ئۇيغۇر ياشلار شېئىرىيتى

    <<  سونېتلار | باش بەت | دەرىزە ئالدىدا  >>
  • 2010-10-19

    گۈزەللىكنىڭ جاراھىتى - [مۇتەللىپ مەنسۇر شېئىرلىرى]

     

     

    گۈزەللىكنىڭ جاراھىتى

     

    لەنەتلىك گۈزەللىك

    جاراھەتكە چىلاپ قەلبىمنى

    پەيدا قىلدى بىر ئۆمۈرلۈك ئۆكۈنۈش ۋە پۇشايمان .

     

    ئەگەر قەلىپ بىر پارچە شېئر بولسا

    كۆزلىرىنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئوقۇپ چىقار كىتاپخان .

     

    سۆيگۈنىڭ قارارەڭلىك بايرىقى ئاستىدا

    لەنەتلىك چۆللەر ئۆركەشلەر

    سادا بېرەر لەنەتلىك ئاسمان .

     

    تەنتەنىلىك مۇراسىم پەيتلىرى

    ئەتىرگۈللەر ئېچىلغان

    ئوقلار تېشىپ ئۆتكەن ئادەم كۆكسىدەك 

    ] تەن تەنگە سۆزلەۋاتقان ئەشۇ پەيت

    گۈزەللىكنىڭ جاراھىتى ئوخچۇغان .

     

    مىسلىسىز بىر خىيانەت

    مىسلىسىز بىر جىنسى ھاياجان

    پارتلايدۇ گۈزەللىكنىڭ تەنلىرىدە بىگۇمان .

    قەبىھ كۆز ياشلار

    قىپ -يالىڭاچ ھاياتلىقنىڭ گۈلدانى

    ئېلىپ كېلەر ئۆكۈنۈش ۋە پۇشايمان .


    历史上的今天:

    قەشقەردىكى يەر شارى(6) 2010-10-19
    قەشقەردىكى يەر شارى(5) 2010-10-19
    قەشقەردىكى يەر شارى(4) 2010-10-19
    قەشقەردىكى يەر شارى(3) 2010-10-19
    قەشقەردىكى يەر شارى(2) 2010-10-19

    收藏到:Del.icio.us




    Tag:ئوۋچى
    ئىشلىتىش:
    shairlar ۋاقتى20:11:00 | ئوڭشاش | 分享 0

weather

QQ : 32524823 ئالاقلىشىڭ
ئۇسلۇپ ياسىغۇچى: Dunyakara