بلوگ ھەققىدە: سىياسى نەزىرىيە، مەدەنىيەت تارىخ بىلىملىرىگە قىزىقامسىز؟ بۇ ھەقتە مول بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ئويۇلىغانلىرىڭىز، كۆڭۈل سۆزلىرىڭىز، تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بارمۇ؟ قېنى مەرھەمەت!

  • 2011-02-02

    يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق ئەكسىلئىنقىلاپچىلارنى تازىلاش ھەركىتى - [تـــــارىــــــخ]

     1949- يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جەمىيەتتە بىر قىسىم قالدۇق ئەكسىلئىنقىلاپچىلار يۇشۇرۇن بۇزغۇنچىلىق ھەركەتلىرى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، ئەمدىلا دۇنياغا كەلەەن خەلق ھاكىمىيىتىگە تەھدىت سالدى. مەركىزىي كومىتىت يولداش ماۋزېدوڭنىڭ پىكىرىگە ئاساسەن 1950- يىلى 10- ئۆتەبىر پۈتۈن مەملىكەتكە «ئەكسىلئىنقىلاۋىي ھەركەتلەرنى تازىلاش توغرىسىدا يوليۇرۇق» نى تارقاتتى. 16- ئۆتەبىر مەملىكەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىك ج خ كادىرلىرى يىغىنى چاقىرىلىپ، مەركىزىي كومىتىتنىڭ ئەكسىلئىنقىلاۋىي ھەركەتلەرنى تازىلاش توغرىسىدىكى يوليۇرۇقىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا كونكىرىت ئورۇنلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئەكسىلئىنقىلاۋىي ھەركەتلەرنى تازىلاش ھەركىتى مەملىكەت مىقياسىدا كەڭ كۆلەمدە باشلاندى.

    ئەكسىلئىنقىلاۋىي ھەركەتلەرنى تازىلاشنىڭ قانات يېيىشىغا ئەگىشىپ، جىنايىتى چېكىدىن ئاشقان بىر تۈركۈم ئەكسىلئىنقىلابچىلارغا ئۆلۈم جازاسى بىرىلىپ ئىجرا قىلىندى. بۇ تامامەن زۆرۈر ئىدى. بىراق بەزى جايلاردا قىسمەن ھادىسىلەر يۈز بەردى. ئۇ بولسىمۇ ئۆلۈم جازاسىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىۋىتىش مەسىلىسى ئىدى. ماۋزېدوڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا: «ئادەم ئۆلتۈرۈش كۈدىنى ئورىغانغا ئوخشاپ قالسا بولمايدۇ، كۈدىنى ئورىۋەرسە يەنە ئۈسۈپ چىقىدۇ، بىراق ئادەمنى ئۆلتۈرسە تىرىلىپ قالمايدۇ» دىدى. ماۋزېدوڭ 1951- يىلى 30- مارت: «سىلەر ئەكسىلئىنقىلاۋىي ھەركەتلەرنى باستۇرۇش خىزمىتىدە قاتتىق كونتۇرۇل قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈڭلا، ئىش قىلغاندا ئىھتىياتچان بولۇڭلار، ھەركەتتە قېيىپ كىتىش ھادىسىلىرى يۈز بەرمەسلىكى كېرەك، ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى تازىلىشىمىز كېرەك، بىراق خاتا تۇتۇپ، خاتا ئۆلتۈرۈشتىن چوقۇم ساقىشىمىز كېرەك» دەپ يوليۇرۇق  بەردى.

    1951- يىلى 8- ماي يولداش ماۋزېدوڭ مەركىزىي كومىتىتىغا ۋاكالىتەن: «مەركىزىي كومىتىتنىڭ ئۆلۈم جازاسى بىرىشكە تىگىشلىك ئەكسىلئىنقىلابچى ئۇنسۇرلارنىڭ زور كۆپچىلىككە ئۆلۈم جازاسى بىرىپ، كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش سىياسىتىنى قوللۇنۇش توغرىسىدىكى قارار» نى تەييارلىدى، مەركىزىي كومىتىت بۇ قارار  تارقىتىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي مەملىكەتلىك ج خ خىزمىتى يىغىنىنى بېيجىڭدە چاقىردى. يىغىندا ئۆلۈم جازاسى بىرىش مەسىلىسىدە بىرىچى، ئۆلتۈرۈشكە تىگىشلىك ئەكسىلئىنقىلابچى ئۇنسۇرلار چوقۇم مۇئەييەن نىسبەت ئىچىدە كونتۇرۇل قىلىنىشى كېرەك؛ ئىككىنچى، «ئۆلۈم جازاسى بىرىپ كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش» نى بىكىتىش كېرەك؛ ئۈچۈنچى، ئۆلۈم جازاسى بىرىش ھوقۇقىنى بىردەك ئۆلۆە دەرىجىلىك ھاكىمىيەتكە ئۆتكۈزۈپ بىرىش كېرەك دېگەن ئۈچ مۇھىم فاڭجىننى بىكىتتى.

    ئەكسىلئىنقىلاۋىي ھەركەتلەرنى تازىلاش ئارقىلىق، گومىنداڭنىڭ يۇشۇرۇن ئىشپىيۇنلۇق ئورگانلىرى ئۈزۈل- كىسىل پاش قىلىنىپ تازىلاندى. خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسى ئىككى مىليۇن باندىتنى يوقاتتى، يېزا-بازارلاردىكى قارا جەمىيەت كۈچلىرى، مۇشتومزورلار بېسىقتۇرۇلدى. چەتئەل ئىشپيۇنلىرى، بولۇپمۇ ئامىرىكا ئىشپيۇنلىرى قېزىپ چىقىرىلدى. ھاكىمىيەت مۇستەھكەملەندى. خەلقنىڭ مال-مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.


    收藏到:Del.icio.us




بلوگىمىز سىياسى نەزەرىيە، مەدەنىيەت، تارىح، قانۇن ۋە دىنعا ئائىت مەزمۇنلار ئۅستىدە ئورتاقلىشىشنى ئاساسى نىشان قىلىدۇ. يازمىلارنىڭ مەنبەسى قانۇنلۇق.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى| قايتا گۈزەللەشتۈرۈپ تارقاتقۇچى: | بىلىم بايلىق بلوگى