-
2011-02-24
كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىي فۇنكسىيىسى - [سـىـيـاســى]
كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىي ئىجتىمائىي فۇنكسىيىسى مۇنداق ئۈچ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ : بىرىنچى، ياشلارنى پارتىيىنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي لۇشيەنىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تەربىيىلەپ ۋە يېتەكلەپ ، ئۇلارنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئەمەلىيىتى داۋامىدا غايىلىك ، ئەخلاقلىق ، مەدەنىيەتلىك ، ئىنتىزامچان يېڭى بىر ئەۋلاد كىشىلەردىن قىلىپ چېنىقتۇرۇپ ، پارتىيىنىڭ ياردەمچىسى ۋە زاپاس قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇش. ئىككىنچى ، ئىجتىمائىي كېڭىشىش سۆھبىتى ، دېموكراتىك باشقۇرۇش ۋە دېموكراتىك نازارەت قىلىشقا قاتنىشىپ ، ھۆكۈمەت ھاۋالە قىلغان ياشلار خىزمىتىگە ئالاقىدار ئىشلارنى ئۈستىگە ئېلىش ، ياشلار بىرلەشمىسى ، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى ، پىئونېرلار ئەترىتى قاتارلىق ياش- ئۆسمۈرلەر تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ياردەم بېرىش ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياشلار ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى كۆۋرۈكلۈك ۋە ۋاسىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش. ئۈچىنچى ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىنى قوغداش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا ياشلارنىڭ كونكرېت مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىپ ۋە ئۇنى قوغداپ ، جان - دىل بىلەن ياشلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ ، پاشلار مەنپەئەتىنىڭ ئىجتىمائىي ۋەكىللىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش.
历史上的今天:
ئاشلىق باھاسى نېمە ئۈچۈن ئۆرلەپ كەتتى؟ 2011-02-24ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قۇشۇلۇشى 2011-02-24
收藏到:Del.icio.us