-
2011-02-22
سودا مەخپىيىتىگە دەخلى–تەرۇز قىلىش جىنايىتى ۋە ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان جازا - [قـــانــــــۇن]
سودا مەخپىيىتى جامائەتكە بىلدۈرمەيدىغان، ھوقۇق ئىگىسىگە ئىقتىسادىي مەنپەئەت بېرىدىغان، ئەسقاتىدىغان ھەم ھوقۇق ئىگىسى مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى قوللانغان تېخنىكا ئۇچۇرلىرى ۋە تىجارەت ئۇچۇرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
دۆلىتىمىز ‹‹جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 219 – ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: سودا مەخپىيىتىگە دەخلى – تەرۇز قىلىدىغان تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ، سودا مەخپىيىتى ھوقۇق ئىگىسىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ:
(1) ھوقۇق ئىگىسىنىڭ سودا مەخپىيىتىنى ئوغرىلاش، ئازدۇرۇش، تەھدىت سېلىش ۋاسىتىسى ياكى باشقا ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن قولغا چۈشۈرۈش؛
(2) ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ۋاسىتىلەر ئارقىلىق قولغا چۈشۈرۈۋېلىنغان سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاش، ئىشلىتىش ياكى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىش؛
(3) پۈتۈمگە خىلاپلىق قىلىپ ياكى ئىگىسىنىڭ سودا مەخپىيىتىنى ساقلاشقا دائىر تەلەپلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاش، ئىشلىتىش ياكى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىش.
ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنى بىلىپ تۇرۇپ ياكى بىلىشكە تېگىشلىك تۇرۇپ، باشقىلارنىڭ سودا مەخپىيىتىنى قولغا چۈشۈرۈۋالغان، ئىشلەتكەن ياكى ئاشكارىلىغانلار سودا مەخپىيىتىگە دەخلى – تەرۇز قىلغانلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
بۇ ماددىدا ئېيتىلغان ھوقۇق ئىگىسى سودا مەخپىيەتلىكىنىڭ ئىگىدارى ۋە سودا مەخپىيىتى ئىگىدارىنىڭ ئىجازىتى بىلەن سودا مەخپىيىتىدىن پايدىلانغۇچىنى كۆرسىتىدۇ.
历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us