىكى تۆت ئارالدىكى قىسمەن زېمىنىنى قايتۇرۇپ بەرمەكچى بولۇۋاتىدۇ، دېگەن خەۋەر تارقالغان. ئەينى ۋاقىتتا رۇسىيە ھەربىي ئىنستىتۇتى دېڭىز ئارمىيە ئوقۇش تەتقىقاتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ خەييۈنگە: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ ئىشقا پەقەتلا قوشۇلمايدۇ، بۇ پەقەتلا دىپلوماتىيە تاكتىسى، دېگەن.
ۋاڭ خەييۈن مۇنداق دېدى: يەنە بىر مۇھىم ئامىل شۇكى، شىمالدىكى تۆت ئارال 2– دۇنيا ئۇرۇشى نەتىجىسىنى قوغداش مەسىلىسىگە چېتىلىدۇ. يېقىنقى بىرقانچە يىلدا ياۋروپادا 2– دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىنى ئىنكار قىلىدىغان سادا پەيدا بولدى. بولۇپمۇ، بالتىق دېڭىزى بويىدىكى دۆلەتلەر، شۇنداقلا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 2– دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياۋروپا جەڭگاھىدىكى مۇھىم تۆھپىسىنى ئىنكار قىلدى. شەرقتە ياپونىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ تەسلىم بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلمىدى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىغا ئەسكەر چىقىرىپ، ياپونىيەگە قارشى ئۇرۇش قىلغانلىقىغا ئاداۋەت ساقلىدى. 2– دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىنى، شۇنداقلا ياۋروپا، تىنچ ئوكيان، جۇڭگو قاتارلىق جەڭگاھلاردىكى تارىخىي غەلىبىنى قوغداش رۇسىيەنىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى قوغداش، ئۇرۇشتىن كېيىنكى زېمىن چېگراسىنى ساقلاپ قېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
شىمالدىكى تۆت ئارالنىڭ رۇسىيەنىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى قوغداش 2– دۇنيا ئۇرۇشى تارىخىنى قوغدىغانلىق، شۇنداقلا رۇسىيەنىڭ غەلىبە قىلغۇچى دۆلەت ئورنىنى قوغداشتىكى زۆرۈر ھەرىكەت، بۇ ئىستراتېگىيەلىك مەسىلە. رۇسىيەنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيەسى قاتتىق بولمىسا، بىر قاتار مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ. رۇسىيەنىڭ 2– دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ھەربىي ھەرىكىتى، 2 – دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسى، 2– دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئالاقىدار زېمىن ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قانۇنىيلىقىنى يوقىتىدۇ. رۇسىيە شىمالدىكى تۆت ئارالنى ياپونىيەگە قايتۇرۇپ بەرسە، 2– دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، شۇنداقلا 2– دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن رۇسىيە بىلەن چېگرا بېكىتكەن بالتىق دېڭىزى بويىدىكى دۆلەتلەر، پولشا قاتارلىقلارمۇ زېمىن قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
«دۇنيا خەۋەرلىرى گېزىتى››دىن
收藏到:Del.icio.us
评论