بلوگ ھەققىدە: سىياسى نەزىرىيە، مەدەنىيەت تارىخ بىلىملىرىگە قىزىقامسىز؟ بۇ ھەقتە مول بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئويۇلىغانلىرىڭىز، كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بارمۇ؟ قېنى مەرھەمەت!

  • 2011-02-10

    مەدەنىيەتتە ئاممىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى - [مــەدەنىيەت]

    شىن شۇەن

        چاغان ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى يولداش جاڭ چۈنشيەننىڭ مەۋقەنى مەدەنىيەتتە ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش، دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىشقا قارىتىش توغرىسىدىكى تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى مەدەنىيەتتە ئاممىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى: بىر تۈركۈم كىنو، تېلېۋىزىيە فىلىمى، سەھنە ئەسەرلىرى ۋە ‹‹تۆتنى تونۇش›› تەشۋىقات رەسىمى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى نادىر مەدەنىيەت ئەسەرلىرىنى تەشكىللەپ، ئائىلىلەرگە ‹‹سوۋغات›› قىلىپ، شەھەر، يېزىلاردىكى پۇقرالارنى مول مەزمۇنلۇق بايرام مەدەنىيىتى پائالىيىتىدىن بەھرىمەن قىلدى. بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم خەلقنى ئەمىن ئولتۇراقلاشتۇرۇپ بېيىتىش قۇرۇلۇشى، چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى، ئاممىغا تەبىئىي گازدا قولايلىق يارىتىپ بېرىش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، كىرىمنى ئاشۇرۇش، ئاممىنىڭ يول يۈرۈشى تەس بولۇش قاتارلىق ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى تىرىشىپ ھەل قىلغاندىن كېيىن يولغا قويغان خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش مەقسىتىدىكى يەنە بىر يېڭى ھەرىكەت بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ‹‹خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىن ئويلىشىش›› قارىشىنىڭ چوڭقۇرلاشتۇرۇلغانلىقى ۋە راۋاجلاندۇرۇلغانىقىنى ئەكس ئەتتۈردى.

     

    1. مەدەنىيەتتە ئاممىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى

     

        مەدەنىيەتمۇ خەلق تۇرمۇشى، بۇ ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرىدىغان مەدەنىيەت تەرەققىياتى قارىشىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى شۇنداقلا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. خەلق تۇرمۇشى خەلقنىڭ تىرىكچىلىكى. ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت تۆتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، خەلق تۇرمۇشى يالغۇز كىيىم – كېچەك، يېمەك – ئىچمەك، يۈرۈش – تۇرۇش قاتارلىق ماددىي تۇرمۇشنىلا ئۆز ئىچىگە ئېلىپ قالماستىن، مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ماددىي تۇرمۇش ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ تۈپ تەلىپى بىرلىشىپ خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسىي تەلىپىنى شەكىللەندۈرگەن.

     30 نەچچە يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ئىشلىرى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىمۇ زور دەرىجىدە ئۆستى. كىشىلەرنىڭ كىيىم – كېچەك، يېمەك – ئىچمەك، يۈرۈش – تۇرۇش قاتارلىق جەھەتتىكى ئېھتىياجى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرۇلغاندا، مەدەنىيەت جەھەتتىكى خەلق تۇرمۇشى تېخىمۇ مۇھىم بولىدۇ. بولۇپمۇ ھازىر بىز ئىقتىسادنى ئىزىغا سېلىش، جەمئىيەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىمىز، بەزى كىشىلەرنىڭ ئىدىيە جەھەتتە گاڭگىراپ قېلىش، مەنىۋىيىتى ‹‹نامراتلىشىش›› ھادىسىسى سەل – پەل ئېغىرلىشىپ قالدى، شۇڭا مەدەنىيەتنىڭ قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قەلبلەرنى ئىللىتىپ، بېسىمنى ئازايتىپ، كىشىلىك تۇرمۇشنى بېيىتىپ، گۇمانىتارلىق جەھەتتىن غەمخورلۇق قىلىش، پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تەسەللى بېرىش ناھايىتى زۆرۈر بولۇپ قالدى.

        ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولغا قويغان مەدەنىيەتتە ئاممىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پائالىيىتى مەدەنىيەتنى خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلاشتۇرۇپ، يېڭى تېما، يېڭى پائالىيەت شەكلى ئارقىلىق، يېڭى مەدەنىيەت ئەسەرلىرىدىن پايدىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت تەلىپىنى قاندۇرۇش، مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىش جەھەتتىكى مۇھىم ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ. مەدەنىيەتتە ئاممىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئارقىلىق، ئاكتىپ كىشىلىك تۇرمۇشىنى قوغلىشىش، ساغلام تۇرمۇش ھەۋىسىنى ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا چوقۇم يەتكۈزۈپ، ئاممىنى گۈزەل تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلاندۇرۇش جەريانىدا تاۋلاپ، ئىلھامغا ئىگە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ چوڭ قۇرۇلۇش، چوڭ ئېچىۋېتىش، چوڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئورتاق تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىيەلەيدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىمىز.

     

    2. مەدەنىيەتتە ئاممىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش زامانىۋى مەدەنىيەتنى

    يېتەكچى قىلىشنىڭ جىددىي تەلىپى

     

       مەدەنىيەت مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى ۋە ئاساسىي مەنبەسى. كۈچلۈك زامانىۋى مەدەنىيەت بولمىسا، زامانىۋى دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ كۈچلۈك ماتورى ۋۇجۇدقا كەلمىگەن بولاتتى. زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلغاندا، زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ ھەر مىللەت مەدەنىيىتى ئارىسىدىكى ئۈنۈملۈك ئېچىۋېتىش، بىرلىشىش، چۈشىنىش، قوبۇل قىلىش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ؛ ۋەتەنپەرۋەرلىك بايرىقى ئاستىدا، زامانىۋى مەدەنىيەتتىن ئەڭ زور دەرىجىدە پايدىلىنىپ، ھەر مىللەت خەلقنى ئۇيۇلتاشتەك ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىززەت – ئابرۇينى ئورتاق قەدىرلەپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىپ، دۆلەتنىڭ ئۇيۇشۇشقاقلىقى، يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەرەققىي قىلىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قوزغاتقىلى بولىدۇ.

        مەدەنىيەتتە ئاممىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش كۆۋرۈك. ئۇ ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئاممىنىڭ ھېسسىياتىنى ئىپادىلەش، ئاممىنىڭ ئەمەلىيىتىنى خاتىرىلەش جەريانىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىپ، گۈزەل – سەنئەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنىڭ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، زامانىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقىنى ئاممىنىڭ قەلب ئېتىزىغا چاچىدۇ. مەدەنىيەتتە ئاممىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەدەنىيەتكە بولغان يېڭى تەلىپىنى قاندۇرۇپ، ھەر مىللەت مەدەنىيەتنىڭ زامانىۋى تىپقا ئۆزگىرىشى ۋە گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتىكى ئاكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە قىممەت قارىشىغا بولغان ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە شەكىللەندۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىدىيەۋى ئورتاق تونۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ دۆلەتكە بولغان ئىنتىلىشى ۋە ئۇيۇشقاقلىقىنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنىڭ مىللەت، قانداشلىق، تىل، رايون، ئۆرپ – ئادەت قاتارلىق پەرقلەردىن ھالقىپ، ئورتاق تەۋەلىك تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرۈپ، گۈللەنگەن، باي، ئىناق، مۇقىم، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

     

    3. مەدەنىيەتتە ئاممىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئىلمىي ھالقىش، كېيىن تەرەققىي قىلىپ

     ئۆتۈپ كېتىشكە تۈرتكە بولۇشنىڭ جىددىي تەلىپى

     

        ھازىرقى دۇنيادا مەدەنىيەتنى ئىقتىسادلاشتۇرۇش، ئىقتىسادنى مەدەنىيەتلەشتۈرۈش، ئىقتىساد بىلەن مەدەنىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش يۈزلىنىشى تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، مەدەنىيەت تەرەققىياتنىڭ مەزمۇنى بولۇپلا قالماي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا كۈچلۈك تىرەك بولۇش رولىغىمۇ ئىگە. بەزىلەر: دۆلەت ۋە رايون ئارىسىدىكى رىقابەتنى ئون يىلدا ئىقتىسادتا مۇسابىقىلىشىدۇ، 50 يىلدا تۈزۈمدە مۇسابىقىلىشىدۇ، 100 يىلدا مەدەنىيەتتە مۇسابىقىلىشىدۇ، دېگەنىدى. مەدەنىيەت بىر جاينىڭ يىلتىزى ۋە روھى، بىر جاينىڭ تەرەققىياتىنىڭ ‹‹ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى››، پەقەت مەدەنىيەت ‹‹يۇمشاق كۈچى›› قاتتىقلاشسىلا، تەرەققىيات مۇھىتى تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ، تەرەققىيات تېخىمۇ كۈچكە تولىدۇ، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولىدۇ.

        ھازىر، شىنجاڭ ھالقىما تەرەققىياتنىڭ يېڭى دەۋرىدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئىلمىي ھالقىش، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئۆتۈپ كېتىشتە كۈچلۈك سىياسىي مەدەت بولۇشى، ئىلغار پەن – تېخنىكا بولۇشى، مەبلەغ سېلىش سالمىقى ئۈزلۈكسىز زورايتىلىشى كېرەك، لېكىن تېخىمۇ مۇھىمى يەنىلا ئادەمنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئىدىيەۋى قارىشى، مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، كىشىلەرنىڭ روھىي ھالىتىنى، خىزمەت ھالىتىنى ئۈزلۈكسىز سەرخىللاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ھەرقانداق تەرەققىيات، تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا، ئادەمنىڭ ئىجادىيىتى، ئىدىيەۋى ئېڭى، پىسخىك ھالىتى، ھەرىكەت پوزىتسىيەسى، پىكىر شەكلى ۋە كەسىپ ساپاسى قاتارلىقلارغا باغلىق بولىدۇ، ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەدەنىيەتنىڭ تەربىيەلەش، تەسىر كۆرسىتىش رولى ئارقىلىق يۇقىرى كۆتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، ئۇ مەدەنىيەتنىڭ مەنىۋى كۆۋرۈكلۈك رولى، يەنى ‹‹مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش››نى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

        مەدەنىيەتتە خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشتا، ئىلغار ئىدىيە، قاراش، بىلىم قاتارلىقلار ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنى تاۋلاشقا رىغبەتلەندۈرگىلى بولىدۇ؛ ھالقىما تەرەققىياتنىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدىغان پۇرسەت ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭى، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى قاتارلىقلار ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىگە تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مەدەنىيەتتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئىنتايىن زۆرۈر، پۇقرالارغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئۇلانىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىپ، ئىشەنچ – ئىرادىسىنى چىڭىتىشقا رىغبەتلەندۈرگىلى بولىدۇ؛ مەدەنىيەتتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىرادىسى، ئەقلىي قابىلىيىتى ۋە كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى ئۇيۇشتۇرۇپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە، بىر يۆنىلىش بويىچە تەڭ كۈچ چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.

     

    4. مەدەنىيەتتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىناقلىققا تۈرتكە بولۇپ،

     ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ جىددىي تەقەززاسى

     

        ئىناق مەدەنىيەت ھەم ئىناق جەمئىيەتنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى، ھەم ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇرۇماس بۇلىقى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. شىنجاڭ كۆپ مىللەتلىك، كۆپ خىل مەدەنىيەتلىك، كۆپ خىل تىللىق، كۆپ خىل دىنلىق رايون، ئۇنىڭ مول، كۆپ مەنبەلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتى بار. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىلغار مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى ئېچىۋېتىش پوزىتسىيەسى بىلەن ئۆگىنىش، مېغىزىنى تاللاپ، شاكىلىنى چىقىرىۋېتىش، ئۆزىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. مەدەنىيەتتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ھەرقايسى مىللەتلەرنى مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكلەشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى بولۇپ، باشقا مەدەنىيەت، تەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن بىرلىكتە مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنىڭ جەۋھەرلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، زامانىۋى مەدەنىيەت قارىشى جەھەتتىمۇ ئورتاق تونۇشقا كېلىپ، دۇنياۋى نەزەر ۋە مەردانىلىك بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ پايدىلىق مەدەنىيەت مېۋىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئىناق مەدەنىيەتنىڭ مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ، ئىناقلىق قارىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىناقلىق روھنى يېتىلدۈرۈپ، ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىقنىڭ ئىدىيەۋى ھېسسىيات ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەيدۇ.

        دۇنياۋىلىشىش، ئۇچۇرلىشىش دەۋرىدە، ‹‹قەلب چېگراسى››، ‹‹مەنىۋى مۇداپىئە لىنىيەسى››نىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ‹‹زېمىن چېگراسى››نىڭكىدىن مۇرەككەپ بولىدۇ. مەدەنىيەتنىڭ دۇنياۋىلىشىشى ئىنسانلارنىڭ تۈرلۈك مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئالماشتۇرۇلۇشى ۋە يۇغۇرۇلۇشىغا پايدىلىق. لېكىن، بەزى غەرب دۆلەتلىرى ئۆز مەنپەئىتىنى ئويلاپ، مەدەنىيەت زومىگەرلىكىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، مەدەنىيەتنىڭ دۇنياۋىلىشىش قۇرۇلمىسى، كۆپ مەنبەلىشىش ئەندىزىسى ئارقىلىق، ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدىغان ‹‹دۇنيا يېڭى تەرتىپى››نى ئورناتماقچى بولۇۋاتىدۇ. تارىختا چەت ئەل كۈچلىرى كۈشكۈرتكەن بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ تەسىرى ۋە پانئىسلامىزم، پانتۈركىزم ئىدىيەۋى ئېقىمنىڭ تارقىلىشى سەۋەبىدىن، شىنجاڭدا تۈرلۈك مىللىي بۆلگۈنچىلىك كۈچلىرى مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. سوغۇق ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، خەلقئارادىكى دۈشمەن كۈچلەر ئېلىمىزگە غەربلەشتۈرۈش، پارچىلاش ئىستراتېگىيەسىنى قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەردىن پايدىلىنىپ سىڭىپ كىرىپ، بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تېخىمۇ ئېتىبار بېرىپ، ئېلىمىزنىڭ چېگرا رايونىدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر رايونىدا يوچۇق تاپماقچى ۋە ئاچماقچى بولدى. شۇڭا، بىز مەدەنىيەتتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى قاتارلىق شەكىللەرنى كۈچەپ يولغا قويۇش ئارقىلىق، سوتسىيالستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى ئاساس قىلىنغان زامانىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەتنىڭ جەمئىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ دۆلەتنى تونۇشىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، ئورتاق سوتسيالىستىك قىممەت قارىشىغا ئىگە پۇقرا قىلىپ يېتىلدۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، دىن قارىشى، تارىخ قارىشى ۋە مەدەنىيەت قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشىغا يېتەكلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن، جۇڭخۇا مىللەتلىرى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىغا بولغان تونۇشىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت بىخەتەرلىكىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، شىنجاڭنىڭ ئۇزاق ئەمىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ ئىدىيە، مەدەنىيەت ئاساسىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.

     


    收藏到:Del.icio.us




بلوگىمىز سىياسى نەزەرىيە، مەدەنىيەت، تارىح، قانۇن ۋە دىنعا ئائىت مەزمۇنلار ئۅستىدە ئورتاقلىشىشنى ئاساسى نىشان قىلىدۇ. يازمىلارنىڭ مەنبەسى قانۇنلۇق.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | بىلىم بايلىق بلوگى