-
2011-02-09
جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلىش جەريانى - [سـىـيـاســى]
1. جۇڭگۇنىڭ ئىجتىمائى ئەھۋالى
19- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا قەدىمىي جۇڭگۇنىڭ سىرتقا قارىتا مەھكەم تاقىۋېتىلگەن ئىشكى ئاخىر ئېچىۋىتىلدى. ھالبۇكى بۇ ئىشىكنى جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ئۆزلىرى ئەمەس، بەلكى بۈيۈك بىرىتانىيىنىڭ ئەپيۇنى ۋە توپ-زەمبىرەكلىرى ئاچتى. چەتئەل كاپىتالىنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى جۇڭگۇغا كاپىتالىزىمنىڭ يېڭى ئامىللىرىنى ئېلىپ كىلىپ، جەمىيەتتىكى سىنىپلار مۇناسىۋىتىدە يېڭى ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تاجاۋۇزچىلارنىڭ مەقسىتى جۇڭگۇدا كاپىتالىزىمنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بولماستىن، بەلكى تېخىمۇ چوڭ بازار تېپىش، تېخىمۇ كۆپ بايلىقنى تالان-تاراج قىلىش ۋە تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئىرىشىش ئىدى. شۇنىڭدىن ئىتىۋارەن دۆلىتىمىز قەدەممۇ- قەدەم يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق جەمىيەتكە ئايلىنىپ قالدى. ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى تەرەققىيات مۇساپىسى ئۈزۈپ تاشلاندى. شۇنىڭدىن ئىتىۋارەن، جۇڭگۇ ئېغىر كۈلپەت ۋە قاتتىق ئاھانەتكە قېلىپ، خەلق ئازاپ- ئوقۇبەت ئىچىدە قالدى.
قانداق قىلغاندا چەتئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، فېئودال مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقتىن قۇتۇلۇپ، دۆلەتنىڭ نامرات، قالاق قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، مۇستەققىل بۇلۇش، دېموكراتىيىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۆلەتنى قۇدىرەت تاپقۇزۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بۇلىدۇ؟ بۇ يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق جۇڭگۇ دۇچ كەلگەن ئاساسىي مەسىللەر ئىدى، شۇنداقلا جۇڭگۇدىكى ئىلغار كىشىلەر قايتا- قايتا مۇلاھىزە قىلىۋاتقان ئاساسى مەسىلىلەر ئىدى. رەھىمسىز رىئاللىق جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق غەزەپ- نەپرىتىنى قوزغىدى. ۋەتەننى مۇنقەرز بۇلۇش خەۋپىدىن، خەلق ئاممىسىنى ئازاپ- ئوقۇبەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگۇ خەلقىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش كۈرەشلىرى كەينى- كەينىدىن بۇلۇپ تۇردى. ئەمما، ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ مەغلۇپ بولدى، سان-ساناقسىز ئىرادىلىك كىشىلەر شۇ سەۋەپتىن ئارمان بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى.
يېقىنقى زاماندىكى كاپىتالىستىك سانائەتنىڭ جۇڭگۇدا تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگۇ جەمىيىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يېڭى ئىجتىمائى كۈچلەر دەسلەپكى قەدەمدە ئۈسۈپ يىتىلدى. بۇ يېڭى ئىجتىمائى كۈچ دەل جۇڭگۇ مىللىي بۇرژۇازىيىسى ئىدى. 1905- يىلى دېموكراتىك ئىنقىلاپنىڭ ئۇلۇغ پىشىۋاسى سۈن جۇڭسەننىڭ تەشەببۇسى بىلەن جۇڭگۇ ئىتتىپاقداشلا جەمىيىتى قۇرۇلۇپ، بۇرژۇا دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشنى نىشان قىلغان سىياسىي پىروگرامما ۋە كاپىتالىستىك سانائەتلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىشان قىلغان ئىقتىسادىي پىروگرامما ئوتتۇرغا قۇيۇلدى ھەمدە ئۇلار بۇ پىروگراممىنى ئىنقىلاپ ۋاستىسى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشتى. 1911- يىلى 10- ئايدا شىنخەي ئىنقىلاۋى پارتىلىدى. 1912- يىلى 1- ئايدا جۇڭخۇا مىنگو قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. شىنخەي ئىنقىلاۋى چىڭ خانىدانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان فېئودال پادىشاھلىق مۇستەبىت تۈزۈمىگە خاتىمە بەردى. دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت قارىشى شۇنىڭدىن ئىتىۋارەن كىشىلەر قەلبىدىن چۇڭقۇر ئورۇن ئالدى. بۇ 20- ئەسىردە جۇڭگۇدا يۈز بەرگەن تۇنجى قېتىملىق تارىخىي خەرەكتىرلىك زور ئۆزگىرىش بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. سۇن جۇڭسەن بۇ ئىنقىلاپقا رەھبەرلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئىچىدىكى مۇشۇ ئەسىردىكى تۇنجى ئۇلۇغ شەخسكە ئايلاندى.
ئەمما شىنخەي ئىنقىلاۋى كۆزلىگەن نىشانغا يىتەلمەي، كونا ئەكسىيەتچى كۈچلەر بىلەن مۇرەسسەلىشىش بىلەن ئاخىرلاشتى. جاھانگىرلىكنىڭ جۇڭگۇدىكى تەسىر كۈچى ئاجىزلاشمىدى، پۇتۇن مەملىكەت مىقياسىدا مىللىتارىسلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئەۋج ئالدى. بۇنداق ھۆكۈمرانلىق كەڭ خەلق ئاممىسىغا ئېغىر ئازاپ-ئوقۇبەتلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە غەرپتىكى جاھانگىر دۆلەتلەر 1- دۇنيا ئۇرىشىدىن كىيىن، جۇڭگۇغا قارىتا يېڭىباشتىن تەسىر دائىرىسىنى كىڭەيتىپ، كاڭ كۆلەمدە زاۋۇت قۇرۇش، بانكا ئېچىش، مەبلەغ سېلىپ تۆمۇريول ياساش، تاۋارلارنى تۆكمە قىلىپ سېتىش قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق جۇڭگۇغا بولغان ئىقتىسادىي تاجاۋۇزچىلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.
2. ئىشچىلار سىنىپى قوشۇنىنىڭ يىتىلىشى
جۇڭگۇ ئىشچىلار سىنىپى 19- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا مەيدانغا كەلگەن. ئەپيۇن ئۇرۇشىدىن كىيىن، تەڭسىز شەرتنەمىلەرنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئەگىشىپ، چەتئەل كاپىتالى بىلەن جۇڭگۇنىڭ ھەرقايسى سودا پورتلىرىدا زاۋۇت – كارخانىلار قۇرۇلۇشقا باشلىدى، بۇ كارخانىلار ياللىغان جۇڭگۇلۇق ئىشچىلار جۇڭگۇنىڭ يېقىنقى زاماندىكى تۈنجى تۈركۈمدىكى سانائەت ئىشچىلىرى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە بۇ سانەئەت ئىشچىلىرى 100 مىڭ ئادەمگە يەتتى. شىنخەي ئىنقىلاۋى ئاخىرلاشقاندىن 4- ماي ھەركىتىنىڭ ھارپىسىغىچە بولغان ئارلىقتا جۇڭگۇنىڭ ئىشچىلار سىنىپى قوشۇنى تېخىمۇ زورىيىپ، 2 مىليۇنچە ئادەمگە يەتتى. ئەمما بۇ سىنىپ دۇنيادىكى باشقا پۇرۇلتارلارغا ئوخشاش ھېچقانداق ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىگە ئىگە ئەمەس ئىدى. لىكىن تەشكىلچانلىقى ۋە ئىنتىزامچانلىقى كۈچلۈك سىنىپ ئىدى. جۇڭگۇ ئىشچىلار سىنىپى دۇنياغا كەلگەن كۈنۈدىن باشلاپلا زۇلۇم ۋە ئىكىسپۇلاتتاتسىيىگە قارشى كۈرەشنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋام قىلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ كۈرۈشى بارغانسىرى زورايدى. بۇ كۈرەش ئىلگىرى ئىستىخىيىلىك تۈس ئالغان بولسا، ئەمدى تەشكىللىك، پىلانلىق، رەھبەرلىك باسقۇچىغا ئۆتكەن. يەنە بىر جەھەتتىن ئۇ نۇقۇل ھالدىكى ئىقتىسادىي كۈرەشتىن جاھانگىرلىك، فېئودالىزىمغا قارشى سىياسىي كۈرەشكە ئۆتكەن.
جۇڭگۇ ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۈسۈپ يىتىلىشى، شۇنداقلا ئىشچىلار ھەركىتىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ئىلغار ئىنقىلاۋىي نەزىرىيىنىڭ يىتەكچىلىكى بىلەن ئۆز سىنىپىنىڭ سىياسىي پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى جىددىي تەلەپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ماركسىزىمنىڭ جۇڭگۇدا كەڭ تارقىلىشى ئۈچۈن ماددىي كۈچ ھازىرلاپ بەردى، جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ دۇنياغا كىلىشى ئۈچۈنمۇ سىنىپىي ئاساس سېلىپ بەردى.
3. يېڭى مەدىنىيەت ھەركىتىنىڭ باشلىنىشى
شىنخەي ئىنقىلاۋىدىن كىيىن شىمالىي مىللىتارىستلارنىڭ يېغىلىقى بارغانسىرى كۈچەيدى. ھەتتا خانلىق تۈزۈمنى تىرىۇلدۈرۈشتەك تەتۈر ئېقىملارنىڭ كۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، كوڭزىغا سېغىنىپ، دەستۇرناملەرنى ئوقۇشتەك ئېقىم قوزغالدى. غەرىپنىڭ كۆپ پارتىيە تۈزۈمى، پارلامېنت تۈزۈمى دىگەندەك ئىدىيىلەرمۇ كۈرۈلۈشكە باشلىدى. ھەر خىل ئىدىيەلەرنىڭ كۈرۈلىشى بىلەن، جۇڭگۇدا تۈرلۈك «ئويۇن» لار كۈرۈلۈشكە باشلىدى. بۇنداق رىئاللىق جۇڭگۇنىڭ ئىلغار كىشىلىرىنى ئىنتايىن تىت-تىتلىق ۋە تىڭرىقاش ئىچىدە غەمگە چۆكۈردى. 1915- يىلى 9- ئايدا چېن دۇشيۇ شاڭخەيدە نەشىر قىلغان «ياشلار» ژورنىلى يېڭى مەدىنىيەت ھەركىتى دولقۇنىنى قوزغىدى. دېموكراتىڭ ئىلغار زىيالىلار فېئودالىزىمغا قارشى كۈچلۈك ھۇجۇم باشلىدى. ئۇلار يېڭى ئىدىيەلەر ئارقىلىق كوڭزىچىلىق ئىدىيىسىگە قارشى تۇرۇپ، يېڭى ئەخلاق ۋە مەدىنىيەتنى تەرغىپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن جەمىيەتتە ئىدىيە ئازاتلىقى ئېقىمى كۈتۈرۈلدى.
4. «4- ماي» ھەركىتىنىڭ پارتىلىشى
جۇڭگۇ خەلقى غەم- قايغۇ ئىچىدە ئىزدىنىۋاتقان، زۇلمەت ئىچىدە جاپالىق كۈرەش قىلىۋاتقاندا، 1917- يىلى روسىيە ئۆتەبىر ئىنقىلاۋى ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. كەڭ ئامما ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولغان بۇنداق بىر يېڭى دۆلەتنىڭ دۇنياغا كىلىشى جۇڭگۇ خەلقىگە يېڭى مەنزىلنى كۆرسىتىپ بەردى. ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋىنىڭ غەلىبىسى سوتسىيالىزىمنى تۇنجى قېتىم كىتاپتىكى تەلىماتتىن جانلىق رىئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، ئىلغار جۇڭگۇلۇقلارنىڭ سوتسىيالىزىمغا مايىل بۇلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارنى ئۆكتەبىر سوتسىيالىستىك ئىنقىلاۋىغا يىتەكچىلىك قىلغان ماركسىزىم تەلىماتىنى چۈشۈنۈشكىمۇ جەلىپ قىلدى. لى داجاۋ دەل ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋىنى مەدھىلىگەن ۋە قۇبۇل قىلغان تۇنجى جۇڭگۇلۇق ئادەم.
جۇڭگۇنىڭ پارىژ سۈلھى يىغىندا دېپلوماتىيە جەھەتتىن مەغلۇپ بولغانلىقى «4- ماي» ھەركىتىگە بىۋاستە تۇترۇق بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلار كۈرۈشىنى باشلامچى قىلغان «4- ماي» ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەركىتى خۇددى يانار تاغ پارتىلىغاندەك پارتىلاپ، تېزلا كىڭەيدى. 5- ئاينىڭ 4- كۈنى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتىتى، ئالىي پىداگوگىكا مەكتىپى قاتارلىق 10 نەچچە مەكتەپتىن 3000 دىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى تيەنئەنمىن قوۋۇقى ئالدىغا يىغىلىپ يىغىلىش ئۆتكۈزدى، كۈچ كۆرسەتتى. لېكىن شىمالىي مىللىتارىستلار ھۆكۈمىتى زور تۈركۈمدىكى ھەربىي ۋە ساقچىلارنى ئىشقا سېلىپ ئۇلارنى باستۇردى، 32 كىشىنى تۇتۇپ كەتتى. 5- ئاينىڭ 5- كۈنى بېيجىڭدىكى ئالى تېخنىكومدىن يۇقىرى مەكتەپلەر ئومۇميۈزلۈك دەرس تاشلىدى. بۇ ھەركەتلەر جامائەت پىكىرىنىڭ قوللىشىغا ۋە ھىسىداشلىقىغا ئىرىشتى. نەتىجىدە، 5- ئاينىڭ 7- كۈنى قولغا ئېلىنغان ئوقۇغۇچىلار قۇيۇپ بىرىلدى. ئەمما ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلەپلىرى بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمىدى. ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلار ھەركىتى يەنە كۈتۈرۈلدى. 6- ئاينىڭ 3- كۈنىگە كەلگەندە، شىمالىي مىللىتارىستلار ھۆكۈمىتى ئەسكەر چىقىرىپ ئوقۇغۇچىلار ھەركىتى باستۇرۇپ، ئۈچ كۈن ئىچىدە نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلارنى قولغا ئالدى.
دەل ئوقۇغۇچىلار قاتتىق باستۇرۇلىۋاتقان ھالقىلىق پەيتتە، ئىشچىلار سىنىپى مۇستەققىل قىياپەتتە سىياسىي سەھنىگە چىقىشقا باشلىدى. 6- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن باشلاپ شاڭخەي ئىشچىلىرى ئۆزلۈكۈدىن ئوقۇغۇچىلارنى قوللاپ چوڭ ئىش تاشلىدى. ئىش تاشلاشقا دېڭىز قاتنىشى، تۆمۇريول، شەھەر مەمۇرىيىتى قاتارلىق تارماقلاردىكى ئىشچىلار قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، شاڭخەينىڭ سۇ، قۇرۇقلۇق قاتنىشى تامامەن ئۈزۈلۈپ پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس تاشلىشى، ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلىشىنىڭ تەسىرىدە، 6- ئاينىڭ 15- كۈنى شاڭخەيدىكى سودىگەرلەرمۇ بازار تاشلىدى. شاڭخەي خەلقىنىڭ «ئۈچ تاشلاش» كۈرۈشى «4- ماي» ھەركىتىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ھەرقايسى چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەردىكى ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلىشى كۈرۈنەرلىك بۇلۇپ، پتۈتۈن مەملىكەتتىكى 20 نەچچە ئۆلكە، 100 نەچچە شەھەرگىچە كىڭەيدى. نەتىجىدە جۇڭگۇ ۋەكىلى ئاخىر پارىژ تېنچلىق شەرتنامىسىگە ئىمزا قۇيۇش مۇراسىمىگە قاتناشمىدى، شۇنىڭ بىلەن «4- ماي» ھەركىتى غەلىبىگە ئىرىشتى.
«4- ماي» ھەركىتىدە ياش ئوقۇغۇچىلار ئىشچىلار سىنىپى ئىپادىلىگەن ئۇلۇغ كۈچنى ئۆز كۈزى بىلەن كۆردى. شۇنىڭ بىلەن دەسلەپكى كومۇنىستىك ئىدىيىگە ئىگە بىر قىسىم زىيالىلار «خەلق ئىچىگە بېرىش» ئۈچۈن ئىشچىلار ئارىسىغا بېرىپ، ئىشچىلار مەكتىپى ئاچتى، ئىشچىلار ئۇيۇشمۇسى قۇردى. بۇ كىشىلەر كىيىن جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ دەسلەپكى تايانچلىرىدىن بۇلۇپ قالدى.
5. ماركسىزىمنىڭ كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشى
سوتسىيالىزىمنى تەتقىق ۋە تەشۋىق قىلىش پەيدىنپەي ئىلغار ئىدىيە ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئاساسىي ئېقىمۇ بۇلۇپ قېلىشى «4- ماي» ھەركىتىدىن كىيىنكى يېڭى مەدىنىيەت ھەركىتىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىيدىلىكى ئىدى. دەسلەپكى مەزگىللەردە سوتسىيالىزىمغا دائىر تۈرلۈك نۇقتىئىنەزەرلەر گېزىت – ژورناللاردا كۆپلەپ بېسىلدى. جۇڭگۇنىڭ ئىلغار كىشىلىرى قايتا-قايتا سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرى ماركسىزىملىق ئىلمىي سوتسىيالىزىمنى تاللىۋالدى.
دەسلەپكى مەزگىللەردە ماركسىزىمنىڭ تارقىلىشىدا لى داجاۋ ئاساسلىق رول ئوينىدى. 1919- يىلى 5- ئايدا ئۇ «يېڭى ياشلار» ژورنىلىدا «مىنىڭ ماركسىزىملىق قارىشىم» دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، ماركسىزىملىق ماتىرىيالىستىك تارىخ قارىشى، ئىقتىسادىي تەلىماتى ۋە سوتسىيالىزىم نەزىرىيىسىنى بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك تۇنۇشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن ياڭ پاۋئەن، لى دا، لى خەنجۈن، چېن ۋاڭداۋ قاتارلىق بىر قىسىم ئىلغار ئىدىيىلىك زىيالىلار كەينى كەينىدىن ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ ماركسىزىمنى كەڭ – كۆلەمدە تەشۋىق قىلدى ۋە تارقاتتى.
سوۋېت روسىيىسى ھۆكۈمىتى جۇڭگۇغا قارىتا تۈنجى خىتاپنامە ئېلان قىلىپ، چارروسىيىنىڭ جۇڭگۇ زىمىنىدا بەھرىمەن بۇلۇۋاتقان بارلىق ئىمتىيازلىرىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ خىتاپنامە 1920- يىلى 3-، 4- ئايلاردا «شەرق ژورنىلى» قاتارلىق گېزىت- ژورناللاردا ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، ماركسىزىمنىڭ جۇڭگۇدا يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تارقىلىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان ئىلغار زىيالىلار ئىلگىر- كېيىن بۇلۇپ ماركسىزىم يولىغا ماڭدى. 1920- يىلى 9- ئايدىن باشلاپ، چېن دۇشيۇ، ماۋزېدوڭ، دېڭ جۇڭشيا،سەي خېسىن، جۇئېنلەي، دوڭ بىۋۇ، ۋۇيۈجاڭ قاتارلىقلارمۇ ئارقا- ئارقىدىن ماركسىزىم يولىغا ماڭدى.
بىراق، ماركسىزىمنى تارقىتىش ئەڭ دەسلەپتە ئاساسلىقى يەنىلا ئاز ساندىكى زىيالىلار دائىرىسى بىلەن چەكلىنىپو قالدى. ماركسىزىمنىڭ كەڭ تارقىلىشى ھەمدە جۇڭگۇ ئىشچىلار ھەركىتى بىلەن يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا بىرلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ دەسلەپكى تەشكىلاتلىرى بولغان جايلاردىكى كومۇنىزىمچىلار گۇرۇپپىلىرى قۇرۇلغاندىن كىيىن ئاندىن باشلاندى.
6. كومۇنىزىمچىلار گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلىشى
ماركسىزىمنىڭ كەڭ تارقىلىشى ۋە ئۇنىڭ جۇڭگۇ ئىشچىلار ھەركىتى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە بىرلىشىشىگە، جۇڭگۇ جەمىيىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ماركسىزىمنى قۇبۇل قىلغان بىر تۈركۈم ئىلغارلارنىڭ بارلىققا كىلىشىگە ئەگىشىپ، يېڭىچە ئىشچىلار سىنىپى پارتىيىسى قۇرۇش ۋەزىپىسى كۈنتەرتىپكە قۇيۇلدى.
جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشى لېنىن رەھبەرلىكىدىكى 3- ئىنتىرناتسىئونالنىڭ يارىدىمىگە ئىرىشتى ھەمدە ۋىكنىسكېي قاتارلىق كىشىلەرنى جۇڭگۇغا ئەۋەتىپ، جڭگۇ ئىنقىلاۋىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ئىگىلىدى شۇنداقلا جۇڭگۇدىكى ئىنقىلاۋىي تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقە ئورناتتى. ۋىكنىسكېي ئىلگىر- ئاخىر بۇلۇپ بېيجىڭ ۋە شاڭخەيدە لى داجاۋ ۋە چېن دۇشيۇ بىلەن كۈرۈشۈپ، كومۇنىستىك پارتىيە قۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرلەشتى ھەمدە ئۇلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىشىگە ياردەملەشتى.
1920- يىلى 8- ئايدا شاڭخەي كومۇنىزىمچىلار گۇرۇپپىسى رەسمىي قۇرۇلدى. ئۇنىڭغا چېن دۇشيۇ، لى خەنجۈن، لى دا، چېن ۋاڭداۋ، يۈي شيۇسۇڭ قاتارلىق كىشىلەر قاتناشتى. چېن دۇشيۇ شۇجى بولدى. شاڭخەي گۇرۇپپىسى قۇرۇلغاندىن كىيىن، مەركەز سۈپىتىدە پارتىيە قۇرۇش جەريانىدا مۇھىم رول ئوينىدى. 1920- يىلى 10- ئايدا لى داجاۋ، جاڭ گۇتاۋ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ باشچىلىقىدا بېيجىڭدا كومۇنىزىمچىلار گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى، لى داجاۋ شۇجى بولدى. 1920- يىلى كۈزدىن 1921- يىلى ئەتىيازغىچە دوڭ بىۋۇ، چېن تيەنچيۇ، باۋخۇيسېڭ قاتارلىق كىشىلەر ۋۇخەندە؛ ماۋزېدوڭ، خې شۇخېڭ قاتارلىق كىشىلەر چاڭشادا، ۋاڭ جېنمېي، دېڭ ئېنمىڭ قاتارلىق كىشىلەر جىنەندە؛ تەن پىڭشەن، تەن جىتاڭ قاتارلىق كىشىلەر گۇاڭجۇدا كومۇنىزىمچىلار گۇرۇپپىلىرىنى قۇردى. شى سۇنتوڭ، جۇفۇخەي قاتارلىقلار ياپۇنىيىنىڭ توكيو شەھرىدە؛ جاڭ شىنفۇ، جۇئېنلەي، جاۋشيەن، لۇچىڭياڭ قاتارلىقلار فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھرىدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكى ئىلغارلاردىن تەشكىللەنگەن كومۇنىزىمچىلار تەشكىلاتلىرىنى قۇردى.
جايلاردىكى كومۇنىزىمچىلار گۇرۇپپىلىرى قۇرۇلغاندىن كىيىن، بىرىنچىدىن، ماركسىزىمنى تەتقىق قىلدى ۋە تەشۋىق قىلدى. ئىككىنچىدىن، ماركسىزىمغا قارشى پىكىر ئېقىملىرى بىلەن بەس-مۇنازىرىنى قانات يايدۇردى. ئۈچىنچىدىن، ئىشچىلار ئارىسىدا تەشۋىقات ۋە تەشكىلات خىزمىتىنى ئېلىپ باردى. تۆتىنچىدىن، سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتىنى قۇرۇپ چىقتى.
كومۇنىزىمچىلار گۇرۇپپىلىرى قۇرۇلغاندىن كىيىن ئېلىپ بېرىلغان يۇقارقىدەك پائالىيەتلەر ماركسىزىمنىڭ يەنىمۇ تارقىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئىشچىلار ھەركىتى بىلەن بىرلىشىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگۇدا كومۇنىستىك پارتىيە قۇرۇشنىڭ شەرت-شارائىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھازىرلاپ بەردى.
7. جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلىشى ۋە ئۇنىڭ 1- قۇرۇلتېيى
1921- يىلى 7- ئاينىڭ 23- كۈنى جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك 1- قۇرۇلتېيى شاڭخەيدىكى فرانسىيە كونسېسسىيەسى ئىچىدىكى ۋاڭجى يولى 106- نومۇرلۇق قورودا ئۆتكۈزىلدى. يىغىن مەيدانى پايلاقچىلار تەرىپىدىن دىققەن قىلىنغانلىقى ۋە چەتئەل ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئاختۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن، ئاخىېقى كۈندىكى يىغىن جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جاشىڭ جەنۇبىي كۆلىدىكى بىر ساياھىتچىلە كىمىسىدە ئۆتكۈزۈلدى. قۇرۇلتيايغا قاتناشقان ۋەكىل 12 نەپەر بۇلۇپ، ئۇلار: لى دا، لى خەنجۈن (شاڭخەي)، جاڭ گوتاۋ، ليۇرېنجىڭ (بېيجىڭ)، ماۋزېدوڭ، خې شۇخېڭ (چاڭشا)، دوڭ بىۋۇ، چېن تيەنچيۇ (ۋۇخەن)، ۋاڭ جىنمېي، دېڭ ئېنمىڭ (جىنەن)، چېن گۇڭبو (گۇاڭجۇ)، جۇفۇخەي (ياپۇنىيەدە تۇرۇۋاتقانلار ۋەكىلى) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. باۋخۇيسېڭمۇ گۇاڭجۇدا تۇرۇۋاتقان چېن دۇشيۇنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن قۇرۇلتايغا قاتناشتى. بۇلار پۈتۈن مەملىكەتتىكى 50 تىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسىغا ۋەكىللىك قىلدى. كومۇنىستىكل ئىنتېرناتسيۇنالنىڭ ۋەكىلى مالىن بىلەن نىكولسكىي قۇرۇلتايغا سىرتتىن قاتناشتى. قۇرۇلتاينىڭ مەركىزى ۋەزىپىسى جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىش ئىدى.
قۇرۇلتايدا پارتىيىنىڭ نامىنى «جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيىسى» دەپ ئاتاش بەلگۈلەندى. قۇرۇلتايدا ماقۇللانغان پارتىيە پىروگراممىسىدا: جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيىسى پۇرۇلېتارىيات سىنىپىنىڭ سىياسىي پارتىيىسى، پارتىيىنىڭ كۈرەش نىشانى سوتسىيالىزىم ۋە كومۇنىزىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش؛ پارتىيىنىڭ مۇھىم سىياسىتى ئىشچى- دېھقان ئەمگەكچىلەر بىلەن ئەسكەرلەر ئاممىسىنى تەشكىللەش، كومۇنىزىمنى تەشۋىق قىلىش، ئىجتىمائى ئىنقىلاپنى ئىتىراپ قىلىش دەپ ئېنىق بەلگۈلەندى. بۇ جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلغاندىن باشلاپلا سوتسىيالىزىم ۋە كومۇنىزىمنى ئۆزىنىڭ كۈرەش نىشانى قىلىپ بەلگۈلىگەنلىكى ھەمدە ئىنقىلاۋىي ۋاستە ئارقىلىق بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.
قۇرۇلتايدا پارتىيىنىڭ چېن دۇشيۇ قاتارلىق ئۈچ كىشىدىن تەركىپ تاپقان رەھبەرلىك ئاپراتى بولغان مەركىزىي بىيۇرو سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈلدى. چېن دۇشيۇ شۇجى بولدى، لى دا بىلەن جاڭ گۇتاۋ تەشۋىقات ۋە تەشكىلات خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى.
پارتىيىنىڭ مەملىكەتلىك 1- قۇرۇلتېيىدا جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. شۇنىڭدىن باشلاپ، جۇڭگۇدا پۈتۈنلەي يېڭى شەكىلدىكى كومۇنىزىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى نىشان، ماركسىزىم- لېنىنىزىمنى ھەركەت قىبلىنامىسى قىلغان، بىرلىككە كەلگەن ئىشچىلار سىنىپىنىڭ سىياسىي پارتىيىسى دۇنياغا كەلدى. ئۇ يېقىنقى زاماندىكى جۇڭگۇنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، سىياسىي تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى، ماركسىزىمنىڭ جۇڭگۇ ئىشچىلار ھەركىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىنىڭ مەھسۇلى. بۇ جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ دەسلەپتىلا ماركسىزىم- لېنىنىزىم بىلەن قۇراللانغان ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.
收藏到:Del.icio.us